سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا ياكى باشقىلارنى يىراقتىن كۆرگەندە، قولىمىزنى كۆتۈرۈپ سالام قىلىدىكەنمىز. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېمەستىن، قول ئىشارىتى بىلەن سالام قىلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سالاملىشىشنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دىنىمىزدا ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا، بىرىنىڭ يەنە بىرىگە سالام بېرىشى گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىن مۇستەھەب ئىش بولسا، سالام قىلىنغان كىشىنىڭ سالام قىلغۇچىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشى ۋاجىبتۇر. سالامنى ئادەتتىكى ئەھۋالدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ياكى «سالامۇن ئەلەيكۇم» دەپ ئاغزاكى بېرىمىز، ئۇنىڭغا «ۋەرەھمەتۇللاھى» ۋە يەنە «ۋەبەرەكاتۇھۇ» قېتىلسا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.
يۇقىرىقىدەك سالام قىلغىنىمىزدا، قوشۇمچە ھەربىر قەۋم ئادەتلەنگىنى بويىچە قول ئىشارىتى قىلىنسا، مەسىلەن بىز تۈركىستانلىقلاردا ئوڭ قولنى مەيدىگە قويۇپ ئالدىغا سەل ئېڭىشىشتەك ياكى باشقىلاردا قولىنى كۆتۈرۈش ياكى بېشىنى سەل ئېگىشتەك… ئىما – ئىشارەلەر قوشۇلسا بولىۋېرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەسجىدتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئولتۇرغان ئايال جامائەتكە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام قىلغان(1). بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر خىل رىۋايەتىدە «بىزگە سالام قىلدى» دەپ كەلگەن بولغاچقا، ئالىملار مەزكۇر ۋەقەلىكنى ھەم ئاغزى بىلەن، ھەم ئىشارىتى بىلەن سالام قىلغان دەپ چۈشەنگەن(2).
دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللار جامائەسى سەل يىراق بولغاچقا ياكى ۋاراڭ – چۇرۇڭدا سالامنى ئاڭلىمايدىغان بولغاچقا ئاغزى بىلەن سالام قىلىپ، قولى بىلەن ئىشارەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، گاس – گاچىلارغا، سالامنى ئاڭلىيالمايدىغان بىمارلارغا، يىراقتىكىلەرگە، توي – تۆكۈنلەردىكىدەك ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئىچىدىكىلەرگە… ئاغزىمىزدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېيىش بىلەن بىرگە قول ياكى باش ئىشارىتى قىلساق بولىدۇ.
ئەمما، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېمەستىن، ئىشارە بىلەنلا سالام قىلىش يامان كۆرۈلىدىغان «تەنزىھىي مەكرۇھ» ئىش بولۇپ(3)، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى: «يەھۇدىي، ناسارالارنىڭ سالام قىلىشىدەك سالام قىلماڭلار! ئۇلارنىڭ سالام قىلىشى ئالىقان، باش بىلەن ئىشارەت قىلىش بىلەن بولىدۇ» دەپ چەكلىگەن(4).
ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سالام ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش جەھەتتىن بىر زىكىر، سالامەتلىك تىلەش جەھەتتىن بىر دۇئا – تىلەك بولۇپ، ھەدىستە كەلگەندەك، «كىشىلەرگە سالام قىلىشنىڭ ئۆزى بىر سەدىقەدۇر»(5).
ئاغزى باشقا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل ياكى شۇنىڭدەك ئۆزرىلىك ئەھۋاللاردا ئاغزاكى سالام قىلالمىسا ياكى سالامغا ئاغزاكى جاۋاب قايتۇرالمىسا، قول ياكى باش ئىشارىتى بىلەن كۇپايىلەنسىمۇ بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1443، 15 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2021، 28 – ئۆكتەبىر
1. تىرمىزىي (2697). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. نەۋەۋىي: «رىيازۇسسالىھىن / ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، 1 – ج، 447 – بەت.
3. بۇنىڭ «تەنزىھىي مەكرۇھ» بولىدىغانلىقىنى نەسائىي (10100 – ھەدىس كەلتۈرۈلگەن تېمىدا)؛ نەۋەۋىي («ئەلئەزكار»، 258 – بەت) ۋە شەيخۇلئىسلام زەكەرىييا ئەلئەنسارىي («ئەسنەل مەتالىب»، 4 – ج، 183 – بەت) لەر مۇئەييەنلەشتۈرگەندۇر.
4. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (10100). ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇلبارىي»، 11 – ج، 14 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
5. ئەھمەد (21588). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

