توغرا يولدا ماڭغان خەلىفەلەرنىڭ داۋامى — ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر

توغرا يولدا ماڭغان خەلىفەلەرنىڭ داۋامى — ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر

(ھ. 1028 – 1118 / م. 1619 – 1707)

 

«ھەسرەت قەلبىمنى ئۆرتىمەكتە. قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ شەخسنى تونۇماسلىقى، ئۇنىڭ نە قەدەر بۈيۈك شەخس ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەرلىكى ۋە ئۇنى ياخشى چۈشەنمەسلىكى ئىچىمنى ئاچچىق قىلماقتا. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىردەك ئىلمى مول، ماقامى ئالىي ۋە كاتتا مەرتىۋىلىك ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقى قەلبىمنى ئازاپلىماقتا!»

— تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەد مۇسا شەرىف

 

ھىندىستان توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ھېچ شەك يوقكى، ھىندىستان توغرىسىدىكى ئاساسىي مەلۇماتلىرىمىز «شەرقتىكى ھوللىۋود» نامى بىلەن تونۇلغان بوللىۋود كىنو شىركىتى ئىشلىگەن، كۆپىنچىسىدە فىلىم قەھرىمانلىرى ئىنسان ئەقلى قوبۇل قىلالمايدىغان ھەرىكەت ۋە قابىلىيەتكە ئىگە خىيالىي كۆرۈنۈشلەر بىلەن تولغان، ئەمما كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ياشلىرى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغان ھىندىستان فىلىملىرىدىن كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىز، خالاس. ناۋادا ياشلىرىمىز بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىستانغا مىڭ يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىمىزنى، ھىندىستان تۆۋەن قىتئەسىدە ئىسلام تۇغىنى لەپىلدىتىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» ساداسىنى ياڭراتقانلىقىمىزنى، ئۈممەتى مۇھەممەد ئابا – ئەجدادىنىڭ بۇ دىيارلارنى ئون ئەسىردەك تەسەررۇپ قىلىپ، دەشت – چۆل ۋە باغ – ئورمانلىرىدا ئەزان ساداسىنى جاراڭلاتقان، ھىمالايا چوققىلىرىدىن ھىندى ئوكيان ساھىللىرىغىچە ئىلاھىي كەلىمەتۇللاھ بىلەن نەررە تارتقان تارىخىمىزنى ھەققى بىلەن ئۇققاندا ئىدى، فىلىم قەھرىمانلىرىنى دوراشقا ھېرىس بولمىغان بولاتتى.

بەزىلەر ھىندىستاندا ئىسلامنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ سىرى نېمە؟ دەپ سورىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئاللاھ پىشانىمىزگە پۈتۈۋەتكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بىزلەرنى ئەزىز قىلغان مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ كەڭ قوللۇقى، ئادىللىقى ھىندۇلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندۇر. بىز ئىلگىرى ئارىيوس توغرىسىدا سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا ھىندۇلارنىڭ ئەڭ بولمىغۇر نەرسىلەردىن تارتىپ ھەتتا تاناسىل ئەزالارغىچە تەبىئەتتىكى ھەممە نەرسىگە چوقۇنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ھىندىستاندا كەڭ تارقالغان دىن ھىندۇ دىنى ئىدى. بۇ دىنمۇ باشقا كۆپتەڭرىلىك دىنلارغا ئوخشاش «ئۈچ مۇقەددەس بىرلىك» ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. ھىندۇلار ئۈچ ئىلاھقا چوقۇناتتى.

1) براﮪﻤﺎ: ياراتقۇچى، پەيدا قىلغۇچى ئىلاھ؛

2) ۋىشنو: قوغدىغۇچى ئىلاھ؛

3) سىيفا: ھالاك قىلغۇچى ئىلاھ.

يەرلىك خەلقنىڭ زور كۆپچلىكى ئېتىقاد قىلغان بۇ دىن قاتتىق تەبىقە تۈزۈملۈك، ئىرقچى دىن بولۇپ، ئىسلام نۇرى بۇ زېمىنلارنى يورۇتۇشتىن ئىلگىرى ھىندىستاننى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان تەبىقىچىلىك ۋە ئىرقچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. ئارىيان قەبىلىلىرى ياۋروپادىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن باشلاپ، ھىندىستاندا يەر يۈزىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبىقە تۈزۈمى شەكىللەنگەن ئىدى. ھىندۇلار ئىنسانلارنى مۇنداق تۆرت تەبىقىگە بۆلەتتى:

1. براھمانلار (The Brahmans): ئۇلار تەڭرى براھما(1) ئۆز ئېغىزىدىن ياراتقان كىشىلەر بولۇپ، بىلگە، كاھىن ۋە سودىيەلەر براھمانلاردىن چىقاتتى. كىشىلەر نىكاھ، ئۆلۈم ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ قېشىغا باراتتى. قۇربانلىقلار پەقەت شۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلىناتتى. ئۇلار ئاق تەنلىك ئارىيانلار ئىدى.

2. كىشاترىيالار (The Kshatriyas): تەڭرى ئىككى قولىدىن ياراتقان بۇ كىشىلەر ئىلىم ئۆگىنىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە دۆلەتنى قوراللىق مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇندايتتى.

3. ۋايشيالار (The Vaishyas): تەڭرىنىڭ ئىككى يوتىسىدىن يارىتىلغان ۋايشيالار بولسا تېرىقچىلىق، تىجارەت قاتارلىق كەسپلەرنى قىلىپ پۇل – مال تېپىپ، ئۇنى دىنىي ئورۇنلارغا خەجلەيتتى.

4. چودرالار (The Shudras): چودرالار تەڭرى ئىككى پۇتىدىن ياراتقان كىشىلەر بولۇپ، «تاشلاندۇقلار» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار ھىندىستاننىڭ ئەسىل ئاھالىسى بولمىش كۆپچىلىك خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يۇقىرىقى «شەرەفلىك» ئۈچ تەبىقىگە خىزمەت قىلىش ئىدى. ئۇلار پەقەت ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن كەسىپلەرنىلا قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ھەممە كىشىگە باېاۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامنىڭ دىنىنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، «تاشلاندۇقلار»دىن نۇرغۇن ئاھالە ھەقتائالانىڭ دىنىغا توپ – توپ بولۇپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىن مىڭ يىلغا يېقىن ھىندىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق دىنى بولۇپ قالدى.

براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ
ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ براھمانىزم (Brahmanism) تەبىقە تۈزۈمى

ھىندىستاندا ھۆكۈمران مەۋجۇت مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئاددىي كارتىنىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، نۆۋەت ھىندىستان ئىسلامىنىڭ سەرگۈزەشتىسى توغرىسىدا قىسقا بىرنەچچە ئابزاستا. ئەمەلىيەتتە، ھىندى يېرىم قىتئەسىدىكى ئىسلام ھېكايىسى ئىنتايىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى باشلانغان. بۇ ھېكايىنىڭ تېگى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىغا تۇتىشىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزى ۋە ئەسھابلىرىغا تار كەلگەن مەككەدىن باشقا يەنە بىر دەۋەت زېمىنى ئېچىش ئۈچۈن قىلغان تائىف سەپىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ سەپىرىدە تائىف ئەھلىدىن قارشىلىق، مەسخىرە قىلىش ۋە خورلۇقتىن باشقىنى كۆرەلمەي ئىنتايىن قايغۇلۇق ھالدا قايتقان ۋاقتىدا، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا تاغلارغا مۇئەككەل پەرىشتە كېلىپ: «ئى مۇھەممەد! ھەقىقەتەن ئاللاھ قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرى ۋە قارشىلىقلىرىنى ئاللىقاچان ئاڭلاپ، مېنى ئالدىڭغا ئۇلارغا خاھلىغىنىڭ بويىچە جازا بېرىشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتى. مېنى نېمىگە بۇيرۇيسەن، ئەگەر خاھلىساڭ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىمەن» دېگەندە، رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ياق، مەن ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن يەككە – يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شىرك قىلمايدىغان كىشىلەرنى چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن(2).

دەرۋەقە كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ پۈتۈن مەككە، ئارقىدىن تائىف ئىسلامغا كىردى. كائىناتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ دەۋەتچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەبر دەرىخى مېۋە بېرىپ ۋە ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، بۇ گۇناھكار كافىرلارنىڭ پۇشتىدىن مۇسۇلمانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، بەلكى يەر يۈزىدە، ھەر تەرەپتە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان ئەۋلادلار مەيدانغا كەلدى. ئەنە، گۇناھكار ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنىڭ پۇشتىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەبۇ جەھلنىڭ پۇشتىدىن ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھل، ئاس ئىبنى ۋائىلنىڭ پۇشتىدىن ئەمر ئىبنى ئاس، ئۇتبە ئىبنى رەبىيئەنىڭ پۇشتىدىن ئەبۇ ھۇزەيفە ئىبنى ئۇتبە چىقتى. نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە جاھىلىيەت ۋاقتىدا ئازار بەرگەن سەقىف قەبىلىسىدىن 17 ياشلىق بىر يىگىت چىقىپ، ھىندىستان تۆۋەن قىتئەسىدە ئۇمەۋىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈردى. ھىندى قىتئەسىنىڭ ھەر تەرەپىدە ئىسلامنى يايغان باتۇرلار ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

بۇ ياشنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ئەسسەقەفىي (ھ. 72 – 95 / م. 691 – 713) بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمان قومانداندۇر. بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇلۇغ كىشىمۇ ئىسلام ئەھلىگە قارشى نۇرغۇن خۇنرىزلىقلار كېلىپ چىققان ئائىلىنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇ ئائىلە دەل «تېمۇرىيلەر» نامى بىلەن مەشھۇر تۈرك – موغۇل خانىدانىدا تۇغۇلغان بۈيۈك سۇلتان زاھىيرۇددىن مۇھەممەد بابۇرشاھ (ھ. 888 – 937 / م. 1483 – 1530) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئاسىيادا ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق (م. 1526 – 1858) دەۋر سۈرگەن بۈيۈك بىر ئىمپېرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئائىلىدۇر. بابۇرشاھ ئانا تەرەپتىن قانخور موڭغۇل خاقانى چىڭگىزخانغا، ئاتا تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىغا بالايىئاپەت بولغان مەشھۇر ئاقساق تېمۇرغا تۇتىشىدىغان تۈرك قومانداندۇر. تېمۇرىيلەر مانا شۇ ئاقساق تېمۇرنىڭ خانىدانىدۇر. زاھىيرۇددىن بابۇرشاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا نەسىرۇددىن ھۇمايۇن (ھ. 913 – 963 / م. 1408 – 1556)، ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇمايۇن ئوغلى جالالىددىن ئەكبەرشاھ (ھ. 949 – 1014 / م. 1542 – 1605) يۇرت سورىغانىدى. جالالىددىن ئەكبەرشاھ ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ خەتەرلىك شەخسلەردىن بىرىدۇر. ئەكبەر ئاتىسى ھۇمايۇن ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ئەڭ بىلىملىك ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئوقۇش – يېزىشنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەن ساۋاتسىز كىشى بولۇش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلغان تەرىقەگۇي سوپى كىشى ئىدى. ئۇ ئاجايىب دۆت كىشى بولۇپ، ئىمپېرىيە تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاسانلا قارا نىيەتلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەكبەرنىڭ ئەتراپىغا شىئە ئۆلىمالىرى، ھىندى براھمانلىرى، پورتۇگالىيە خرىستىيانلىرى قاتارلىق تۈرلۈك كىشىلەر ئولىشىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن ئەقىدىلىرىگە ئائىت يات نەزەرىيەلەرگە قايىل قىلىشىدۇ. نەتىجىدە، بۇ بىلىمسىز پادىشاھ دۇنيادا ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان «ئىلاھىي مەزھەب» ئىسىملىك يېڭى بىر دىننى ئىجاد قىلىپ، براھمانلار ۋە شىئەلەرنى ئەتراپىغا يىغىپ، بۇ يېڭى دىننى تارقىتىشقا باشلايدۇ. شىئە ئۆلىمالىرى ئەكبەردە ئىلاھىي پاكلىق بارلىقىغا قايىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشنى بۇ دىننىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن بىرى قىلىدۇ. ئاتالمىش «ئىلاھىي مەزھەب» دىنى ھىندىستاندا بار بارلىق دىنلارنىڭ ئارىلاشمىسى ئىدى. بۇ ئەقىلسىز پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن تەخت ئۇنىڭ ئوغلى جاھانگىرغا قالىدۇ. ئۇمۇ دادىسىنىڭ بۇزۇق ئەقىدىسى بويىچە ماڭىدۇ. ئەكبەرشاھ ئوغلى نۇرىددىن جاھانگىر (ھ. 977 – 1037 / م. 1569 – 1627) دىن كېيىن تەختكە چىققان جاھانگىر ئوغلى شاھابەددىن مۇھەممەد ساھىبقىران ياكى شاھ جاھان (ھ. 1000 – 1076 / م. 1592 – 1666) ئەقىدە جەھەتتە دادىسى ۋە بوۋىسىدىن ياخشىراق ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پورتۇگالىيە ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا قارشى بەزى ھەربىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئامراق ئايالى مۇمتاز ماھال ئەرجۇمەند بانۇ بېگۇم (ھ. 1001 – 1040 / م. 1593 – 1631) نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەجنۇنغا ئايلىنىپ، ھاۋايى – ھەۋەس ئىگىلىرىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە مۇناسىب ھالدا ئۆز ھېسسىياتىنى شەرىئەت ئۈستىگە قويۇپ، سۆيۈملۈك مەرھۇمەسىگە ئاتاپ، ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ ھالدا مەقبەرە ياساشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 20 مىڭ ئىشچىنى 22 يىل ھاشارغا سېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن پۇل – مېلىنى سەرپ قىلىدۇ. ھىندىستان ئىسلام دۆلىتىنى ھەر تەرەپتىن ئىسلام دۈشمەنلىرى قورشىۋالغان چاغلاردىمۇ، بۇ مەجنۇن ئاشىق ئەتىگەن – كەچلەردە مەرھۇم مەشۇقەسى ئۈچۈن يىغلاپ يۈرىدۇ ۋە توختاۋسىز يىغا، قاتتىق قايغۇ سەۋەبلىك تېنىنى كېسەل چىرمىۋالىدۇ. بىر ياقتىن ئىسلام دۈشمىنى خرىستىيانلار، يەنە بىر ياقتىن سەفەۋىيلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرى نەتىجىسىدە ھىندىستان ئىسلام سەلتەنەتى ئاجىزلىشىپ، فىتنە ۋە قوزغىلاڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شاھ جاھاننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى دارا شۇكوھ قادىرىي (ھ. 1024 – 1069 / م. 1615 – 1659) ھاكىمىيەت تىزگىنىنى قولىغا ئېلىپ (1657)، ئىمپېراتورلۇقىنى جاكارلايدۇ. لېكىن، ھەقىقىي خەتەر دارا شۇكوھنىڭ «ئىلاھىي مەزھەب»نى يېڭىدىن تىرىلدۈرمەكچى بولۇشىدا يوشۇرۇنغان ئىدى.

 

مۇمتاز مەھەل ئەرجۇمەند بانۇ بېگۇم
taj-mahal-مۇمتاز مەھەل ئەرجۇمەند بانۇ بېگۇم

ھىندىستاندا ئىسلام مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىش خەۋپىدە…

لېكىن، ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە ھەر دائىم ئۆز ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى سالماق ۋە سەبرچانلىق بىلەن، قالايمىقانچىلىق چىقارماي تۇرۇپ ئوڭشايدىغان نامسىز قەھرىمانلارنى مەيدانغا چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى جالالىددىن ئەكبەرشاھ ھىندىستاننىڭ جاي – جايلىرىدا كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ يېڭى دىنىغا چاقىرىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا، ئۆزى ۋىجىك ئەمما ھۆرمىتى ئۇلۇغ، ئاللاھقا بولغان ئىمانى كۈچلۈك، غەيرەت – شىجائىتى چەكسىز بىر شەيخ ھەرىكەتكە كەلگەن ئىدى. نەسەبى ئىسلام قەھرىمانى ئۆمەر فارۇق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە رازى قىلسۇن!) قا تۇتىشىدىغان، «ئىمام رەببانىي» نامى بىلەن مەشھۇر بۇ ئۇلۇغ شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد سىرھىندىي ئەلفارۇقىي (ھ. 971 – 1034 / م. 1564 – 1624) ئېرۇر. ئۇ ئەمىر ۋە قوماندانلار ئارىسىدا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ دىنىغا باشلاش ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ، ئەكبەرنىڭ دەۋىتىنىڭ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلاتقان. ئۇ زاتتىن كېيىن ھىندىستاندىكى ئىسلام تۇغىنى ئۇنىڭ ئوغلى خاجە مۇھەممەد مەئسۇم سىرھىندىي (ھ. 1007 – 1079 / م. 1599 – 1668) كۆتۈرگەن. خاجە مۇھەممەد مەئسۇم سىرھىندىي نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن مېۋە بېرىدىغان غايەت زور بىر ئىسلام دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغانىدى. بۇ نامسىز قەھرىمان سۇلتان شاھىجاھاننىڭ گۆدەك ئوغلىنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بويىچە بىدئەتتىن يىراق تەربىيەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەنەفىي فىقھىنى ئۆگىتىپ، ئۇنى ھەنەفىي فىقھىدە كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. ئەرەبچە، فارسچە ۋە تۈركچە قاتارلىق بىرنەچچە تىلنى پۇختا ئىگىلەپ، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىپ ئۇستا خەتتات، چەۋەندازلىق ۋە جەڭ ئىلمىدە ماھىر چەۋەنداز ۋە قابىل قوماندان بولۇپ يېتىشىپ چىققان بۇ بالا دەل بۈيۈك سۇلتان ئەۋرەڭزىپ (تو. 1618 – ئۆ. 1707)، يەنى ئالەمگىر I (1658 – 1707) ئېرۇر. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى بولسا ھىندى ۋە موغول سەلتەنەتىنىڭ بۈيۈك سۇلتانى ۋە كەرەملىك خاقانى شاھىنشاھ ئەبۇ مۇزەففەر مۇھىيددىن مۇھەممەد ئەۋرەڭزىپ باھادۇر ئالەمگىر پادىشاھ ئەلغازىي ئىبنى مۇھەممەد شاھجاھان ئىبنى مۇھەممەد جاھانگىر ئەلكوراگانىي (السُّلطَانُ الأَعظَم والخَاقَانُ المُكرَّم شَاهِنشَاهِ السَّلْطَنَةِ الْهِنْدِيَّةِ والمَغُولِيَّةِ أَبُو الْمُظَفَّر مُحيِي الدِّين مُحَمَّد أَوْرَنِكْزِيب بَهَادُر عَالَمكِير پَادِشَاه غَازِي بن مُحمَّد شَاهجِهَان بن مُحمَّد جِهَانكِير الگوركاني) ئېرۇر. فارس تىلىدا «ئەۋرەڭزىپ ــــ شاھلىق زىننىتى»، «ئالەمگىر ــــ دۇنيانىڭ تىزگىنىنى تۇتقۇچى» دېمەكتۇر.

ئىسلام قەھرىمانى ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر ئاكىسى دارا شۇكوھ ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرغان ۋە «ئىلاھىي مەزھەب»نى تىرىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە دادىلانە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈرەشكەن ۋە دارا شۇكوھنى يوقاتقان. ئاندىن كېيىن ئاتىسى شاھ جاھاننىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى شەھەر – شەھەرلەردە يامرىغان ئىسيانلارنى بېسىقتۇرۇپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئانىسى مەرھۇمە ئەرجۇمەند بانۇ ئۈچۈن كۆپ يىغلاپ مەجنۇن بولۇپ قالغان ئاتىسى سۇلتان شاھ جاھاننى تەختتىن چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر ئاتىسىنى بىر سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ سارايغا دۇنيادىكى ئەڭ يوغان ئەينەكنى بېكىتىپ بەرگەنكى، شاھ جاھان ئۇ ئەينەكتىن ئايالى كۆمۈلگەن تاج ماھال مەقبەرىسىنى كۆرەلەيتتى. بۇ تەلبە ئاشىق ئاشۇ ئەينەك ئارقىلىق سەككىز يىلغا يېقىن ئايالىنىڭ مەقبەرىسىگە قاراپ، ھاياتىنى ئەپسۇسلىنارلىق شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرغانىدى.

مۇسۇلمان سۇلتان ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپلا، ئىمپېرىيە دۇچار بولغان ئاجىزلىققا خاتىمە بېرىشكە يەڭ تۈرۈپ، يۇرت – شەھەرلەردە ئىسلاھات باشلاتتى. ئالەمگىر I دەۋرىدە (م. 1658 – 1707) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيەسى ئەڭ كېڭەيگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ ئەۋرەڭزىپ كۆرسەتكەن ھەربىي تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ھىندى دىيارلىرىدىن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنمىغان بىرمۇ رايون قالمىدى. ئەۋرەڭزىپ ھىندىستان تۆۋەن قىتئەسىنى (چوڭ قۇرۇقلۇقىنى) ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرۇشقا، شەرقىدىن غەربىگىچە، شىمالىدىن جەنۇبىغىچە بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا بىرلەشتۈرۈشكە قادىر بولدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە 30 قېتىمدىن ئارتۇق غازات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 11 قېتىملىق جەڭگە ئەۋرەڭزىپ ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان، قالغانلىرىغا قوماندان تەيىنلىگەنىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدىكى موغول ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى پەۋقۇلئادە كېڭىيىپ بۈگۈنكى ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال، ئافغانىستان، ئىران، نېپال، بۇتان ۋە بېرما قاتارلىق سەككىز دۆلەتنى ئۆز زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

 

ئىسلام قەھرىمانى ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر
ئىسلام قەھرىمانى ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر

سۇلتان ئەۋرەڭزىپ خەلقنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتقۇچى 80 تۈرلۈك باجنى بېكار قىلىپ، ئالدىنقى خانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن جىزيەنى ئەسلىگە كەلتۈردى. مەسجىد، ھاممام، خانىقاھ، مەدرەسە ۋە شىپاخانىلارنى سالدۇردۇپ، يوللارنى رېمونت قىلدى، باغ – باغچىلارنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە دېھلى دۇنياۋى بۈيۈك شەھەرگە ئايلاندى. ئۇ يەنە قازى – قۇزاتلارنى تەيىنلەپلا قالماي، ھەر ۋىلايەتكە ئۆزىگە ۋەكىل كىشىلەرنى ئەۋەتىپ خەلق ئىچىدە كىمنىڭ سۇلتاندا ھەققى بولسا سۇلتاننىڭ ۋەكىللىرىگە يەتكۈزۈشىنى جاكارلىدى.

ئەۋرەڭزىپ مۇستەھكەم ئىمانى ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەلچانلىقىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە نورۇز قاتارلىق غەيرى ئىسلامىي بايراملارنى رەت قىلىپ، سۇلتاننىڭ ئالدىدا يەر سۆيۈش، ئېگىلىش قاتارلىق قائىدە – يوسۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سۇلتانغا سالام بەرگەندە ئېيتىلىدىغان دەبدەبلىك ئۇزۇن تەھسىن ۋە تەساننالارنى بېكار قىلىپ، ئىسلام سالامى بىلەنلا كۇپايىلەندى. شەھەرلەرگە ھاراقنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى. ئوردىدىن ناخشىچى ۋە سازەندىلەرنى چىقىرىۋەتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر قىسسە رىۋايەت قىلىنىدۇ:

بىر كۈنى ئەۋرەڭزىپ قەسىرنىڭ سىرتىدا ئىدى، سازەندە ۋە ناخشىچىلارنىڭ قارا كىيىملەرنى كىيىپ جىنازا كۆتۈرۈپ يىغلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

— بۇ نېمە؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— نەغمە – ناۋا چالغۇ ئەسۋابلىرى. ئاپىرىپ دەپنە قىلماقچىمىز، — دېدى. ئەۋرەڭزىپ:

— ئۇنداقتا، ياخشى كۆمۈڭلار، قايتا ئورنىدىن تۇرمىسۇن! — دېدى.

 

«ھىندى پەتۋالىرى» ياكى «ئالەمگىر پەتۋالىرى» قوليازمىسى
«ھىندى پەتۋالىرى» ياكى «ئالەمگىر پەتۋالىرى» قوليازمىسى

 

تەختكە چىققاندىن كېيىن، يەنى 40 ياشتىن ئاشقاندا «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان ئەۋرەڭزىپ ئۆز دەۋرىنىڭ قازىلىرىنى ھەنەفىي مەزھەبى بويىچە بىر فەتۋا قامۇسى تۈزۈشكە بۇيرۇپ ئۆزى بىر قوللۇق نازارەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر «فەتەۋايى ھىندىييە» (ھىندىستان پەتۋالىرى) ياكى «ئالەمگىرىييە» (العالمكيريّة، 6 جىلد) نامى بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ كىتابنى ھازىرقى زاماندىكى شەرئىي ئىلىم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. سۇلتان ئەۋرەڭزىپ بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھرىدىكى «پادىشاھى مەسجىد» (بادشاہی مسجد، 73-1671) نى سالدۇرغان. بۇ مەسجىد ھېلىھەم مۇسۇلمانلار كۈچەيگەن، قۇدرەت تاپقان ئەسىرنىڭ شاھىدى بولۇپ تۇرماقتا.

badshahi-mosque-shahi-mosque-پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھرىدىكى «پادىشاھى مەسجىد»
badshahi-mosque-shahi-mosque-پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھرىدىكى «پادىشاھى مەسجىد»

 

ئۇ ھىندى ئوكياندىكى پورتۇگالىيە ئەھلىسەلىب كۈچلىرىنى يوقاتقان. ھىندىستاننىڭ ئوتتەك ئىسسىقىدا رامازان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتۇپ، ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ تاپقان ئارپا ئۇنىدا يېقىلغان گىردىدە ئىپتار قىلاتتى، ئۆز قولى بىلەن «قۇرئان» كۆچۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، مۇسۇلمانلار خەزىنىسىدىن مائاش ئالمايتتى. ئۈزۈلدۈرمەي ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى، پەرز نامازلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئوقۇمىسا كۆڭلى ئۇنىمايتتى، تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بېرەتتى، رامازاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە مەسجىدتە ئېتىكاپقا كىرەتتى. سۇلتان ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر قاتتىق ئىبادەتگۇي زات بولۇپ، ئۆلىما – ماشايىخلارنى چوڭ كۆرەتتى، ئۇلارنى ئۆز يېنىغا تارتاتتى، مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى، پىكىرلىرىگە ئۆزىلا ھۆرمەت قىلىپ قالماي ئەمىر – ئۆمەرالىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاشقا بۇيرۇيتتى. قۇلىقىغا بېنگالغا تەيىنلىگەن نائىبلىرىنىڭ تەخت ياسىتىپ ئولتۇرغانلىق خەۋىرى يەتكەندە دەرھال بۇنىڭدىن توسۇپ، كايىغان ۋە ئۇلارنى ئولتۇرۇپ – قوپۇشقا ئاددىي خەلققە ئوخشاش بولۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. پۇقرالىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشلارنى يېزىپ يەتكۈزىدىغان مەخسۇس خىزمەتچىلەرنى بەلگىلىگەن، ئاتا – باباسىدىن ئۇدۇملىشىپ قالغان سۇلتانغا سوۋغات تەقدىم قىلىش ئادىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئاۋامنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن دەرۋازىسىنى چوڭ ئېچىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ھىندىستان مىقياسىدا سۈننەتنى تىرىلدۈرۈپ، بىدئەتنى ئۆلتۈرگەن. يەر يۈزىدە تەۋھىد دىنىنى تارقىتىپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ئىدى.

شىئەلەرنىڭ ئىرقچى راجالار ۋە ھىندۇ پادىشاھلىرى بىلەن تۈزگەن خائىن ئىتتىپاقىدىن خەۋەر تاپقان ئەۋرەڭزىپ سەفەۋىي شىئەلىرىگە قارشى جىھاد ئاچقان ئىدى. دەۋرداش دۇنيا ھۆكۈمدارلىرى ئىچىدە ئەڭ بۈيۈكى بولمىش مەزكۇر مۇسۇلمان ئىمپېراتور باتۇر مۇجاھىد بولۇپلا قالماي، ئىسلامنىڭ غەلىبىلىرىنى كۈيلەپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بۈيۈك شائىر ۋە ھېسسىياتقا باي ئەدىب ئىدى. خالايىق ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ زامانىدا ئادالەت كەڭ تارقالغان، مىليونلىغان تۆۋەن تەبىقە ھىندۇلار ئۇنىڭ ئەدل ۋە زۇهدىنى كۆرۈپ ئىسلامغا كىرگەن، شۇ ۋەجدىن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپەيگەن. (شىمالدا) ھىمالايا چوققىلىرىدىن (جەنۇبتا) ھىندى ئوكيان ساھىللىرىغىچە، (شەرقتە) بېنگالدىن (غەربتە) بۈگۈنكى تاجىكىستانغىچە ئەزان ئاۋازى ياڭراپ تۇرىدىغان چوڭ بىر ئىمپېرىيە بارلىققا كەلگەنىدى.

 

Mughal_Historical_Map-ھىندىستان تۈرك - موغۇل ئىمپېرىيەسى خەرىتىسى
Mughal_Historical_Map-ھىندىستان تۈرك – موغۇل ئىمپېرىيەسى خەرىتىسى

ئەۋرەڭزىب ئىنتايىن ماھىر خەتتات بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز قولى بىلەن كۆچۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. مەملىكەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى خەۋپلىرى ھەردائىم كەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ھەجگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قەلبىدىكى بەيتۇللاھ ئاشقى ۋە مەسجىدى نەبەۋى سۆيگۈسى سەۋەبلىك ئۇ مۇبارەك دىيارلارغا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر ئىش قىلىش مەقسىتىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز قولى بىلەن چوڭ ئىككى نۇسخا كۆچۈرۈپ چىقىپ، بىرىنى مەككە مۇكەررەمەگە، يەنە بىرىنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئەۋەتكەن. ھىندىستان (ئىسلام) ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتىنى قولىدا يېرىم ئەسىردەك مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرغان ئەۋرەڭزىپ، 90 غا يەتكەن بولسىمۇ روزا تۇتۇش، كېچىسى قىيامدا تۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇردى… نىھايەت، ئايرىلىش مىنۇتلىرى كەلدى.

ھ. 1118 – يىلى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 28 – كۈنى/ م. 1707 – يىلى 2 – فېۋرال ئاشۇ يىراق شەھەرلەردە ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداپ، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق جىھاد مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرغان ئۇلۇغ سۇلتان ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ بالىلىرىنى چاقىرتىپ، ئۆزىنى ئۆز قولى بىلەن يۇڭدىن يىپ ئىگىرىپ، يوشۇرۇنچە بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ يىغقان بەش رۇپىيەگە سېتىۋالغان كېپەنلىك بىلەن كېپەنلەشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۆزى ئۈچۈن مازار – مەقبەرە سالماسلىقنى ۋەسىيەت قىلىدۇ.

ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بالىلىرىغا ئۆزى شەخسىي كىرىمىنى يىغىپ ساقلىغان خەزىنىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنى يېتىم – يېسىر، تۇل ئاياللارغا سەرپ قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىدۇ. بالىلىرى ئاتىسى دەپ بەرگەن يەرگە بېرىپ بار – يوقى 300 رۇپىيەنى تاپىدۇ، مانا بۇ 300 رۇپىيە ھىندىستان موغول ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىمپېراتورىنىڭ بايلىقى ئىدى. بالىلار بايلىقنى ئېلىپ يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ، دادىسىنىڭ روھىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار خىزمىتىدە بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاجىز تېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

شەيخ ئەلى تەنتاۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىز تارىخىدىن ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان بۇ ئۇلۇغ ئىسلام قەھرىمانى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ توغرا يولدا ماڭغان خەلىفەلەرنىڭ داۋامى ئىدى».

ئاللاھ ئۇلۇغ سۇلتان، «شاھلىق زىننىتى» ئەبۇ مۇزەپپەر مۇھيىددىن مۇھەممەد ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىرگە رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۆزىنىڭ كەڭ جەننەتىدىن ئورۇن بەرسۇن، ئامىن!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: مۇرشىد


1. براﮪمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «براﮪﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار براﮪﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «براﮪﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، براﮪﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. براﮪﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «براﮪﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. براﮪﻤﺎﻧﯩﺰﻡ مىلادىدىن ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براﮪﻤﺎنىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 330 – ﺑﻪﺕ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (3231)؛ «مۇسلىم»، (1795). ئائشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ