(ھ. 1332 – 1420 / م. 1914 – 1999)
تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى
يېڭى دەۋر ھەدىسشۇناسى ئەللامە شەيخ ئالبانىينىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى نۇھ نەجاتىي بولۇپ، مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي نامى بىلەن مەشھۇردۇر، ئوغۇللىرىنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمى بىلەن «ئەبۇ ئابدۇرراھمان» دەپ ئاتالغان. ھ. 1332 / م. 1914 – يىلى شۇ چاغدىكى ئالبانىيە پايتەختى ئىشكودرە شەھرىدە تۇغۇلغان .
ئۇ ئىلمىي مۇھىت قويۇق بولغان بىر دىندار ئائىلىدە تۇغۇلغان. دادىسى ھاجى نۇھ نەجاتىي ئالبانىي بۈگۈنكى ئىستانبۇل دەپ تونۇلغان ئوسمانىيلار پايتەختى بولغان قەدىمكى ئاستانىدىكى شەرئىي مەدرىسەلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، دىنىي خىزمەت قىلىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى كىشىلەرگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان. نەتىجىدە، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىلىم ئېلىشى ئۈچۈن كېلىدىغان مەنبەسىگە ئايلانغان. شۇ دەۋردە ئالبانىيەنىڭ ھاكىمىيەت تەختىگە پادىشاھ ئەھمەد زوغۇ ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالبانىيەنى، ھەر جەھەتتىن غەربكە تەقلىد قىلىدىغان ئىلمانىي بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدا ماڭغان. 1922 – يىلى تۈركىيەدىكى خىلافەت يىقىلغاندا كۆرۈلگەن ئەھۋالغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئالبانىيە مۇسۇلمان ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ياغلىقلىرىنى ئېلىۋېتىشكە زورلىغان، ئەرلەرنى شىم – كاستۇمدەك ياۋروپا كىيىملىرىنى كىيىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ئاشۇ كۈندىن تارتىپ دىنىنى تاللىغانلارنىڭ، ئاقىۋەتنىڭ يامانلىقىدىن قورققانلارنىڭ ھىجرىتى باشلاندى. شەيخنىڭ دادىسى خېيىم – خەتەرنى ھېس قىلىپ، ئەھۋالنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەك يامانلىشىپ كېتىشىنى مۆلچەرلىدى – دە، دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھەم بالىلىرىنىڭ فىتنەگە يولۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، شام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشنى قارار قىلىپ، ئىلگىرى ھەجگە بېرىپ – كېلىش يولىدا تونۇپ بىلگەن دەمەشق شەھرىنى تاللىدى.
شەيخ ئالبانىي (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ شۇ چاغدىكى ئالبانىيە پايتەختى ئىشكودرەدىن شام دىيارىغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ساغلام يېتىشتۈرۈپ چىققانلىق ياخشىلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ تارىخقا بىر ئوچۇقلىما بېرىشىم، مەرھۇم دادامغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە بۇلارنى دېگىنىمدە دادامنىڭ جەمەتىگە خۇشاللىق بولىدۇ. ئەينى ۋاقتىتتا دادام ئالبان مۇسۇلمانلارغا ئاتاتۈركنىڭ تۈركلەرگە قوللانغان سىياسىتىنى قوللانغان ئەھمەد زوغۇ ئىنقىلابىدىن دىنىنى قوغداش ئۈچۈن، ئائىلىسىنى ئېلىپ شۇ چاغدىكى ئالبانىيەنىڭ پايتەختى ئىشكودرەدىن دەمەشقكە ھىجرەت قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ دەمەشقكە قىلغان بۇ ھىجرىتى سايىسىدا ئاللاھنىڭ پەزل – رەھمىتى بىلەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامدەك ئۇزۇن ياشىساممۇ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك نەرسىلەرگە ئېرىشتىم. ئۇ يەردە ئاۋۋال سۇرىيە ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن ئەدەبىي ئەرەب تىلىنى ئۆگەندىم. بۇ ئىش مېنى ئائىلەم ۋە قەۋمىم تۈگۈل ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ئەتراپىمدىكى كۆپىنچە ئەرەبلەرمۇ بىلمەيدىغان ساغلام تەۋھىدنى تونۇشۇمغا ئىگە قىلدى. ئۇندىن كېيىن ‹جىددىي قۇتقۇزۇش خەيرىيەت باشلانغۇچ مەكتىپى›نى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، دادام ۋە باشقا شەيخلەردە ھەنەفىي فىقھىسىنى ھەمدە گىرامماتىكا، مورفولوگىيە ۋە بالاغەتكە ئوخشىغان قورال پەنلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاللاھ مېنى ئۆز پەزل – كەرەمى بىلەن ھېچكىمنىڭ كۆرسەتمىسى بولماستىن، ئۇسۇل ھەدىس ۋە ھەدىس فىقھىسىنى تەتقىق قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى».
پەرزەنتلىرى
شەيخ ئالبانىي ئېيتىدۇ: «ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بالىلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئابدۇ بىلەن باشلانغان ئىسىملارنى قويۇشنى ئىلھام قىلغانلىقى ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. بىرىنچى ئايالىمدىن تۇغۇلغان بالىلىرىم: ئابدۇرراھمان، ئابدۇللەتىف، ئابدۇرراززاق. ئىككىنچى ئايالىمدىن تۇغۇلغانلىرى: ئابدۇلمۇسەۋۋىر، ئابدۇلئەئلا قاتارلىقلار. راۋىيلارنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان كىتابلاردا مەن كۆرگەن ئىسىملارنىڭ جىقلىقىغا ئاساسەن، تۆتىنچى بالامنىڭ ئىسمىنى مەندىن ئىلگىرى ھېچكىم قويۇپ باقمىغان، دەپ ئويلايمەن. ئاندىن بىر قىسىم دوستلىرىم بۇ ئىسىمنى قويۇشتا ماڭا ئەگەشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ بىر شەيخمۇ بار. شۇنىڭدىن كېيىن 1383 – يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى چېغىمدا بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا «مۇھەممەد» دەپ ئىسىم قويدۇم. 1386 – يىلى ئۇنىڭ ئۇكىسى تۇغۇلۇپ ئۇنىڭغا «ئابدۇلمۇھەيمىن» دەپ ئىسىم قويدۇم. ئاللاھنىڭ تەۋپىقىگە ھەمدۇسانالار بولسۇن!».
شەيخ ئالبانىينىڭ بالىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى مۇنداق:
بىرىنچى ئايالىدىن: 1. ئابدۇرراھمان، 2. ئابدۇللەتىف، 3. ئابدۇرراززاق.
ئىككىنچى ئايالىدىن: 4. ئابدۇلمۇسەۋۋىر، 5. ئابدۇلئەئلا، 6. مۇھەممەد، 7. ئابدۇلمۇھەيمىن، 8. ئەنىسە، 9. ئاسىيە، 10. سالامە، 11. ھەسسانە، 12. سەكىنە.
ئۈچىنچى ئايالىدىن: 13. ھىبەتۇللاھ.
ئەمما، تۆتىنچى ئايالىدىن پەرزەنت كۆرمىگەن.
ئىلمىي ھاياتى
ئۇنىڭ شامغا ئورۇنلىشىپ تۇنجى باشلىغان ئىشى دەمەشقتە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئىلىم ئېلىش بولدى. شۇنداق داۋاملىشىپ، باشلانغۇچ باسقۇچىنى تۈگىتىشكىمۇ ئۇلىشىپ قالغانىدى. بۇ ئارىلىقتا فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى سۇرىيە قوزغىلاڭ دولقۇنلىرى پارتلاپ مەكتەپكە ئوت كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ مەكتەپتىن سارۇجە بازىرىدىكى يەنە بىر مەكتەپكە يۆتكەلدى. ئۇ يەردە شەيخ باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتتى. دىنىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە قارىتا دادىسىنىڭ كۆز قارىشى ياخشى ئەمەس بولغانلىقتىن، دادىسى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئىلمىي پىروگرامما تۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا بىلىمنى دادىسىدىن ئېلىپ، ئەرەبچىنى ۋە ھەنەفىي فىقھىسىنى ئۆگەندى. شۇنىڭدەك يەنە، ئىلىمنى شەيخ سەئىد بۇرھانىيدەك دادىسىنىڭ دوستلىرىدىنمۇ ئېلىپ، ئۇنىڭدا «مەراقىل فەلاھ» ۋە بالاغەتتىكى بەزى يېڭى كىتابلارنى ئوقۇدى. ئالبانىي 20 ياش چېغىدا مۇھەممەد رەشىد رىزانىڭ «مەنار ژۇرنىلى»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلار ۋە بەزى كىتابلارنى ھەدىس ئەھلىنىڭ مىزانى بىلەن تەنقىد قىلىشلارنى كۆرۈش تۈرتكىسىدە، ھەدىس ئىلمىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. نەتىجىدە، ھەدىس ئىلمىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشقا بېرىلىپ، پىكىرداش بولسۇن ياكى پىكىرداش بولمىسۇن، ئۆز ۋاقتىدىكى چوڭ ئۆلىمالارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھەدىس ئىلمىدە ۋايىغا يەتتى.
ئۇستازلىرى
شەيخ ئالبانىينىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ئۇستازلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ساناقلىقلىقلا كىشى ئىدى. بۇلار:
1. دادىسى ھاجى نۇھ ئىبنى ئادەم ئالبانىي. ئۇنىڭدىن «قۇرئان»، تەجۋىد، مورفولوگىيە ۋە ھەنەفىي مەزھەب فىقھىسىنى ئۆگەنگەن.
2. شەيخ سەئىد بۇرھانىي. ئۇنىڭدا ھەنەفىي مەزھەبىدىكى «مەراقىل فەلاھ» ۋە ئىستىلىستىكا ئىلمىدىكى بەزى يېڭى كىتابلارنى ئوقۇغان.
3. شەيخ مۇھەممەد راغىب تەبباخ. ئۇ شۇ زاماندىكى ھەلەبنىڭ ئەللامىسى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئالبانىيغا ھەدىستە ئىجازەت بەرگەن ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ.
شاگىرتلىرى
شەيخ ئالبانىينىڭ ھەرخىل رايون ۋە شەھەرلەر ئارا قىلغان سەپەرلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان شاگىرتلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا زور تەسىرى بولغان ئىدى. كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرى:
ئىلاھىي زەھىير، باسىم فەيسەل جەۋابىرە، ھۇسەين ئەۋدە ئۇۋەيشە، رەﺑﯩﺌ ئىبنى ھادىي مەدخەلىي، ئەلى ھەسەن ھەلەبىي، مۇقبىل ئىبنى ھادىي ۋادىئىي، مەشھۇر ھەسەن ئال سالمان، مۇھەممەد جەمىل زىينۇ قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالغان يەنە باشقا شاگىرتلىرىمۇ بار.
ئەسەرلىرى
شەيخ ئالبانىي كۆپلىگەن پايدىلىق كىتابلار، ئېسىل تەھقىقلەر ۋە مەنپەئەتلىك ئىزاھلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى:
• ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە (سەھىھ ھەدىسلەر يۈرۈشلۈك توپلاملىرى / سِلْسِلَةُ الأَحَادِيْثِ الصَّحِيْحَةِ وَشَيْءٌ مِنْ فِقْهِهَا وَفَوَائِدِهَا)
• ئەسسىلسىلەتۇزەئىفە (زەئىف ۋە توقۇلما ھەدىسلەر يۈرۈشلۈك توپلاملىرى / سلسلة الأحاديث الضعيفة والموضوعة وأثرها السيئ في الأمة)مىشكاتۇل مەسابىھ ھەدىسلىرىنىڭ تەخرىجلىرى / تحقيق مشكاة المصابيح لمحمد بن عبدالله الخطيب التبريزي
•ئەررەۋزەتۇننەدىييەگە ئىزاھاتلار / التعليقات الرضية على الروضة الندية
ۋاپاتى
شەيخ ھ. 1420، 22 – جامادىيەلئاخىر م. 1999، 2 – ئۆكتەبىر شەنبە ئەسىر ۋاقتىدا 88 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ نامىزىنى شاگىرتى شەيخ ئىبراھىم شەقرە ئوقۇدى. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قېرىنداشلىرى، بالىلىرى، شاگىرتلىرى، دوستلىرى، ھەمراھلىرى ۋە يېقىنلىرىدىن بولۇپ 50 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى. ۋاپات بولغان كۈنى پايتەخت ئەمماندا ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر خۇسۇسىي قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىكى ھەمەلان دېيىلىدىغان تاغقا دەپنە قىلىندى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
ئىماملار ۋە ئالىملارنىڭ ئۇ ھەقتە دېگەن سۆزلىرى
ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر، نەمۇنە ۋە ئۈلگىلەردۇر. كىشىلەرنىڭ بىر مۇسۇلماننى ماختىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېز خۇش بېشارەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ماختىغۇچى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى كىشىلىرى ھېسابلىنىدىغان توشقان ئالىملاردىن، ئىلىم ئىزدىگۈچىلەردىن ۋە ياخشىلىققا چاقىرغۇچىلاردىن بولسا، ئۇ ھالدا قانداق بولۇپ كېتەر؟! ئىمام ئالبانىي راستتىنلا ئەنە شۇلارنىڭ كۆپ مەدھىيەسى ۋە مېھرى – مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. ئاللاھ خاھلىسا، مانا مۇشۇ ئالقىشلار ئۇنىڭ سۈننەتكە يازمىچە، ئېغىزچە قىلغان خىزمەتلىرى ۋە باشقا مۇبارەك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ خۇش بېشارىتى بولغاي!
ئۇنىڭ شاگىرتى ئەلى ھەسەن ھەلەبىي مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى زامان ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى ھەدىسشۇناس، ئەللامە شەيخ ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي ئاتىمىزنىڭ ئۇستازلىقى ۋە ئىماملىقىغا بىرلىككە كەلگىلى تاس قالغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ۋاپات بولغانلىرىغا رەھمەت قىلسۇن، ھاياتلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر».
تۆۋەندىكىلىرى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدىكى سۆزلىرىدىن نەمۇنەلەردۇر:
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم: «ئۇ سۈننەتنىڭ ھەمراھى، ھەقنىڭ ياردەمچىسى، باتىل ئەھلى بىلەن ئېلىشقۇچىدۇر» دېگەن.
شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ئۇ توغرىسىدا: «مەن يەر يۈزىدە ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىيغا ئوخشاش يېڭى دەۋردىكى بىرەر ھەدىس ئالىمىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن (ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ئۇنى: «ئۇ رىۋايەت قىلىش ۋە بىلىش جەھەتتىن، ھەدىستە مول بىلىم ئىگىسىدۇر. ئىلمى، ئۆزگىچە مېتودى ۋە ھەدىس ئىلمىگە تۇتقان يۆنىلىشى جەھەتتىن، ئېنىقكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىنى كۆپ كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەردى. بۇلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ سۈپەتلىگەن.
شەيخ بەكرى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيد: «ئالبانىينىڭ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى، ئۇنىڭ سۈننەتكە ۋە سەلەف ئەقىدىسىگە ياردەم بەرگەنلىكى جاھىل دۈشمەندىن باشقا ھېچكىم تالاش – تارتىش قىلمايدىغان بىر ئىشتۇر. ھۆكۈمنى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرىمىز، ئۇزۇن گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن.
ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئالبانىي ھەققىدىكى سۆزلىرى ساناقسىز كۆپ بولۇپ، بۇ بىزگە يېتەرلىكتۇر.
مەنبە: www.alukah.net
تەرجىمىدە: شەيخ

