ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بۇ يىل ھەج قىلغان ئىدىم. ھەجدىن كېيىن يېقىندا مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلگەن ئىدىم. مەككەدىن مەدىنەگە ماڭغاندا، «مەدىنەدىن قايتىشىمدا ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىمەن» دەپ نىيەت قىلمىغان ئىدىم. بۇ ئەھۋالدا مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى باشتا نىيەت قىلمىغاندىكىن ئىھرام باغلىماي ماڭساممۇ بولۇۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆمرە نىيىتىنى مەككەدىن مەدىنەگە قايتىشتا ئەمەس، مەدىنەدىن مەككەگە مېڭىشتا زۇلھۇلەيفەدىن (ياكى قولاي بولمىسا مەدىنەنىڭ ئۆزىدىن) مېڭىشتا قىلىسىز ۋە ئىھرام كىيىمىنى كىيىپ ئىھراملىق ھالەتكە ئۆتۈپ مەككەگە بېرىپ ئۆمرە قىلىسىز. بۇرۇنقى نىيەت قىلمىغانلىق كېيىن ئۆمرەنى نىيەت قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالمايدۇ.
