ئەدىب، شائىر يۈسۈف ئوغلى موللا بىلال خوتەنىي

ئەدىب، شائىر يۈسۈف ئوغلى موللا بىلال خوتەنىي

(ھ. 1317 – 1238/ م. 1899 – 1823)

 

يۈسۈف ئوغلى موللا بىلال 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەندە تۇغۇلغان، ئىلچى شەھىرىدە ئوقۇغان. تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۈزۈپ چىققان. ئۇ ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىغا ئىنتايىن ئىشتىياق باغلاش بىلەن بىرگە يەنە ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى، فارس تىلى ۋە فارس ئەدەبىياتىنىمۇ خېلىلا پىششىق ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ يازمىلىرىدا ئەرەبچە ۋە فارسچە سۆزلەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن دەل جايىغا كەلتۈرۈپ خېلى كۆپ ئىشلىتەتتى. بىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان «دىۋانى بىلال» ناملىق پىكرىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن توپلىمىلا يېتىپ كەلگەن. بۇ دىۋاننىڭ ئاخىرىغا «ھ. 1238 (م. 1822) – يىلى، قۇربان ھېيت» دەپ يېزىلغان.

مەزكۇر دىۋاندا مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان 1138 مىسرا بېيىت، پەلسەپە، ھەر خىل قىسسە ۋە جەڭنامىلەرگە ئائىت بايانلار ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ئىشلار ھەققىدىمۇ ئاز – تولا مەزمۇنلار بار بولۇپ، چىرىك ھۆكۈمرانلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە زۇلۇملىرىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئەيىبلىگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەت سىستېمىسىغا تەۋە قەۋمىنىڭ تىلىغا شۇ قەدەر مەپتۇنكى، بۇ تىلغا ئاتاپ يازغان مەدھىيە – ماختاشلىرى بەزىدە كىشىگە چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:

يۈسۈف ئوغلى ئىدى پەرزەنتى خوتەن،

تۈركىي تىلدىن ئۆزگە تىلنى بىلمىگەن.

گەرچە ئۆگەنسىمۇ ئۇلاردىن ئىلىمنى

ئۆزگىلەرنى جان – دىلىدىن سۆيمىگەن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ