روزىدار ھالەتتە چىش چوتكىلاش ۋە مىسۋاك ئىشلىتىش

روزىدار ھالەتتە چىش چوتكىلاش ۋە مىسۋاك ئىشلىتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازاندا چىش پاستىسى بىلەن چىشىنى چوتكىلىسا ياكى مىسۋاك ئىشلەتسە روزىغا تەسىرى يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

روزىدار ھالەتتە مىسۋاك  ياكى چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلاش مۇستەھەبتۇر. روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بۇنىڭدا كۈندۈزنىڭ ھەممە سائەتلىرى ئوخشاش. چۈنكى، ئېغىزنىڭ ئىچى بەدەن سىرتى ھۆكمىدە بولۇپ، چىش چوتكىلاش تاھارەت ئالغاندا ئېغىزغا سۇ ئېلىپ چايقىغانغا ئوخشاشتۇر. لېكىن، گالدىن بىرنەرسە ئۆتۈپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش لازىم.

گالدىن سۇ ياكى چىش پاستىسىنى قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتسە روزا بۇزۇلىدۇ، چوتكىلىغاندا ياكى چايقىغاندا مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق، قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئاللاھ كەچۈرۈۋەتكەي.

ئەسلىدە مىسۋاك ئىشلىتىش روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغان چاغدا بولسۇن، كېچە – كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا بولۇپمۇ، نەفلە ياكى پەرز نامازغا تاھارەت ئالغاندا ياكى نامازدىن ئىلگىرى سۈننەت ئىش بولۇپ، چىش پاستىسىدا چىش چوتكىلاش بىلەن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمنى پەرقلەندۈرىۋېتىدىغان ئالاھىدە پەرق يوق. چۈنكى، ئىككىسىنىڭ پەرقى چىش پاستىسىدا تاتلىق تەم ياكى پاستا تەمى بولغىنى بىلەن، مىسۋاكتىمۇ شاخ تەمى بىلەن بىللە مىسۋاكنىڭ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرى بولىدۇ.

ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرغۇن قېتىم روزىدار ھالىتىدە مىسۋاك ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.(1)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ناۋادا ئۈممىتىمگە — ياكى كىشىلەﺭگە — ئېغىرچىلىق بولىدﯗ دېمىسەم، ئۇﻻﺭنى ھەر ناماز بىلەن بىللە مىسۋاك ئىشلىتىشكە (پەرز قىلىپ) بۇيرۇيتتىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(2). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن زەيد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ رەسۇلۇللاھدىن ئاشۇنداق رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسلەردە: رەسۇلۇللاھ روزا تۇتقۇچىلارنى باشقىلاردىن ئايرىپ قارىمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «مىسۋاك دېگەن ئېغىزنى پاكلايدىغان، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان نەرسىدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئەتاﺋ بىلەن قەتادە: «تۈكۈرۈكنى يۇتىۋەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ» دېگەن.(3)

ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئىمام بۇخارىي بۇ بابقا ئىسىم قويۇشتا روزىدار كىشى ھۆل مىسۋاك ئىشلىتىپ چىشىنى مىسۋاكلىسا بولمايدۇ، دېگۈچىلەرگە رەددىيە بەرمەكچى بولغان» دەيدۇ.(4)

ئىمام بۇخارىي يەنە دېگەنكى: «بۇ ھەدىستە روزىدار بىلەن باشقىلارنى ئايرىمىغان». ئەتائ‍: «كىشى ئاغزىنى چايقاپ ئاغزىدىكى سۇنى تۈكۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، تۈكۈرۈكىنى يۇتۇۋەتمىسىلا، ئۇنىڭ روزىسىغا زىيىنى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزىدا نېمە قالاتتى؟!» دېدى ۋە: «روزىدار سېغىز چاينىمايدۇ. ئەگەر سېغىزدىن پەيدا بولغان تۈكۈرۈكنى يۇتسا روزىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دېمەيمەن، لېكىن بۇنىڭدىن چەكلىنىدۇ. ئەگەر ﺑﯘﺭنىغا سۇ ئالغاندا، سۇ ئىختىيارسىز گېلىدىن كىرىپ كىرىپ كەتسە ھېچقىسى يوق، ئىگە بولالمايدۇ» دېگەن.(5)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «مۇتەۋەللىي(6) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار: ‹روزىدار ئېغىزىنى چايقىغاندا سۇنى چىقىرىۋېتىشى لازىم، ئېغىزىنىڭ ئىچىنى ياغلىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرنەرسە بىلەن قۇرۇتۇشى كېرەك ئەمەس› دېگەن».(7)

بۇنىڭغا ئاساسەن چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىزدا قالغان نەملىكنى تۈكۈرۈكى بىلەن بىللە قېتىپ يۇتىۋېتىپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 23 – رامازان / م. 2011، 23 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 88 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئەھمەد»، (15716)؛ «ئەبى داۋۇد»، (2364). بۇنى ئىمام بۇخارىمۇ «سەھىھ»ىدە: «روزا تۇتقۇچىنىڭ ھۆل ۋە قۇرۇق مىسۋاك ئىشلىتىشى» دېگەن بابتا زەئىف ھەدىسكە خاس ئىبارە بىلەن «مۇئەللەق» رىۋايەت قىلغان، ئىمام تىرمىزىي بىلەن ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»،2/459؛ ئىبنى ھەجەر: «تەلخىيسۇل ھەبىير»، 1/62.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (887)؛ «مۇسلىم»، (252).
3. «بۇخارىي»، «روزا تۇتقۇچىنىڭ ھۆل ۋە قۇرۇق مىسۋاك ئىشلىتىشى» دېگەن باب.
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/158.
5. «بۇخارىي»، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ تارتسۇن» دېگەن سۆزى» دېگەن باب.
6. زامانىدىكى شافىئىي ئالىملارنىڭ كاتتىسى، ئەبۇ سەئد ئابدۇراھمان ئىبنى مەئمۇن ئەننەيسابۇرىي ئەلمۇتەۋەللىي. بۇخارا ۋە باشقا شەھەرلەردە ئوقۇغان. باغدادتا نىزامىيە مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. «تەتىممە» قاتارلىق كىتابلىرى بار. باغدادتا ھىجرىيە 478 – يىلى ۋاپات بولغان. قاراڭ: زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 19/187.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/327.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ