(ھ. 1332 – 1419 / م. 1914 – 1999)
ھەسەن بەننا مۇھيىددىن
ئىسلام ئالىمى ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ئەرەب ئەللىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسمىگەن بولسىمۇ، ئەرەبچە سۆزلەيتتى، ئەرەبچە يازاتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەرەب ۋە ئەرەب ئەمەسلەر ئاڭلايتتى. تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغانلىقى، خۇداگۇيلۇقى ۋە سەمىمىي ئىمانى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقنى ئاساس قىلغان دەۋىتى كىشىلەرگە تەسىر قىلاتتى. شەيخ قەرەداۋىي ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «شەيخ نەدۋىي ئاللاھ بۇ ئۈممەتنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۈممەتكە چىن ئىمانىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ۋە ئۈممەتنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن مەشھۇر ئەربابلارنىڭ بىرى ئىدى».
نام – نەسەبى
تولۇق ئىسمى ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇلھەي ئىبنى فەخرىددىن ئىبنى ئابدۇلئەلى نەدۋىي بولۇپ، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ نەسەبى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ھەسەنىي مۇسەننا ئىبنى ئىمام ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا تۇتىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ جەمەتى «ھەسەنىيە جەمەتى» دەپ مەشھۇر بولغان.
ئۆسۈپ يېتىلىشى
شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي م. 1914 – يىلى، ھ. 1332 – يىلى ھىندىستاننىڭ رايبورىلى ئۆلكىسىگە تەۋە، لەكنۇدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەكىييە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بىر ئېسىل ئەرەب ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يىلتىزى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا تۇتىشىدۇ.
ئۇنىڭ دادىسى ھىندىستاننىڭ ئەللامىسى ۋە تارىخچىسى ئىدى. دادىسى ئابدۇلھەي ئىبنى فەخرىددىن ھەسەنىي ئەپەندىم ھىندىستان ئۆلىمالىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى ھەققىدە يېزىلغان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر» (كېيىنچە، «الإعلام بمن في تاريخ الهند من الأعلام» دېگەن نامدا سەككىز توملۇق قىلىنىپ بېسىلغان) دېگەن كىتابنىڭ، «الهند فى العهد الاسلامي»، «الثقافة الاسلامية فى الهند» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۇنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئەمىر قۇتبىددىن مۇھەممەد مەدەنىي (ھ. 581 – 677) ھ. 7 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، موڭغۇللار باستۇرۇپ كىرگەن كۈنلەردە بىر بۆلۈك قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە باغداد ۋە غەزنە ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇنجى بولۇپ كەلگەن. ئەبۇلھەسەن نەدۋىي 10 يېشىدا دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. دادىسىدىن كېيىن ئانىسى ۋە ئاكىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولغان. ئانىسى ئېسىل نەسەبلىك سالىھە ئايال بولۇپ، شائىر ۋە ئابىد، قارىي ۋە يازغۇچى ئىدى.
شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي م. 1934 – يىلى توي قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرزەنت ئاتا قىلمىغان.
ئىلمىي ھاياتى
ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھ. 1342 / م. 1924 – يىلى شەيخ خەلىل ئىبنى مۇھەممەد يەمانىينىڭ قولىدا ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغان، شۇنداقلا ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشتە ئىككى تاغىسى شەيخ ئەزىزۇررەھمان ۋە شەيخ مۇھەممەد تەلھەدىن پايدىلانغان. ئۇ 1927 – يىلى ھىندىستاندىكى لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ شۇ چاغدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەڭ كىچىك ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 1929 – يىلى ئۆلىمالار كېڭىشىگە تەۋە دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ يەردە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش بىلەن بىرگە، ئوردۇ تىلىنىمۇ ئۆگەنگەن ھەم ئوردۇ ئەدەبىياتىدا كەڭ مەلۇماتقا ئىگە بولغان.
شەيخ نەدۋىي ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشتە يەنە، ئەرەب ئەللىرىدە چىقىدىغان، ئەرەب ئەللىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئالىم – ئەدىبلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنى يېقىندىن تونۇشتۇرىدىغان ئەرەبچە گېزىت – ژۇرناللاردىن پايدىلانغان. مەزكۇر گېزىت – ژۇرناللار ئۇنىڭ ئاكىسىغا ياكى دارىلئۇلۇمغا كېلىپ تۇراتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ 1932 – يىلى دىيۇبەنددىكى دارىلئۇلۇمدا ئەللامە مۇجاھىد ھۇسەين ئەھمەد مەدەنىينىڭ يېنىدا بىرنەچچە ئاي تۇرغان ۋە ئۇنىڭ «سەھىھۇل بۇخارىي»، «سۇنەن تىرمىزىي» دەرسلىرىگە قاتناشقان ھەمدە تەفسىر ۋە «قۇرئان» بىلىملىرى جەھەتتىمۇ ئۇنىڭدىن دەرس ئالغان. ئۇ يەنە فەقىھ ۋە ئەدىب، شەيخ ئىئزاز ئەلىدىن فىقھىدىن، ئەسغەر ئەلىدىن ھەفس رىۋايەتى بويىچە تەجۋىدتىن دەرس ئالغان.
شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي تەفسىر، ھەدىس، ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئىگىلىگەندىن سىرت، 1937 – يىلىدىن باشلاپ مۇتالىئە ۋە ئىزدىنىشلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھازىرقى زامان ئەرەب دەۋەتچىلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى، غەربنىڭ ئىلغار شەخسلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلارنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلانغان.
ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر
نەدۋىي ئۆز ھاياتىدا تەبلىغ ۋە دەۋەت جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شەيخ مۇھەممەد ئىلياس كاندىھلى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام شەھىد ھەسەن بەننا، شۇنداقلا يەنە شائىر ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد ئىقبال، خۇداگۇي شەيخ ئابدۇلقادىر رائىيبۇرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئالىملارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھالىرى
ئۇ توغرۇلۇق دوكتور مۇستافا سىبائىي مۇنداق دېگەن: «نەدۋىي ئىسلام ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ بايلىقىدۇر. ئۇنىڭ كىتاب – ئەسەرلىرى ئىلمىي جەھەتتىن ئىنچىكىلىكى، شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە چوڭقۇر شۇڭغۇغانلىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ».
ئىسلام مۇتەپەككۇرى شەھىد سەييىد قۇتۇب مۇنداق دېگەن: «نەدۋىي مەن ئوبرازى ۋە قەلىمى ئارقىلىق تونۇغان بىر كىشىدۇر. مەن ئۇنىڭدىن ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى، ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئەقلىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭدىن ئىسلامنى ياخشى چۈشىنىپ، ئىسلام بىلەن ۋە ئىسلام ئۈچۈن ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ سىماسىنى كۆردۈم. بۇ، مەن بەرگەن لىللا گۇۋاھلىقتۇر».
شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز مۇنداق دېگەن: «نەدۋىي – يېتۈك ئەللامىدۇر».
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىسلامغا ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان تۇيغۇن قەلبلەرلا خىزمەت قىلالايدۇ. ئەمما، كور، بىخۇد قەلبلەر بولسا، ئىسلامدا ئۇلارغا ئورۇن يوق. شەيخ نەدۋىينىڭ رىسالەلىرىدىن يېڭى بىر تىلنى، يېڭى بىر روھنى، بىز نەزەر تاشلىمىغان يېڭى تەرەپلەرگە نەزەر تاشلىغانلىقىنى بايقىدۇق».
ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى
م. 1980 – يىلى ئىسلامغا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن، خەلقئارالىق شاھ فەيسەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھ. 1419 – يىلى رامازاندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىفەلىكى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىسلامىي ئوبراز مۇكاپاتى» بېرىلگەن، شۇنداقلا ئىسلام مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (isesco) ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىلمىي تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە ئىسلام – ئەرەب مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ خىزمەتلىرىنى ئالقىشلاش ئۈچۈن، ھ. 1421 – يىلى شەئباننىڭ 25 – كۈنى ماراكەش پايتەختى رەباتتا ئۇنىڭغا بىرىنچى دەرىجىلىك ئايسىسكو ئوردېنى بەرگەن.
مۇھىم ئەسەرلىرى
ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە قىلغانلىرى بولۇپ ھەممىسى 700 پارچىغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن 177 پارچىسى ئەرەبچە بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە، تۈركچە، بىنگالچە، ھىندىنوزىيەچە قاتارلىق نۇرغۇن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «ماذا خسر العالم بانحطاط المسلمين»(1)، «مذكرات سائح فى الشرق العربي»، «ربانية لا رهبانية»، «المد والجزر في تاريخ الإسلام»، «المسلمون فى الهند»، «رجال الفكر والدعوة فى الإسلام» قاتارلىقلار بار.
زاهىدلىقى
شەيخ نەدۋىي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى رەت قىلاتتى. ھالبۇكى، ئۇ مۇكاپاتلار شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار قوبۇل قىلاتتى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىنى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن تەقدىم قىلىشقا قەسەم ئىچكەنىدى.
ھېكايە قىلىنىشىچە، دەۋەتچى ۋە فەقىھ دوكتور مۇستافا سىبائىينىڭ مۇدىرلىق دەۋرىدە، دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتىنىڭ زىيارەتچى ئۇستازلىقىغا تەكلىپ قىلىنغاندا، نۇرغۇن مول مەزمۇنلۇق لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنى تەييارلاشتا كۆز يۇمغۇسىز مېھنەتلەرنى قىلغان ئىدى. ئۇشبۇ لېكسىيەلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولغانىدى. لېكسىيەلىرىنىڭ تېمىسى: «يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار» ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لېكسىيەلەر «رجال الفكر والدعوة فى الإسلام (ئىسلامىيەتتىكى پىكىر ۋە دەۋەت سەرخىللىرى)» نامىدا كىتاب قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئادىتى بويىچە ھەممە زىيارەتچى ئۇستازلارغا مۇكاپات تەييارلانغاندەك، ئۇنىڭغىمۇ مۇكاپات تەييارلانغان ئىدى. شۇ پەيتتە ئۇشتۇمتۇت بىر ئىش بولدى، شەيخ نەدۋىي سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىگە مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلدى. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەكتەپ ھەيئىتى ۋە مالىيە مەسئۇللىرى ھېچبىر چارە تاپالمىغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا شەيخ ئۆزى ئۇنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىۋەتكەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا مىساللارمۇ كۆپ.
ۋاپاتى
شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھ. 1419 / م. 1999 – يىلى مۇبارەك رامازان ئېيىنىڭ جۈمە كۈنىسى، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى رايبورىلى ئۆلكىسىدىكى ئۆزىنىڭ تەكىييە يېزىسى مەسجىدىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقاندا ۋاپات تاپتى. شۇ كۈن كەچقۇرۇن تۇغقانلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن، شۇنداقلا جىھاد ۋە دەۋەتكە تولغان 86 يىللىق ھاياتى داۋامىدا مۇناسىۋەت باغلىغان ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن، شۇ يېزىدىكى جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ھىندىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كەينى – كەينىدىن تەزىيەلەر كەلدى، يەنە تۈرلۈك جايلاردا ئۇنىڭغا غائىب نامازلىرى ئوقۇلدى.
مەنبە: http: //islamstory.com/ar/
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. بۇ كىتابى «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى» نامىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

