تاتار ئۆلىما، جاھانكەزدى دەۋەتچى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

تاتار ئۆلىما، جاھانكەزدى دەۋەتچى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

(ھ. 1273 – 1363 / م. 1857 – 1944)

مۇھەممەد پازىل قاراخانىي

 

بۇ ئالەمدە شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئاددىي بىر ئادەمنىڭ قىلالىشى تەس بولغان ئاجايىب باتۇرلۇق، قالتىس پىداكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدىن، ئۆزىڭىزنى رىۋايەت ياكى چۆچەك ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىسىز. سىز سابىت داموللام ھەزرەتلىرىنىڭ تارىخىنى ئوقۇسىڭىز، بۇ ئادەم بىر مۆجىزە ئىكەن دەپ قالىسىز. چۈنكى، داموللام تاجاۋۇزچى خىتاي كافىرلىرى بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا شۇنچە قىيىن شارائىتتا تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز جاسارىتى ۋە مۇقەددەس جىھادى بىلەن خىتاي ۋە ئورۇستەك دۇنياۋى زالىملارنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. دىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن غەيۇر داموللام شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت زۇلمەت باسقان تۇپراقتا يالقۇنجاپ، ئەتراپقا يورۇقلۇق چاچىدىغان بىر ئىستىقلال مەشئىلى يېقىش ئۈچۈن، جىھاد دەۋىتى بىلەن نۇرغۇن ئىسلام يۇرتلىرىنى ئايلانغان، ئاندىن زالىم خىتايغا قارشى مەردانە كۈرەشلەرنى قىلغان ئىدى. ئاخىرىدا، ئۇ قەدىم ئىسلام تۇپرىقى بولمىش شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنى نىجىس خىتاينىڭ كىرلىرىدىن تازىلاپ، مۇستەقىل بىر ئىسلامىي دۆلەتنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. سابىت داموللام — ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇ كىشىگە بولغاي — جىھاد بابىدا ئۇلۇغ مۇجاھىد ۋە دۆلەت ئاتىسى، ئىلىم بابىدا يېتۈك ئەللامە، كامىل ئەدىب ۋە مۇنبەرلەرنى تىترىتىۋەتكۈدەك سۆزلەيدىغان ناتىق زات ئىدى. داموللام گەرچە ئۆز دەۋرىدە دۇنياغا مەشھۇر بولالمىغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنياۋى ئالىملارنىڭ سەۋىيەسىدىكى كاتتا بىر ئالىم ئىدى.

بىز داموللامنىڭ ھېكايىسىگە قالتىس يېڭىلىقلارنى ياراتقان، ئاجايىب خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ۋە داموللام بىلەن بۇرادەر بولۇشقان يەنە بىر كىشىنىڭ ھېكايىسىنى قوشىمىز. ئۇ بولسىمۇ، يۇرت كېزەر دەۋەتچى، چىدامچان مۇجاھىد، ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىمدۇر. ئۇ كىشى بەرىكەتلىك ئۆمرىنى تاكى 1944 – يىلى 31 – ئاۋغۇستتا جانابىي ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنگە قەدەر ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

سابىت داموللام كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورقۇنچلۇق رېئاللىقىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئوتلۇق بىر مۇجاھىد بولۇپ، ھېچبىر قارار ئۇنى يولىدىن توختىتالمىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھكۇملۇق، ياۋغا باش ئېگىش، خار – زەبۇنلۇق قاتارلىق ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن ھەمروھ ۋە غۇرۇرلۇق كىشىلەر ئىچىدىن قوشۇپ تەشكىللەپ، جىھادنىڭ ئوتىنى ياققان ئىدى.

ئەمما، ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بولسا، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئىلىم – ھېكمەت ۋە گۈزەل نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلىپ، جىمجىتقىنە كىتاب يازىدىغان ۋە داۋراڭسىز ۋەز ئېيتىدىغان، چىدام ۋە غەيرەت بىلەن يۇرت كېزىدىغان، چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كۆرۈشكە ئالدىرىماي ئۇنى كېلەچەككە قالدۇرىدىغان بىر پىدائىي بولۇشنى تاللىغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلغانىدى. ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ياندۇرغان نۇر چىرىغىنىڭ نۇرىنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلەردە قالغان ناھايىتى يىراق ماكانلارغىچە ئۇلاشقانلىقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. ئۇ تېخى ھايات ۋاقتىدىلا، 1939 – يىلى ياپونىيە پارلامېنتىنى ئىسلامنى دۆلەتنىڭ رەسمىي دىنلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. مۇشۇ ئېتىراپ قىلىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ياپونىيەگە ئىككى مەسجىد سالغان ئىدى.

تاتار جاھانكەزدى دەۋەتچى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم
تاتار ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

«ئاخبارات ژۇرنىلى»نىڭ 1939 – يىلىدىكى 3 – ئايلىق بىر سانىدا ئۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار ئېلان قىلىنغان: «توكيودىكى ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم خەۋەر يوللاپ مۇنداق دەيدۇ: ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرى 1939 – يىلى 1 – مارت كۈنى بۇددا دىنى بىلەن خرىستىيان دىنىنى ياپونىيەنىڭ رەسمىي دىنلىرى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا ‹زىزال ئەراكى› دېيىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ياپونىيە پارلامېنتىغا سۇنغان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى: ‹ئىسلام دىنى قېنى؟› دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، پارلامېنتتا ئۆزئارا قارشىلىق سادالىرى گۈلدۈرلەپ، ئۇ ھەقتە ئۈچ كۈن ئۇدا مۇنازىرە قىلىندى. ئاخىرىدا مەزكۇر لايىھە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قايتۇرۇلۇپ، بۇددا ۋە خرىستىيان دىنلىرى بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىمۇ ئېتىراپ قىلىنىش كاپالىتىگە ئىگە بولدى. نەتىجىدە، پارلامېنت ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلىپ قارار ماقۇللىدى. بۇ خەۋەر يېيىلىپ، ياپونىيە گېزىتلىرى ئۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر مەسجىدكە توپ – توپ بولۇپ كېلىشكە باشلىدى ۋە توكيودىكى ئىسلام جەمئىيىتىدىن ئىسلام توغرىسىدا ياپونچە كىتابلارنى تەلەپ قىلدى».

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا ئىزچىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ جانلىق ئۈلگىسى بولۇپ، ئىمان ۋە ئىرادە قورالى بىلەن رۇسىيەگە قارشى جىھاد قىلغان ئىدى، شەرىئەت ۋە تىل بىلىملىرىدە چوڭقۇرلاش ئۈچۈن ھىجازغا بارغان ئىدى، خەلىفەلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئېزىلگەن مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارغان ئىدى. ئىسلام توغرىسىدا ناھايىتى ئاز مەلۇماتقا ئىگە يىراق جايلاردىكى كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھىندىستان، خىتاي ۋە ياپونىيەلەرگە بارغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەچچە مىڭ كىشىنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا قانائەتلەندۈردى ۋە ئاكتىپ دەۋەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارغا تاھارەت، ناماز ۋە زاكات ئىبادەتلىرىنى ئۆگەتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ نامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىئانە توپلاشقا كۈچ چىقىرىپ مەسجىدلەرنى سالغان ئىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە تۈركىستان، ياپونىيە، مانجۇرىيە ۋە كورىيەدەك ئاسىيانىڭ يىراق جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مىسىرغا كەلگەن ئىدى. شۇ جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دەۋەت سەپىرىنىڭ سەيناسى بولغان ئىدى.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم توكيو مەكتەب ئىسلامىييەدە
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم توكيو مەكتەب ئىسلامىييەدە

بىرەر نامازخان توكيودىكى «ئىسلام مەسجىدى»گە كىرىپ، بۇ ياشانغان قەھرىمان ئەركەكنى كۆرسە ھەيران قالىدۇ. ئۇ تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، ئاندىن بامدات نامىزىدا جامائەتكە ئىمام بولاتتى. تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپلا، بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن چۆرىدىلەتتى – دە، ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئۇلارغا «قۇرئان» سۈرىلىرى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى شەرھلەپ بېرەتتى. كۈن چىققاندىن كېيىن مەسجىدكە يانداش دەرسخانىسىغا كىرىپ، بىرقانچە نەپەر مۇسۇلماننىڭ بالىلىرىنى كۈتۈۋالاتتى. ئاندىن ئۇلارغا مۇئەللىملىك قىلىپ، بىرىگە قەغەزگە يېزىپ چۈشەندۈرسە، يەنە بىرىنىڭ سۈرىسىنى تىڭشايتتى. ئۇ شۇنداق چوڭ ياشتا تۇرۇپ، شۇنچىۋالا ئۇزاق داۋاملاشقان كۈرەشلىرىدىن كېيىنمۇ كىچىكلەرگە ئەرەب تىلىدىن دەسلەپكى ساۋات دەرسلىرىنى بېرىدىغان، ئۆسمۈرلەرگە «ئەممە» پارىسىنىڭ قىسقا سۈرىلىرىنى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى مەشھۇر ھەدىسلىرىنى يادلىتىدىغان بىر بالىلار مۇئەللىمى بولۇشتىن يالتايمىغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان ئۈچ ئەۋلاد ئىسلام رەھبەرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى ئىدى. سۆزىمىزنىڭ بېشىدا سابىت داموللامنى تىلغا ئېلىشىمىز بۇ ئىككى ئۆلىمانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تەكىتلەش ۋە ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتە بىرلەشكەنلىكى، قايسى جەھەتتە بىر – بىرىدىن پەرقلىق يول تۇتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئويغىنىشى كېرەكلىكى، غاپىللارنى ئويغىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىسلام دىيارلىرىنى كېزىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تونۇپ يېتىش جەھەتتە بىرلەشكەن؛ دەۋەت يولى ۋە يۆنىلىشىدە بىر – بىرلىرىدىن پەرقلىق يول تۇتقان.

تولىمۇ قىزىقارلىق! ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ئۆزىنىڭ «ئالەمى ئىسلام» ناملىق ئەسەرىنى نەشر قىلىپ چىقارسا كەڭ تارقالمىدى، تەرجىمىمۇ قىلىنمىدى، ھەتتا ئىسلام كىتابخانىلىرىغىمۇ ئومۇملاشمىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى ھەرخىل ئىسلام ئەللىرىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى توپلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كېسەللىك ۋە ئىللەتلىرىگە دىئاگنوز قويغان ئىدىكى، بۇلارنى ئىگىلەپ چىقىش شەكىب ئارسلان (ھ. 1286 – 1366 / م. 1869 – 1946) دىن باشقا ھېچكىمگە قولاي بولمىغانىدى. بىز ھازىر ئىبنى بەتتۇتە (ھ. 703 – 779 / م. 1304 – 1377) ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلارنىڭ ساياھەتنامىسىنىڭ تەكرار باسمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئىبنى بەتتۇتە ئۆيلىنىش ۋە جاھان كۆرۈپ بەھرىلىنىش ئۈچۈن، ئاڭلىغان ئاجايىباتلارنى توپلاشتىن باشقا ھېچبىر نىشانى يوق سەپەرگە چىققانىدى. ئەمما، ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا سەپەرلىرىنى قىلغان ئىدى. جاھالەتپەرەسلەرنىڭ دەشناملىرىغا، ئازغۇنلارنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە تالاي قېتىملاپ بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. شۇلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن پايدىلىق كىتابلارنى يازغان ۋە ئېسىل ساياھەتنامىلەرنى پۈتكەن ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ساياھەتنامىلىرى خۇراپاتلىق ۋە غارايىب ئىشلار ساياھەتنامىلىرى ئېرىشكەنچىلىك تارقىلىشقىمۇ ئېرىشەلمىدى.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم توكيودا قۇرئان ۋە دەۋەت سورۇنىدا
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم توكيودا «قۇرئان» ۋە دەۋەت سورۇنىدا

دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابى «النهضة الإسلامية»دە مۇنداق دەيدۇ: «دوكتور ئابدۇلۋەھھاب ئەززامنىڭ بۇ پېشقەدەم ئۇستاز بىلەن ئالاقىسى قويۇق ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇستاز ئابدۇررەشىد مىسىرغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن بالدۇرلا تونۇشۇپ، ئۇنى ھۇلۋاندىكى ئۆيىگە نەچچە قېتىم باشلىۋالغان ئىكەن. كېيىن ئۇستاز ئابدۇررەشىد تۈگەپ كەتكەن چاغدا، ئۆز قەلىمى بىلەن بىر مەرسىيە يېزىپ «مەدەنىيەت ژۇرنىلى»نىڭ 312 – سانىدا ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇنىڭ قىزىقارلىق ۋە ھەيرانلىق ئويغاندۇرغۇچى سورۇنى ھەرخىل پىكىر ۋە ئېقىمدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتاتتى. ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى ئۇزاق سەپەرلەردىن توسالمايتتى. مەن بالىلارنىڭ زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىنى كېزىپ چىققان بۇ تۈرك سەيياھ بوۋاينى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سورۇنىغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئىچىدىغانغا سۇ تەلەپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھەيرانلىق بىلەن دەرھال سۇ ئەكەلگەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ چاي بىلەن كۇپايىلىنىپ سۇ ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بولسا توكيودا بىر مەسجىد كۆرۈش ئىدى. ئاللاھ ئۇنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈپ، ياپونىيەدە ئۇنىڭغا بىر ئەمەس، ئىككى مەسجىدنى كۆرسەتتى».

توكودىكى ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بىنا قىلغان تۇنجى مەسجىد
توكيودىكى ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بىنا قىلغان تۇنجى مەسجىد

 

توكودىكى تۇنجى مەسجىدنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى
توكيودىكى تۇنجى مەسجىدنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى

دوكتور ئابدۇلۋاھھاب ئەززام ئۇستاز ئابدۇررەشىدكە قىزىققان ئەرەب يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولسا، تۈركىيە ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئاكىف ئەرسوي (ھ. 1290 – 1355 / م. 1873 – 1936) مۇ بۇ سەييارە دەۋەتچىگە قىزىقىشتىن نېسىۋىدار بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ بىرى «سۇلايمانىيە مۇنبىرىدىكى پىر ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ئەفەندى»دە باش قەھرىمان قىلغان ئىدى، ئۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن ئىدى.

قىسسەدە ئۇ ئالىيجاناب بىر ۋەزخان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ۋەزخان سۇلايمانىيە جامەسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كىشىلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى كېسەللىرى ۋە ئىللەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتىن كېيىن توغرىلىققا، ئۇيقۇدىن كېيىن ئويغىنىشقا چاقىرىدۇ. قىسسەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: «شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئورۇندۇق تەرەپكە ئالدىرىشىپ كېلىشتى. ۋاي قاراڭلار! ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋالغان كىمدۇ بۇ؟! قارىغۇدەك بولسا، پەرىشتە سۈپەت بىر بوۋاي تۇراتتى، گويا ئۇنىڭ يۈرىكى پېشانىسىدە سوقىدىغاندەكلا قىلاتتى. پاكىزە، رەتلىك ساقىلى ۋە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاپئاق سەللىسى ئۇنىڭ كەڭ پېشانىسىنى ھەم تاڭ نۇرىدەك يالتىراپ تۇرغان يۈزىنى ئورىۋالغان ئىدى، خۇددى ئاي قوتىنى تولۇنئاينى ئورىۋالغاندەك. ئاھ خۇدا! نېمىدېگەن سالاپەت بۇ؟! نېمىدېگەن ھەيۋەت بۇ؟! پاھ – پاھ! بۇ ئىككى كۆزگە قارا، ياق! بۇ ئىككى ساماۋى يۇلتۇزغا قارا. ۋاھ! بۇ ئىككى كۆزۈڭدىن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قەتئىيلىكىڭنى. ۋاھ! ساڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان بۇ مىسكىن جانلارنى.

مېنى بۇ ئورۇندۇقتا ۋەز ئېيتقىلى ئولتۇردىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭلار! مەن ئالىم ئەمەسمەن. بۇ كۆرۈنۈشۈم سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن، سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى چۈشەندۈرىدىغان، ئۇچرىغان مەسىلىلىرىڭلاردا پەتۋا بېرىدىغان ئالىملىرىڭلار سىلەرگە يېتەرلىك. لېكىن، مەندىن ئالەمى ئىسلام توغرۇلۇق سورىساڭلار بولىدۇ. مەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھېچبىر يەرنى قالدۇرماي زىيارەت قىلدىم، ھەممە تەرەپلىرىنى ئايلىنىپ چىقتىم. مەشرىقنىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭىدىن مەغرىبنىڭ ئەڭ تەنھا يەرلىرىگىچە كەزدىم. ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر يېرىنى قالدۇرماي ئايلاندىم ھەم ئۇ يەرلەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپەرلەر مېنى ماغدۇرۇمدىن كەتكۈزدى، ھالىمنى قويمىدى. ئەگەر كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ‹توختىما، ئىلگىرىلە، يولۇڭغا داۋام ئەت!› دېگۈچى توختاۋسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بىر نىدا بولمىسا ئىدى، شۇنداقلا قوۋۇرغىلىرىم ئارىسىدا ۋولقاندەك يېنىۋاتقان ‹دىنىڭنى قوغدا!› دېگەن بىر سادا بولمىسا ئىدى، يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەۋر قىلالمىغان بولاتتىم. مەن توختاشقا تاقەت قىلالمايمەن، ھېچبىر جايدا تۇرالمايمەن. ئۆزىنى سۆيۈش، ۋەتەن ۋە بالا – چاقا سۆيگۈسى دېگەنلەر مېنى باغلاپ قويالمايدۇ، مەقسىتىمدىن چەتنىتەلمەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن باشقىنى ئىستىمەيمەن. ئەنە شۇلار مېنىڭ ئارزۇلىرىم، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئىستىمەيمەن».

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەرلىرى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ﴿زېمىندا سەير قىلىڭلار، مەخلۇقاتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا قاراڭلار!﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 20) دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇزاق ساياھەت قىلىشنى تاللىدىم. ئالدىمدا مېنى يېتەكلەيدىغان ياكى كەينىمدە ماڭا ھەيدەكچى بولىدىغان بىراۋ يوق ئىدى. مەن پەقەت ئىشىمغا بەل باغلاپ، قولۇمغا تەۋەككۈل ھاسىسىنى ئالغانچە، خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىش ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۈيۈك ئارزۇلىرىم ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم. ئەھلىم ۋە سۆيۈملۈك بالا – چاقىلىرىمنى ئاللاھقا ئامانەت قىلىپ تاشلاپ قويدۇم، ‹يا ئاللاھ!› دەپ يولۇمغا چىقتىم».

مانا بۇ ئۇشبۇ چوڭ دەۋەتچىنىڭ ھاياتىدىن پاساھەتلىك ۋە ئىخچام بىر بايان.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

ئەمدى، بىز بۇ باش قەھرىمانىمىزنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ يورۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەشكە يۆتكىلىمىز.

رۇسىيەنىڭ ئىرقىي زوراۋانلىقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بىر پەيتتە، سىبىرىيەدىمۇ مۇسۇلمانلار ئەڭ ئېغىر خورلۇق ۋە ئېزىلىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتى.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم (ئابدۇررەشىد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇررەشىد ئاخۇند ئىبنى ئابدۇررەھىم) 1857 – يىلى سىبىرىيەنىڭ تارا كەنتىدە(1) مۇسۇلمانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئىرقىي زوراۋانلىقلار كۈچەيگەنسېرى ئەزىز دىنىغا تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىدىغان بىر سالىھ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈرلۈكىدە ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىدا دەرس ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ۋە زەينۇلبەسىر مۇئەللىمدە ساۋادىنى چىقىرىپ، 10 يېشىدا ئەلمېنېۋۇ كەنتى مەدرەسەسىدە ئوقۇغان. 1872 – يىلى، 17 يېشىدا ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۈمەن (Тюмень/Tyumen) شەھرىگە بېرىپ يانا(ياڭا/يېڭى) ئاۋۇل (Яна авыл/Yana Avyl) مەدرەسەسىگە كىرگەن.

1877 – يىلى بۈگۈنكى تاتارىستانغا قاراشلىق كىشكار (Kyshkar/Кышкар) كەنتى مەدرەسەسىگە ئوقۇشقا كىرىپ كېيىنكى يىلى يازغىچە بىر يېرىم يىل تەھسىل ئالغان. يېڭى پاسپورت چىقىرىش تەقەززاسى تۈپەيلى يېزىسىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، سىبىرىيە يولىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە يېرىم يىلچە چېبوكساري، قازان، نېژني نوۋگورد، پېرم، يېكاترىنبۇرگ ۋە تۈمەن قاماقخانىلىردە سەرگەردان بولغان. 1878 – يىلى يىل ئاخىرىدىن 1879 – يىلى 7 – ئايلارغىچە ئاكمولىنسك ئوبلاستى ئاتباسار رايونىدا باي قازاقلارنىڭ بالىلىرىغا مۇدەررىسلىك قىلغان. ئاندىن ئىسلام مەدەنىيىتى بۇلاقلىرىدىن شەربەت ئىچىشنى ئويلاپ، 22 يېشىدا ھىجازغا بېرىپ 1879 – 1885 – يىللىرى ئارىسى مەككە مۇكەررەمە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە ئىستانبۇلدا بىلىم ئالغان. ئىسلامنىڭ بىرىنچى بۆشۈكىدە بۇ دىننىڭ بايراقدار كىشىلىرى بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوتلۇق باھار چاغلىرىدا پارلاق تارىخىغا تەۋرەنمەس ئۇل سالغان ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە داغىستانلىق مۇجاھىد شەيخ شامىل (ھ. 1212 – 1287 / م. 1797 – 1871) بىلەن تونۇشقان بولۇپ(^[2])، شەيخ شامىل ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ۋە ھۆرلۈكى يولىدا خىزمەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەككە – مەدىنە ئارىلىرىدىكى ھەربىر چامدىمى ياش ئابدۇررەشىدكە سەلەفلەرنىڭ تارىخىنى ئەسلىتەتتى – دە، ئۇنىڭ قەلبىدە قايناق قىزغىنلىق ۋە ئويغاق ئىرادىنىڭ ئوتلىرىنى ياقاتتى. روشەن لوگىكا ۋە توغرا ئىمان بىلەن ئۆزلىرىگە ياخشى – ياماننى ئايرىپ بېرىدىغان ئادەمنى تاپالماستىن، باتىل شۈبھىلەر ۋە ھەرخىل يالغان – ياۋىداقلار بىلەن ئەقىدىلىرى تەۋرىنىشكە ئۇچراۋاتقان سىبىرىيەنىڭ مەۋھۇم جايلىرىدىكى ۋەتەنداشلىرىنى تاشلاپ قويغانلىقى ياقا يۇرتتا ئۇنىڭغا ئېغىر كېلەتتى. شۇڭا، ئۇ توغرا دىنىي ئىلىم – ئىرپانلاردىن يېتەرلىك قوراللىنىپ، 1885 – يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتتى.

شۇ يىلدىن باشلاپ تارا كەنتى چوڭ جامەسىنىڭ ئىمام ۋە خاتىبى، كەنت مەدرىسەسىنىڭ مۇدەررىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى. بىرنەچچە يىل ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تاراپ، 1892 – 1894 – يىللىرى ئورىنبۇرگدا «ئىسلام روھانىي جەمئىيىتى»نىڭ قازىلىقىغا ئاندىن دىنىي پەتۋا ئىشلىرىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. ئۇ يۇقىرى مەنسەپكە مەستخۇش بولۇپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، راھەتتىن كۈرەشنى ئارتۇق كۆرۈپ، ئۆز مەنسىپىنى ئىسلاھات قورالى قىلدى. رەسمىي دۆلەت مەمۇرى بولۇش سۈپىتىدە رۇس خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئالدىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى جار سالدى. لېكىن، ئاللىبۇرۇن ھەق سۆزگە گاس بولۇپ كەتكەن قۇلاقلار ئالىمنىڭ ھەقلىق ھايقىرىشلىرى ئالدىدا بىگىز تىقىلغاندەك ئىزتىراپقا مۇبتىلا بولۇپ، زومىگەر ھاكىمىيەتنىڭ ۋە گۇماشتىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ – دە، ئابدۇررەشىد ئەپەندىگە قارىتا سۇيىقەست پىلانلىنىدۇ. بەختكە يارىشا، مەلۇم بىر كېچىسى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان سۇيىقەستنى ئالدىن تۇيۇپ قالغان ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ئوسمانىيلار خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا قاچىدۇ.

ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ياش ۋاقتىدا جەدىدىزم پىكىرلىرىنى ياقىلىغان ۋە رۇسىيەگە قارشى كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، جىمى مۇسۇلمانلارنى جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشانلىغان «ئىسلام بىرلىكى»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، شەرقتە ياپونىيە، غەربتە ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلىقىغا تايىنىپ، رۇسىيەگە قارشى ئىسلامىي بىرلىك سەپ تۈزۈشكە تىرىشتى ھەمدە رۇسىيەنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان مىللىتىنىڭ قايغۇلىرىنى كىشىلەرگە ئاڭلاتتى. ئۇ ھەقتە رېئال ھەقىقەت ۋە پاكىتلار بىلەن كۈچلەنلۈدۈرلگەن كۈچلەندۈرۈلگەن رىسالەلىرىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.

بۈيۈك تاتار ئالىمى رىزائۇددىن فەخرىدىن بىلەن بىللە
ياش ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم بۈيۈك تاتار ئالىمى رىزائۇددىن فەخرىدىن بىلەن بىللە

1897 – 1900 – يىللار ئارىسى ئىستانبۇلدىن مىسىر، فەلەستىن، ھىجازغا، ئاندىن فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋستۇريە، سىربىيە ۋە بۇلغارىيەلەرگە سەپەر قىلىپ، ۋەزىيەت ئازراق بوشىغاندىن كېيىن، خەلىفەلىك دۆلىتىدىكى مەنسەپكە رازى بولۇپ ئولتۇرماي، ۋەتىنىدىكى جىھاد مەيدانىغا ئىككىنچى قېتىم بارىدۇ. رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىن كاۋكازغا، كاسپى (خەزەر) دېڭىزى بويىدىن بۇخارا، تۈركىستانغا ۋە ئۇ يەردىن سىبىرىيەدىكى يۇرتى تاراغا قايتىدۇ.

ئۇ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەلۇم مەنادا ژۇرنال رولىنى ئوينايدىغان ۋاقىتلىق رىسالەلىرىنى نەشر قىلىش رۇخسىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1900 – يىلىدىن باشلاپ سانكت-پېتېربۇرگتا رىسالەلىرىنى چاغاتايچە «مىرئات (ئەينەك)» (1900 – 1903 ۋە 1907 – 1909 يىللار ئارىسى 22 سان نەشر قىلىنغان)، «خالاس» ۋە «ئۈلپەت» (1905 – 1907 – يىللار ئارىسى) ناملىرى بىلەن نەشر قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن دىنداش قېرىنداشلىرىدىن ئىلغار پىكىرلىك بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ سېپىغا قوشۇلدى. ئۇلار رۇسىيەنىڭ شەھەر – شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى توپلاپ، ئۇلارغا ئۇستاز ئابدۇررەشىدنىڭ نەشر ئەپكارلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇ نەشر ئەپكارلار دىنىي ئىسلاھات، ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىغا چىڭ ئېسىلىش، خىرىستىيان ئورۇسلارنىڭ پىلانلىغان ئوچۇق – ئاشكارا سۇيىقەستلىرىگە قارىتا سەگەك بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەيتتى.

چاغاتايچە «مىرئات (ئەينەك)» ژۇرنىلى
چاغاتايچە «مىرئات (ئەينەك)» ژۇرنىلى

ئاندىن كېيىن ئۇ رىسالەلىرىنى ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغىمۇ يەتكۈزۈش، ئەرەب تىلىنى ئۆزىنىڭ دەۋىتىدىن نېسىۋىدار قىلىش نىيىتىدە 1906 – 1907 – يىللار ئارىسى « التلميذ (ئوقۇغۇچى)» نامىدا بەزى رىسالەلىرىنى نەشر قىلدى ھەمدە قەۋمىنىڭ دەردىنى پۈتۈن ئەرەب ئىقلىملىرىدا ئاڭلاتتى. بىراق، قۇلاق سالىدىغان بىرەرسىنى تاپالىغان بولسىچۇ، كاشكى! مۇسۇلمان ئەرەب ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە پاجىئەلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بولۇپ، رۇس ئەللىرىدىكى قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيتتى.

1902 – يىلى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم تۈركىيەدىمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان ھالەتكە كەلگەن ۋە سۇلتان ئابدۇلھەمىد II (1876 – 1908) ئۇنىڭ ئوسمانىيلار ئىمپېراتورلىقىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 1902 – 1903 – يىللىرى تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە بارغان ۋە ئۇ يەردە رۇسىيەگە قارشى پائالىيەتلىرى تۈپەيلى ياپونىيەدىكى رۇسىيە كونسۇلىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياپونىيەدىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1904 – يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدە قولغا ئېلىنغان ئابدۇررەشىد ئىبراھىم رۇسىيە كونسۇلىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە ئوكرايىنادىكى ئوديسا شەھرىگە يالاپ ئاپىرىلغان. ئۇ ئورىنبۇرگ ئىسلام روھانىي جەمئىيىتىنىڭ سابىق ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، 1905 – يىلنىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇندىن كېيىن ئۇ «مۇسۇلمانلار بىرلىكى» رەھبەرلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى ۋە مۇسۇلمانلارغا بىرقانچە قۇرۇلتاي ئورۇنلاشتۇردى. «ئومۇم رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيى» نىژنىي نوۋگرود شەھرىدە چاقىرىلدى. 1905 – 1907 – يىللار ئارىسى «ئىسلام پارتىسى (ئىتتىفاقۇل مۇسلىمىن)» مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولدى.

تەقدىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن چاررۇسىيە قوشۇنلىرى ياپون ئىمپېرىيەسى ئالدىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسلار زۇلۇمدا ئەزۋەيلەشتىن ئازراق توختاپ ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز ئابدۇررەشىد رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمانلار خەلقنى ئويغىتىدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ، ئازادلىق چاقىرىقلىرىنى تارقىتىشقا ئاتلاندى.

بۇ جەرياندا ئۇستاز ئابدۇررەشىد دىن تارقىتىش جىھادىنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ، 1905 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىستان، مانجۇرىيە، موڭغۇل ئېلى، ياپونىيە، كورىيە، خىتاي، سىنگاپور، ھىندىستان ۋە ھىندى ئوكيان ئاراللىرى (بۈگۈنكى مالايسىيا، ھىندىنوزىيە، برۇنېي قاتارلىقلار) غا كۆپ قېتىم سەپەر قىلدى. ئاندىن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ ھەج قىلدى. شۇ ۋاقىتتا باشلانغان ئوسمانلى ھىجاز پويىز لىنىيەسى بىلەن مەدىنەدىن شام دىيارىغا، ئاندىن بېيرۇتقا سەپەر قىلدى، ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا كەلدى. ئۇ سەپەرلىرىدە گۈزەل كېلەچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى، ئىسلامنىڭ ئەركىنلىككە، قېرىنداشلىققا ۋە باراۋەرلىككە چاقىرغان تۇنجى دىن ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بۇ يولدا كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ئېغىر كېلىدىغان خەتەرلىك مۇشەققەتلەرگە يولۇقتى، ھەتتا گاھىدا پاراخوت ياكى پويىز بېلىتى سېتىۋالىدىغانغا پۇلمۇ تاپالمايتتى. نە پۇل – مال ۋە نە يار – يۆلەك يولداش ھېچبىر تايانچسىز ھالدا، يات يىراق جايلارغا سەپەر قىلىدىغان يالغۇز بىر شەخسكە بۇ مۇشەققەتلەر ئېغىر كەلمەيدۇ، دەمسىز؟! لېكىن، ئۇ نىشانىنى ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقىلا قارىتىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ قويمىدى.

ئاللاھ تائالا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پېشقەدەم مۇجاھىد ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان غەلىبە بېشارەتلىرىنى كۆردى. نەتىجىدە، ئاسىيادىكى خرىستىيان مىسيونېر دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن چۆچۈپ، گەرچە ئۇ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق كەمبەغەل بىر كىشى بولسىمۇ، ئۇنى دىن تارقىتىش جەمئىيەتلىرىگە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراشقان ئىدى.

ئىسلامنىڭ پەقەت ئۆز پرىنسىپلىرى بىلەنلا كەڭ تارقىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇق كۈچىنىڭ ئۆز تەلىماتلىرىغا يوشۇرۇنغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن دەلىلىنى ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىمنىڭ جىھادىدىن تاپالىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداق دېمىسەك، بۇ غەيرەتلىك دەۋەتچى نەچچە مىڭ كىشىنى مەنتىقە، گۈزەل نەسىھەت ۋە ئىلىم – ھېكمەت قورالىدىن باشقا قايسى قورال بىلەن ئىسلامغا قوشتى؟!

ياپۇنلۇقلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش
ياپۇنلۇقلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم ياپونىيەدە ئىسلامنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە «ئاسىيا جىيكاي (アジア主義؟)» جەمئىيىتىنى قۇردى. خىتايدىكى بەزى خرىستىيان مىسىيونېر پوپلار ئۇستاز ئابدۇررەشىدنىڭ قالتىس ئۇتۇقلىرىنى كۆرگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدىكى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە خرىستىيان دىنىنىڭ بىر ياۋۇز دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەخپىي خەت يازغان. شۇنىڭ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەھۋالنى جىددىي تۈستە چۈشىنىپ، «دۈشمەن»نىڭ قانچىلىك كۈچى ۋە قانچىلىك ئۇرۇش تەجرىبىسى بارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەم ئەۋەتكەن. توساتتىن، ئۇشبۇ «دۈشمەن»نىڭ لوگىكا ۋە ئىمانىدىن باشقا نەرسىسى يوق ئاددىي بىر شەخس ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئۆزىنىڭ دەۋەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ۋە كۆرگەن – بىلگەنلىرىدىن ئېلىنغان جانلىق مەلۇماتلىرىنى ھېچكىمدىن ئايىماي، ئۆزىنىڭ سەپەرلىرىنى «ئالەمى ئىسلام» نامى ئاستىدا، ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى.

ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابتىكى خاتىرىلىرىدىن شۇكى، (1909 – يىلى) ئۇستاز ئابدۇررەشىد مەككەدىكى چېغىدا ھاجىلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تونۇشۇپ پىكىر – ئالماشتۇرۇشنى ئويلايدۇ ۋە شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىگە ئۆزىنىڭ ئويىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھېچكىمگە سەزدۈرمەستىن بىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە، مەككەدىكى «ئىىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى»نىڭ زالىدا يىغىن ئېچىلىش بېكىتىلىدۇ. ئۇستاز ئابدۇررەشىد ھەرەم شەرىفنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئايلىنىپ، ھەر قەۋمدىن بولغان ھاجىلارنى بۇ يىغىنغا چاقىرىدۇ. يىغىنغا مەككەنىڭ كۆپلىگەن چوڭلىرى، بۇخارا، كاشغەر، ماراكەش، تۇنىس ۋە باشقا يەرلىك ھاجىلار، ئۆلىمالار قاتنىشىدۇ. ھەر قەۋمدىن بىردىن كىشى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەممەيلەن ئىسلام بىرلىكى قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بىر ئىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نەتىجىگە بارىدۇ. شۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشىگە چىدىمايدىغان خائىن ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن يىغىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يىغىن ئاياغلاشمايلا تارقاپ كېتىدۇ(3).

ئۇ تۈركىيەدە «مەلۇمات»، «سىراتى مۇستەقىم (توغرا يول)» دېگەندەك ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ ئىسلامىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1910 – يىلى ئىستانبۇلغا قايتقىنىدا شائىر مۇھەممەد ئاكىف قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئوسمانلى خەلقىنى ياپونىيەدىكى ئىسلامنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ۋاقىپلاندۇرغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئۇ كونيا شەھرىگە جايلىشىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت خىلۋەتتە ياشىغان.

بۇ كىشىنىڭ مۇنبەر ۋە قەلەم ساھەسىنى تاشلاپ، ئىسلامغا ياردەم بېرىش ئىستىكى بىلەن ئۇرۇش مەيدانلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە ھەيران قالىسىز. ئۇ 1912 – يىلى ئىتالىيانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى لىۋىيەنىڭ ترىپولى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ھالبۇكى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېشى ئاتمىشقا يېقىنلاشقان ئىدى. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئىسلام قوشۇنى سېپىگە قېتىلىپ، ئوسمانلى ئارمىيەسى بىلەن كاۋكازغا ئاتلىنىپ بالقان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. يەنە 1 – دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا مۇسۇلمان تۈرك ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇلارغا يار يۆلەك بولۇش ئۈچۈن گېرمانىيەگە بارغان. رۇسچە مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ گېرمانىيە باشقۇرۇشىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى برىتانىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان بىر قوشۇن تەييارلىماقچى بولغان. 1916 – يىلى بېرلىندا تۈرك تىلىدا «ئىسلام جىھادى» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئەسىرلەرگە قارىتىپ خىتاب قىلغان. 1917 – يىلى رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى قوزغالغاندا، تۈركىستان ۋە ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئەقىدىلىرىدىن تەۋرىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە رۇسىيەگە قايتىپ بىر يىلچە (1922 – 1923 – يىللىرى) تۇرغان. ئۇندىن كېيىن تۈركىستانغا ئاتلىنىپ «باسمىچىلار قوشۇنى»دا كوممۇنىزمغا قارشى جەڭ قىلغان. 1930 – 1931 – يىللىرى مەككەدە تۇرغان. ئۇ شەرقتىن غەربكىچە پۈتۈن رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ كۈرەشتىن ھېچ توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، ئۇرۇش ئۇ كۈتمىگەن شەكىلدە ئاياغلاشقان. لېكىن، ئۇ ھېچ ئۈمىدسىزلەنمەي ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ، ياپونىيەگە دىن تارقاتقۇچى بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ياپونىيەگە بېرىشتىن بۇرۇن 1931 – يىلى مەككەگە بارغان بولۇپ، ئۇ يەردە تۈركىيە ۋە مىسىر زىيارەتلىرىنى تۈگىتىپ مەككەگە كەلگەن سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ يېقىن دوست بولغان ئىدى. سابىت داموللام ئۇ يەردە يەنە ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىمنىڭ سەپدىشى، تاتار ئالىمى مۇسا جارۇللاھ (ھ. 1295 – 1369 / م. 1878 – 1949) بىلەنمۇ دوست بولغان ئىدى. ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم سابىت داموللام بىلەن ياپونىيەگە كەتكەندىن كېيىنمۇ خەت يېزىشىپ تۇرغان ئىدى. سابىت داموللامنىڭ يازغان خېتىنى ئابدۇررەشىد ئىبراھىم توكيودا شەرقىي تۈركىستانلىق كۈرەشچان ئۇيغۇر مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي (ھ. 1330 – 1408/ م. 1912 – 1988) غا كۆرسەتكەن ئىكەن. ئۇ 1934 – يىلىدىن باشلاپ 1944 – يىلى 17 – ئاۋغۇست ۋاپات بولغانغا قەدەر ياپونىيەدە تۇرغان. ئۇ ياپونىيەدە يۇقىرى مەرتىۋىگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، ياپونىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۇ بۈگۈنكى توكيو مەسجىدىنى ياپونىيەلىك مېمار يۇشىيمۇتۇ لاھىيەسى بويىچە بىنا قىلىشقا باشلىغان ۋە 1938 – يىلى مەسجىد قۇرۇلۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن مەسجىدنىڭ ئىماملىقىنى قىلغان. ۋاپات بولغاندا ياپونىيە رادىئولىرى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقاتقان ۋە دەپنە ئىشلىرىغا دۆلەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇنىڭ جىنازىسىغا ياپونىيەنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن ۋە قوشنا ئەللەردىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كەلگەن ئىدى.

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

تاتارىستان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دوكتور فەۋزىييە بايرامۇۋا «تارىخ تورى»دا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يېڭى دەۋردىكى تاتارلارنىڭ بىرىنچى سىياسىيونى، «قۇرئان» يادلىغان قارىي ۋە ئىسلام ئالىمى. ئابدۇررەشىد ئىبراھىمنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىلىم بىلەن سىياسەت ۋە شەرىئەتنى بىرلەشتۈرگەن. ئۇ مۇنداق ئىككى غايە بىلەن ھەرىكەت قىلغان: بىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشى، يەنە بىرى، تاتارلار ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇش. ئۇ بۇ غايىسى ئۈچۈن ژۇرنالچىلىق ۋە كىتاب يېزىشتەك شۇ چاغدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. ئۇنىڭ ئەجدادى بۇخارادىن كەلگەن. ئۇ كۆپلىگەن ئەرەب – ئىسلام ئەللىرى، شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدە ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن 43 مىڭ كىلومېتىر سەپەر قىلغان».

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم

ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان، توكيو جامەسىدە ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىشقا ھەسسە قوشىدىغان بىر تۈركۈم ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىققان، ياپونىيەدە ئىسلام ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن ۋە توكيودا ئىككى چوڭ مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى ئېگىز قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ مۇنارلاردا ھەر كۈنى بەش قېتىم ئىسلامنىڭ ئۆچمەس شوئارى ياڭراپ تۇرماقتا: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ!

ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىمنىڭ قەۋرىسى
ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىمنىڭ قەۋرىسى

ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى

1. «ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ ياپونىيەدە تارقىلىشى». ئىككى قىسىم، 1328ھ، ئىستانبۇل.

2. «ئەينەك». 1909م، قازان.

3. «مېنىڭ شەخسىي تەرجىمىھالىم». 1330ھ، سانكىت-پېتېربۇرگ.

4. «چولپان يۇلتۇزى». 1907م، سانكىت-پېتېربۇرگ.

5. «ۋىجدان سوتى ۋە ئىنساپ مىزانى». 1906م، سانكىت-پېتېربۇرگ؛ 1328ھ، ئىستانبۇل.

6. «ئاسىيا خەتەر ئىچىدە» (ياپونچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان). 1328، ئىستانبۇل.

7. «فىترىي دىن ». 1340، ئىستانبۇل.

«ساياھەتنامە – ئابدۇررەشىد ئىبراھىم» ناملىق كونا تۈركچە (چاغاتايچە) بىر كىتابى مىسىر مەدەنىيەت ئالىي مەجلىسى تەرىپىدىن «العالم الاسلامي المنسي في بداية القرن العشرين» نامىدا ئەرەبچە نەشر قىلىنغان.

«ساياھەتنامە – ئابدۇررەشىد ئىبراھىم»
«ساياھەتنامە – ئابدۇررەشىد ئىبراھىم»

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي: «النهضة الإسلامية في سير أعلامها المعاصرين»/ 1 – توم، 41 – 49 – بەتلەر.

2. ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم: «العالم الإسلامي في رحلات عبد الرشيد إبراهيم».

3. توردىكى بەزى ماقالىلەر.

4. «شېرىن كالام» ناملىق كىتابنىڭ بېشىدىكى سابىت داموللام تەرجىمىھالى.

5. Kırımlı, Hakan (1996). Kırım Tatarları arasında milli hareketler ve ulusal kimlik: (1905 – 1916). Brill Yayıncıları. s. 59–60.

6.  Алишина Х. Ч. (2016 – 12 – 07). Абдрашит Гумерович Ибрагимов – ученый, просветитель, публицист, общественный деятель сибирских татар. Муслим – инфо (رۇسچە).

7. Валеев Ф. Т. – А. Ибрагимов Габдрашит // Башкирская энциклопедия / гл. ред. М. А. Иariusмов. – Уфа: ГАУН «Башкирская энциклопедия», 2015—2020.


1. تارا ھازىرقى غەربىي سىبىرىيەنىڭ توبولسك ۋىلايىتىدىكى تارسكى ناھىيەسىدە بولۇپ، ھازىر بۇ يەرلەر ئومسك ئوبلاستىغا تەۋەدۇر.

2. دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي (النهضة الإسلامية 1 – جىلد، 46 – بەت) شەيخ ئابدۇررەشىدنىڭ ھىجازغا 12 يېشىدا بارغانلىقى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ جەريان تاتارچە مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ. شەيخ شامىلنىڭ ۋاپات بولغان يىلىغا قارىغاندا شەيخ ئابدۇررەشىد ھىجازغا 22 يېشىدا بارغان بولۇشى تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن كۆرۈنىدۇ.

3. ئۇستاز ئابدۇررەشىد ئىبراھىم: «العالم الإسلامي في رحلات عبد الرشيد إبراهيم» 2 \ 971، دار القبلة للثقافة الإسلامية.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ