شەيخ موللا بىلال داموللام (قازاق)

شەيخ موللا بىلال داموللام (قازاق)

(ھ. 1299– 1376/ م. 1881 – 1956)

شەيخ موللا بىلال ھەزرەتلىرى ھىجرىيە 1299 – يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دىنىي بىلىملەردىكى ساۋاتىنى غۇلجىدا چىقارغان. ئاندىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئالىملارنىڭ قولىدا ئوقۇغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن تۇرپانغا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋە «ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىجازەتنامە»سىگە ئېرىشكەن. ھىجرىيە 1330 (م. 1912) – يىلى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىغا قايتىش ئىستىكىدە يولغا چىقىپ غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە غۇلجىدا قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن مەسجىدلەرنىڭ ئىمام ۋە خاتىبلىرى، قازاق قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەيدىغان سەييارە مۇئەللىملەر تەربىيەلىنىپ چىققان. شۇ ۋاقىتلاردا قازاق قەبىلىلىرى تېخىچە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، ئوت – چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈشەتتى. مۇقىم بىر جايدا ئولتۇراقلاشمايتتى. شۇڭا، بالىلارنى بىر يەرگە يىغىش مۇمكىن ئەمەس بولغاچقا مۇئەللىملەر قەرەللىك ھالدا چارۋىچىلارنىڭ قىشلاقلىرى ئارىسىدا يۆتكېلىپ يۈرەتتى.

شەيخ بىلال ئاخىرىقى كۈنلىرىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ۋە ھىجرىيە 1376 – يىلى شۇ جايدا ۋاپات بولغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ