ئەقىقە ئەھكاملىرى(2) دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئەقىقە ئەھكاملىرى(2)

ئەقىقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەللەر

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئەزان – تەكبىر توۋلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

كۆپچىلىك ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ھەسەننىڭ قۇلىقىغا ئەزان توۋلىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن، ئەبۇ راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ: «فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تۇغقاندا مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەسەننىڭ قۇلىقىغا نامازغا توۋلىغاندەك ئەزان توۋلىغىنىنى كۆرگەن» دېگەن زەئىف ھەدىس(1)كە ئاساسلىنىپ، بۇ تۈرلۈك زەئىف ھەدىسكە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئەمەل قىلغان ۋە بالىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر توۋلاشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئەزان بىلەن تەكبىر بالا تۇغۇلۇپ بولۇشى بىلەنلا توۋلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: پەرزەنت دۇنياغا كېلىپ تۇنجى بولۇپ قۇلىقىغا كىرىدىغىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سۆزلەر ۋە ئۇنىڭغا قارىتا شاھادەت ئېيتىش، ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەركانلىرىدىن بولغان نامازغا چاقىرىش بولسۇن ئۈچۈندۇر. بۇ ئەزاننىڭ بوۋاقنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. يەنە بىر پايدىسى شەيتاننى قوغلاشتۇر(2).

بۇ قاراشقا كۆرە، پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئەرلەردىن ياكى ئايال كىشىلەردىن بىرى بالىنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا نامازغا توۋلىغاندەك ئەزان توۋلاپ، سول قۇلىقىغا نامازغا چۈشۈرگەندەك تەكبىر چۈشۈرىدۇ. تۇغۇلغان چاغدا ئەزان توۋلىمىغان بولسا، يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويغاندا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ.

بەزى ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسنى زەئىف دەپ قاراپ: «تۇغۇلغان بالىنىڭ قۇلىقىغا ئەزان – تەكبىر توۋلاش مۇستەھەب بولمايدۇ» دېگەن. لېكىن، يۇقىرىقى ھەدىسكە قارايدىغان بولساق، ئەزان توۋلاش ھەدىستە كەلگەن، تەكبىر توۋلاش بولسا ئىنتايىن زەئىف بىر ھەدىستە كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئەزان بىلەن كۇپايىلىنىش مۇۋاپىق.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن، قىز – ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلغاندا قۇلىقىغا ئەزان توۋلاش سۈننەتتۇر. ئەزان ناماز ئەزىنىنىڭ سۆزلىرى بىلەن بولىدۇ»(3).

ئەزاننىڭ شەيتاننى قوغلاش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى جەھەتتىن بوۋاققا ئەزان توۋلاشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بوۋاقنى شەيتاندىن قوغداش ۋە ئۇنى پاناھلاندۇرۇشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بوۋاق ئانىنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى پاناھلاندۇرۇش باشلىنىپ كېتىدۇ. كۇرەيب ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىققەت! ئەگەر بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنلاشقاندا: ›ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ! بىزنى شەيتاندىن، شەيتاننى بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پەرزەنتتىن يىراق قىلغىن‹ دەپ جىما قىلسا، كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاشۇ بىرگە بولۇشىدا پەرزەنت پۈتۈلگەن بولسا، شەيتان ئۇنىڭغا ئۆمۈرۋايەت زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ»(4).

پەرزەنت تۇغۇلغان چاغدا ئەزان توۋلاش، پاناھلاندۇرغۇچى ئايەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق پاناھلاندۇرۇلىدۇ. ئىمراننىڭ ئايالى مەريەم ئەلەيھىسسالامنى تۇغقاندا مۇنداق دەپ پاناھلاندۇرغان: ﴿مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن﴾(3/«ئال ئىمران»: 36).

سەنەدى بايان قىلىنمىغان بىر رىۋايەتتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەننىڭ قۇلىقىغا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇدى ۋە ئۇنى خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى» دەپ كەلگەن(5).

ئومۇمەن تۇغۇلغان كۈنى بوۋاققا دۇئا قىلىش، ئۇنى پاناھلاندۇرۇش سۈننەت بولغاچقا، ئەزان توۋلاش بىلەن بىرگە ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ۋە ئايەتۇلكۇرسىنى پاناھلاندۇرۇش مەقسىتىدە بوۋاققا ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. بۇ پاناھلاندۇرۇش بوۋاق چوڭ بولۇۋاتقاندىمۇ داۋاملىشىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار (ئىبراھىم) مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى ›أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ‹ يەنى ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»(6).

تۇغۇلغان بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئېغىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى قانداق؟

ئېغىزلاندۇرۇش دېگىنىمىز، خورما ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان شېرىن نەرسىنى چايناپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تامىقىغا سۈرۈشتىن ئىبارەت. قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، تۇغۇلغان چاغدا بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى يوق. چۈنكى، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن(7).

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلغاندا ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ›ئىبراھىم‹ دەپ ئىسىم قويدى، ئاندىن خورما چايناپ ئۇنىڭ تامىقىغا(8) سۈرۈپ ئېغىزلاندۇرۇپ، بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ، ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەبۇ مۇسانىڭ بالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى»(9).

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىزلاندۇرۇپ قويۇشى ئۈچۈن بىر بوۋاق كەلتۈرۈلگەن ئىدى، (ئۇنى قۇچىقىغا ئالغىنىدا) بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى. رەسۇلۇللاھ نەملىك ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتتى(10).

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە ھامىلىدار بولغان چېغىدا مۇنداق دېگەن: «تۇغۇت ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالغاندا مەككەدىن ھىجرەت قىلىپ چىقتىم. مەدىنەگە كېلىپ، قۇبائغا چۈشۈپ يەڭگىدىم. ئاندىن بوۋاقنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، قۇچىقىغا قويدۇم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تال خورما ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چايناپ، بوۋاقنىڭ ئېغىزىغا تۈكۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ دەسلەپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن نەرسە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرۈكى بولدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ چاينىغان خورمىسىنى ئابدۇللاھنىڭ تامىقىغا سۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئابدۇللاھ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا نىسبەتەن ئىسلامدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارغا ›يەھۇدىيلار سىلەرگە سېھىر قىلىپ قويدى، ئەمدى سىلەر پەرزەنت كۆرەلمەيسىلەر‹ دېيىلگەن ئىدى»(11).

ئەنەس ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ تەلھەنىڭ بىر بالىسى ئاغرىپ قالغان ئىدى، ئەبۇ تەلھە سىرتقا چىقىپ كەتكىنىدە بالا ئۆلۈپ قالدى. ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېلىپ: ›بالامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟‹ دەپ سورىۋىدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ›ئۇ ئەڭ تىنچلانغان ھالەتتە‹ دەپ قويۇپ، ئۇنىڭغا كەچلىك تاماق ئەكەلگەن ئىدى، ئۇ كەچلىك تامىقىنى يېدى، ئاندىن ئايالى بىلەن بىللە بولدى. غۇسۇل قىلىپ ئىشىنى تۈگەتكەندە ئايالى ئۇنىڭغا: ›بالىنى كۆمۈۋەتسىلە‹ دېدى. ئەبۇ تەلھە تاڭ ئاتقۇزۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ، رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى بايان قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ›بۇ كېچە بىرگە بولدۇڭلارمۇ؟‹ دېدى. ئۇ: ›ھەئە‹ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ›ئى ئاللاھ! ئىككىسىنىڭ بۇ كېچىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلغايلا‹ دەپ دۇئا قىلدى. كېيىن ئۇممۇ سۇلەيم بىر ئوغۇل تۇغدى». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ تەلھە ماڭا: ›سەن بوۋاقنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغىن‹ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوۋاقنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە تال خورمىنى ئەۋەتكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ: ›ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر نەرسە بارمىكەن؟‹ دەپ سورىدى. سورۇندىكى ساھابەلەر: ›ھەئە، بىرنەچچە تال خورمىسى بار ئىكەن‹ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ خورمىلارنى ئېلىپ چايناپ، ئېغىزىدىن ئېلىپ، بوۋاقنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ، ئاشۇنىڭ بىلەن ئېغىزلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ›ئابدۇللاھ‹ دەپ ئىسىم قويدى»(12).

ئېغىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى: ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك بوۋاقنى پەزىلەتلىك، سالىھ، ئالىم بىر كىشىنىڭ قېشىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت بوۋاقنىڭ قورسىقىغا تۇنجى بولۇپ كىرىدىغىنى سالىھلارنىڭ شۆلگىيى بىلەن چاينالغان نەرسە بولسۇنكى، بوۋاققا بەرىكەتلىك بولغاي. سالىھ كىشى بىر تال خورمىنى ياكى خورما تېپىلمىغان ئەھۋالدا شۇنىڭغا ئوخشاش شېرىن بىرنەرسىنى چايناپ يۇمشىتىپ، چاينىغان نەرسىنىڭ شىرنىسىنى بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ تامىقىغا سۈرۈپ، بوۋاقنىڭ ئېغىزىنى بىردەم ئېچىپ تۇرسا، شىرنىدىن ئازغىنە بىر قىسمى بوۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ، دۇئا قىلىپ قويىدۇ. سالىھ ئەر كىشى تېپىلمىسا، سالىھ ئايال كىشى ئېغىزلاندۇرسىمۇ بولىدۇ.

بوۋاقنى سالىھ، پەزىلەتلىك ئالىم كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى، ئېغىزلاندۇرغۇچىنىڭ تۈكۈرۈكى بوۋاقنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بوۋاققا تەسىرى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىمۇ تولا ۋاتىلدايدىغان كىشىگە: «سېنى كىم ئېغىزلاندۇرغان بولغىيدى» دەيدىغان گەپ بار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېغىزلاندۇرغان ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك تۈكۈرۈكى، دۇئاسى بەرىكىتىدىن نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلەرگە نائىل بولغان.

تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەبرىكلىگەندە قىلىدىغان مۇئەييەن دۇئا بارمۇ؟

پەرزەنت دېگەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بىر نېئمەت بولغاچقا، تۇغۇلغاندىن كېيىن پەرزەنتنى تەبرىكلەشنى ئالىملار بىردەك مۇستەھەب دەپ قارىغان.

تەبرىكلەشتىكى مەقسەت مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش، ئوتتۇرىدىكى سۆيگۈ، ئۈلپەت رىشتىسىنى كۈچەيتىش بولۇپ، يېڭى پەرزەنت كۆرگەن ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىزغىن تەبرىكلەش، ئۇنىڭغا ۋە يېڭى پەرزەنتىگە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى خۇشال قىلىشقا سەل قارىماسلىق لازىم.

تەبرىكلىگەندە ياخشى دۇئا، چىرايلىق ئىبارىلەرنى قىلسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە بەزى دۇئالار كەلگەن. مەسىلەن:

1. «بَارَكَ اللَّهُ لَكِ فِيهِ، وَجَعَلَهُ بَرًّا تَقِيًّا» يەنى «ئاللاھ تائالا بۇ پەرزەنتلىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ئۇنى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان، سالىھ، تەقۋادارلاردىن قىلغاي!»(13) بۇ تەبرىكلەش ئۇسۇلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يېتىپ كەلگەن.

2. «شكَرت الواهبَ، وبُورك لك في المَوهوب، وبلغ أشدَّه، ورُزِقتَ بِرَّهُ» يەنى «ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر قىلغايلا، ئاتا قىلىنغان پەرزەنتلىرى سىلىگە بەرىكەتلىك بولغاي، قاۋۇل يېتىشكەي، ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا نائىل بولغايلا!»(14) تەبرىكلەنگەن كىشى ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سىلىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي، ياخشى مۇكاپات بەرگەي!» ياكى «ئاللاھ سىلىگىمۇ شۇنداق پەرزەنت ئاتا قىلغاي، ئەجىرلىرىنى كاتتا قىلغاي!» دەپ جاۋاب قايتۇرسا ياخشى(15).

3. «جَعَلَهُ اللَّهُ مُبَارَكًا عَلَيْكَ وَعَلَى أُمَّةِ مُحَمَّدٍ صلَّى اللهُ عَليهِ وسَلَّم» يەنى «ئاللاھ تائالا بۇ پەرزەنتنى ئۆزلىرىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق ئۈممىتىگە بەرىكەتلىك قىلغاي!»(16).

ئەلبەتتە، تەبرىكلەشلەردىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا قىلىنغان دۇئا ئۇنى چوڭ بولغاندا سالىھ ۋە ياراملىق بىر كىشىگە ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

بەشىنچى خەلىفە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى ھەممىمىزگە ئايان. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ قۇچىقىغا قويغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر تال خورمىدا ئېغىزلاندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغان(17).

مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە مۇنداق دەيدۇ: «ئىياس دېگەن ئوغلۇم تۇغۇلغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرنەچچەيلەننى تاماققا چاقىرىۋىدىم، ئۇلار دۇئا قىلىشتى. مەن ئۇلارغا: ›سىلەر دۇئا قىلدىڭلار. قىلغان دۇئايىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئەمدى مەن بىر دۇئا قىلاي، سىلەر ئامىن دەپ بېرىڭلار‹ دەپ، ئوغلۇمنىڭ دىيانىتى، ئەقىل – پاراسىتى ۋەھاكازالار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلدىم. مەن ئۇ ئوغلۇمدا ئاشۇ كۈندىكى دۇئانىڭ تەسىرىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمەن»(18).

تۇغۇلغان پەرزەنتكە قايسى كۈنى ئىسىم قويۇلىدۇ؟

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسىم قويۇش ئىسىم ئىگىسىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ يېڭى بوۋاققا ئاپىرىدە بولغان كۈنى ئىسىم قويسىمۇ، ئۈچ كۈن كېچىكتۈرۈپ ئىسىم قويسىمۇ، ئەقىقەسىنى قىلىدىغان يەتتىنچى كۈنىگە كېچىكتۈرۈپ ئىسىم قويسىمۇ بولىدۇ، ئۇندىن ئىلگىرى – كېيىن قويسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار»(19).

كۆپچىلىك ئالىملار پەرزەنت تۇغۇلۇپ، يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش مۇستەھەب، ئۇندىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قويسا جائىز، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار يەتتىنچى كۈنى قويۇشمۇ، تۇغۇلغان كۈنى قويۇشمۇ سۈننەتكە مۇۋاپىق، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئەقىقە قىلمايدىغانلار بىرىنچى كۈنى، ئەقىقە قىلىدىغانلار يەتتىنچى كۈنى قويسا ئەۋزەل، دەپ قارايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاققا يەتتىنچى كۈنى ياكى تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇش سۈننەت»(20). ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاققا يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش مۇستەھەب، ئۇندىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قويسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن»(21).

بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمىنى بىز بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بايان قىلغان ئىدۇق. مەسىلەن، ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بىر بالام تۇغۇلغاندا ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ›ئىبراھىم‹ دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى»(22).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇپ بەرگەن(23). ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقىمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئىسىم قويۇپ بەرگەن(24). ئەبى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەلمۇنزىر تۇغۇلغان كۈندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «ئەلمۇنزىر» دەپ ئىسىم قويغان(25).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن مېنىڭ بىر پەرزەنتىم تۇغۇلغان ئىدى، ئۇنىڭغا بوۋامنىڭ ئىسمى بولغان ›ئىبراھىم‹نى قويدۇم»(26).

يەنە مەريەم ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان چاغدا ئانىسى مۇنداق دېگەن: ﴿مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم﴾(3/«ئال ئىمران»: 36).

يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بوۋاقنىڭ ئىسمىنى يەتتىنچى كۈنى قويۇشقا، چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئەقىقەسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان(27).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىدىغان ئىش بار. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار»(28).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقەسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»(29).

تۇغۇلغان پەرزەنتكە چىرايلىق ئىسىم تاللاش

ئىسلام دىنى كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاتىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئۈستىدە ھەقلىرى بولغىنىدەك، پەرزەنتلەرنىڭمۇ ئاتىلىرى ئۈستىدە چىرايلىق ئىسىمغا ئېرىشىش، بېقىلىش، هامىيلىقىغا ئېرىشىش قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەقلىرى بولىدۇ.

ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، پەرزەنتكە چىرايلىق ئىسىم تاللاش مۇستەھەبتۇر. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇڭا، ئۆزۈڭلارغا چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇڭلار»(30).

ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «سەھىھ»ىدە «قىيامەتتە كىشىلەرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغانلىقى» دېگەن بابتا كەلتۈرگەن بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەھدىگە خىيانەت قىلغۇچىغا قىيامەت كۈنى بىر تۇغ تىكلىنىپ: ›بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پوكۇنىنىڭ خىيانىتى‹ دېيىلىدۇ»(31).

پېداگوگلارنىڭ تەكىتلىشىچە، سەت ئىسمى ياكى سەت ئىسىملىك ئاتا ياكى فامىلىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بالىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدىغان بالا چۈشكۈنلىشىپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ پائالىيەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىكەن.

غەلىتە، مەنىسى سەلبىي ئىسىم قويۇلغان بالىنىڭ پىسىخىكىسى ئىسمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. ھاياتىدا يېڭى تونۇشقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ھەيران قالسا، بەزىلىرى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇ بالىنى ئۆزى تاللىمىغان ئىسمى سەۋەبىدىن ئەيىبلىسە، ئەلبەتتە ئوڭايسىزلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا چىرايلىق ئىسىم قويغان بولسا، بۇ ئىسىم ئۇنىڭ داۋاملىق خۇشال تۇرۇشىغا، ئىسمىنى ئاڭلىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ چىرايلىق ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ماختاپ، كۆڭلىگە ياققۇدەك گەپ – سۆزلەرنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولاتتى.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىسىم بىلەن ئىسىم ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا بىرخىل باغلىنىش بولىدىغانلىقىنى، ئىسىمنىڭ ئۆز ئىگىسىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئادەتتىمۇ پەس كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىپمۇ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىرايلىق ئىسىملارنى ياقتۇراتتى.

يەھيا ئىبنى سەئىدتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تۇياق سېغىن تۆگىنى كۆرسىتىپ:

— كىم بۇنى ساغىدۇ؟ — دېۋىدى، بىر كىشى ئورنىدىن تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— مۇررە (ئاچچىق)، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئولتۇر! — دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە:

— كىم بۇنى ساغىدۇ؟ — دېۋىدى، يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ھەرب (ئۇرۇش، كۈرەش)، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئولتۇر! — دېدى. ئاندىن يەنە:

— كىم بۇنى ساغىدۇ؟ — دېۋىدى، بىر كىشى ئورنىدىن تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:

— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— يەئىش (ياشار)، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— سەن ساغقىن! — دېدى»(32).

يەھيا ئىبنى سەئىدتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىدىن:

— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— جەمرە (چوغ)، — دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— كىمنىڭ بالىسى؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— شىھاب (ئاقار يۇلتۇز) نىڭ بالىسى، — دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— قايسى قەبىلىدىن؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ھۇرەقە (كۆيدۈرۈلگەن) قەبىلىسىدىن، — دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ئۆيۈڭ قەيەردە؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— ھەررەتۇننار (ئوت سايلىقى) دا، — دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— ھەررەتۇننار (ئوت سايلىقى) نىڭ قايسى يېرىدىن؟ — دەپ سورىدى، ئۇ:

— زاتى لەزا (يالقۇنلۇق) تىن، — دېدى. بۇلارنى ئاڭلىغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

— تېزدىن ئائىلەڭنى قۇتقۇزغىن، ئۇلار كۆيۈپ كەتكەندۇ، — دېدى. ئۇ ئادەم بېرىپ قارىسا، ئائىلىسىدىكىلەر (ئۆمەر دېگەندەك) راستىنلا كۆيۈپ كەتكەن ئىكەن»(33).

ئوغۇل پەرزەنتكە نىسبەتەن، «سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسىملاردىن ئاللاھ ئەززەۋەجەللىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى ئابدۇللاھ (ئاللاھنىڭ قۇلى) بىلەن ئابدۇراھمان (راھماننىڭ قۇلى) دۇر»(34).

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغۇللىرىغا «ئابدۇللاھ» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ ئاللاھ ئەززەۋەجەللىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇلاردا ئاللاھقا نىسبەتەن ئىلاھلىق ۋە راھمانلىق، بەندىگە نىسبەتەن قۇللۇقتىن ئىبارەت ئەڭ لايىق، ھەقىقىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش بار. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ «بەندە»، «قۇل» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئىككى سۈپىتىدىن باشقا سۈپەتكە نىسبەت بېرىلمىگەن. مەسىلەن، 72/«جىن»: 19 – ئايەتىدە: ﴿ئاللاھنىڭ قۇلى ئۇنى چاقىرىشقا تۇرغاندا﴾ دېيىلگەن. يەنە 25/«فۇرقان» سۈرىسىنىڭ 63 – ئايەتىدە: ﴿رەھماننىڭ قۇللىرى﴾ دېيىلگەن. بۇنى 17/«ئىسراﺋ» 110 – ئايەتىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ: ﴿ئاللاھ دەپ چاقىرىڭلار ياكى رەھمان دەپ چاقىرىڭلار﴾.

كۆپچىلىك ئالىملار پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويسا بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. قىزلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇش ھارام دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇ مۇشرىكلارنىڭ «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن سۆزىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بەزى ئالىملار پەرىشتىلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇشنىمۇ يامان كۆرگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ بىر ئوغلىغا «ئىبراھىم» دەپ ئىسىم قويغان. پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇشنى چەكلىمىگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ساھابەگە: «ئوغلۇڭغا ئابدۇراھمان دەپ ئىسىم قويغىن» دېگەن(35). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىمنى قويۇڭلار، كۇنيىتىمنى(36) قوللانماڭلار»(37).

قويۇش ھارام بولغان ئىسىملار «ياراتقۇچى»، «خالىق»، «راھمان»، «راززاق»، «قۇددۇس» دېگەندەك ئاللاھقا خاس ئىسىملار ياكى ئاللاھتىن ئۆزگىگە لايىق كەلمەيدىغان «شاھىنشاھ» دېگەندەك ئىسىملاردۇر. ئاللاھقىمۇ، بەندىگىمۇ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان «لەتىف، «رەئۇپ»، «ئەلى» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىسىملار بەندىگە قويۇلغان ئەھۋالدا بەندىگە لايىق مەنە مەقسەت قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىس بۇ تۈرلۈك ئاللاھقا خاس بولغان ئىسىملارنى قويۇشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئەڭ پەس ئىسىم ›پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى(شاھىنشاھ)‹ دەپ ئاتالغان كىشىنىڭ ئىسمىدۇر»(38).

يەنە «مەخلۇقنىڭ قۇلى» دېگەن مەنىدىكى «ئابدۇلھۈسەين»، «ئابدۇنەبى» دېگەندەك ئىسىملارمۇ چەكلىنىدۇ(39). ئۇندىن باشقا «زالىم»، «ئىت»، «خىنزىرە» دېگەندەك قەبىھ مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇش، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە دۇچار قىلىپ ئوسال ئەھۋالدا قويىدىغان ئىسىملارنى قويۇش، كافىر پادىشاھلارنىڭ، زالىملارنىڭ، ئەخلاقسىز ئارتىسلارنىڭ، ھاياسىز سەنئەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش، شۇنداقلا ئۆزىنى مەدھىيەلەپ بەك ياخشى دەۋالىدىغان، «مۇتتەقى»، «نۇرىددىن»، «نۇرۇللاھ»، «سەيفۇل ئىسلام» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشمۇ مەكرۇھتۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «مۇھيىددىن» دېگەن نامىنى يامان كۆرەتتى. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ھەزرەتلىرى ئۆزىنى «تەقىييۇددىن» دەپ ئاتىشىنى يامان كۆرەتتى ۋە «ئائىلەم ماڭا شۇنداق نام بەرگەنلىكى تۈپەيلى مۇشۇ نام مەشھۇر بولۇپ كەتكەن» دەيتتى.

يەنە بەزى ئالىملار «ياسىن»، 20/«تاھا» دېگەندەك «قۇرئان» سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ياكى «قۇرئان» سۈرىلىرى بېشىدىكى بىرنەچچە ھەرپتىن تەركىب تاپقان مەنىسى ئېنىق بولمىغان سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويۇشنىمۇ مەكرۇھ دېگەن. يەنە بەزى كىشىلەر «ئەلفىرە» دېگەندەك مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئىسىملارنىمۇ قويۇۋالىدۇ. بۇنداق ئىسىملارنىمۇ قويمىغان تۈزۈك، قويغان تەقدىردە، مەنىلىك ئىسىمغا ئالماشتۇرۇۋېتىش لازىم.

يۇقىرىقىدەك قاملاشمىغان، سەت ئىسىملارنى يۆتكىۋېتىش مۇستەھەبتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆپلىگەن ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ياخشى، چىرايلىق ئىسىملارغا يۆتكىۋەتكەن. مەسىلەن، ئەبۇ ئۇسەيدنىڭ ئوغلى ئەلمۇنزىر تۇغۇلغان چاغدا، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ ئۇسەيدكە: «ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىغان، ئۇ: «پالانى» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلمۇنزىر (ئاگاھلاندۇرغۇچى)» دېگەن. شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى ئۇنىڭغا «ئەلمۇنزىر» دەپ ئىسىم قويۇپ بەرگەن بولغان(40).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى) زەينەبنىڭ ئىسمى ئەسلىدە بەررە (ئېھسان قىلغۇچى) ئىدى. «بۇ ئىسىم بىلەن ئۆزىنى ياخشى دەۋالغان بولىدىكەن» دەپ قارالغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئىسمىنى «زەينەب»كە ئۆزگەرتكەن(41).

ئۇيغۇرلاردا «ئاسىيە»، «گۈلنار» دېگەندەك ئىسىملار بار. بۇ ئىسىملارنى بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ چەكلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار چەكلەنمەيدىغان ئىسىملاردۇر. «ئاسىيە» دېگەن فىرئەۋننىڭ «قۇرئان» مەدھىيەلىگەن مۇئمىن ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، چەكلىنىدىغىنى «ئىسيان» مەنىسىدىكى «ئاسىيە»دۇر. ئەرەب تىلىدا بىرىنچىسى ھەمزە (ء) ۋە سىين (س) ھەرپى بىلەن، ئىككىنچىسى ئەين (ع) ۋە ساد (ص) ھەرپى بىلەن كېلىدۇ. «گۈلنار» دېگەن ئىسىم ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، «گۈل» دېگەننى ھەممىمىز بىلىمىز، «نار» دېگەن ئەرەبچە «دوزاخ» ياكى «ئوت» دېگەن سۆز بولماستىن، بەلكى پارسچە «ئانار» دېگەن مەنىدىكى سۆزدۇر. دېمەك، بۇ ئىسىم «ئانار گۈلى» دېگەن مەنىدە. شۇڭا، بۇنى چەكلەش خاتا.

ئىسىم تاللاشتا يەنە مۇنۇلارنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى بار:

1. «قۇرئان»دا بار دەپ ئۇدۇل كەلگەن سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ تاللاش توغرا ئەمەس. مەنىسى توغرا، مۇۋاپىق ئىسىم بولۇشى لازىم.

2. ساھابە – كىراملارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىپ كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، «ئۇسامە» دېگەندەك ئىسىملار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇناسىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن جەمئىيىتىمىزگە ۋە تىلىمىزغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللىغان تۈزۈك.

3. ئەجەم(42)گە نىسبەتەن ئىسىم چوقۇم ئەرەبچىدىن كەلگەن بولۇشى كېرەك ئەمەس. ئەرەبچە بولمىغان، مەنىسى ياخشى ئىسىملارنى قويسىمۇ بولىدۇ. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئەرەبچە ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىدىكى مۇسا، ھارۇن دېگەندەك مەنىسى ياخشى ئىسىملارنى تاللاپ قويغان. ئىسىم قويۇشتا شېرىك ئېتىقاد ۋە باشقا دىنلارغا خاس ئىسىملاردىن ساقلانسىلا بولىدۇ.

4. قىزلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويغاندا پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى، شەھۋەت قوزغايدىغان ناز – كەرەشمىلىك ئىسىملارنى قويماسلىققا دىققەت قىلىش لازىم.

5. ئوغۇل بالىغا ئەركەككە خاس ئىسىملارنى، قىزلارغا قىز – ئاياللارغا خاس ئىسىملارنى قويغان تۈزۈك. ئەگەر ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش قويۇلىدىغان ئىسىم بولسا، ئۇنى قويماي خاس ئىسىملارنى قويغان تۈزۈك.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————————-
1. «تىرمىزىي»، (1514). تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن. بەزى ئالىملار «زەئىف» دېگەن.
2. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/31.
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/334.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5165)؛ «مۇسلىم»، (1434).
5. رەزىن مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان. ئىبنۇل ئەسىر: «مەن بۇ رىۋايەتنى ئاساسلىق ھەدىس كىتابلىرىدىن تاپالمىدىم» دېگەن. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4/100؛ «جمع الفوائد من جامع الأصول ومجمع الزوائد»، 2/91، 3988)؛ «جامع الأصول في أحاديث الرسول»، 1/383 – 384.
6. «بۇخارىي»، (3371).
7. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/122.
8. تاماق: ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى چىشتىن تارتىپ بوغۇزغىچە بولغان قىسمى.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5467)؛ «مۇسلىم»، (2145).
10. «بۇخارىي»، (5468).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5469)؛ «مۇسلىم»، (2146).
12. «بۇخارىي»، (5470).
13. ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 9/261. سەنەدى «ھەسەن».
14. «مۇسنەدۇ ئىلنىل جەئد»، (3398). بۇ تەبرىكلەش ئۇسۇلى «زەئىف» ئەسەردە كەلگەن بولۇپ، مەزمۇنى ياخشى دۇئا ئىكەن. مۇشۇ بويىچە دۇئا قىلاي دەپ قىلسا مەيلى.
15. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1/227؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/335.
16. تەبارانىي: «ئەددۇئاﺋ»، (945). بۇنى تەبارانىي ھەسەن بەسرىي ۋە ئەييۇب سەختىيانىيلاردىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى «ھەسەن».
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5469)؛ «مۇسلىم»، (2146).
18. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/111.
19. ئىمام بۇخارىي «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1255). ئالبانىي («سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»، 955): «سەھىھ» دېگەن.
20. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/326.
21. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/326.
22. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5467)؛ «مۇسلىم»، (2145).
23. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5469)؛ «مۇسلىم»، (2146).
24. «بۇخارىي»، (5470).
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6191)؛ «مۇسلىم»، (2149).
26. «مۇسلىم»، (2315).
27. «تىرمىزىي»، (2832). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
28. «بۇخارىي»، (5472).
29. «ئەبۇ داۋۇد»، (2838). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
30. «ئەبۇ داۋۇد»، (4948). ئىمام نەۋەۋىي «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
31. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6177)؛ «مۇسلىم»، (1736).
32. «مالىك»، (1752).
33. «مالىك»، (1753).
34. «مۇسلىم»، (2132).
35. «بۇخارىي»، (6186).
36. كۇنيەت / كۇنيە (الْكُنْيَةُ): ئەرەب جەمئىيىتىدە «ئەبۇ»، «ئۇممۇ»، «ئىبنى» ياكى «بىنتى» دېگەندەك كەلىمەلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان، شەخسلەرگە ئىسىم ياكى لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ – قوشماي قوللىنىلىدىغان تونۇتقۇچى ئىبارە. ئادەتتە ئېسىل كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇلقاسىم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)، ئەبۇبەكرى، ئۇممۇ سەلەمە، ئىبنى ئۆمەر دېگەندەك. بوۋاققىمۇ خۇش پال ئېلىش جەھەتتىن كۇنيە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋاناتلارغىمۇ، تىلغا ئېلىش ئەپسىز نەرسىلەرگىمۇ كىنايە تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»،2/802؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 26/558 – 559، ئىستانبۇل، م. 2002.
37. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6188)؛ «مۇسلىم»، (2131).
38. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6205)؛ «مۇسلىم»، (2143).
39. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/268؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 4/295؛ ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/90 .
40. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6191)؛ «مۇسلىم»، (2149).
41. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6192)؛ «مۇسلىم»، (2149).
42. ئەجەم (الْعَجَمُ): ئەرەبلەردىن باشقا مىللەتلەر، خۇسۇسەن پارسلارنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 110 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ