ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى(4)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىما قىلىشقا بولامدۇ؟ بولسا قايسى دائىرىدە، قانچە ئايغىچە بولىدۇ؟

جاۋاب: شەرىئەتتە جىما قىلىش چەكلەنگەن ئەھۋال پەقەتلا ھەيزدارلىق، نىپاسدارلىق ياكى ئېھراملىق ھالىتىدۇر.

ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىما قىلىش ئايال بىلەن تۆرەلمىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى تېخى ئىلگىرىكى بەزى ئالىملار: «مەنىينى بالىياتقۇغا چىقىرىش تۆرەلمىگە پايدىلىق» دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئەھمەد: «جىما تۆرەلمىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ قارىغان. تىرمىزى ھەسەن دەپ باھالاپ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، باشقىلارنىڭ زىرائىتىنى سۈيى بىلەن سۇغارمىسۇن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسمۇ تۆرەلمىنىڭ جىمادىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ([1]).

ئەمما، مەلۇم ئەھۋاللاردىكى ھامىلىدارغا ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا نىسبەتەن جىما زىيانلىق ياكى زىيانلىق ئەمەسلىكىنى دوختۇرلار مۇئەييەنلەشتۈرسە، شەرئى ھۆكۈممۇ شۇنىڭغا قاراپ بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ قارىشىدا، قورساقتىكى تۆرەلمىگە زىيان يېتىدىغان بولسا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ. دېمەك، تۆرەلمىگە زىيان يېتىش – يەتمەسلىكنى دوختۇرلار بەلگىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، جىمانىڭ چەكلىنىشى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ.

دوختۇرلار ئارىسىدا «بالا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم بالىسى چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا قارىتا، ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ياكى دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا جىما قىلىش چەكلىنىدۇ» دەيدىغان قاراش بار ئىكەن. يەنە «ياللۇغلىنىش ياكى بالدۇر تۇغۇۋېتىش كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە جىما قىلىش چەكلىنىدۇ» دەيدىغان قاراش بار ئىكەن.

يەنە بەزى دوختۇرلار: «مەيلى دەسلىپىدە بولسۇن ياكى ئوتتۇرىسىدا ۋە ياكى ئاخىرقى باسقۇچىدا بولسۇن، ھامىلىدار چاغدا جىما قىلسا زىيىنى يوق» دەپ قارايدىكەن. شۇنداقتىمۇ، بەزىبىر ئەھۋاللار كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن دىققەت قىلىشنى، قورساققا بېسىم بولۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

بۇ مەسىلىنىڭ جىسمانىي ياكى ماددىي تەرىپى شۇكى، ئەگەر توققۇز ئايغا يېقىن ۋاقىت ئايالىغا يېقىن كەلمىگەن ئەھۋالدا ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت سوۋۇپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى قامدالماي، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، چەكلەيدىغان ئېنىق بىر دەلىل بولمىغاندىكىن، بۇ ئىش زىيانلىق بولۇشىغا ياكى ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ.

 

بالىياتقۇدىن يەل كەلسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

بىر قانچە قېتىم تەبىئىي تۇغۇت نەتىجىسىدە ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپى سەل كېڭىيىپ كېتىشى، ئولتۇرغاندا ياكى ئوڭدا ياتقىنىدا ئالدى تەرىپىگە ھاۋا كىرىۋېلىپ، بەدەن ھالىتى ئۆزگەرگەن چاغدا سىرتتىن كىرگەن ئاشۇ ھاۋا ئاۋاز بىلەن چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ھەنەفىي، مالىكىي شۇنداقلا بىر قىسىم ھەنبەلىي مەزھىپى ئالىملىرى نەزىرىدە، بۇ يەل ئادەتتىكى يەل چىقىدىغان نىجاسەت بار جايدىن چىقمىغان بولغاچقا، خۇددى كېكىرىككە ئوخشايدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. سۇندۇرىدۇ دەيدىغان ئايرىم دەلىلمۇ كەلمىگەن. شۇڭا، تاھارەت بۇرۇنقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ([2]).

شەيخى زادە مۇنداق دەيدۇ: «ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىققان يەل مەينەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ نىجاسەت ئورنىدىن قوزغىلىپ چىقمايدۇ»([3]).

 

رامىزان ئۈچۈن ھەيز كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقلاشقان مەسىلە شۇكى، رامىزاندا ھەيز كۆرگەن ئايالغا شۇ ھالەتتە روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. پەرز بولغىنى رامىزاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەرنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇۋېلىش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان كەڭچىلىكىدۇر.

﴿رامىزان ئېيى بولسا قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى روشەن ئايرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامىزاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. بۇ، ساننى تولدۇرۇشۇڭلار ۋە سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾([4]).

ھەيزدار ھالەتتە ئايال كىشى جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتىن ئىنتايىن بىئارام ۋە چارچىغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا، روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىقنى ئاياللارنىڭ ئىختىيارىدا قويماي، ئېغىز ئېچىۋېتىشنى ۋاجىپ قىلغان. ئايال كىشى بۇنداق ئەھۋالدا، روزا تۇتسىمۇ روزىسى قوبۇل بولمايدۇ، پەرز روزىمۇ بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ. كېيىن باشقا كۈنلەردە ئورنىغا روزا تۇتمىسا يەنىلا بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئاياللىرىمۇ شۇنداق قىلىپ كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەيز ھالەتتىكى ئايال روزا تۇتمىسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. دورىلار بىر تەرەپتىن ھەيزنى توختىتىپ قويغىنى بىلەن، يەنە باشقا تەرەپتىن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزمۇ زىيانلىق بولۇش تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىشنى مەكرۇھ دېگەن.([5]) شۇڭا، بۇنداق ئىشلار ئۆز يولىدا تەبىئىي ماڭغىنى تۈزۈك.

لېكىن، ھېچقانداق زىيىنى يوقلۇقى ئىسپاتلانغان ھەيزنى كېچىكتۈرىدىغان دورا بولسا، ئۇنى ئىشلىتىپ، رامىزاندا ساق ھالەتتە روزا تۇتقان ئاياللار بولسا، ئىنشائاللاھ، ئۇلارنىڭ روزىسى جايىدا ئورۇنلانغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ھازىرقى دەۋردىكى ئىمام قەرداۋىيدەك ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز شۇنداق پەتىۋا بەرمەكتە.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بەندىنىڭ ئىبادەتلەرنىڭ ۋاجىپ بولۇشىغا كۈچەپ كېتىشى ۋاجىپ ئەمەس. مەسىلەن، زاكات ۋاجىپ بولۇش ئۈچۈن ياكى ھەج پەرز بولۇش ئۈچۈن پۇل تېپىشى ۋاجىپ ئەمەس. ئاياللارنىڭمۇ رامىزاندا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتالىشى ياكى ئېتىكاپتا ئولتۇرالىشى ئۈچۈن ھەيزنى كېچىكتۈرۈشى ۋاجىپ ئەمەس. لېكىن، ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنىڭ روزا تۇتۇشقىلا ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئىشلارغىمۇ تەسىرى بار:

.1 نورمال ئىددەت مۇددىتىنى قىسقارتىۋېتىش ياكى ئۇزارتىۋېتىشكە تەسىر قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز: «دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەھۋالدا بۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

2. سەپەرگە چىقىش ياكى سەپەردىن كېلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەر – خوتۇنغا بىللە بولۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

.3 روزا، ناماز، قۇرئان ئوقۇش ۋە ھەجلەرگە، شۇنداقلا ھەيزنىڭ توختىشىغا باغلىق شەرتلىك تالاق قاتارلىقلارغا تەسىرى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى كۆزدە تۇتقاندىن كېيىن ئالىملارنىڭ تەرجىھى مۇنداق: جىددىي زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا ھەيزنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىش مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، سەپەرگە قىستالغان چاغدا ئىفازەت تاۋىپىنى قىلىۋېلىش، رامىزاندا قۇرئان ئىمتىھانى بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ھەيز قېنىنى چىقارماي تۇرۇۋېلىشنىڭ ئايالغا بولغان زىيىنى ئېغىر بولسا ھارام بولۇپ كېتىدۇ. زىيىنى بولمىغان تەقدىردىمۇ، زۆرۈرىيەت بولمىسا، دورا ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئىبادەتنى زامان جەھەتتىنمۇ ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن بويىچە ئورۇنداش ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇش ئايىتىدە بىزگە ئاتا قىلغان قولايلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر([6]).

 

جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟ «جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟

جاۋاب: جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە، بالىغا تاماق تەييارلىسا، يېگۈزسە، شۇنداقلا جۇنۇپ ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولۇۋېرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «جۇنۇپ بولغان ھالىتىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ قولۇمنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ، بىر جايغا كەلگەندە ئولتۇردى. مەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۆيۈمگە كېلىپ غۇسلى قىلىپ كەلسەم، رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: ›نەگە كەتتىڭ، ئى ئەبۇ ھۇرەيرە؟‹ دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتسام، رەسۇلۇللاھ: ›سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مۆمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ‹ دېدى»([7]).

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى. ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى».([8]) مۇسلىم رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسلى بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى» دەپ كەلگەن([9]). ئەتا: «جۇنۇپ ئادەم تاھارەت ئالماي تۇرۇپ قان ئالدۇرسا، تىرناقلىرىنى ئالسا، چېچىنى چۈشۈرسە دۇرۇس» دېگەن([10]).

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جۇنۇپلۇقتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا، ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلۋەتتە بىرەر دەلىل كەلگەن بولاتتى.

جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى يۇيۇۋېتىپ ئېمىتسە ياخشى. بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسلى قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى. بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە، مۇستەھەپلىكىدە گەپ يوق. لېكىن، ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە ھېچنېمە بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىسلەر جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ›رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۇخلامتى؟‹ دەپ سورىسام، ئۇ: ›ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئۇخلايتتى‹ دېگەن»([11]).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «بىرى جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ، جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ» دېگەن([12]).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كېچىلىرى ئېھتىلام بولۇپ قالىدىغانلىقىم ھەققىدە دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يول – يورۇق سورىغاندا، ماڭا: ›ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ، تاھارەت ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇخلا‹ دېگەن»([13]).

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى، جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە. ئالىملار يەنە جۇنۇپ كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشىنىڭ مۇستەھەپلىكى چىقىدۇ»([14]).

 

جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟

ئىمام نەۋەۋىي يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىمۇ، تەرلىرىمۇ نىجىس ئەمەس، پاكتۇر، دېگەن. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوق»([15]).

ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا، خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش، چاي دەملەش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، بالا ئېمىتىش، ئەر – ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق.

يەنە جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، قان ئالدۇرۇش، چاچ – تىرناق ئېلىش، ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش، جۇنۇپ كىشىگە قاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر. ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك «جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە، جۇنۇپ كىشىگە قاراپ سالسا، پالاكەت باسىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ» دېگەن قاراشلارنىڭ ئىسلامدا ئاساسى يوق. بۇلار يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى، يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ.

 

جۇنۇپ كىشى غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟

كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىسىدىنلا دەرھال غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ۋە ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولسا، بەدىنىدىكى مەينەتنى تازىلىۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋاجىپ ئەمەس، مۇستەھەپ بولىدۇ. ئەمما، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ياكى ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، دەرھال غۇسلى قىلىپ، ناماز ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئومۇمەن ئالدىراشچىلىق ياكى باشقا سەۋەب بولمىسا، غۇسلى قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل. چۈنكى، ھەرۋاقىت تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر. تاھارەت بىلەن تۇرسا، كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ. كېيىن غۇسلى قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا، باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسلى قىلالماي قېلىش، ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

غۇسلى قىلماي تۇرۇپ، قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئايالى بىلەن قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا، كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن»([16]).

 

جۇنۇپ ھالەتتە بىر نەرسە يەپ – ئىچسە بولامدۇ؟

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى بولسا، ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن يەپ – ئىچەتتى»([17]).

بۇ ھەدىسنى «جۇنۇپ كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا، قولىنى ۋە ئېغىزىنى چايقىۋېتىدۇ» دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان. كاتتا تابىئىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: «جۇنۇپ كىشى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا، قوللىرىنى يۇيۇۋېتىپ، ئېغىزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ». مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: «چۈنكى، ›تاھارەت ئالىدۇ‹ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن» دېگەن([18]).

باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن يەپ – ئىچىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى([19]). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە جۇنۇپ كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىۋەتكەندىن كېيىن شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى([20]).

بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇش بىلەنلا بولدى قىلاتتى. لېكىن، بۇ يەپ – ئىچىشكە خاس ئەھۋال. «ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى» دەپ ئېنىق كەلگەن ھەدىسلەر بولۇپ، بۇلارغا زىت كېلىدىغان باشقا بىرەر ھەدىس بولمىغاچقا، ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى([21]).

دېمەك، بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي، ئۇنداق قىلىش مەكرۇھ، دەپمۇ قارىغان([22]).

 

ھىجرىيە 1436 – يىلى، رامىزاننىڭ 26 – كۈنى

مىلادىيە 2015 – يىلى 12 – ئىيۇل

———————–
([1]) «زاد المعاد»، 5/155.
([2]) «مجمع الأنهر»، 1/31؛ «الأم»، 1/17؛ «التاج والإكليل»، 1/291؛ «الإنصاف»، 1/195.
([3]) «مجمع الأنهر»، 1/31.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى، 185 – ئايەت.
([5]) «بلغة السالك»، 1/144.
([6]) «قضايا معاصرة»، جامعة الأزهر، 1/174.
([7]) «سەھىھەين»: «بۇخارى»، 285 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 371 – ھەدىس.
([8]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 284 – ھەدىس.
([9]) «مۇسلىم»، 309 – ھەدىس.
([10]) «سەھىھۇل بۇخارى»، «جۇنۇپ ئادەمنىڭ بازارغا ۋە باشقا جايلارغا چىقىپ يۈرۈۋېرىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.
([11]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 286 – ھەدىس.
([12]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 287 – ھەدىس.
([13]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 290 – ھەدىس.
([14]) «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 3/217.
([15]) «المجموع»، 2/170.
([16]) «مۇسلىم»، 308 – ھەدىس.
([17]) «مسند أحمد»، 24758 – ھەدىس.
([18]) «مصنف عبد الرزاق»، 1081، 1083 – نومۇر؛ «المغني»، 1/144؛ «نيل الأوطار»، 1/273.
([19]) «مۇسلىم»، 305 – ھەدىس.
([20]) «ئەبۇ داۋۇد»، 225 – ھەدىس. ئالبانى «ئاجىز» دېگەن.
([21]) «نيل الأوطار»، 1/273.
([22]) «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 3/217.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز