فەقىھ دەۋەتچى سەييىد سابىق

فەقىھ دەۋەتچى سەييىد سابىق

(ھىجرىيە 1335 – 1420 / مىلادىيە 1915 – 2000)

 

كاتتا ئالىم، فەقىھ دەۋەتچى ۋە مۇرەببىي شەيخ سەييىد سابىق (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) دۇنيادىن ئاخىرەت سەپىرىگە يول ئالغان كاتتا ئۆلىمالاردىندۇر.

ئۇ ھىجرىيە 1420 – يىلى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 23 – كۈنى، مىلادىيە 2000 – يىلى 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يەكشەنبە كەچ 85 ياشتا ۋاپات تاپتى.

شەيخ سەييىد سابىق شەرىئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئەزھەر ئالىملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ شەھىد ھەسەن بەننا بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىسلامغا خىزمەت قىلىش، ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئۈممەتنى ئىسلام كەلىمىسى ئۈستىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۈممەتكە ئىسلام شەرىئىتىنى ئۆگىتىش قاتارلىقلاردا ئۇنىڭغا بەيئەت بەرگەن ۋە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن باشلاپلا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىگە ئەزا بولغان.

ئۇ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىگە ئەزا بولغان مۇھەممەد غەززالى، شەيخ ئابدۇلمۇئىز ئابدۇسساتتار قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەزھەرنىڭ ئىقتىدارلىق ئوغلانلىرى بىلەن زامانداش بولغان. ئۇلار نېگىزلىك دىنىي پەنلەر فاكولتېتى (كلية أصول الدين) دا، ئۇ شەرىئەت فاكۇلتېتىدا ئۇقۇغان.

شەيخ سەييىد سابىق ئەزھەرىي دەۋەتچى قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا فىقھى ئىلمى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولغان. چۈنكى، فىقھى ئىلمى ئۇنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتىدىكى ئىلمىي كەسپىگە مۇناسىپ ئىدى. ئۇ تۇنجى يېزىقچىلىقىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا تاھارەت فىقھىسى ھەققىدە قىسقا ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، ماقالىلىرىدە سەنئانىينىڭ «سبل السلام»، ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ «شرح بلوغ المرام»، شەۋكانىينىڭ «نيل الأوطار» ۋە ئىبنى تەيمىيەنىڭ «شرح منتقى الأخبار من أحاديث سيد الأخيار» قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان «ھەدىس فىقھىسى» كىتابلىرىغا ئاساسلىناتتى.

ئۇ ماقالىلىرىنى يېزىشتا مىسىردىكى «شەرئى جەمئىيەت»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى ئەللامە شەيخ مەھمۇد خەتتاب سۇبكىنىڭ «الدين الخالص» دېگەن كىتابىدىن پايدىلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىبنى قۇدامەنىڭ «المغني»، ئىبنى قەييىمنىڭ «زاد المعاد»قا ئوخشاش خىلمۇخىل مەنبەلەردىن پايدىلىناتتى.

شەيخ سەييىد سابىق (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بىرەر مەزھەپكە تەئەسسۇپلۇق قىلماسلىق ۋە مەزھەپلەرنى ئەيىبلىمەسلىك، «قۇرئان»، ھەدىس ۋە ئىجماغا ئاساسلىنىش پىرىنسىپىنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇ، ئاتالغۇلارنىڭ چېگىكلىكىدىن ۋە سەۋەبلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن يىراق تۇرۇپ ئوقۇرمەنگە ئىبارىلەرنى قولايلاشتۇرۇشقا، رۇخسەتنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىدە كىشىلەرگە رۇخسەت يارىتىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئاللاھ رۇخسەت ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشنى خۇددى ئەسلى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھ – مەسىيەتلەرنى قىلىشنى يامان كۆرىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ دىننى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن، تەكلىپاتلارنىڭ ھېكمەتلىرىنى بايان قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ.

تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولمىغان ئىختىلاپنى بايان قىلىشتىن يىراق تۇرۇش شەيخ فىقھى يېزىشتا تاللىغان ئاسانلاشتۇرۇش مېتودىنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. ئۇ بىر مەسىلە ھەققىدە بىر قانچە پىكىرلەرنى تىلغا ئېلىپ، كۆپىنچە ئەھۋالدا كۈچلۈك ياكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاراشنى تاللايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا كۈچلۈك پىكىر ئايدىڭلاشمىسا ياكى دەلىل ۋە كۆز – قاراشلارنىڭ دەرىجىسى باراۋەر بولۇپ قالسا، بىرەر قاراشنى كۈچلەندۈرمەي مەسىلىنى ئوقۇرمەنگە ئامانەت قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەن تاللاش مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى ياكى باشقا ئالىمدىن سورىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئالىم كىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقىسى لايىق ئەمەس ئىدى.

شەيخ سەييىد سابىق ئۆزىنىڭ «فقە السنة» دەپ ئاتىغان كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى مىلادىيە 1940 – يىللىرى ئارىلىرىدا، ھىجرىيە 1365 – يىلىدا نەشردىن چىقارغان. بىرىنچى قىسمى كىچىك ھەجىمدىكى رىسالە بولۇپ، تاھارەت فىقھىسى ھەققىدە ئىدى.

شەيخ سەييىد سابىق ئۇ كىتابنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ باش يېتەكچىسى شەيخ ھەسەن بەننانىڭ يازغان مۇقەددىمىسى بىلەن نەشردىن چىقارغان. ھەسەن بەننا شەيخ سەييىد سابىقنىڭ كىتاب يېزىشتىكى ئۇسۇلىنى، فىقھى بايان قىلىشتىكى گۈزەل ئۇسلۇبىنى ۋە كىشىلەرنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى ماختىغان ئىدى. بۇ مۇقەددىمىدە شەيخ ھەسەن بەننا ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئايى – سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:

«ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي ھۆكۈملەرنى تارقىتىش، بولۇپمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەمەل – ئىبادەتلىرىدە دەلىل – پاكىتقا ئاساسلىنىشى ئۈچۈن، فىقھى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تارقىتىش ئاللاھقا يېقىنچىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ‹ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىندا فەقىھ قىلىدۇ. ئىلىم – ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئالتۇن – كۈمۈشنى ئەمەس، بەلكى ئىلىمنى مىراس قالدۇردى. كىمكى ئىلىم ئالسا، مول نېسىۋە ئالغان بولىدۇ›. ئىسلام فىقھى تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ، ئىبادەت ھۆكۈملىرى ۋە بارلىق ئۈممەتكە سۇنۇلىدىغان ئومۇمىي تەتقىقاتلاردا كەسپىي ئاتالغۇلاردىن، تەخمىنىي مەسىلىلەردىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر فىقھىنى «قۇرئان» – ھەدىسنىڭ ئاددىي، ئاسان دەلىللىرىگە باغلاش، پۇرسەت بولسىلا ھۆكۈم ۋە پايدىلارنى دىققىتىگە سۇنۇش ئەڭ مەنپەئەتلىك، ئەقىل ۋە قەلبكە ئەڭ يېقىن ئىنچىكە ئۇسلۇبتۇر. بۇنداق قىلغاندا، ياخشى چۈشەنگەن ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە باغلانغۇچى، دۇنيا – ئاخىرەتتە پايدا ئالغۇچى دەپ ھېس قىلىدۇ. ئاشۇ ئۇسلۇب ئىلىمگە يۈزلىنىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىلىم ئېلىشقا ئەڭ چوڭ تۈرتكە بولىدۇ.

ئاللاھ پەزىلەتلىك قېرىندىشىم ئۇستاز سەييىد سابىقنى بۇ يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. ئۇ ئىگەللەش ئاسان، پايدىسى كۆپ بولغان بۇ رىسالىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە بۇنىڭدا فىقھى ھۆكۈملەرنى گۈزەل ئۇسلۇبتا روشەنلەشتۈردى. ئاللاھ خالىسا، شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتى ھەم بۇ دىننىڭ ھىمايىچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

ئاللاھ ئۇنىڭ دىن – دىيانىتى، ئۈممەتكە قىلغان خىزمىتى ۋە دەۋىتىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ئۈممەتكە مەنپەئەت بەرسۇن، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە بارلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئامىن!».

شەيخ سەييىد سابىق ئۆزىنىڭ كىتابىغا يازغان قىسقىغىنە ئىخچام مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ كىتاب ‹قۇرئان›، سەھىھ ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسى قاتارلىق دەلىللەر بىلەن باغلانغان فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن بۇ كىتابنى ئاددىي ۋە ئاسان، چۈشىنىشلىك، مۇسۇلمانلار ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاممىباب شەكىلدە، ئىختىلاپنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلانغان ھالدا، زۆرۈر بولغاندا ئىشارەت قىلىپ قويۇپ بايان قىلدىم. بۇ كىتاب جانابى ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئەۋەتكەن ئىسلام فىقھىسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، كىشىلەرگە ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ‹قۇرئان›، ھەدىسكە بىرلەشتۈرىدۇ ۋە ‹ئىجتىھاد ئىشىكى تاقالدى› دەيدىغان خۇراپاتلىققا خاتىمە بەرگىنىدەك، مەزھەپلەرگە تەئەسسۇپلۇق قىلىشقىمۇ خاتىمە بېرىدۇ».

شەيخ شۇندىن ئېتىبارەن فىقھى ھەققىدە يېزىشنى ۋە ھەربىر باسقۇچتا كىچىك بۆلەكتىن بىر قىسىمنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى ئون تۆت قىسىمنى تولۇق چىقاردى.

شەيخ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتابنى چوڭ ئۈچ قىسىم قىلىپ نەشردىن چىقاردى. بىلىشىمچە، شەيخنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشى 20 يىلچە داۋام قىلغان ئىدى. شەيخ سەييىد سابىقنىڭ كىتابى ئىسلام كىتابخانىلىرىدىكى مەزھەپلەردىن بىرەرسىگە باغلانمىغان سۈننەت فىقھىسى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگىشىش ياكى تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئاساسىدا ئۆسۈپ يېتىلمىگەن كۆپ قىسىم زىيالىيلار ئۇنىڭغا يۈزلەندى ۋە ئۇ كىتاب ئۇلار بىرەر مەسىلىنىڭ ھۆكمىگە موھتاج بولغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان قولاي مەنبە بولۇپ قالدى. بۇ كىتاب شۇ دەرىجىدە تارقالدىكى، كىشىلەر ئۇنى مۇئەللىپنىڭ رۇخسىتىسىز نۇرغۇن قېتىم بېسىپ تارقاتتى.

مەزھەپلەرگە ئەگىشىشتە چىڭ تۇرىدىغان بەزى مەزھەپچىلەر بۇ كىتابنى مەزھەپسىزلىككە چاقىرىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى تەنقىدلىگەنمۇ بولدى، مەزھەپسىزلىك ئۇلارنىڭ قارىشىدا، «دىنسىزلىققا كۆۋرۈك» ئىدى.

مەن بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنى گەرچە مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگەشمىسىمۇ مەزھەپسىزلىككە چاقىرغۇچىلاردىن ئەمەس دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇ مەزھەپلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ ۋە ئىنكار قىلمايدۇ.

بۇ تۈردىكى فىقھى كىتابىنى مەلۇم بىر يۆنىلىش ياكى مەلۇم بىرەر مەزھەپنى تۇتماستىن، كەڭرى ئىسلام دىنىغا كىرگەن يېڭى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، يەنە شۇنىڭدەك، بارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنى مۇئەييەن مەزھەپكە تەۋە قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، بەلكى سەھىھ دەلىل ۋە روشەن يولنى تۇتۇپ ماڭىدىغان يېڭى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.

نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىللەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش، ئۇلار ئارىسىنى ئىلمىي سېلىشتۇرۇش، ئاندىن كېيىن ھۆججەت – پاكىتقا ئاساسلىنىپ كۈچلۈك قاراشنى تاللاش قاتارلىق تەرەپلەردە شەيخ سەييىد سابىقنى سېلىشتۇرما فىقھىغا ئۆز ھەققىنى بەرمىدى دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ كىتابنى ئەيىبلىدى.

بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، شەيخ بۇ كىتابنى ئۆلىمالار ئۈچۈن يازمىدى، بەلكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇشقا موھتاج بولغان بارلىق ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يازدى ھەمدە ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش يولىنى كۆزلىدى.

ھەممىگە تونۇشلۇق مۇھەددىس شەيخ مۇھەممەد ناسىرىددىن ئالبانى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بۇ كىتابنى تەنقىد قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە «فقە السنة»نى تەنقىد قىلىش ۋە ئەيىبلەش مەزمۇن قىلىنغان «تمام المنة بالتعليق على فقه السنة» نامىدا بىر كىتاب يازدى. ئۇنىڭ تەنقىدىي ئاساسلىق ئىككى ئىشتا گەۋدىلىنىدۇ:

1. «فقە السنة»دە دەلىل قىلىنغان بەزى ھەدىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولۇپ، بەزى ھەدىسلەر شەيخ ئالبانىنىڭ قارىشىدا، زەئىپ ئىدى ھەمدە فىقھى سۈننەدىكى بەزى ھەدىسلەرنىڭ نىسبەت بېرىلگەن كىشلەرگە تەۋە بولۇشىدا خاتالىقلارنىڭ بولۇشى ئىدى.

شەيخ سەييىد سابىق بۇ ھەدىسلەرنى «ئۆگىنىلىدىغان ھەرقانداق ئىلىم ئۆز ئەھلىدىن تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ» دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇ ھەدىسلەرنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىل قىلغانلىقى، تەكشۈرۈپ ئىلغاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى دەپ ئۆزرىسىنى بايان قىلغان.

2. شەيخ ئالبانى بىلەن شەيخ سەييىد ئارىسىدىكى ئىختىلاپ فىقھى مەسىلىدىكى ئىختىلاپ بولۇپ، شەيخ ئالبانى تېكىستنىڭ زاھىرىغا ئەگىشىشكە مايىلراق، شەيخ سەييىد بولسا تېكىستنىڭ مەقسىتىگە ئەگىشىشكە يېقىنراق ئىدى.

شەيخ ئالبانى ئالتۇننى ئايال كىشىگە ھارام قىلغىنىدەك قەدىمكى كۆپچىلىك ئىماملارغا قارشى چىقىشقا پەرۋا قىلمايدۇ. شەيخ سەييىد كۆپىنچە ھالدا كۆپچىلىك ئىماملارنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال شەيخ ئالبانى «فقە السنة»دىكى «تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى»غا يازغان ئۇزۇن ئىزاھاتتا ئوچۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالبانى تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس دەپ قارىغان ۋە تىجارەت ماللىرىغا زاكات كىلىدۇ دېگەن ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى، شۇنداقلا كۆپچىلىك تابىئىنلارنىڭ ۋە ئىماملارنىڭ تىجارەت ماللىرىغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىدا ئىجماغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن كۈچلۈك پىكىرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ھەمدە يەنە، «شەرىئەتنىڭ ھۆكۈم بېكىتىشتىكى مەقسەت نەزەرىيىسى»نىمۇ قوبۇل قىلمىغانكى، شەرىئەتنىڭ يېرىدىن بەش ۋەسەق مېۋە چىققان، ئۇ يەرنى ئىجارە ئالغان بىچارە دېھقانغا زاكاتنى ۋاجىپ قىلىپ، مىليونلىغان ئىقتىسادقا ئىگە بولغان تىجارەتچىنىڭ مېلىغا ھېچنەرسە ۋاجىپ قىلماي، مېلى پۇلغا ئايلىنىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن زاكات ۋاجىپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بىز «المرجعية العليا للقرآن والسنة» دېگەن كىتابىمىزدا شەيخ ئالبانىنىڭ سۆزىگە ئوچۇق دەلىللەر بىلەن رەددىيە بەردۇق.

مەن پەزىلەتلىك شەيخ سەييىد سابىقنى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلىدىكى بەزى ماقالىلىرىنى، ئاندىن ئۇنىڭ تاھارەت فىقھىسى ھەققىدە يېزىلغان كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇپ تونۇدۇم. كېيىن ئۇنىڭ نۇقراشى پاشانىڭ قەتلى قىلىنىش دېلوسىدا سوتقا تارتىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، سوت مەھكىمىسى ئاشۇ ۋاقىتتا شەيخ سەييىد سابىقنىڭ قاتىللىق قىلغۇچى ياش ئابدۇلمەجىد ھەسەنگە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ قېنىنى ھالال سانىغانلىقنىڭ جازاسى سۈپىتىدە نۇقراشى پاشانى ئۆلتۈرۈشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە پەتىۋا بەرگەنلىكىنى داۋراڭ سالغان ئىدى. گېزىتلەر شۇ چاغدا شەيخ سەييىد سابىققا «قاتىللىققا پەتىۋا بەرگۈچى» دەپ لەقەم قويغان ئىدى. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، سوت ئۇنى ئاقلاپ قويۇپ بەردى. لېكىن، مىلادىيە 1949 – يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»دىن قاماققا ئېلىنغانلار بىلەن بىرگە قاماققا ئېلىنىپ، تۇر تۈرمىسىگە سولانغان ئىدى.

مەن شەيخ سەييىد سابىقنى تۈرمىدە، 2 – نومۇرلۇق كامېردا ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە يۈزتۇرانە كۆردۈم، شەيخ غەززالى ئۇنىڭغا ئىمام بولغان ئىكەن. شەيخ سەييىد سابىق بامدات نامىزىدىن كېيىن ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ بولۇپ، فىقھى توغرىسىدا سورۇن تۈزەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيخ غەززالىمۇ ئاللاھقا دەۋەت قىلىشتا بىر قانچە سورۇن تۈزەتتى.

ئاندىن تۈرمىدىن بىرلىكتە چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش مەيدانىدا تونۇدۇم. كۆپىنچە مەن ئۇنى ئۆيىدە زىيارەت قىلاتتىم، ئۇ سۇقۇسسىلاھ كوچىسىدا تار، ئىسسىق بىر ئۆيدە ئولتۇراتتى. كېيىن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، «گاردۇن سىتى»دىكى بىر بىنا ئۆيدە ئولتۇردى. مەن ئۇ ئۆينى مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە چىقىپ كەتكەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۆيمىكى دەپ ئويلايمەن.

ئۇ ۋەخپە مىنىستىرلىكىدە مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ئىدىم. شەيخ غەززالى مەسجىدلەر مۇدىرىيىتىنىڭ مۇدىرى ئىدى، بەھىي خۇۋلى دىنىي ئىشلار نازارەتچىسى ئىدى.

شەيخ ۋەخپە مىنىستىرلىكىدە ھەممە كۆز تىكىدىغان يۈكسەك ئورۇندا بولۇپ كەلدى. كېيىن شۇ ئورۇننىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق مىنىستىرى مۇھەممەد بەھىينىڭ دەۋرى كەلگەندە، شەيخ مۇھەممەد بەھىي بىلەن شەيخ غەززالى ۋە شەيخ سابىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلگىرى ناھايىتى قويۇق بولۇشىغا قارىماستىن، ناچارلىشىپ كەتتى. ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ بارچە ئەيىب نوقساندىن پاكتۇر.

شەيخ غەززالى بىلەن شەيخ سابىق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشى ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەزھەرگە يۆتكىۋېتىلدى. بۇ ئىككەيلەن ۋەخپە مىنىستىرى يۆتكىلىپ كەتكەنگە قەدەر، شۇ ھالەتتە قېلىپ قالدى، رېئاللىقتا بىر ھالەتنىڭ داۋام قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

شەيخ سەييىد سابىق يۈزى نۇرلۇق، خۇش چىراي، كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان، ھازىرجاۋاب كىشى ئىدى.

شەيخ سەييىد سابىق ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك ھېكايە قىلىنىدۇ: ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى نۇقراشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىدا شەيخنى تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن مۇھەممەد مالىك توغرۇلۇق سورىغان. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مۇھەممەد مالىكنىڭ رولىنى ناھايىتى چوڭ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى ئەڭ چوڭ تېررورچى دەپ ئېتىبارغا ئالغان ئىدى. ئۇلار شەيختىن:

– مالىك توغرۇلۇق بىرەر نەرسە بىلەمسەن؟ – دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن:

– ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىدىن بىر ئىمام ۋە ھىجرەت ماكانىنىڭ ئىمامى تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنى تونۇماي؟!

ئۇلار:

– ۋاي نىجىس! بىز سەندىن ئىمام مالىك توغرۇلۇق ئەمەس، بەلكى تېررورچى مالىك توغرۇلۇق سوراۋاتىمىز.

شەيخنىڭ جاۋابى:

– مەن بىر فەقىھ ئادەم. فەقىھلەرنى تونۇيمەن، تېررورچىلارنى تونۇمايمەن.

بىز تۈرمىدىكى چاغلاردا، شەيخ غەززالىدىن بىرەر فىقھى مەسىلە توغرۇلۇق سورالسا، ئۇ مەسىلىنى شەيخ سەييىد سابىققا ھاۋالە قىلاتتى. شەيخ سەييىد سابىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ فىقھىدىكى تايانچى ئىدى.

شەيخ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەقىدە توغرۇلۇق «العقيدة الإسلامية» دېگەن كىتابنى، دەۋەت ھەققىدە «إسلامنا» دېگەن كىتابنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلارنى يازغان.

شەيخ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەزھەرنىڭ ئالىيجاناب كاتتا ئۆلىمالىرى بىلەن بىرگە مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەرەمگە قوشنا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلدى. بۇ ئۆلىمالار ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىنى مۇستەھكەملەش، ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق تەرەپلەردە تىللاردا داستان بولۇپ رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك رول ئوينىدى. شەيخ ئۇ يەردە ئىككى يىلچە تۇردى.

شەيخ سەييىد سابىق ھىجرىيە 1413 – يىلى ئىسلام فىقھىسىدا پادىشاھ فەيسەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.

بۈگۈن شەيخ پانىي دۇنيادىن باقىي ئالەمگە يۆتكىلىپ بىزلەر بىلەن خوشلاشتى. ئارقىسىدا مەنپەئەتلىك ئىلىم، ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ياخشى نام قاتارلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ياخشى نام ئىنساننىڭ قىسقا ھاياتىدىن كېيىنكى يەنە بىر ھاياتىدۇر.

ئاللاھ شەيخ سەييىد سابىققا رەھىم قىلسۇن، ئۇنى سالىھ بەندىلىرى قاتارىدا قىلسۇن! ئۇنى ئىلىم، ئىسلام ۋە ئۈممەت نامىدىن ئەمەلىيەتچان ئۆلىمالار ۋە سادىق دەۋەتچىلەرنى مۇكاپاتلىغاندەك مۇكاپاتلىسۇن! بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز.

 

مەنبە: islamstory.com

تەرجىمىدە: ئەبۇ ئىبراھىم

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ