Jennet

جەننەت

جەننەت — ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن، ئەمەل قىلغۇچىلار ئەمەل قىلىدىغان ۋە مۇئمىنلەر بىر – بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان ئەڭ قىممەتلىك ئارزۇدۇر. ئۇ ئاشىقلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئىشقىدۇر. بۇ جەننەتكە يېتىش ئۈچۈن تەقۋادارلار كېچىلەرنى بىدار ئۆتكۈزىدۇ ۋە دىن يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ. ئۇ تەقۋادارلارنىڭ، شۇھەدائنىڭ ۋە سالىھلەرنىڭ ئاخىر قايتىدىغان جايىدۇر. ئۇ نۇر ۋە رەيھان ۋە تاتلىق مېۋىلەردۇر. ئۇ جەننەتتە بەندىلەر نېئمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلار يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ، لېكىن تەرەت قىلمايدۇ. خۇش پۇراق ئىشلىتىدۇ، مىشقىرمايدۇ. كۈلىدۇ، يىغلىمايدۇ. مۇقىم تۇرىدۇ، سەپەر قىلمايدۇ. داۋاملىق ياشايدۇ، ئۆلمەيدۇ. ئۇ جەننەتتە يۈزلەر كۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە خۇشاللىق يېغىپ تۇرىدۇ.

ئۇنداقتا جەننەت قانداق جاي؟

ئۇنىڭ سۈپەتلىرى قانداق؟

جەننەت ئەھلى كىملەر؟

جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللار قايسىلار؟

جەننەتنىڭ ئىسىملىرى
جەننەت — پۈتۈن بالا – قازا ۋە ئاپەتلەردىن خالىي بولغان تىنچلىق دىيارىدۇر.

جەننەت — ئۇنىڭدا جەننەت ئەھلى ئۆلمەيدىغان ۋە قېرىپ كەتمەيدىغان مەڭگۈلۈك دىياردۇر.

جەننەت — ئۇنىڭدا جەننەت ئەھلى يۆتكەلمەيدىغان ۋە زېرىكمەيدىغان مۇقىم دىياردۇر.

جەننەت — مۇئمىنلەر نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەردىن كېيىن پاناھلىنىدىغان پاناھگاھتۇر.

ئۇ ئەدن جەننەتلىرىدۇر، ئۇ ھەقىقىي ھاياتلىق دىيارىدۇر، ئۇ پىردەۋس جەننەتلىرىدۇر، ئۇ نەئىم جەننەتلىرىدۇر، ئەمىن يۇرتتۇر ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك يۇرتتۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ﴾(54/«قەمەر»: 54، 55).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ھېچبىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم› دېگەن». ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «ئەگەر خاھلىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 17)»(1).

ئۇنداقتا جەننەتنىڭ ئىسىملىرى قايسىلار؟

جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ تۇنجىسى كىم؟ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى قانداق؟

جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى كىم؟

جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەرتىبىدىكىسى ۋە ئەڭ ئالىي مەرتىبىدىكىسى كىم؟

جەننەتنىڭ بازارلىرى نېمە؟

جەننەت ئەھلىنىڭ پەرۋەردىگارىنى زىيارەت قىلىشى ۋە جەننەتتە مەڭگۈ قالىدىغانلىقى

كىمكى جەننەتكە كىرسە، دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇيدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئەڭ باياشاتچىلىقتا ياشىغان، ئەمما دوزىخىي بولغان بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا چۆكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا:

— ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن ياخشى ياشىغانمۇ؟ نازۇ – نېئمەتلەرنى كۆرگەنمۇ؟ — دېيىلىدۇ. ئۇ ئادەم:

— ياق، رەببىم! سەن بىلەن قەسەمكى، ھېچقاچان ياخشى ياشاپ باقمىغان، — دەيدۇ. دۇنيادا ئەڭ جاپا – مۇشەققەتتە ياشىغان، ئەمما جەننىتىي بولغان بىر كىشى كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا:

— ئى ئادەم بالىسى! سەن بۇرۇن قاتتىقچىلىق، جاپا – مۇشەققەت تارتقانمۇ؟ بېشىڭدىن قاتتىقچىلىق ئۆتكەنمۇ؟ — دېيىلىدۇ. ئۇ:

— ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن قىيىنچىلىق تارتىپ باقمىدىم، مەن قاتتىقچىلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزمىدىم، — دەيدۇ»(2).

ئەسھابلەر جەننەتكە ئىشتىياق باغلايتتى ۋە جەننەتكە كىرسە، كىرگەندىن كېيىنكى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپەككۇر قىلاتتى. بىرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! جەننەتتە ئات بارمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئەگەر ئاللاھ سېنى جەننەتكە كىرگۈزسە، سەن قىزىل ياقۇتتىن بولغان بىر ئاتقا مىندۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خاھلىغان يېرىڭگە ئۇچىسەن، — دېدى. يەنە بىر ئادەم كېلىپ سوراپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! جەننەتتە تۆگە بارمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئەگەر ئاللاھ سېنى جەننەتكە كىرگۈزسە، جەننەتتە سەن ئۈچۈن كۆڭلۈڭ تارتقان ۋە كۆزۈڭ ھۇزۇرلىنىلىدىغان نەرسىلەر بولىدۇ، — دېدى»(3).

يەنە بىر كۈنى بىر ئەئرابىي نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ھەقىقەتەن، مەن ئاتنى ياقتۇرىمەن، جەننەتتە ئات بارمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئەگەر جەننەتكە كىرگۈزۈلسەڭ، ساڭا ئىككى قاناتلىق بىر ياقۇت ئات كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا مىندۈرۈلىسەن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن خاھلىغان يېرىڭگە ئۇچىسەن، — دېدى(4).

دۇئا

ئى ئاللاھ! بىز سەندىن جەننەتنى سورايمىز. ساڭا سىغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەيمىز.

جەننەتكە قىزىقتۇرۇش
بىر ئادەمنىڭ نەپسى بىرنەرسىگە قانچە قىزىقىپ، ئىشتىياق باغلىسا، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە جەننەتنى سۈپەتلەپ چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى بۇ گۈزەل ماكانغا چاقىردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

بىر كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھابلىرىگە مۇنداق دېدى:

— راستچىللىق بىلەن جەننەت ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بىرەركىم يوقمۇ؟ چۈنكى، جەننەت بىنەزىر جايدۇر. كەئبەنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئالىي، ئاپەتلەردىن سالامەت ۋە گۈزەل دىياركى، شادلىق، كۆركەملىك ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتىكى چاقناپ تۇرغان نۇردۇر، لەرزان لىڭشىيدىغان كۆكلەمدۇر، بەھەيۋەت سارايلاردۇر، ئېقىن ئۆستەڭلەردۇر، پىشقان ساناقسىز مېۋىلەردۇر، ساھىبجامال جۈپتۇر ۋە نۇرغۇن قۇر كىيىمدۇر. ئەسھابلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىز جەننەت ئۈچۈن راستچىللىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلارمىز، — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ‹ئاللاھ خاھلىسا› دەڭلار، — دېدى، ئاندىن جىھادنى زىكىر قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇردى(5).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ جەننەتنى سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلىغانلىقى ۋە زىننەتلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ھېچبىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم› دېگەن». ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «ئەگەر خاھلىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 17)»(6).

ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن – كۆرپىلىرىدىن يىراق بولىدۇ

ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلى جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغانلىقى ۋە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر سورۇنىدا بولدۇم. ئۇ زات سورۇن ئاخىرلاشقانغا قەدەر جەننەتنى سۈپەتلىدى. ئاخىرىدا: ‹جەننەتتە ھېچبىر كۆز كۆرمىگەن، ھېچبىر قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ھېچبىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىپ باقمىغان نەرسىلەر بار› دېدى. ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن – كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 16، 17)(7).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتتىكى ئەڭ كىچىك بىرنەرسىنىڭمۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن چوڭراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئەگەر جەننەتتىكى تىرناق كۆتۈرەلىگۈدەك بىرنەرسە (دۇنيادىكىلەرگە) كۆرۈنسە ئىدى، ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىسى گۈزەللىككە پۈركەنگەن بولاتتى. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى (دۇنيادىكىلەرگە) قاراپ ئۇنىڭ بىلەيزۈكلىرى كۆرۈنسە ئىدى، خۇددى قۇياش يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈپ قويغاندەك، بىلەيزۈكلىرىنىڭ نۇرى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈپ قويغان بولاتتى»(8).

مۇئمىنلەر نىجات تاپتى

جەننەتنى ئاللاھ تائالا داۋاملىق بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلاپ ۋە زىننەتلەپ تۇرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ئاللاھ تائالا ئەدن جەننىتىنى ئۆز قولى بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭدا مېۋىلىرىنى ساڭگىلاتتى ۋە ئۆستەڭلىرىنى ئاقتۇردى. ئاندىن ئۇنىڭغا قاراپ:

— سۆزلىگىن، — دېگەنىدى، ئۇ:

— مۇئمىنلەر نىجات تاپتى، — دېدى. ئاللاھ ئېيتتى:

— ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، سەندە بېخىل كىشى ماڭا يېقىن تۇرالمايدۇ، — دېدى»(9).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئېيتىدۇ: «ھەقىقەتەن، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ياسىنىڭ مىقدارىچىلىك، ياكى قامچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىچىلىك جەننەتتىكى ئورنى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ناۋادا جەننەت ئەھلىدىن بىر ئايال زېمىن ئەھلىگە قارايدىغان بولسا، ئەلبەتتە ئىككىسىنىڭ (جەننەت بىلەن زېمىننىڭ) ئارىلىقىنى يورۇتۇۋەتكەن، ئەلبەتتە ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى خۇشپۇراققا توشقۇزۇۋەتكەن بولاتتى. ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ رومىلىمۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر»(10).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «جەننەتتىكى نەرسىلەر دۇنيادىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئىسىمدىلا ئوخشايدۇ» دېگەن(11).

بۇ جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدۇر. جەننەتتە مېۋىلەر دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئىسىملىرىدا ئوخشاشتۇر، مەسىلەن جەننەتتىمۇ ئەنجۈر، ئۈزۈم… قاتارلىقلار بار. لېكىن، بۇ مېۋىلەر جەننەتتە كۆرۈنۈشى بەك گۈزەل، بەك سىلىق، بەك تەملىك، ئېلىش بەك ئاسان ۋە بەك يېيىشلىك بولغان مېۋىلەردۇر.

ئىشتىياق

جەننەتكە ئىشتىياقى بارلار بارمۇ؟ بۇ سۆزنى ئاڭلىغان مۇئمىن تىرىشىپ ئەمەل قىلىدۇ.

جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللار
تەقۋادارلار جەننەت ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا، تائەت – ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشقا ھېرىسمەن كىشىلەردۇر. ئىبادەت بولسا بەندىلەرگە قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەكلىپتۇر. ئەگەر بەندىنىڭ ئىمانى كۈچلۈك بولسا، نەپسىنىڭ شەھۋىتىدىن غالىب كېلىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى چوڭ بىلىدۇ، تائەت – ئىبادەتلەرنى بىجانىدىل ئورۇندايدۇ ۋە ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.

بەندىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللار كۆپ بولۇپ، ئايەت – ھەدىسلەردە بۇ يوللار بايان قىلىنغان.

ئۇنداقتا بۇ يوللار قايسىلار؟

بۇ يوللارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى؟

كىشىلەرنى بۇ يوللارغا قانداق دەۋەت قىلىمىز؟

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جەننەت نەپس ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن ، دوزاخ ھاۋايى – ھەۋەس بىلەن ئورالغان» دېگەن(12).

مۇئمىن ئادەم ئۆز نەپسىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىدىن غالىب كېلىپ، پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ئىشلارنى ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان كۆپ يوللارنى زىكىر قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى زىكىر قىلىمىز:

1) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش

جىھاد قىلىش ئىسلامنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسى ۋە ئەنبىيائلەرنىڭ سۈننىتىدۇر. كىمكى جىھاد قىلماي ۋە كۆڭلىدە جىھاد قىلىشنى ئويلىماي ئۆلۈپ كەتسە، نىفاقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 216).

ئاللاھ تائالا جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا چىققان ئادەمگە كېپىل بولدى، ئۇ كىشى پەقەت مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتقانلىقى، ئەنبىيائلىرىمگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا چىقتى. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى چىققان ئۆيىگە ئەجىر ۋە غەنىيمەتكە ئېرىشكەن ھالىتىدە قايتۇرۇشقا ئۇ كىشىگە مەن كېپىلمەن، مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ يولىدا يارىلانغان ھەربىر يارا قىيامەت كۈنى يارىلانغان چاغدىكى ھالىتىدە رەڭگى قاننىڭ رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپارنىڭ پۇرىقىدا كېلىدۇ. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەﺭﺩﻩ ئۈممىتىمگە مۈشكۈﻝ بولۇشىنى ﺩېمىسەﻡ، ئاللاھ يولىدا ئاتلانغاﻥ ھەﺭقاندﺍﻕ قوشۇندىن قېلىپ قالمىغاﻥ بوﻻتتىم. لېكىن ئۇلارنى جابدۇش ئىمكانىيىتىم يوق، ئۇلارنىڭمۇ ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقا، مەن ئاتلانسام، ئۇلارغا مەن بىلەن بىللە چىقماسلىق ئېغىر كېلىدۇ. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەﻥ مەﻥ ئاللاھ يولىدﺍ ئۆلتۈﺭﯛلۈﭖ، ئاندىن يەنە تىرىلدﯛﺭﯛلۈﭖ، ئاندىن يەنە ئۆلتۈﺭﯛلۈﭖ، ئاندىن يەنە تىرىلدﯛﺭﯛلۈﭖ، ئاندىن يەنە ئۆلتۈﺭﯛلسەمكەﻥ ﺩﻩﭖ ئاﺭﺯﯗ قىلىپ قالدىم»(13).

2) مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇش

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قىلغان رەھمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىناپ بالا – قازا بەرسە، بۇ بالا – قازانى ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىنىڭ يولى قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇئمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي تۇرۇپ)، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟﴾(3/«ئال ئىمران»: 142)

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ بەدىنىگە ۋە مېلىغا داۋاملىق بالا – قازا يېتىپ تۇرىدۇ، ئاخىرىدا، ئۇ ئاللاھ بىلەن ھېچقانداق گۇناھى يوق ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ» دېگەن(14).

دېمەك، كىمكى كېسەللىك، پېقىرلىق، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، تۈرمىگە كىرىپ قېلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرىگە سەۋر قىلسا، بۇ مۇسىبەتلەر ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا كەففارەت بولىدۇ ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىدۇ.

3) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش

بۇ ئىنساننىڭ نەپسىگە ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىبادەتتۇر، بەزىدە بۇ ئىبادەتنى قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئەزىيەت يېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا لوقماننىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر﴾(31/«لۇقمان»: 17).

4) باشقا جىمى ئىبادەتلەرنى بىجانىدىل ئورۇنداش

ئاللاھقا كەمتەرلىك بىلەن قۇلچىلىق قىلمايدىغان ئادەم ئىسلام دىنى بىزنى بۇيرۇغان ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەجگە ئوخشاش ئىبادەتلەرنىڭ بەندىگە بىرئاز مۇشەققەت كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، لېكىن بۇ كاتتا ئەجىر بېرىلىدىغان ئىبادەتلەردۇر. بەندىنىڭ ئىمانى قانچە كۈچلەنگەنسىرى، ئۇ بۇ ئىبادەتلەردىن شۇنچە ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ.

ناماز ئىمانى ئاجىز ئادەملەرگە ئېغىر كېلىدىغان ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 45).

زاكات بېخىل ئادەملەرگە ئېغىر كېلىدىغان ئىبادەتتۇر. ھەج ھۇرۇن ئادەملەرگە ئېغىر كېلىدىغان ئىبادەتتۇر. قاچانىكى، بەندە ئىبادەتكە بەك ئالدىرايدىغان، ئۇنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىدىغان بولسا، ئۇ جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا شۇنچە تېز يېتىدۇ. بەندە قاچانىكى، ئىبادەتلەرگە سەل قارايدىغان، ھۇرۇن ۋە بوشاڭ بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئازابقا شۇنچە يېقىن بولۇپ قالىدۇ.

ئومۇمەن ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ رازىلىقى (جەننەت نېئمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر﴾(9/«تەۋبە»: 72).

رەھمەت

ئاللاھ تائالا جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈرلۈك قىلغان.

جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان كىشى
جەننەت ئەھلى شەرەپ ۋە كارامەت ئەھلىدۇر. كىمكى جەننەتكە كىرىپ، مېھرىبان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشسە، نىجات تاپقان بولىدۇ. قاچانىكى بەندە جەننەتكە قانچە ئالدىرىسا، ئۇ شۇنچە ئەزىز بولىدۇ.

ئۇنداقتا جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغانلار كىملەر؟

جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغان ئۈممەت قايسى؟

كەمبەغەللەر ۋە بايلارنىڭ قايسىسى جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدۇ؟

جەننەتكە ئالدىراش مۇئمىنلەرنىڭ يولى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ غايىسىدۇر.

تۇنجى بولۇپ جەننەتكە كىرگۈچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ھەقىقەتەن، ئۇ زاتنىڭ جەننەتكە ھەممىدىن بۇرۇن كىرىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ بۇ زاتنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ زات جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدىغان تۇنجى ئىنساندۇر. ئۇ زات: «مەن قىيامەت كۈنى ئەنبىيائلەرنىڭ ئىچىدە ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغۇچىدۇرمەن، مەن جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى چەككۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىمەن» دېگەن(15). يەنە دېگەنكى: «مەن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ، ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتە:

— سەن كىم؟ — دەيدۇ. مەن:

— مەن مۇھەممەد، — دەيمەن. پەرىشتە:

— ساڭا ئېچىشقا بۇيرۇلدۇم، سەندىن ئىلگىرى ھېچبىرىگە ئېچىپ باقمىغان ئىدىم، — دەيدۇ»(16).

جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغان ئۈممەت بىزنىڭ ئۈممىتىمىزدۇر

بۇنداق بولۇشى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەتتۇر، بۇ ئۈممەت جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىدۇر ۋە قىيامەت كۈنى باشقا ئۈممەتلەر ئۈستىدىن گۇۋاھچىدۇر. بەلكى بۇ ئۈممەت يەنە قىيامەت كۈنى ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز (دۇنياغا) ئەڭ ئارقىدا كېلىپ، قىيامەت كۈنى ئەڭ ئالدىدا تۇرغۇچىلارمىز. بىز جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرگۈچىلەرمىز» دېگەن(17).

ئۈممىتىمىزدىن جەننەتكە ئەڭ باشتا كىرگۈچى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر

بۇنداق بولۇشى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەرەپلىك بولغانلىقى، يولباشچى بولغانلىقى، دىنغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە جېنىنى، مېلىنى، ھاياتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاتىغانلىقى، شۇنداقلا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنى كۆپ مەدھىيەلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غاردىكى ھەمراھىدۇر، يەنە ھاياتىدا ۋە ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ ئۇ زاتنىڭ ھەمراھى بولغاندۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— جىبرىل يېنىمغا كېلىپ، قولۇمنى تۇتتى ۋە ماڭا ئۈممىتىم كىرىدىغان جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى كۆرسەتتى، — دېگەنىدى، ئەبۇبەكرى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەنمۇ جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا قارىشىم ئۈچۈن، سىلى بىلەن بىللە بولغان بولسامچۇ! دەپ ئارزۇ قىلىپ قالدىم، — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئەمما، سەن ئى ئەبۇبەكرى! ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ تۇنجىسىسەن، — دېدى(18).

پېقىر مۇھاجىرلار ئەڭ بۇرۇن جەننەتكە كىرگۈچىلەردۇر

ئىسلام ئۈممىتى قىيامەت كۈنى ئەڭ بۇرۇن قايتا تىرىلىپ زېمىندىن قوپقۇچىلاردۇر ۋە مەھشەردە ئەڭ بۇرۇن ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىلگىرى بولغۇچىلاردۇر. شۇنداقلا ئەرشنىڭ سايىسىگە ئەڭ بۇرۇن كەلگۈچىلەردۇر. ئارىلىرىدا ئەڭ بۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىلغۇچىلاردۇر. پىلسىراتتىن ئەڭ بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر ۋە جەننەتكە ئەڭ بۇرۇن كىرگۈچىلەردۇر. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىدۇر. ئەسھابلەرنىڭمۇ ئەڭ كاتتىلىرى دىنغا ياردەم بېرىش ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى ئاتىغان، ئەھلىدىن ۋە يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان مۇھاجىرلاردۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەبەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېئمەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ئۇلارغا) كاتتا ساۋاب بار﴾(9/«تەۋبە»: 20 — 22)، ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېئمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ئەلبەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جايغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان نەرسىلەرنى) بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)﴾(22/«ھەج»: 58، 59).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغانلارنى بىلەمسىلەر؟ — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، — دېدى. ئۇ زات:

— ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن جەننەتكە تۇنجى بولۇپ كىرىدىغانلار پېقىر مۇھاجىرلاردۇركى، ئۇلار بىلەن چېگرالار قوغدىلىدۇ، يامانلىقلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىرى (مېلىنىڭ ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن) كۆڭلىدىكى نەرسىگە ئېرىشەلمەي ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ خاھلىغان پەرىشتىلىرىگە: ‹ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار ۋە ئۇلارغا سالام قىلىڭلار› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنىڭ ئاسمانلىرىڭنىڭ ئاھالىسى ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتلىرىڭنىڭ ياخشىلىرى تۇرساق، بىزنى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، سالام قىلىشىمىزغا بۇيرۇمسەن؟!› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ھەقىقەتەن، ئۇلار شۇنداق بەندىلەركى، ماڭا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلغان، ئۇلار بىلەن چېگرالار قوغدالغان، يامانلىقلارنىڭ ئالدى ئېلىنغان ئىدى ۋە ئۇلار كۆڭلىدىكى نەرسىگە ئېرىشەلمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى› دەيدۇ. بۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا ھەممە دەرۋازىلاردىن كىرىپ: ﴿‹سەۋرىنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!› دەيدۇ﴾(13/«رەئد»: 24)»(19).

دېمەك، ئۇلار جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان كىشىلەردۇر.

جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە خۇشال بولۇشىمىز ۋە قىزىقىشىمىز ئۈچۈن، جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان جامائەتنىڭ سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاللاھتىن بىزنى ئۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىنى سورايمىز.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەننەتكە كىرىدىغان تۇنجى جامائەتنىڭ سۈرىتى ئاي تولغان كېچىسىدىكى تولۇن ئاينىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ. ئۇلار جەننەتتە تۈكۈرۈشمەيدۇ، مىشقىرىشمايدۇ ۋە تەرەت قىلىشمايدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ قاچىسى ئالتۇندىن، تاغاقلىرى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتىن، ئىسرىقدانلىرىدىكى يېقىلغۇلىرى ئۇد ھىندى، تەرلىرى مۇشك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ) ھەربىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكى سىرتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىدىن (ھۆر پەرى) ئايالى بولىدۇ. ئەھلى جەننەت ئارىسىدا ئىختىلاپ، ئۆچ – ئاداۋەت دېگەن نەرسە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك بولىدۇ. ئۇلار ئەتىگەن – ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرۇشىدۇ»(20).

جەننەت ئەھلى يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاھارەت قىلمايدۇ؟

جەننەت ئەھلىنىڭ يېمەكلىرى مەنپەئەت، لەززەت ۋە مۆتىدىللىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ يېمەكلىرىگە ئوخشاش چىقىرىندىلار بولمايدۇ. بەلكى جەننەتنىڭ يېمەكلىرىدىن تەر پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ تەر ئۇلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئەڭ خۇش پۇراق ھالەتتە چىقىدۇ.

ئەھلى كىتابتىن بىرى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— ئى ئەبۇلقاسىم! ‹سەن جەننەت ئەھلى يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ› دەمسەن؟ — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— شۇنداق، ئۇلارنىڭ بىرىگە يېيىش، ئىچىش ۋە جىما قىلىشتا يۈز ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بېرىلىدۇ، — دېدى. ئۇ ئادەم:

— يېگەن ۋە ئىچكەن ئادەم ھاجەت قىلىدۇ، ھالبۇكى جەننەتتە ئەزىيەت (چىقىرىش) يوقتۇر، — دېگەنىدى، ئۇ زات:

— ئۇلارنىڭ ھاجىتى تەر بولىدۇ، بۇ تەر ئۇلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئىپارنىڭ پۇرىقىدەك چىقىدۇ. ئاندىن (يېگەن، ئىچكىنىنى ھەزىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن) قورسىقى كىچىكلەيدۇ، — دېدى»(21).

جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى

ئەمەللەرنى قىلىپ، جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرىدىغانلارنى ئاللاھ ھۆرمەتلىدى. ئۇلار: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى ئاتاپ، ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغان كىشى، پەرۋەردىگارىغا ياخشى ئىبادەت قىلغان ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغان قۇل ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا سەرپ قىلغان كىشىدۇر.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ماڭا ئەڭ ئاۋۋال جەننەتكە كىرىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئادەم كۆرسىتىلدى: شېھىد، پەرۋەردىگارىغا ياخشى ئىبادەت قىلغان، شۇنداقلا خوجايىنىغا سەمىمىي بولغان قۇل ۋە بالا – چاقىلىق، ئۆزى موھتاج تۇرۇپمۇ كىشىلەردىن نەرسە تىلىمەيدىغان كىشىدۇر»(22).

ئىززەتلەش

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنبىيائلەرنىڭ سەردارى ۋە تۈگەنچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، جەننەتكە كىرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا لايىق بولدى.

 

جەننەتكە ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغان كىشى
جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىشتە پەرقلىق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى باشتا، بىر قىسمى كېيىن كىرىدۇ. ئىلگىرىكى بابتا سۆزلىگىنىمىزدەك، جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال كىرگۈچى زات نەبىييىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.

ئۇنداقتا جەننەتكە ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغان ئادەم كىم؟

ئۇنىڭ ۋەقەلىكى نېمە؟

جەننەت خۇشاللىق ۋە نېئمەت دىيارى بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگەن كىشى دۇنيادىكى كېسىلىنى، مۇسىبىتىنى، پېقىرلىقىنى، تۈرمە ئازابىنى، سەتلىكىنى، ئۇچرىغان زۇلۇمنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە «مال – دۇنيا توپلاش، مەنسەپنى ئۆستۈرۈش، كېسەلنى ساقايتىش، تۈرمىدىن خالاس بولۇش، ئۆي – ئىمارەت سېلىش ۋە دۈشمەندىن قورقۇش» دېگەندەك غەم – قايغۇلار بولمايدۇ. شۇنداق، ئۇ يەردە غەم – قايغۇ ۋە قىيىنچىلىقلار بولمايدۇ، بەلكى خۇشاللىقلا بولىدۇ. ئەگەر سەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىدە دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن كىشى ھەققىدىكى خەبەرنى ئاڭلىساڭ، بىز بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسەن.

ئەڭ ئاخىرىدا جەننەتكە كىرىدىغان كىشىنىڭ ۋەقەلىكى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «ھەممىنىڭ ئاخىرىدا جەننەتكە كىرىدىغان كىشى گاھ مېڭىپ، گاھ پۇتلىشىپ، گاھ يۈزى دوزاخ ئوتىدا پۇچۇلىنىپ يۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قاراپ: ‹مېنى سەندىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئاللاھ ئىلگىرىكىلەردىن ۋە كېيىنكىلەردىن ھېچبىرىگە بەرمىگەن نېئمەتنى ماڭا بەردى› دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر دەرەخ كۆرسىتىلىدۇ، ئۇ: ‹ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدىۋالاي، بۇلىقىنىڭ سۈيىدىن ئىچىۋالاي› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر ساڭا ئۇنى بەرسەم، مەندىن يەنە باشقىسىنىمۇ سورارسەن؟› دەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹ياق سورىمايمەن، ئى رەببىم!› دەپ ئەھدە بېرىدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۇنىڭ سەۋر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ كىشى دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدايدۇ ۋە ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇ بەندىگە ئالدىنقىسىدىنمۇ گۈزەل بىر دەرەخ كۆرسىتىلىدۇ، ئۇ: ‹ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدىۋالاي، بۇلىقىنىڭ سۈيىدىن ئىچىۋالاي› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! سەن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىماسلىققا ئەھدە بەرمىگەنمىدىڭ! ئەگەر مەن سېنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرسام، ئۇنىڭدىنمۇ باشقىسىنى سورارسەن› دەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىماسلىققا ئەھدە ئالىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ سەۋر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ كىشى دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدايدۇ ۋە ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا ئاۋۋالقى ئىككى دەرەختىنمۇ گۈزەل بىر دەرەخ كۆرسىتىلىدۇ، ئۇ: ‹ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن ئۇنىڭ سايىسىدىن سايىدىۋالاي، بۇلىقىنىڭ سۈيىدىن ئىچىۋالاي› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! سەن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىماسلىققا ئەھدە بەرمىگەنمىدىڭ؟!› دەيدۇ. ئۇ: ‹شۇنداق، ئى رەببىم! مېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرغىن، مەن سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ سەۋر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى دەرەخكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇ دەرەخكە يېقىنلاشقان ۋاقتىدا، جەننەت ئەھلىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلايدۇ – دە: ‹ئى رەببىم! مېنى ئۇ يەرگە كىرگۈزگىن!› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئادەم بالىسى! ساڭا نېمە بەرسەم، رازى بولىسەن؟ ساڭا دۇنيانى ۋە دۇنيا بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بەرسەم، رازى بولامسەن› دەيدۇ. ئۇ: ‹ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟!› دەيدۇ.

بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئىبنى مەسئۇد كۈلدى ۋە: ‹مەندىن نېمە سەۋەبتىن كۈلگەنلىكىمنى سورىمامسىلەر؟› دېگەنىدى. ئۇلار: ‹نېمە سەۋەبتىن كۈلدۈڭ؟› دېدى. ئۇ دېدىكى: ‹نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇشۇنىڭدەك كۈلگەنىدى ۋە: ”مېنىڭ نېمە سەۋەبتىن كۈلگەنلىكىمنى سورىمامسىلەر؟“ دېگەنىدى. ئۇلار: ”نېمە سەۋەبتىن كۈلدىلە؟ ئى رەسۇلۇللاھ! “ دېگەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”ئۇ كىشى سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟ دېگەن ۋاقىتتا، رەببىمنىڭ كۈلىدىغانلىقىدىن كۈلدۈم“ دېگەنىدى›.

(رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى) ئاللاھ: ‹سېنى مەسخىرە قىلمايۋاتىمەن، لېكىن مەن خاھلىغان نەرسەمنى قىلىشقا قادىرمەن› دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹دۇنيا پادىشاھلىرىدىن بىر پادىشاھنىڭ مۈلكىچىلىك نەرسە بېرىلسە رازى بولامسەن؟› دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم! رازى بولىمەن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ: ‹ساڭا شۇنچىلىك بولسۇن، يەنە شۇنچىلىك بولسۇن، يەنە شۇنچىلىك بولسۇن، يەنە شۇنچىلىك بولسۇن› دەپ بەشىنچى قېتىمغا كەلگەندە، ئۇ كىشى: ‹پەرۋەردىگارىم! رازى بولدۇم› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹ساڭا بۇلار ۋە شۇنىڭدەك ئون باراۋەر كۆپ بولسۇن ۋە ساڭا كۆڭلۈڭ خاھلىغان، كۆزۈڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغانلىكى نەرسە بولسۇن› دەيدۇ. ئۇ: ‹رازى بولدۇم، ئى پەرۋەردىگارىم!› دەيدۇ»(23).

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە: ‹ئى بەندەم! سورىغىن› دەيدۇ. ئۇ بەندە: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى كىشىلەرنىڭ قاتارىغا قوشقىن› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹كىشىلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇلغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندە جەننەتتە ئىلدام ماڭىدۇ. ئاخىرى ئۇ كىشىلەر بار يەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭغا مەرۋايىتتىن بولغان بىر قەسىر كۆرۈنىدۇ. ئۇ بەندە سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندىگە: ‹بېشىڭنى كۆتۈرگىن، ساڭا نېمە بولدى؟› دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹مەن رەببىمنى كۆردۈم ياكى ماڭا رەببىم كۆرۈندى› دەيدۇ. ئۇ بەندىگە: ‹بېشىڭنى كۆتۈرگىن، ھەقىقەتەن ئۇ سېنىڭ مەنزىللىرىڭدىن بىرىدۇر› دېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇ بىر ئادەمگە ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇ ئادەمگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن تەمشىلىدۇ. ئۇ بەندىگە: ‹ساڭا نېمە بولدى؟› دېيىلىدۇ. ئۇ بەندە: ‹مەن سېنى پەرىشتىلەردىن بىرى دەپ ئويلاپ قالدىم› دەيدۇ. ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا: ‹ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ مۇئەككەللىرىڭدىن بىر مۇئەككەلدۇرمەن ۋە سېنىڭ قۇللىرىڭدىن بىر قۇلمەن› دەيدۇ. بۇ بەندە ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭغا بىر قەسىر ئېچىلىدۇ. بۇ ئىچى كاۋاك ياقۇتتىن بولغان قەسىر بولۇپ، ئۇنىڭ تورۇسلىرى، دەرۋازىلىرى، زەنجىرلىرى ۋە ئاچقۇچلىرىمۇ ياقۇتتىندۇر. بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر»(24).

جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكىسى

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھەققىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىدۇ: «… مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹ئى رەببىم! دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جەننەت ئەھلى كىم؟› دەپ سورىغانىدى، ئاللاھ: ‹ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى مەن خاھلىدىم، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت دەرىخىنى ئۆز قولۇم بىلەن تىكتىم. ئۇلارنى (نېئمەتلەرنى) باشقىلارنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن پېچەتلىۋەتتىم. ئۇ نېئمەتلەرنى ھېچقانداق كۆز كۆرگىنى يوق، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىغىنى يوق، ھېچقانداق ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچكىنى يوق› دەيدۇ»(25).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكىسى شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلاردا ۋە كارىۋاتلىرىدا مىڭ يىل ماڭىدۇ. ئۇ بۇ جايلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن يېرىنى كۆرگەندەك، ئەڭ يىراق يېرىنىمۇ كۆرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكىسى ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا پەرۋەردىگارىنى كۆرىدۇ»(26).

رەھمەت

پەرۋەردىگارىمىزنىڭ رەھمىتى ئازابىنىڭ ئالدىغا، ئەپۇسى غەزىپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەندۇر. تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئوچۇقتۇر. شۇڭلاشقا، قىيامەت كۈنى ئاسىي – گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆزرە يوقتۇر.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

ئۇ دۇنيا

(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

مۇھەممەد بارات

 


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3244)؛ مۇسلىم (2824).
2. مۇسلىم (2807).
3. ئەھمەد (22982). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.
4. تىرمىزىي (2544). ئالبانىي: («زەئىفۇتتىرمىزىي»، 2544) «زەئىف» دېگەن.
5. ئىبنى ماجە (4332). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3244)؛ مۇسلىم (2824).
7. مۇسلىم (2825).
8. تىرمىزىي (2538). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3396) «ھەسەن غەرىب» دېگەن.
9. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، (12555). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 2247) «زەئىف» دېگەن.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2796)؛ مۇسلىم (1880).
11. بەيھەقىي: «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر»، (322)؛ ئەبۇ نۇئەيم: «سىفەتۇلجەننەتى»، (119). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3769) «سەھىھ» دېگەن.
12. مۇسلىم (2822).
13. مۇسلىم (1876).
14. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (494). ئالبانىي: («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 380) «سەھىھ» دېگەن.
15. مۇسلىم (196).
16. مۇسلىم (197).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (876)؛ مۇسلىم (855).
18. ئەبۇ داۋۇد (4652). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 65) «زەئىف» دېگەن.
19. ئەھمەد (6650). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3183) «سەھىھ» دېگەن.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3245)؛ مۇسلىم (2834).
21. ئەھمەد (19288). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
22. تىرمىزىي (1642). ئالبانىي: («زەئىفۇتتەرغىب»، 495) «زەئىف» دېگەن.
23. مۇسلىم (187).
24. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (9647). ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3591) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
25. مۇسلىم (189).
26. تىرمىزىي (2553). ئالبانىي: («زەئىفۇتتىرمىزىي»، 2553) «زەئىف» دېگەن.