بىتكۇۋينغا ئوخشىغان شىفىرلاشقان پۇللارنى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ھۆكمى

بىتكۇۋينغا ئوخشىغان شىفىرلاشقان پۇللارنى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىرقى «بىتكۇۋين» گە مەبلەغ سېلىۋاتقانلار، مەبلەغ سېلىپ پايدا ئالغانلارمۇ، زىيان تارتقانلارمۇ بارىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئېلىپ – ساتساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن بىز بۇ خىل ئېلىكترونلۇق شىفىرلاشقان پۇل ھەققىدە ئومۇمىي ئىقتىسادىي چۈشەنچىگە ئىگە بولساق، بۇنىڭ ھۆكمىنى بېكىتىش قولايلىشىدۇ.

بىتكۇۋين (Bitcoin) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئېلىكترونلۇق شىفىرلاشقان پۇل (Cryptocurrency) لار مۇئامىلە ئىشلىرىنى بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە شىفىرلاشقان رەقەملىك پۇللار بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغىنىمىزدا، شەرئىي جەھەتتىن بىتكۇۋينغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى نۇقتا بار. ھەربىر نۇقتىغا قارىتا ئايرىم – ئايرىم ھۆكۈم چىقىشى مۇمكىن:

1. ئىشلەپ چىقىرىش. ئادەتتىكى قەغەز پۇللارنى بىرەر دۆلەت ئاپپاراتى بېسىپ چىقىرىدىغان بولسا، شىفىرلاشقان ئېلىكترونلۇق پۇللارنى ئىشلەپ چىقىرىش بىرەر ھۆكۈمران ئورگان تەرىپىدىن بولمايدۇ. بەلكى توردا ھەركىم ئىقتىدارى يۇقىرى كومپيوتىرلاردا مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ قېزىش (Mining) ئارقىلىق بۇ پۇللارنى چىقىرالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ توردىكى ھېسابىدا ساقلىيالايدۇ. مانا بۇ نېگىزلىك پەرق بولۇپ، بۇ ئېلىكترونلۇق پۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر دۆلەت يوقلۇقى، ئەكسىچە بۇ ئىشلارنىڭ ئېنىق بولماسلىقى بۇ ئىشنى خەتەرلىك قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇل توردىكى ھېسابتىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ياكى ئوغرىلانسا، ئۇنى بىرەر ئورۇننىڭ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.

بۇ پۇللارغا قارىتا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بۇ پۇلنى ئېلىپ – ساتقۇچىسىدىلا بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچىدىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قولىدىكى شىفىرلاشقان پۇللار ئوغرىلىنىشى ياكى ساختىلىنىشىمۇ مۇمكىن. كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېتالى ياكى پروگراممىسىغا، مەخپىيەتلىكىگە سوغۇق قول تېگىشى ياكى بىرەر توربەتنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى ياكى سىستېمىلاردا بىرەر ئەھۋال كۆرۈلۈشى سەۋەبلىك ھەم قانۇنىي ھەم ئىقتىسادىي ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ئىشلاردا تولۇق خاتىرجەم بولىدىغان كاپالەت يوق. ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيوتېر ياكى ئايپەد ياكى پۇلنى ساقلىغان قاتتىق دېتالىڭىز ئوغرىلانسا ياكى كۆيۈپ كەتسە ياكى يۈتۈپ كەتسە، پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.

ئادەتتىكى پۇللارنى بانكا كارتىلىرىغا قاچىلىغىنىمىزدا، بۇ پەرقنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بانكا ئۇ پۇللارنىڭ ئەسلىنى تولۇق قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەتمۇ بۇنى نازارەت قىلىدۇ. ئەمما، بىتكۇۋينغا ئوخشىغان شىفىرلاشقان پۇللاردا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك تېپىلمايدۇ.

بۇ پۇللارنى مەيلى پۇل دەپ ئاتايلى ياكى ئاتىمايلى، بۇ يەردە ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنىمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇتۇشىمىز لازىم. قارايدىغان بولساق، بۇ تۈرلۈك پۇللار يوقتىن بار قىلىنغان. ئۇنىڭ خام ماددىسى ياكى فىزىكىلىق جىسمى يوق، ئۇ پەقەت پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ پروگراملاشتۇرغان سان – سىفىردىن ياكى ئېلىكترونلۇق شىفىردىن ئىبارەت. ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئىشلەتكەن توك، ۋاقىت ۋە شۇ تۈرلۈك چىقىملاردىن باشقا ھەقىقىي بەدىلى يوق. بۇ تەرىقىدە ئۇلى يوق مەۋھۇم پۇللارنى پەيدا قىلىش ئاز ساندىكى ئىقتىدارلىق شەخسلەرنىڭ بايلىقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ۋە مونوپۇل قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چېكى ئېنىق، تۇتاملىق ئىش بولمىغاچقا، ھەقىقىي بىر پۇلمۇ مەۋجۇد بولمىغاچقا، ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىققا ئىشىك كەڭ ئوچۇق. شۇڭا، قىسقا ۋاقىتتا باهاسى نەچچە ئون ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ ياكى چۈشۈپ كېتىدۇ.

يۇقىرىقى نۇقتىغا شەرئىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئىشلەپ چىقارغان ئورۇننىڭ نامەلۇم بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا بەدەلسىزلا ئېرىشىش شەرىئەتتىكى پۇل ئۇقۇمىغا زىت كېلىدۇ. لېكىن، بىتكۇۋين تۈزۈمى بويىچە دۇنيادىكى بىتكۇۋين سانى 21 مىليونغا يەتكەندە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىش توختايمىش. (ئەلبەتتە بىتكۇۋيندىن باشقا پۇللارنى ئىشلەپ چىقىرىش توختامدۇ – توختىمامدۇ بۇنى بىلمەيمەن) ئەگەر توختىسا ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئۇنى ئېلىپ – سېتىش مەسىلىسىگە يۆتكەلمەي بولمايدۇ. لېكىن، يەنىلا بۇ پۇللارنى كىم چىقارغان؟ ئۇنىڭغا قانداقسىگە بەدەلسىزلا ئېرىشىدۇ؟ دېگەن سوئاللاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز(1). بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق:

بىتكۇۋين (Bitcoin) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان شىفىرلاشقان پۇللاردا شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە ھەقىقىي پۇلنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇنى بىرەر دۆلەت ياكى ھاكىمىيەت چىقارمىغان، بەلكى نامەلۇم شەخسلەر توردا قېزىش (Mining) ئارقىلىق بەدەلسىزلا پەيدا قىلغان. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك پۇللارنى ئىشلەپ چىقىرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، يەنە بىر قاراشتا، شىفىرلانغان پۇللارنى بىر خىل ئېلىكترونلۇق تاۋار دەپ قارىساق، بۇ ئەھۋالدا ئېلىكترونلۇق بايلىق قېزىشتىن ئىبارەت بولۇپ، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن.

2. ئېلىپ – سېتىش. بۇ پۇللار ئىشلەپ چىقىرىلىپ بەزى دۆلەتلەردە بەزى دۇكانلار ۋە سودا مەركەزلىرى پۇل ئورنىدا قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا مال ساتىدىغان، ھەتتا دوللار ۋە ياۋروغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئۇ پۇل تۆلەشتە، تىجارەتتە ۋە بايلىق توپلاشتا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقىي پۇلنىڭ رولىنى ئېلىشقا باشلىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، گىرمانىيەدە بىتكۇۋيننى باج ئېلىنمايدىغان مۈلۈك دەپ ئېتىراپ قىلغان. مالايسىيادا بىتكۇۋين بىلەن قىلىنغان زېمىن سودىسى رەسمىيىتى بېجىرىلگەن. شىۋىتسارىيەدە باجنى بىتكۇۋين بىلەن تۆلىسە بولىدىغان بولغان. لېكىن، يەنىلا دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ئومۇملىشىپ بولالمىدى. بىرەر دۆلەت رەسمىي پۇل دەپ تونۇمىدى. ئەگەر ھەقىقىي پۇلنىڭ رولىنى ئويناشقا باشلىسا بۇ چاغدا بۇ پۇللار پۇللۇق سالاھىيەتنى بىرەر ھاكىمىيەتتىن ئەمەس، ئەمەلىي رېئاللىقتىن قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ پۇللار زاكات ئايرىش، باشقا پۇللار بىلەن ئايرىۋاشلاش، نەقمۇ نەق قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋە قەرز بەرگەندە ئۆسۈمسىز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە شەرىئەتتىكى پۇل ئەھكاملىرىغا بويسۇندۇرۇلسا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى، باشقىلارغا پۇل ئەۋەتىش بانكىسىز ۋە نازارەتسىز ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا ھەم ئەرزان، ھەم قولاي، ھەم تېز، ھەم بىخەتەر بولىدىكەن ۋە بۇ ئالاھىدىلىكنى ئېلىپ كەلگەن مەۋھۇملۇقنىڭ ئۆزى دەل ئۇ پۇلنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.

شۇڭا شىفىرلاشقان رەقەملىك پۇللارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭىيىپ بۇنى بىر خىل پۇل دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدا ھەر تەرەپلىمىلىك مەۋھۇملۇق سەۋەبىدىن تۆۋەندىكىدەك زىيانغا سەۋەب بولىدىغان نۇقتىلار كۆپ ۋە ئېغىر بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېلىپ – سېتىش ھارام دېگەن ئالىملار ۋە پەتۋا ئورگانلىرى ئىنتايىن كۆپ(2):

1. ئۇنىڭ ئىشلەپ چىقارغۇچىسى نامەلۇم.

2. ئۇنى ساتقۇچى، ئەۋەتكۈچى ۋە تاپشۇرۇپ ئالغۇچى نامەلۇم. بۇ سەۋەبتىن پايدىلىق تەرىپىمۇ بولغىنى بىلەن، ساختىلىققا ئۇچراپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى.

3. كاپالەت قىلغۇچى ئورۇن يوق بولغاچقا تۇيۇقسىز پارغا ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار.

4. ئۇنى رەتكە سالىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان ئورگان يوق.

5. باھاسىنىڭ ئېگىز – پەس بولۇشى ۋە قىممىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى.

6. قانۇنسىز يوللارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئاۋسترالىيىلىك بىر تەتقىقاتچى بۇ پۇللارنىڭ قانۇنسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش نىسبىتى 50% ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقىنى يەكۈنلىگەن(3).

7. پۇل ياكى مال – مۈلۈك بولۇش سالاھىيىتى يوق.

بۇلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلا نەرسىگە ئىخچاملاش مۇمكىن: ئېنىقسىزلىق ۋە خەتەر. بىرلا نەرسىگە ئىخچاملىساق، زىياننى ئېغىر تارتىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك دېيىش مۇمكىن. نەتىجىدە بۇ ئىش قىمارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق بولغان سودىنى قىلىشتىن توسقان(4).

شىفىرلانغان بۇ پۇللاردا ئادەتتىكى پۇللاردا بولغاندەك قانۇنىي ۋە باشقا تەرەپتىن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تېپىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن بازىرى كاساتلاشسا، ياكى ئاقماس بولۇپ قالسا، ياكى تېخنىكىلىق خاتالىق يۈزبەرسە، بۇ ئۆزىنى ۋە مېلىنى خەتەرگە يولۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت. مال مۈلۈكنى قوغداش بولسا شەرىئەت كۆزلىگەن نىشانلارنىڭ برىدۇر(5).

شۇڭا بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ھازىرقى چاغدا ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش، ئۇنى ئېلىپ – سېتىش توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغانلار دەرھال ئۇنى قولدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئەگەر كېيىنچە ئومۇملىشىپ، قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىپ، بىرەر دۆلەت ياكى رەسمىي ئورۇن بۇ پۇلغا كاپالەتلىك قىلسا، ئاندىن بۇ پۇلنىڭ شەرئىي تەرەپلىرىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

ئالىملاردىن يەنە ئۇنى ھارام دېمىگەن، لېكىن ھازىرچە ئۇنى ئېلىپ – ساتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغانلارمۇ بار. بەلكىم كېلەچەكتە بۇ تۈرلۈك شىفىرلانغان پۇللارنى دۆلەتلەر چىقارسا ياكى نامەلۇم شەخسلەر چىقارغان پۇللار دۆلەتلەرنىڭ ياكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشسە، بەلكىم ھۆكۈم ئۆزگىرىشىمۇ تۇرغانلا گەپ. يەنە بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيە»لىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ شىفىرلانغان پۇللارنىڭ ھۆكمىنى كوللېكتىپ چىقارغان پەتۋا بويىچە بېكىتىشىنىمۇ كۈتمەكتە.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 29 – زۇلقەئدە / م. 2019، 1 – ئاۋغۇست


1. رؤية شرعية واقتصادية، قدمها الدكتور عبد الباري مشعل، بموقع (رقابة للاستشارات المالية الإسلامية).
2. مەسىلەن، تۈركىيە «دىيانەت» پەتۋاسى، مىسىر ۋە پەلەستىن «دارۇل ئىفتاﺋ» پەتۋاسى،
3.https://www.businessinsider.com.au/australian-researchers-used-the-dark-web-to-track-the-illegal-use-of-bitcoins-2017-12
4. «مۇسلىم»، (1513).
5. «النقود الرقمية، الرؤية الشرعية والأثار الاقتصادية»، د/ عبد الستار أبو غدة – رئيس الهينة الشرعية لمجموعة البركة المصرفية.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ