جان كىرىپ بولغان ھامىلىنى قەستەن چۈشۈرۈۋەتسە تۆلەم تۆلەمدۇ؟

جان كىرىپ بولغان ھامىلىنى قەستەن چۈشۈرۈۋەتسە تۆلەم تۆلەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! قورساقتىكى جان كىرىپ بولغان ھامىلىنى يولدىشى ياكى ئۆزى دوختۇرخانىغا بېرىپ چۈشۈرۈۋەتسە، قەستەن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولسا، خۇن ھەققى كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قورساقتىكى بالا 4 ئايلىق بولغاندىن كېيىن جان كىرگۈزۈلۈپ تولۇق ئىنسان شەكلىدە مۇئەييەنلىشىپ بولغاچقا، ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر جانغا تاجاۋۇز قىلىش، ئاللاھ تائالا ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەت. بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھارام ئىش. بۇنىڭدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر. تېخى كۈچلۈك قاراشتا 4 ئايدىن بۇرۇن چۈشۈرۈۋېتىشمۇ ھارام.

ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولغان كىشىگە تۆلەم تۆلەش كېلىدۇ. بۇنىڭدا سەۋەب بولغۇچى ئانا بولسۇن ياكى ئاتا بولسۇن، ياكى دوختۇر بولسۇن ياكى باشقا بىرسى بولسۇن، قەستەن بولسۇن ياكى قەستەن بولمىسۇن ھەممىسى ئوخشاش. چۈشۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولسىلا خۇن ھەققى (دىيەت) تۆلەش ۋاجىب بولىدۇ. بۇنىڭغا بەلگىلەنگەن دىيەت ھەدىستە بىر قۇل دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەبۇ سەلەمە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى ئايال بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىغا تاش ئېتىپ، قورسىقىدىكى بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا دەۋالىشىپ كەلگەندە، قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ خۇن ھەققىنى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بىر قۇل دەپ ھۆكۈم قىلدى.(1)

بۇنىڭغا بەلگىلەنگەن دىيەتنى پۇلغا سۇندۇرغاندا ئەر كىشىنىڭ دىيىتىنىڭ %5 قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ. يەنى يىگىرمىدىن بىرىدۇر. مەسىلەن، بىر ئىنسانغا يۈز تۆگە جان تۆلىمى كېلىدىغان بولغاچقا، ھامىلىگە 5 تۆگە كېلىدۇ. بازاردا بەش تۆگە قانچە پۇل بولسا شۇنچە پۇل تۆلەم كېلىدۇ.

تۆگە باقمايدىغان رايونلاردا ئالتۇن بىلەن ئۆلچەيمىز. بىر ئەر كىشىنىڭ خۇن ھەققى ساپ ئالتۇندىن 1000 تىللا بولۇپ، بۇ 4.250 كىلوگرامغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ %5 تى 50 تىللا بولىدۇ. بىر تىللا 4.25 گرامغا باراۋەر. دېمەك، تۆرەلمىنىڭ تۆلىمى 212.5 گرام ئالتۇن بولىدۇ. ياكى مۇشۇ ئالتۇننىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە قەغەز پۇلغا سۇندۇرىلىدۇ. بىر گرام ئالتۇن بۈگۈنكى باھادا 330 يۈەن بولسا تۆلەمنى يۈەن بويىچە ھېسابلىساق قورساقتىكى بالىنىڭ تۆلىمى 70 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ يۇقىرى ياكى تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن.

بۇ تۆلەمنى كىملەر تۆلەيدۇ؟

بۇ تۆلەمنى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بىۋاسىتە قول سالغانلار ياكى سەۋەب بولغانلار تۆلەيدۇ. مەسىلەن، ھامىلىدار ئايال ئۆزى قورسىقىدىكى بالىنى چۈشۈرۈۋەتسە بۇ ئايال تۆلەمنى يالغۇز تۆلەيدۇ. لېكىن، بۇ تۆلەمدىن مىراس ئالالمايدۇ. تۆرەلمىنى ئاتىسى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ شۇنداق.

ئەگەر بىرقانچە كىشى ھەمكارلىشىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا تۆلەم بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چېچىلىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى دوختۇرغا بېرىپ: «بالامنى چۈشۈرۈپ بېرىڭ» دېگەن ئەھۋالدا بەزى ئالىملار پۈتۈن تۆلەم ئايالغا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار پۈتۈن تۆلەم دوختۇرغا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بۇ تۆلەمنى كىم ئالىدۇ؟

بۇ تۆلەم قورساقتىكى بالىنىڭ مىراسخورلىرى بولغانلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن، ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكەن قاتىل مىراسخورلاردىن بولسا بۇ مىراستىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ئاتا – ئانا بىرلىشىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا، ئاسىب(2) تۇغقانلاردىن ئەڭ يېقىن بولغانلار ئالىدۇ. ئەگەر ئاتىسىنىڭ ئاتىسى بولسا پۈتۈن مىراسنى ئالىدۇ، ئەگەر ئاتىسىنىڭ ئاتىسى بىلەن بىللە ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئانىلىرى (چوڭ ئانىلىرى) بولسا، ئاتىسىنىڭ ئاتىسى بىلەن بىللە ئۆزئارا شەرئى بۆلۈشىدۇ. ئەگەر ئاتىسىنىڭ ئاتىسى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاسىب تۇغقان مىراسخور بولىدۇ.

بالىنىڭ جىنسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىسىدا تۆلەمدە پەرق بولامدۇ؟

پەرق يوق. ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار ھامىلە ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بىر قۇل تۆلەم كېلىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بەزىدە ئوغۇل ياكى قىزلىقى ئېنىق بولماي، بىلىنمەي قالىدىغان بولغاچقا، تالاش – تارتىش كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرىئەت بۇ مەسىلىدە تالاش – تارتىشنى كېسىپ بىر خىللا ئۆلچەم بېكىتكەن».(3)

ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەھۋالدا دىيەت بىلەن كەففارەت بىللە كېلەمدۇ؟

بۇنداق ئەھۋالدا، ئالىملارنىڭ بىر قىسمى دىيەتنىڭ ئۈستىگە كەففارەت ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. كەففارەت بولسا: ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي 60 كۈن روزا تۇتۇش. بەزى ئالىملار بۇ كەففارەتنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:

1. ئەگەر چۈشۈرۈۋېتىلگەن بالا ھايات يەرگە چۈشۈپ ئاندىن ئۆلۈپ قالغان ئەھۋالدا تولۇق بىر ئىنسان تۆلىمى كېلىدۇ

2. تۆرەلمە زىنادىن ياكى باسقۇنچىلىقتىن بولغان تەقدىردىمۇ 4 ئايدىن كېيىن چۈشۈرۈۋېتىش ئوخشاش ھارام بولىدۇ. تۆلەممۇ كېلىدۇ.

3. مېيىپلىكى مەلۇم بولغان بالىنى 4 ئايدىن كېيىن چۈشۈرېۋېتىشمۇ ئوخشاش ھارام بولىدۇ. تۆلەممۇ كېلىدۇ.

4. ئېرى ئايالىنى «بالىنى چۈشۈرۈۋەت» دەپ بۇيرۇسا بولمايدۇ. بۇيرۇغان تەقدىردە، ئايال ئەرگە بويسۇنماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بويسۇنۇش دېگەن ئىتائەت بولغان ئىشلاردا بولىدۇ. بويسۇنسا گۇناھكار بولىدۇ. بالىنى چۈشۈرۈۋەتكەن جىنايەت يۈكلىنىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «گۇناھ ئىشتا ئىتائەت قىلىش يوق، ئىتائەت قىلىش دېگەن توغرا ئىشلاردا بولىدۇ» دېگەن.(4)

5. ئەر – ئاياللار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بالا دېگەن ئاللاھ بەرگەن رىزىق، ئۇنى بېقىپ پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرۈشكە ئاللاھ ئۆزى ئىگە، چۈنكى ئۇ زات ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىگىسىدۇر، كىم بىلىدۇ، بەلكى ئاشۇ بالىدا باشقا ھېچكىمدە بولمىغان خەيرلىك، بەرىكەت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەربىر ئىنسان تەقدىر ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن كۈتۈۋېلىشى لازىم. بۇ ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى.

6. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش بىر جىنايەت، بۇنىڭغا ئاللاھ بېكىتكەن جازادىن قورقماي، تۆلەممۇ ئادا قىلماي، مەخلۇقلار بېكىتكەن جەرىمانىدىن قورقۇپ بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئاشۇ بىگۇناھ بىر جان ھەققىدە، ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن چەك – چېگراسى ھەققىدە، مىللەت ھەققىدە، جەمئىيەت ھەققىدە، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھەققىدە ئىشلەنگەن ئىنتايىن قەبىھ ھەم ئېغىر جىنايەت. شۇنداقلا بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىشقا بىۋاسىتە قول تىقىدىغان دوختۇر، سېسترالارمۇ، بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولىدىغان باشقا كىشىلەرمۇ بۇ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇشى لازىم. چۈنكى، 4 ئايلىق بولغان تۆرەلمە مىدىرلايدىغان، غىزالىنىدىغان، نەپەسلىنىدىغان بىر جان. بىر جاننى ئۆلتۈرۈش پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنگە، هاياتىنى ساقلاپ قېلىش پۈتۈن ئىنسانلارنى ساقلاپ قالغانغا باراۋەر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 15 – زۇلقەئدە / م. 2011، 13 – ئۆكتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 165 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5758)؛ «مۇسلىم»، (1681).
2. ئاسىب، كۆپلۈكى ئاسىبلار (عَاصِب ج الْعَصَبَةُ): ئەرەب تىلىدا: «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/132؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1116 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 11/176.
4. «بۇخارىي»، (7257).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ