2 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بىر ئايال، ئۈچ بالام بار يولدىشىم قەرزدار. ئائىلە قىينچىلىقىمىز بار. شۇڭا دەرنەكلەردىن ياردەم ئالىمەن. دەرنەكلەردىن نەق پۇل بەرمەيدۇ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ. بەزىدە ئارتۇق ئۇن، ياغ، گۈرۈچنى سېتىپ ئىشلەتتىم. لېكىن، بەرگەنلەر: «ساتماڭلار» دەيدىكەن. ھاجىتىمدىن ئارتۇقىنى سېتىپ ئىشلىتىشىم گۇناھمۇ؟ ھارام يېگەن بولىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ھارام بولۇپ قالسا، ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلىسىنى ھېسابلاپ بېرىۋىتەي ھەم ئۇلۇغ رامازاندا قىلمىشىمغا تەۋبە قىلاي. ئەگەر ماڭا بېرىپ بولغان نەرسىنى ئەھۋالغا قارىتا قانداق تەسەررۇپ قىلىشىم ئۆزۈمنىڭ ھەققى بولسا، بۇنىڭغا قارىتا بىر چۈشەنچە بەرسىلە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دەرنەكلەر تارقاتقان ئۇن – ياغلار زاكات بولۇشىمۇ، سەدىقە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زاكات بولسا، سىز ئۇنى ئالغاندىن كېيىن قانداق تەسەررۇپ قىلىش ئىختىيارىڭىز بولاتتى. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مۈلكىڭىزگە ئايلاندى. سەدىقە بولسا، بەرگۈچى بېكىتكەن شەرتكە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك بولاتتى. ئەمدى ئۇ ياردەمنىڭ زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكتىن، قىلغىنىڭىز ئېھتىماللىق دائىرەدە قېلىپ شۈبھىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئۆتۈپ كەتكىنىگە سالاۋات، بۇندىن كېيىن شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ