(ھ. 1327 – 1420 / م. 1909 – 1999)
ئەدىبلەرنىڭ فەقىھى ۋە فۇقەھائلارنىڭ ئەدىبى
تۇغۇلۇشى ۋە ئائىلىسى
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي بۈيۈك ئالىم ۋە بۈيۈك ئەدىب بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەلى ئىبنى مۇستافا ئىبنى مۇھەممەد تەنتاۋىيدۇر. ئۇ ھ. 1327، جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 23 – كۈنى / م. 1909، 12 – ئىيۇن دەمەشق شەھرىدە ئىلىملىك، دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ۋە بوۋىسى تونۇلغان ئالىملاردىن ئىدى. ئانا تەرەپ تاغىسى بولسا ئىسلامىي يازغۇچى، داڭلىق ئاخباراتچى، تونۇلغان تارىخشۇناس ئۇستاز مۇھىببىددىن ئەلخەتىبتۇر.
ئۆگىنىشى ۋە خىزمىتى
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى دەمەشقتە ئوقۇپ، باشلانغۇچ مائارىپىدا، شەخسىي ئىگىلىكتىكى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە ھەم ئاخباراتچىلىق ساھەلىرىدە ئىشلىگەن. ئاندىن مىسىرغا بېرىپ، دارۇلئۇلۇمدا ئۇستاز شەھىد سەييىد قۇتۇب بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان. كېيىن ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى تاماملىمايلا، دەمەشقكە قايتىپ قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرگەن ۋە 1933 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، 1935 – يىلىغىچە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1936 – يىلى ئىراققا كۆچۈپ بېرىپ، باغدادتىكى مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئەئزەمىييەدىكى شەرئىي دارۇلئۇلۇمدا، كەركۇكتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن بەسرەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1939 – يىلى ئىراقتىن دەمەشقكە قايتقان. 1941 – يىلى ئەدلىيە ساھەسىگە كىرگەن ۋە سوتچى بولۇپ تەيىنلىنىپ، مۇنەۋۋەر بىر سوتچى بولغان، ئاندىن مىسىر بىلەن سۇرىيە ئىتتىپاقلىشىۋاتقان كۈنلەردە قاھىرە ئالىي سوتتا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەپ، ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ تەييارلىنىشى، ۋەقف قانۇنى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس پىلانىنىڭ تۈزىتىلىشىگە ھەسسە قوشقان. 1963 – يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن سۇرىيەدىن ئايرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ رىياددىكى شەرىئەت فاكۇلتېتى ۋە ئەرەب تىلى فاكۇلتېتلىرىدا، ئاندىن مەككە مۇكەررەمەدە ئىشلىگەن، ۋاپات بولغانغا قەدەر 35 يىل سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرغان.
ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش جەريانىدا مەككەدىكى مائارىپ فاكۇلتېتىدا دەرس بەرگەن ۋە ئىسلامىي ئويغىنىش پىروگراممىسىنى تەشەببۇس قىلغان. مەملىكەتنى ئايلىنىپ ئۇنىۋېرسىتېت، ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ دەرس ئۆتكەن، لېكسىيە سۆزلىگەن. شۇنداقلا ۋاقتىنى پەتۋا بېرىش، مەككەدىكى ھەرەم مەسجىدى ۋە ئۆيىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە بېغىشلىغان. ئاندىن «مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار» ناملىق رادىئو پىروگراممىسى، «نۇر ۋە ھىدايەت»، «تارىختىكى كىشىلەر»، «ئىپتار داستىخىنىدا» ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى باشلاپ تولۇق 25 يىل داۋاملاشتۇرغان.
شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ يافادىن تارقىتىلىدىغان «يېقىن شەرق» رادىئو ئىستانسىسىدا 1930 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاڭلىتىش باشلانغان بىر رادىئو پىروگراممىسى، 1937 – يىلى باغداد رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىش باشلانغان بىر رادىئو پىروگراممىسى ۋە 1943 – يىلى دەمەشق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىش باشلانغان بىر رادىئو پىروگراممىسى بار بولۇپ، ئۇ يەنە ئەرەب دۇنياسى مىقياسىدا كۆپلىگەن گېزىت، ژۇرناللارغا ھەسسە قوشقان يازغۇچى ۋە ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1926 – يىلى «ئەلمۇقتەبەس» گېزىتىدە تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ماقالە ئېلان قىلىشنى ئۈزۈپ قويمىغان. ئۇ يەنە «فەتىھ»، «زەھرا»، «رىسالە»، «مۇسۇلمانلار»، «ئىسلام مەدەنىيىتى»، «نۇسرەت» ۋە «ھەج» قاتارلىق ژۇرناللىرىدا، «ئەرەب ياشلىرى»، «ئەلىفبە»، «كۈنلەر» (بۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان)، «ئوبزور»، «خەلق»، «مەدىنە» ۋە «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلغان.
شۇنىڭدەك ئەرەب دۆلەتلىرى، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن يىغىنلارغا، شۇنداقلا لېكسىيە، سۆھبەت يىغىنى ۋە تەتقىقات يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇ ھازىرقى زامان ئىسلام دەۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىش، ئاۋامنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كىشىلەرنى ھەق يولغا باشلاشتا؛ ھەر يەردىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇقام توۋلاۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرى پىلانلىغان سۇيىقەستلەرگە، بولۇپمۇ، سۇرىيە ۋە ئالجىرىيەدىكى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىكى، پەلەستىندىكى ئەنگىلىيە ۋە يەھۇدىي سىئونىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشلاردا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
ئۇ پوزىتسىيىسىدە كەسكىن، جەڭ ئېلان قىلىشتا جاسارەتلىك ئىدى. بۇ مۇستەھكەم دەۋەتچىنىڭ باتىل ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن قارشى تۇرغۇچىلار بوشاشتى ۋە ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ كىشىلەرنى يېتەكلەش ۋە توغرا يولغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرى، ئەقىدە ۋە ھايات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىلھامبەخش ۋە جەلپ قىلارلىق يېزىش ئۇسلۇبىنى قوللاندى.
ئۇ قانۇنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، تەلىم – تەربىيە، دەۋەت ۋە فىقھ ساھەلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىنىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بىدئەت، خۇراپاتلىق، شەرىئەتتە توغرا كۆرۈلمەيدىغان كونا ئۆرپ – ئادەتلەر، ئىسلامىي پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلارغا زىت بولغان پائالىيەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلدى. «قۇرئان» تىلى بولغان ئەرەب تىلىنى سۆيۈشكە چاقىردى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇردى.
دېمەك، شەيخ ئەلى تەنتاۋىي كۆپ ساھەگە چۆككەن، ئىلىملىك، مول – ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ئەقلىي كۈرەشكە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ ئۇلارغا ھەق سۆزنى ئاڭلاتتى، ئىسلام دىنىنى ئۆگەتتى، ئۇلارنى ياخشىلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئاللاھنى سۆيۈش ئۈچۈن يىغدى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. 1990 – يىلى «شاھ فەيسەل خەلقئارالىق مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
ئەسەرلىرى
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلار: «ئىسلام دىنىنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش / تعريف عام بدين الإسلام»، «شەكىللەر ۋە كۆزقاراشلار»، «كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن»، « دەمەشقتىكى ئۇمەۋى جامەسى / الجامع الأموي في دمشق»، «تارىختىن قىسسەلەر / قصص من التاريخ»، «ھاياتتىن قىسسەلەر / قصص من الحياة»، «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب» (ئىككى توم)، «ھىندىنوزىيەدە شەرقتىن كۆرۈنۈشلەر / صور من الشرق في أندونسيا»، «ئەرەب دۆلەتلىرىدە»، «ئىسلاھات يولىدا / في سبيل الإصلاح»، «سەيفۇل ئىسلام مەكتۇبلىرى»، «تارىختىن ئەزىمەتلەر/ رجال من التاريخ»، «شەرەفنىڭ ئالقىشى / هتاف المجد»، «ئىسلام تەتقىقاتلىرى»، «ئىسلام باسقۇچلىرى»، «ھەرەمدىن ھەدىيەلەر / من نفحات الحرم»، «شەرقنىڭ شەكىللىرى»، «ئاڭنىڭ نىشانى(1)»، «پىكىر ۋە تەتقىقاتلار / فكر ومباحث»، «بەششار ئىبنى بۇرد»، «كىشىلەر بىلەن / مع الناس»، «ئىسلاھ قىلىش ئۇچۇرلىرى»، «ئەبۇ جەھل» (سەھنە ئەسەرى)، «شەيخ ئەلى تەنتاۋىي خاتىرىلىرى / ذكريات الشيخ علي الطنطاوي» (8 توم)، «ئۆمەرنىڭ ۋە ئىبنى ئۆمەرنىڭ خەۋىرى / أخبار عمر وأخبار عبد الله بن عمر»، «ئەدەبىي ئانالىز»، «ئىسلام تارىخىدىن»، «دەمەشق»، «بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەرگە ئىخچاملانغان ماقالىلەر / مقالات في كلمات»، «ئەلى تەنتاۋىي پەتۋالىرى / فتاوى علي الطنطاوي»، «باغداد: مەنزىرىلەر ۋە خاتىرىلەر / بغداد ذكريات ومشاهدات»، «تارىختىن ھېكايەتلەر / حكايات من التاريخ» (بالىلار ئەدەبىياتى)، «تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر / أعلام التاريخ» (7 قىسىم).
ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ماقالىلىرى، مىڭلىغان تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو نۇتۇقلىرى، مەسجىد خۇتبىلىرى بولۇپ، بۇلار ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىشى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتىدا قوللىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلۇقۇم
تاغامنىڭ ئوغلى سەئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلئەقىل شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ بەسرە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا قايىل ئىدى. سەئۇد ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا مۇنەۋۋەر بولغاچقا، ئۇستاز تەنتاۋىينىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەنىدى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىمدا ئاكام سەئۇد مېنىڭ ئۇستازىنى ياخشى كۆرۈشۈمگە سەۋەب بولغان بولۇپ، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئۇ ماڭا «رىسالە» ژۇرنىلىنى، بولۇپمۇ، تەنتاۋىينىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇشۇم ئۈچۈن بېرەتتى، مەن كىچىك بولساممۇ تەنتاۋىينى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۇستازى رافىئىينىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ ھېرىسمەن بولدۇم، مەن ئۇستاز رافىئىينىمۇ ئۇنىڭ ئىسلام دىنى، مۇسۇلمان ئۈممىتى ۋە ئەرەب تىلىغا بولغان قىزغىنلىقى تۈپەيلىدىن ياخشى كۆرەتتىم ۋە ئۆزۈمنى ئەلى تەنتاۋىي، سەئىد ئەلئىريان، ئابدۇلمۇنئىم خەللاف، مەھمۇد شاكىر ۋە بۈيۈك ئۇستاز مۇستافا سادىق رافىئىينىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ھېسابلايدىغان بولغانىدىم.
ئۇستاز شەيخ ئەلى تەنتاۋىينى مىسىر، شام ۋە ئىراقتىكى ھازىرقى زامان ئىسلام ھەرىكىتىگە بولغان ياردەملىرى، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھەققىدىكى يازمىلىرى، شامدىكى سەپلىرىگە قوشۇلغان دوكتور مۇستافا سىبائىي، مۇھەممەد مۇبارەك، ئۆمەر باھائۇددىن ئەمىيرىلەرگە ئوخشاش شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى سەۋەبىدىن ئۆزۈمگە تولىمۇ يېقىن تۇتاتتىم.
زالىم ئابدۇنناسىرغا قارشى مەۋقەسى كەسكىن ۋە ئېنىق ئىدى. ئابدۇنناسىر مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئەزالىرىنى تۈرمىگە سولاپ، تەڭداشسىز قەھرىمانلىرىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەنىدى. ئۇ «ماتەم كۈنى» ئاشۇ ھەق يولدىكى شەھىدلەر ئۈچۈن ئەستىن چىقماس بىر كۈن بولۇپ قالغانىدى. ئابدۇلقادىر ئۇۋدە، مۇھەممەد فەرغەلىي، يۈسۈف تەلئەت، ئىبراھىم تەييىب، ھىنداۋىي دۇۋەير، مەھمۇد ئابدۇللەتىف قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتار شەھىدلەردىن ئىدى. ئۇستاز تەنتاۋىي قەلىمىنى مەتبۇئاتتا دىكتاتورنىڭ جىنايەتلىرىنى يېزىشقا بېغىشلىدى. شۇنىڭدەك، رادىئو نۇتۇقلىرى، خۇتبە ۋە لېكسىيەلىرىدە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، قۇرغۇچىلىرى، شۇنداقلا سۇرىيە، مىسىر، ئىراق مۇجاھىدلىرىنى مەدھىيەلىدى.
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي قورقماستىن ۋە ئەنسىرىمەستىن قىيىنچىلىقلارغا يۈزلەنگەن، زۇلمەت ۋە زوراۋان كۈچلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان شىجائەتلىك قەھرىمان، قەيسەر ئەركەك بولۇپ، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھ ئۇنىڭغا كۈچلۈك مۇنازىرە ئىقتىدارى، پاساھەتلىك ۋە راۋان نۇتۇق قابىلىيىتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ھادىسە، ۋەقە ۋە كۈنلەرنى يادلىيالىغۇدەك كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان ئىدى.
مەن 1988 – يىلىدىن 1996 – يىلىغىچە «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»دا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، ئاللاھ مېنى مەككەدە ئۇنى زىيارەت قىلىش شەرەفىگە نائىل قىلدى. ئۇ چاغدا بىز ئىككىلىمىز ئەزىزىييە رايونىدا تۇرغان ئىدۇق. ئۇ جىددە شەھرىگە كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ 1993 – يىلىدىن تاكى 1996 – يىلى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر يەنە زىيارىتىدە بولۇپ تۇردۇم.
مەن ھەرقېتىم مەككە مۇكەررەمە ياكى جىددەدە ئۇنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا، ئۇ شۇنچە كۆپ يىللارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە قارىماي، بەسرە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىسى سەئۇد ئەلئەقىلنى سوراپ تۇردى.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشتىن خۇشال بولاتتىم، سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇنىڭ مول بىلىمىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن ۋە ئىسلامىي ئەدەب بىلەن بىرلەشكەن يۇمۇرىستىك، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى سۆزلىرىدىن مەنپەئەت ئالاتتىم. يەنە كېلىپ، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق تارقىتاتتى، ئائىلىلەر، شەخسلەر ۋە جامائەتلەر ئۇنىڭ نۇتۇق ۋاقتىغا ئىنتىزار بولاتتى، نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاش ۋە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە تاتلىق ۋە سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە تەشنا بولغاندەك تەشنا ئىدى.
ئۇنىڭ تەرىپلىرى
ئەللامە شەيخ يۈسۈف قەرەداۋىي مۇنداق دەيدۇ:
مەن شەيخ ئەلى تەنتاۋىينى ياش چاغلىرىمدىلا بىلەتتىم. ئۇ چاغلاردا مەن ئەدەبىيات ۋە شېئىرغا قىزىقاتتىم، ئەدەبىي كىتاب ۋە ژۇرناللارنى، بولۇپمۇ، «رىسالە» ژۇرنىلىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. تەنتاۋىي ئىسلامىي مايىللىقى، راۋان ئۇسلۇبى، تىلىنىڭ يېقىملىقلىقى ۋە سۈزۈك تەسۋىرى بىلەن مەن ياقتۇرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 1949 – يىلى ئۇستاز زەييات ئاغرىپ قالغاندا، ئۇ «رىسالە» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى دەرسىنى بېرىۋاتقان چېغىدا، «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ تۈردىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە تاللىغان ئىكەن. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، شەيخ مۇستافا زەرقا ۋە شەيخ مۇھەممەد مۇبارەككە ئوخشاش سۇرىيەلىك خىزمەتداشلىرىدىن مەن توغرىسىدا ئاڭلاپتىكەن.
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي بىر ھىدايەت مەشئىلى، يورۇتقۇچى يۇلتۇز، راستچىللىق ئابىدىسى، ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ قوللىغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ نەسىھەتلىرى ئىلىم ۋە ئەدەبىياتنىڭ، قايىل قىلىش ۋە قىزىقتۇرۇشنىڭ بىرلەشمىسى ئىدى. بۇ تەرىپى ئۇ يازغان كىتاب ۋە ماقالىلەردىن، ئالدىن يېزىۋالماي تۇرۇپ تەييارلىقسىز سۆزلىگەن نەق مەيدان خۇتبە، لېكسىيە، دەرس ۋە پەتۋالاردىن ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. «سەل قاراش ۋە ئاشۇرۇۋېتىش ئارىسىدىكى ئىسلامىي ئاڭ» دېگەن كىتابىم نەشىردىن چىققاندا، ئۇ بۇ كىتابىمنىڭ تەرىپىنى قىلغان ۋە ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغان ئىكەن.
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي ئەرەب تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋرلەردىن جاھىلىيەت دەۋرى، ئىسلامىيەت دەۋرى ۋە ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن قەسىدىلەرنى يادلىغان ئىكەن.
ئۇ مىسىر – سۇرىيە بىرلىكىنى قوللايتتى. بىراق، بۇ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىد بولغان، جاسۇسلار ھۆكۈمەتتىن قورقۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئىككىنچى ئورۇن ئىستىخبارات ئىدارىسى(2) بولۇپ قالغان ئابدۇنناسىر دەۋرىدە، ئۇ ئايرىلىش تەرىپىدە تۇردى ۋە ئايرىلىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، كەڭ دائىرىلىك ئىنكاس قوزغىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەشھۇر خۇتبىسىنى سۆزلەپ، كۆپ كىشىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتتى.
ئۇستاز ئىسام ئەتتار مۇنداق دەيدۇ:
مەن تۇنجى قېتىم شەيخ ئەلى تەنتاۋىينى دەمەشقتىكى ئۇمەۋى جامەسىدە، سۇرىيەدىكى بۈيۈك ھەدىسشۇناس دەپ ئاتالغان شەيخ بەدرىددىن ھەسەنىينىڭ ئۇنى ماختاۋاتقانلىقىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ چاغدا مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتىم. كېيىن ماقالىلىرىنى «رىسالە» ژۇرنىلىدىن ئوقۇپ، ئۇنىڭ ساپ ئەرەب مىللىي روھى ۋە ئىسلامىي روھىدىن ھەيران قالدىم. جۈملىدىن، ئۇنىڭ دىنغا بولغان سەمىمىي قىزغىنلىقى، پەزىلىتى، ئالىيجاناب غايىسى، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەگە، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشى، ھەر يەردە ئاجىزلىشىۋاتقان ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى قوللىشى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىنغان ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى مېنى قايىل قىلغانىدى. يەنە ئۇنىڭ رەزىل رېئاللىقنى رەت قىلىشقا قوزغايدىغان جەلپ قىلارلىق ۋە قايىل قىلارلىق شەكىلدە، تۇيغۇ ۋە ئىلھاملارنى كۆتۈرىدىغان جانلىق ۋە گۈزەل ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرگەن ئەرەب ۋە شەرق ئىسلام تارىخلىرىمىزنىڭ تەسۋىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
ئۇستاز زۇھەير شاۋىش مۇنداق دەيدۇ:
ئۇستازىمىز ۋە ئاتىمىز شەيخ ئەلى تەنتاۋىي كەڭلىكى ئۇپۇققا سوزۇلغان، چوڭقۇرلۇقى يەردە يىلتىز تارتقان ئۇزۇن ۋە ئەھمىيەتلىك بىر ھايات كەچۈردى. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان دەۋەتچىلەر، ئەدىبلەر، سوتچىلار ۋە مۇجاھىدلارنى تەربىيەلەشتە چوڭ رول ئوينىدى. باتۇرلۇقى، جەسۇرلۇقى ۋە پەزىلىتى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان ئىدى.
ئۇ ئۈممەتنى سۇرىيەدىكى فرانسىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى يېتەكلىدى. پەلەستىننى قوغداپ، ئېيتقانلىرى ۋە يازغانلىرى ئارقىلىق ئىسلام ۋە ئەرەب مىللىي ھوقۇقىنى ساقلىدى. پەلەستىن ئۈچۈن دۇنيانىڭ يېرىمىگە دېگۈدەك سەپەر قىلىپ، يىغىن ۋە يىغىلىشلارغا قاتناشتى. ئىسلامىي مۇھىتتا دىنسىزلار پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلارنى چەكلەپ، ھەممە يەردە ئۇلارغا قارشى تۇردى. ئۆلىما ۋە شەيخلەرنى ۋەقفلەردە، دەمەشقتىكى مەسجىدلەردە ۋە باشقا يەرلەردە توپلىدى. ھاياتىنى دۇنياغا ئەمەس، ئىنسانلارغا بېغىشلىدى. بىز پەلەستىن جىھادىغا ئۆزىمىزنى تەييارلىغان ئىدۇق، شەيخ تەنتاۋىي ئۇستازىمىز شەيخ سىبائىي بىلەن بىللە بىزگە ياردەم قىلغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكىلەردىن بولدى.
دوكتور مۇنىر مۇھەممەد غەزبان مۇنداق دەيدۇ:
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي پۈتۈن ھاياتىنى ھەقىقەتكە بېغىشلىدى. فرانسىيە دەۋرىدە ياكى دۆلەت قۇرۇلغان دەۋردە بولسۇن، بىرەر رەھبەر، باشلىق ياكى رەئىستىن قورقۇپ باقمىدى. ھەرقانداق بىرىنى مۇئەييەن شارائىتتا ماختاش لازىم بولغاندا ماختىدى، ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى يەرگە ئۇرۇلغاندا بار ئاۋازى بىلەن تەنقىدلىدى. مەسىلەن، مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋە مىللىي رەھبەرلىك نازارىتىنى قابىلىيەتسىزلەر مىنىستىرى ۋە مىللىي چىرىتىش نازارىتى دەپ ئاتاپ، دۆلەتكە ھۇجۇم قوزغىغان خۇتبىسى ئۇنىۋېرسىتېت مەسجىدىدىن ئەتراپقا ئاڭلىتىلغانىدى. بىزگە ئىسلام ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش تۇيغۇسىنى سىڭدۈردى ۋە ئۇنىڭ يولىدا قۇربان بولۇشقا تەييارلاندۇردى. بىز ئۇنى ئالدىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېت مۇنبىرىدە مىنىستىرلار ۋە رەئىسلەرگە خىتاب قىلىدىغان بىر نەمۇنە دەپ بىلەتتۇق ۋە: «ئۇ پەقەت تۈرمىگە ياكى ئۆلۈمگە بارىدۇ» دېيىشەتتۇق. بۇ، تانكىلار كوچىلارنى چارلاپ تۇرغان، ساقچىلار كىشىلەرنىڭ ياقىسىدىن سىقىپ تۇرغان چاغلار ئىدى. ئۇ سۇرىيەدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىۋېرسىتېت مۇنبىرىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دىنسىز پارتىيە، ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى تۈزۈم توغرىسىدا ھەقنىڭ ساداسىنى ياڭراتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى زالىم پادىشاھ ئالدىدا دېيىلگەن ھەق سۆزلەر بولۇپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھەقنى سۆزلەشتە كەسكىن ئىدى.
شائىر ئەھمەد مۇھەممەد سىددىق «غەلىبە بېشارەتلىرى» ناملىق مەرسىيەسى بىلەن ئەدىبلەرنىڭ ئالىمى ۋە ئالىملارنىڭ ئەدىبى شەيخ ئەلى تەنتاۋىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) غا مۇنداق ماتەم بىلدۈرگەن:
پەزلىڭ بىلەن باغلانغانتى ئەدىب، ئالىملار،
ھۇزۇر سۈرگىن فىردەۋستە خاھلىغىنىڭ بار.
بارچە ئىدراك تىزىلغانتى ساڭا ئۈنچىدەك،
نۇر چاچىدۇ كىتابلاردا ئېسىل مارجانلار.
سۆزلىگەندە يۈرەكلەرگە ئۇدۇل تېگەتتىڭ،
بېرىلەتتى ئازدۇرۇلماي ھازىر بولغانلار.
يازغىنىڭدا دۇردانەڭنى ئالتۇندىن قۇيۇپ،
سۆزلىگەندە تۆكەر ئىدىڭ شەربەتتىن سۇلار.
دىنىڭ ئۈچۈن سۇنمايدىغان دەلىل تىكلىدىڭ،
دىلى خەستە بولدى قانچە بوھتان، گۇمانلار.
داكىلاردا ھەقىقەتنى ئېچىپ كۆرسەتتىڭ،
ئىبرەت ئۈچۈن مەنبەسىدىن كەلتۈردۈڭ نۇرلار.
ئەجدادلاردىن قېلىپ قالغان دەستە نۇر كەبى،
يېتەكلىدىڭ توغرا يولغا، تاڭدىڭ يارىلار.
ئاللاھ ئۈچۈن چىقتى تارىخ ئاپتوبۇسىغا،
شەرەف، پۇرسەت تولۇپ تۇرغان تارىختا قۇرلار.
يىپلىرىدىن قانچىلىغان ھېكايە تىكتىڭ،
ئالتۇن ئۈزۈك ياقۇت كۆزدەك ياراشقان ئۇلار.
كاتتا شەخس، چوڭ ۋەقەدە ياشاتتىڭ بىزنى،
ئارىلاشتۇق ئارىلاشقاندەك گۆش ۋە سىڭىرلار.
ئاتا قىلغان رەببىڭ فىقھىنى، ئەدىبلىك زىننەت،
ئاتا قىپتۇ غايەڭ ئۈچۈن ئەقىلدىن سىرلار.
قاتار – قاتار تۆكۈلەتتى ھەرپلەر سەندىن،
بال ئىچكەندەك شىپا تاپقان چىرىگەن روھلار.
شامدىن كەلگەن مەيىن شامال ئۇچۇۋاتقاندەك،
ئەتىر ھىدى چاچقان ئىدى سەندە بۇلۇتلار.
تەۋھىدتە چىڭ تۇرماقلىقنى باشلىغان ئىدىڭ،
قىلىچ بولدۇڭ كېسىلگەنتى قۇرۇق ئويۇنلار.
ئاسىيلارغا، بىدئەتلەرگە مۇرەسسە قىلماي،
قورقمىغانتىڭ تەھدىت سالسا زالىم قامچىلار.
سەن قالدۇرغان خاتىرىلەر ئېگىلمەي تۇرار،
گۇۋاھ بولار تالاي ئىشلار، قانچە يۈز يىللار.
تىلىڭدىكى سەمىمىيەت بايانى ئىدى،
تۇتاشتۇردۇڭ ئۆچمەيدىغان ئوتتىن يالقۇنلار.
ئۆزۈڭ بىلەن ياشلار ئۈچۈن نەمۇنە قويدۇڭ،
ئىسلاھ دېگەن يولۇڭ بويلاپ قالىدۇ ئىزلار.
زىممەڭدىكى شۇ سوتچىلار قالغان بىر مەھەل،
ئۈزۈلمەس چىڭ ۋەدىلەرنىڭ تىمسالى بولار.
بارچە نىيەت، ئىقبالىڭدا ئىسلام خىيالى،
ئارتىلغانتى ئەلەم، چارچاش، ھەم ئېغىرلىقلار.
تاغ باسقاندەك دەردلەرگىمۇ چىدىغان ئىدىڭ،
ئەمدى كەتتىڭ كەڭ ئۆيۈڭگە يوق قىسىلىشلار.
ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرى
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي «بىز مۇسۇلمانلارمىز!» دېگەن تېمىدا بىر ئېسىل ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى جۈملىلەر بار:
شام ۋە ئۇنىڭ باغچىلىرىدىن سوراڭلار، ئىراق ۋە ئۇنىڭ تۇپراقلىرىدىن سوراڭلار، ئەندەلۇس ۋە ئۇنىڭ يېزىلىرىدىن سوراڭلار، مىسىر ۋە ئۇنىڭ ۋادىلىرىدىن سوراڭلار، ئەرەب يېرىم ئاراللىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇملۇقلىرىدىن سوراڭلار، ئافرىقا تۈزلەڭلىكىدىن سوراڭلار، ئەجەم رايونلىرىدىن سوراڭلار، كاۋكاز ئېگىزلىكلىرىدىن سوراڭلار، گانگا دەريا بويلىرىدىن، لوير دەريا بويلىرىدىن، دوناي دەريا بويلىرىدىن سوراڭلار، بىزنى يەر ئۈستىدىكى ھەممە يەرلەردىن ۋە ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھەممە نەرسىلەردىن سوراڭلار: بىزنىڭ قەھرىمانلىقىمىزدىن، پىداكارلىقىمىزدىن، تۆھپىلىرىمىزدىن، نەتىجىلىرىمىزدىن، ئىلىم ۋە سەنئەتلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بارمىكەن؟ بىز مۇسۇلمانلارمىز! شەرەف باغچىلىرىنى بىزنىڭ قانلىرىمىز سۇغارمىدىمۇ؟! باتۇرلۇق باغلىرى پەقەت بىزنىڭ شەھىدلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدلىرى بىلەن زىننەتلەنمىدىمۇ؟! دۇنيا بىزدىنمۇ ئالىيجانابراق، بىزدىنمۇ ھۆرمەتلىكرەك، بىزدىنمۇ سېخىيراق، بىزدىنمۇ رەھىمدىلرەك، بىزدىنمۇ بۈيۈكرەك، بىزدىنمۇ ئېسىلراق، بىزدىنمۇ ئىلملىكرەك كىشىلەرنى بىلەمدىكەن؟ دۇنيا جاھىلىيەت قاراڭغۇلۇقىدا ئېزىقىپ يۈرگەندە بىز ھىدايەت چىرىغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇنىڭ كىشىلىرىگە: يول مانا بۇ، دېدۇق! ھەممە مىللەتلەردە زوراۋانلىق ئەۋج ئالغاندا بىز ئادالەت تارازىسىنى تىكلىدۇق. ئىنسانلار ئىلىمنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغاندا، بىز ئۇنىڭغا ئۆي بىنا قىلدۇق. كىشىلەر پادىشاھلىرىغا ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋە خوجايىنلىرىنى ئىلاھ بىلىپ چوقۇنۇۋاتقان كۈنلەردە بىز باراۋەرلىكنى ئېلان قىلدۇق. بىز قەلبلەرنى ئىمان بىلەن، ئەقىللەرنى ئىلىم بىلەن، بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرىيەت ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئەھيا قىلدۇق.
بىز مۇسۇلمانلارمىز! قۇۋۋىتىمىز ئىمانىمىزدا، شەرەفىمىز دىنىمىزدا، ئىشەنچىمىز رەببىمىزدا. «قۇرئان»ىمىز قانۇنىمىزدۇر، ئىمامىمىز پەيغەمبىرىمىزدۇر، رەھبىرىمىز خىزمەتچىمىزدۇر. ئارىمىزدىكى ھەققانىي ئاجىز ئەڭ كۈچلۈكىمىزدۇر، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزغا ياردەمدىدۇر. بىز ھەممىمىز ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلارمىز، دىن ئالدىدا باراۋەرمىز. بىز مۇسۇلمانلارمىز!
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۈلگىلەر
ئەقسانى ئەسلەش
پالەچ ئايال ئۆيىنى ھىمايە قىلار،
بۇزدۇرامدۇق ياراتقان زاتنىڭ ئۆيىنى؟
ئۇ پاناھسىز قالغان ھەقنىڭ قورغىنى،
ئۇ بىر قەلئە، لېكىن يوقتۇر ئەسكىرى.
نە ئەتىر، نە ئەنبەر خۇشپۇراق بەرسۇن،
مىلتىق دورىسى بېرەر ھېدىنى.
ناماز ئوقار يېنىدىكى ئاتەش ئۈستىدە،
مۇسۇلمانلار ئاچالمايدۇ ئۇيقۇسىنى.
ئۇخلىيالامدۇ قۇلاققا ئۇرۇۋاتسا،
بىر ئاۋاز، تىترىتىپ تاغ چوققىسىنى.
ئۆيىگە ئوت كەتسە كىم ئۇخلىيالايدۇ؟
ياندۇرغاندا قىزارتىپ چۆل قۇملىرىنى.
لەببەيكە لەببەيكە
كەلدىم رەببىم، سەندىن ئەپۇ تىلەپ كەلدىم،
يالۋۇرغان موھتاج رەت قىلىنامدۇ؟
مەن كەلدىم، ئۈستۈمگە ئەپۇدىن تۆككىن،
ئارزۇيۇم، ئۈمىدىمدۇر پەقەت سەندىكى ئەپۇ.
مەن كەلدىم رەببىم، ئۈممەت چېچىلدى،
يىغالىسۇن سەندىن ئۆزگە يەنە كىممۇ؟
قايتىپ كېلىڭلار
ئەڭ ياخشى قايتىشتۇر بۇ، قايتىڭلار،
قەدىمكى يولنى ئەسلەپ، قايتىڭلار،
قايتا كەلسۇن ئەجداد شانى، بەدردىكى سەپ.
قايتىپ كەلسۇن سالاھىددىن، ھېتتىن كۈنىدىكى شەرەف.
ۋاپاتى
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي 1999 – يىلى 18 – ئىيۇن جۈمە كۈنى كەچتە جىددەدىكى پادىشاھ فەھد دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولدى، جىنازە نامىزى مەككەدىكى ھەرەم مەسجىدىدە ئوقۇلدى ۋە مەككە مۇكەررەمەگە دەپنە قىلىندى. شۇ چاغدا ئۇ 93 ياشتا ئىدى.
ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر، سالىھلەر بىلەن بىللە كەڭرى جەننەتلەرگە جايلاشتۇرغاي، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار! ئاخىرىدا، بارلىق ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
مەنبە: ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة (ھازىرقى زامان ئىسلام دەۋىتى ۋە ھەرىكىتى سەرخىللىرىدىن)».
تەرجىمىدە: يۇسرا
1. ئىبنۇلجەۋزىينىڭ كىتابى بولۇپ، شەيخ تەنتاۋىي نەشرگە تەييارلىغان.
2. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى.

