(ھ. 1173 – 1250 / م. 1760 – 1834)
«يەمەن ئەھلى! سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بۇلۇتلاردەك ياخشىلىق كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار يەر يۈزىدىكى كىشىلەردۇر».
— ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
يەمەن خەلقى نېمىدېگەن كاتتا كىشىلەر – ھە!
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زېمىن ئەھلىدىن ھېچبىرىنى شام ۋە يەمەن ئەھلىنى ماختىغاندەك ئالاھىدە ماختاپ باقمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا بەرىكەت تىلەپ كۆپ دۇئالارنى قىلغان ئىدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ شام ۋە يەمەنلىرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن!» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(1).
ئىمام بۇخارىي ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «سىلەرگە قەلبى ساپ، مىجەزى مۇلايىم، ئىمانلىق ۋە ھېكمەتكە باي يەمەن ئەھلى كەلدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(2).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى مەن ياۋروپادا يەمەنلىك ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئەمەلىي ھېس قىلدىم. يەمەن ياشلىرىدىكى ئۆزگىچە ئەدەب – ئەخلاق ۋە سىپايىلىق باشقىلاردا كەم تېپىلاتتى. مەن بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ زېمىننىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇفەيل ئىبنى ئەمر ئەددەۋسى، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ موسا ئەشئەرىي، ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساھابە كىراملەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەنلىكىگە، مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاققا ئىگە ئىسلام ئەركەكلىرىنى ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقانلىقىغا شەكسىز ئىشەندىم. بۇ زېمىندىن شام، مىسىر، ئىراقلارنى فەتىھ قىلغان نۇرغۇن مۇجاھىدلار چىققان. بۇ زېمىندىن يەنە شەرقىي ئافرىقا، ھىندىنوزىيە، مالايسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالارغا دىن تارقاتقان دەۋەتچى سودىگەرلەر چىققان. قىسسەمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئىمام شەۋكانىي مانا مۇشۇ زېمىندا ئۆسۈپ يېتىلگەن.
ھ. 1173 / م. 1760 – يىلى يەمەننىڭ خوۋلان قەبىلىسىنىڭ دىيارلىرىدىن «ھىجرەتى شەۋكان» دېگەن يېرىدە، چوڭ بىر زەيدىييە ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. دادىسى ئۇنىڭغا «مۇھەممەد» دەپ ئات قويدى. كېيىنچە، بۇ بالا ئاشۇ يەرگە تەۋە قىلىنىپ، تارىختا «ئىمام شەۋكانىي» دەپ ئاتالدى. ئۇ ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ئۆلىمالاردىن بولۇپ، ئىنسانىيەتكە ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئەڭ بۈيۈك كىتابلارنى تەقدىم ئەتتى. بىز بۇ يەردە ھەدىس ئەھكاملىرىنى بايان قىلغان «نەيلۇل ئەۋتار» ناملىق كىتابنىڭ (ۋە ئۇندىن باشقا 50 دىن كۆپ ئەسەرنىڭ) مۇئەللىفى، مۇجتەھىد ئىمام، فەقىھ مۇفەسسىر، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى شەۋكانىي سەنئانىي يەمەنىي توغرىسىدا سۆزلىمەكچىمىز.
بىز ئىمام شەۋكانىينىڭ تەرجىمىھالىنىڭ دېڭىزىغا چۆكۈشتىن ئىلگىرى، بىز بۇ ئىمام تېخى مەزھەبلەر شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ۋە ساھابە – تابىئىنلاردىن بولغان سەلەف سالىھلەرنىڭ يولىغا قايتىشنىڭ ئالدىدا مەنسۇب بولغان «زەيدىييە مەزھەبى» ئۈستىدە بىرئاز توختىلىمىز.
زەيدىييە — شىئەلەرنىڭ بىر مەزھەبى بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتلىق نىكاھنى ھالال سانىمايدۇ. ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنى تىللىمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا تۆھمەت چاپلىمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار خىيانەت قىلمايدۇ. ئۇلار شىئە پىرقىلىرى ئىچىدە ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەگە ئەڭ يېقىن بىر پىرقىدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئەۋزەلدۇر. بۇ قاراش ئۇلارنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ ۋە ئۇلارنى دىنىي قېرىنداشلىقىمىزدىن چەكلەپ قويمايدۇ.
ئۇلارنىڭ نېمىشقا «زەيدىييە» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، ئۇلار ئىمام زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) قا تەۋە قىلىنغان. زەيد ئۆز زامانىدىكى بارلىق شىئەلەرنىڭ ئىمامى ئىدى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىر تائىپە ئۇنىڭدىن ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر توغرىسىدىكى قارىشىنى سورىۋىدى، زەيد ئۇ ئىككىسىگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى. ئۇلار بۇنىڭغا ئۇنىماي، ئىمامىدىن ئۇ ئىككىيلەنگە لەنەت ئېيتىشنى ۋە ئۇ ئىككىسى توغرىسىدىكى قارىشىدىن يېنىشنى تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ يارەنلىرىگە لەنەت ئوقۇشنى رەت قىلدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇنىڭ پىرقىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى. ئەنە شۇ لەنەتچى تائىپە زەيد ئىبنى ئەلىنىڭ قارىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تارىختا «رافىزىيلار (رەت قىلغۇچىلار)» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر «ئون ئىككى ئىمام مەزھەبى»نى قۇرۇپ چىقتى. ئەنە شۇلار زامانىمىزدىكى شىئەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان شىئەلەر بولۇپ، ئۇلار فارس شىئەلىرىدۇر.
ئىمام زەيد ئىبنى ئەلىگە خىيانەت قىلمىغان شىئەلەر بىزنىڭ يەمەنگە مەركەزلەشكەن زەيدىييە قېرىنداشلىرىمىزدۇر.
لېكىن، بىز زەيدىييە ماۋزۇسىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى مۇھىم بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. يېقىنقى زامانلاردا ھۇمەينىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەجۇسىي فارس ئىمپېرىيەسىنىڭ شان – شەرىپىنى تىرىلدۈرۈشكە يۈزلەندى (ئەينى دەۋردە يەمەن ساسانىيلار زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى بولغانىدى). ئىران ھۈسەين بەدرىددىن ھۇسىي دېيىلىدىغان زەيدىييە مەزھەبىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرىگە پارا بېرىپ، قۇم شەھرىگە ئەكەلدۈردى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى تىللاشنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا تۆھمەت چاپلاشنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى فارسلارنىڭ بەرگەن پۇل – مېلىنى ئېلىپ يەمەنگە قايتتى ۋە زەيدىييە مەزھەبىنى تاشلاپ، «ئون ئىككى ئىمام رافىزىي مەزھەبى»نى قوبۇل قىلدى. ئۇ يەمەننىڭ قايتىدىن فارسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە يول ھازىرلاش ئۈچۈن، يەمەننىڭ سەئدە شەھرىدە قوراللىق گۇرۇھلارنى تەشكىللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئابدۇلمەلىك ھۇسىي شۇ رافىزىي گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىكىنى قولغا ئالدى. نەتىجىدە، ئىران ئاشۇ غالچىلار ئارقىلىق يەمەندە فىتنە ئوتىنى ياقتى.
ئىمام شەۋكانىيغا كەلسەك، ئۇ زەيدىييە مەزھەبىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى ئىدى. لېكىن، ھۇسىينىڭ دەل ئەكسىچە ئىدى، ئۇ فارسلارنىڭ يەمەننى بېسىۋېلىش چاقىرىقلىرىغا ۋە يەمەننى يېڭى فارس ئىمپېرىيەسىگە قۇشۇۋېلىش چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشمىغانىدى. بەلكى ئۇ ئەقىلنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىپ، تەقلىدچىلىكتىن ئۈزۈل – كېسىل ئادا – جۇدا بولدى ۋە سالىھلەرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا تارقالغان بىدئەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلدى، شۇنداقلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى تىللايدىغانلارغا قارشى تۇردى. ئۇ ئۆزىدىن تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ يادلىنىشىغا سەۋەب بولغان مۇنداق مەنتىقىلىق بىر سوئال سورىدى:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قايسى مەزھەبكە ئەگەشكەن؟ ئۇ شىئەمىدى؟ ئۇ زەيدىييەمىدى؟ ياكى ئون ئىككى ئىماملىققا ئەگەشكەنمۇ؟ ئۆمەر مالىكىيمىدى؟ بىلال ھەنەفىيمىدى؟ ئەنسارىيلار شافىئىيمىدى؟ سىز ئۇلارنى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھەبىدە دەپ ئويلامسىز؟
مۇشۇ مەنتىقىلىق سوئاللار ئارقىلىق، ئىمام شەۋكانىي پىرقە ۋە مەزھەبلەر مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ئىسلامنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىگە قايتىش كېرەكلىكىنى بىلدى. شۇنداقلا «نەيلۇل ئەۋتار»دىن ئىبارەت «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»نى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا ئەقىدە ئاساسلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان كىتابىنى يازدى. ئاللاھ بۇ كىتابنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشىنى پۈتكەن بولۇپ، ئىمام شەۋكانىينىڭ خەۋىرى ھىندىستان، ماراكەش، مىسىر، شام رايونلىرىغا كەڭ تارقىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ نامى تارىخ بېتىگە ئالتۇن ھەل بىلەن خاتىرىلەندى.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: ساي ئوغلى

