قارىيە ئۇممۇ سەئىد ۋە «قۇرئان كەرىم»گە بېغىشلانغان ھايات

قارىيە ئۇممۇ سەئىد ۋە «قۇرئان كەرىم»گە بېغىشلانغان ھايات

(ھىجرىيە 1343 – 1427 / مىلادىيە 1925 – 2006)

دوكتور راغىب سىرجانىي

 

قارىيە ئۇممۇ سەئىد مۇھەممەد ئەلى نەجەم «قۇرئان كەرىم»نى مۇكەممەل، پۇختا يادلاپ ئۆمۈر بويى ئەستە ساقلىغان، يېقىنقى زاماندا «قۇرئان كەرىم» قىرائەت ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر ئايالدۇر. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئون خىل قىرائەت ئىلمىدە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئىلىمدىن ئىجازەت بېرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن يېگانە ئۇستازدۇر.

تەۋەللۇتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئۇممۇ سەئىد مىلادىيە 1925 – يىلى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قاھىرەنىڭ شىمالىدىكى مونوفىيە ئۆلكىسىنىڭ ئىككىنچى مەركىزى بولغان بەندارىيە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تېخى يېشىغا توشماستىنلا مەلۇم كېسەل سەۋەبىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇرۇق – تۇغقانلىرى سۈرمە، ھەرخىل دورىلىق ماي قاتارلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن ئەمالارنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋېتىدىغان يەرلىك ئادەت بويىچە، ئۇنى «قۇرئان كەرىم» خىزمىتىگە ئاتىغان. ئۇممۇ سەئىد تاكى 15 يېشىدا ئىسكەندەرىيەدىكى ھەسەن سۈبھى مەدرىسەسىدە «قۇرئان»نى يادلاپ بولغانغا قەدەر شۇ يەردىكى شەمەرەلى دېڭىزچىلار مەھەللىسىدە ياشىغان.

«قۇرئان» خىزمىتىدىكى رولى

ئۇممۇ سەئىد 15 يېشىدا «قۇرئان»نى يادلاپ بولغان، ئاندىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئون خىل قىرائىتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىمەسى، ئۇستازى دەپ سۈپەتلەنگەن نەفىسە بىنتى ئەبۇلئەئلانىڭ ھۇزۇرىغا بارغان. ئۇستاز نەفىسە ئۇممۇ سەئىدكە ھەيران قالارلىق بىر شەرتنى قويىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەرگىز توي قىلماسلىق ئىدى. ئۇستاز نەفىسە قىزلارنى «قۇرئان كەرىم» بويىچە تەربىيىلەشنى كەسكىن رەت قىلاتتى، چۈنكى قىزلار توي قىلسىلا تۇرمۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، «قۇرئان كەرىم» تاشلىنىپ قالاتتى. ئۇممۇ سەئىد «قۇرئان كەرىم» خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەتكە لايىق ئەمەس دەپ قارىغان ھەرقانداق ئايالغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستاز نەفىسەنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلىدۇ. ئۇستاز نەفىسەنى شۇنىڭغا ئۈندىگىنى ئۆز قىممىتىنى جۇلالاندۇرۇش بولۇپ، ئۇ شۇنچە كۆپ يۇرت كاتتىلىرى ۋە مۆتىۋەرلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، بارلىقىنى «قۇرئان»غا بېغىشلاپ، 80 يېشىدا توي قىلمىغان پېتى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

ئۇممۇ سەئىد 23 يېشىدا شەرەپلىك ۋە مۇھىم بۇ ۋەزىپىنى تاماملىدى ۋە ئۇستازىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئون خىل قىرائىتگە بېغىشلاشتەك ئاجايىپ قىممەتلىك بىر روھنى يېتىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئەستە ساقلىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «60 يىللىق ‹قۇرئان›ئوقۇش، يادلاش ۋە تەكرار قىلىش مېنى ‹قۇرئان›دىن ھېچنېمىنى ئۇنتۇماس قىلدى. مەن ‹قۇرئان›دىكى ھەربىر ئايەتنىڭ ئېنىق ئورنىنى، قايسى سۈرىدە، قايسى بۆلەكتە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئايەتنىڭ باشقا ئايەتلەر بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىنى بىلەلەيمەن. ‹قۇرئان كەرىم›ۋە قىرائەت ئىلمىدىن باشقا ھېچنىمە بىلمەيمەن. ‹قۇرئان كەرىم›، قىرائەت ۋە تەجۋىد ئىلمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلىم ئۆگەتمىدىم ۋە ئۆگەنمىدىم، مەن بۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە بىلمەيمەن».

نىكاھ قىسسىسى

ئۇممۇ سەئىد ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتى، ئىسكەندەرىيە رادىئو ئۇزىلىدىكى مەشھۇر قارىي، شەيخ مۇھەممەد فەرىد نوئمانغا ياتلىق بولدى. شەيخ مۇھەممەد فەرىد بولسا ئۇممۇ سەئىدتىن تۇنجى بولۇپ قىرائەت ئىجازىتى ئالغان شاگىرتى ئىدى. ئۇممۇ سەئىد توي ئىشى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇستازىم نەفىسەگە توي قىلماسلىق ھەققىدە بەرگەن ۋەدەمگە ۋاپا قىلالمىدىم. شەيخ مۇھەممەد ‹قۇرئان›نى ماڭا ھەممە قىرائەتلىرى بىلەن ئوقۇپ بېرەتتى. ئۇنىڭغا ئازادىلىك بېغىشلىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ۋە ‹قۇرئان كەرىم›نى بالا ۋاقىتلىرىدىلا يادلاپ بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا توپتوغرا بەش يىل ئىلىم ئۆگەتتىم. ئۇ ئون خىل قىرائەت ئىجازىتىنى ئالغان چاغدا ماڭا توي قىلىش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتى، مەن قوبۇل قىلدىم».

ئۇلار 40 يىل ئۆي تۇتتى، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى. ئۇممۇ سەئىد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن! بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، ئاللاھ ماڭا ھەمىشە بىر خەيرلىكنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلىك بولغان بولسام، شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ‹قۇرئان› خىزمىتىگە كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىغان، بەلكىم ‹قۇرئان›نى ئۇنتۇپمۇ قالغان بولاتتىم» دەيدۇ.

راۋىلار قاتارى

ھەفس ئىبنى ئاسىمنىڭ شاتىبىييە يولى بويىچە كەلگەن رىۋايىتىدە، ئۇممۇ سەئىد بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارىلىقىدا 27 راۋى (رىۋايەت قىلغۇچى) بار بولۇپ، بۇ راۋىلار قاتارى ئۇممۇ سەئىدتىن باشلىنىپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھتا ئاخىرلىشاتتى. بۇنىڭدىنمۇ كاتتا شەرەپ بارمۇ؟!

ئون خىل قىرائەتنىڭ شاتىبىييە يولى بويىچە كەلگەن رىۋايىتى قىرائەت ئىلمىدە سەنەدى بار، «قۇرئان» ئۇستازى ھەم مۇكەممەل قارىيە بولغان ئۇممۇ سەئىدتىن باشلىنىپ رەسۇلۇللاھقىچە مۇنداق داۋاملىشىدۇ: ئۇستاز نەفىسە بىنتى ئەبۇلئەئلا، ئابدۇلئەزىز ئەلى كۇھەيلى، ئابدۇللا دەسۇقىي، مىسىر قارىلىرىنىڭ ئۇستازى شەيخ ئابدۇللا ھەددادى، شەيخ ئىبراھىم ئەبىيدى، ئەزھەر شەيخى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن سەمەننۇدى مۇنىير، ئەلى رەمىيلى، ئۆز دەۋر قارىلىرىنىڭ شەيخى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى قاسىم بەقىرى، مىسىر قارىلىرىنىڭ شەيخى شەيخ ئابدۇررەھمان ئىبنى شىھازە يەمەنىي، ئەلى ئىبنى غانىم مەقدىسى، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم سەمدىيسى، شىھاب ئەھمەد ئىبنى ئەسەد ئەميۇتى، قارىلارنىڭ ئىمامى، «نەشىر»، «تاييىبە» ۋە باشقا كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد جەزەرىي شافىئىي، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەھمەد باغدادى، مىسىر قارىلىرىنىڭ شەيخى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد سائىغ، ئەلى ئىبنى شەجا ئىمام شاتىبىي، ئىمام ئەبۇ قاسىم، ئىمام ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھۇزەيل بەلنىسى، ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى نەججاھ، ئىمام ئەبۇ ئەمىر دانىي، تاھىر ئىبنى غالبۇن، ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ھاشىمىي، ئەھمەد ئىبنى سەھل ئىبنى ئەشنائىي، ئەبۇ مۇھەممەد ئۇبەيد ئىبنى ساباھ، ھەفس ئىبنى سۇلايمان، ئاسىم ئىبنى بەھدەلەھ ئىبنى ئەبۇ نەجۇد، ئەبۇ ئابدۇررەھمان ئابدۇللا ئىبنى ھەبىب سەلما، بۇ كىشى ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە زەيد ئىبنى سابىت قاتارلىقلاردىن قىرائەت ئۆگەنگەن، بۇلار ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تائالادىن ئۆگەنگەندۇر!

مەشھۇر شاگىرتلىرى

«قۇرئان» يادلاش ۋە قىرائەت ئىلمىدە ئىجازەت ئېلىش ئۈچۈن، ياش قورامى، ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە مائارىپ سەۋىيىسى ھەرخىل بولغان كىشىلەر ئۇممۇ سەئىدنىڭ ھۇزۇرىغا كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى (مەسىلەن، چوڭلار، بالىلار، مۇدەررىسلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇستازلىرى ۋە تالىپلار دېگەندەك). ئۇممۇ سەئىد ھەر بىرەيلەنگە ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتاتتى. بىر ئادەمنىڭ يادقا ئوقۇش ۋاقتىنى بىر سائەتتىن ئاشۇرىۋەتمەيتتى. شاگىرتلار «قۇرئان كەرىم»نى بىر خىل قىرائەت بويىچە تولۇق تاماملىغۇچە بۆلەكمۇ – بۆلەك تۈزىتىپ توغرىلاپ بېرەتتى. ھەربىر خىل قىرائەت تامام بولغاندا ئۇممۇ سەئىد بۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ناھايىتى توغرا، ئۆلچەملىك قىرائەت بويىچە ئۆگەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇ ئىجازتكە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، ئۆز مۆھرى بېسىلغان ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىپ بېرەتتى.

ئۇممۇ سەئىد مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن، ئىسكەندەرىيەدە ئىجازەت ئالغانلار قايسى خىل قىرائەتتىن ئىجازەت ئالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يا مەندىن بىۋاسىتە ئالغان، يا مەن ئىجازەت بەرگەنلەردىن ئالغانلاردۇر». ئۇممۇ سەئىد ئۆز ساھەسىدە قارىلار ئون خىل قىرائەتتىن ئىجازەت ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىدىغان بىردىنبىر ئايال كىشى بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىناتتى. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇ ئۆزى ئون خىل قىرائەتتىن بەرگەن يۈزلەرچە ئىجازەتلەرنىڭ سەنەدى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىناتتى، ئاندىن مەرھۇمە ئۇستازى نەفىسە، يەنە كاتتا ھاپىزلار ۋە ئون خىل قىرائەت ساھىبلىرى بولغان ئاسىم، نافى، ئەبۇ ئەمىر، ھەمزە، ئىبنى كەسىر، كىسائىي، ئىبنى ئامىر، ئەبۇ جەئفەر، يەئقۇب ۋە خەلەف قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرائەت پېشۋالىرىغىچە ئۇلىنىپ رەسۇلۇللاھتا ئاخىرلىشاتتى.

ئۇممۇ سەئىدنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا ئەڭ مېھرىبان ئۇستازلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ. ئۇلار ھەتتا بىر قېتىم مۇشۇ گەپنى ئۇممۇ سەئىدكە دېگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا مەدرىسەدىكى بەزى ئۇستازلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن كېيىن ئۆز شاگىرتلىرىغا چوقۇم مېھرىبان بولۇش ھەققىدە ئۆزىگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئۇممۇ سەئىد شاگىرتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىيەلەيمەن، ئۇلاردىن بىرلا خىل قىرائەتكە ئىجازەت بەرگەنلىرىم بار، ھەرقانداق ئادەمگە بېرىۋەرمەيدىغان، ئۆز يېنىمدىن ئايرىماي ساقلايدىغان خاس مۆھۈرىمنى بېسىپ ئون خىل قىرائەتكە ئىجازەت بەرگەنلىرىممۇ بار، ئەمما بۇلار سەل ئازراق. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شاگىرتلىرىمنىڭ بەزىلىرى ئالدىراش بولۇپ يوقلاپ كېلەلمىدى، لېكىن كۆپىنچىسى ھەر ۋاقىت ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدۇ، يا يوقلاپ كېلىپ مېنى خاتىرجەم قىلىدۇ».

ئۇممۇ سەئىد قىرائەت ئىجازىتى بەرگەنلەرنىڭ مەشھۇرلىرى: «قۇرئان»نى ئۇممۇ سەئىدنىڭ ئالدىدا يادلىغان ۋە ئىجازەتنىمۇ شۇ يەردە ئالغان دوختۇر، قارىي ئەھمەد نۇئەينى، ئون خىل قىرائەت ۋە ھەفسىنىڭ تاييىبە يولى بويىچە بولغان رىۋايىتىدىن ئىجازەت ئالغان پەزىلەتلىك شەيخ مىفتاھ سۇلەتەنىي، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقىلارغا قىرائەتتىن ئىجازەت بەرگەندە سەنەدنىڭ بېشىغا ئۇممۇ سەئىدنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھقىچە ئۇلاپ ئىجازەت بېرىدىغان ئىسكەندەرىيە «قۇرئان» ئىنستىتۇتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇستاز ۋە شەيخلەر بار.

ھىجازغا سەپەر

شاگىرتلاردىن بىرى ئۇممۇ سەئىدنى ئۆمرە ۋە ھەج قىلىشقا، شۇنداقلا ھىجاز دىيارىدا بىر يىل ئىستىقامەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ بىر يىل جەرياندا ئۇممۇ سەئىد سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، سۇدان، پەلەستىن، لىۋان، چاد ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرگە ئون خىل قىرائەت ساھىبلىرىنىڭ قىرائىتىگە ئوخشىمايدىغان قىرائەتلەردىنمۇ ئىجازەت بەردى. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجازىتى بولسا 17 ياشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر قىزغا بەرگەن ئىجازىتىدۇر.

ۋاپاتى

ئۇممۇ سەئىد ھىجرىيە 1427 – يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 16 – كۈنى، مىلادىيە 2006 – يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سەھەردە تەخمىنەن 81 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئىسكەندەرىيە پورت رايونىدىكى ئىبنى خەلدۇن مەسجىدىدە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىندى.

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: پىداكار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ