نېمە ئۈچۈن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار توغرۇلۇق ئىزدىنىمىز؟

نېمە ئۈچۈن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار توغرۇلۇق ئىزدىنىمىز؟

ئىلگىرى لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن نامرات رايونلارنىڭ بىرىگە بارغانىدىم. بۇ رايوننىڭ سىرتىدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى لېكسىيەدىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ ماڭا مۇنداق دېدى:

— بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا كېپىل بولۇشتا بىزگە ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.

— ئەجەبا، بۇ مەكتەپلەر ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ھەقسىز مەكتەپلەر ئەمەسمۇ؟!

— شۇنداق مەكتەپلەر، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىغا كېپىللىق قىلماقچىمىز.

— ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئەمەسمۇ؟! ياكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلمەكچىمۇ؟!

— سىزگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي.

– خوش، مەرھەمەت!

— بىزنىڭ يېزىدا ئومۇمىي نەتىجىسى 99 پىرسەنتىن چۈشۈپ كەتمەيدىغان، ناۋادا ئۈممەت ئارىسىغا تارقىتىلسا ئۈممەتكە كۇپايە بولىدىغان چېچەنلىك ۋە زېرەكلىككە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدۇ. ئۇلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، تېبابەت، ئىنژېنېرلىق، شەرىئەت، كومپيۇتېر ياكى باشقا كەسىپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن يېزىسىدىن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ بىر قارارغا كەلگەندە، دادىلىرى: «ئۆگەنگەنلىرىڭ يېتەر، قوي بېقىش ئۈچۈن يېنىمدا تۇرغىن…» دەپ ئۇلارنى چەكلەيدۇ.

—  قوي بېقىش، — دەپ ۋارقىراپ سالدىم ئۆزۈم تۇيماستىنلا.

— شۇنداق، قوي بېقىش، — دېدى ئۇ، — ئەمەلىيەتتە بۇ بىچارىلەر قوي بېقىش ئۈچۈن دادىلىرىنىڭ يېنىدا قالىدۇ… بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار ئۆلۈپ كېتىدۇ… ئۇلار قوي بېقىپ يىللار ئۆتىدۇ… بەلكىم ئۇلار توي قىلىشى، بالىلىق بولۇشى، ئۇلارمۇ بالىلىرىغا دادىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى قوللىنىشى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ قوي بېقىشى مۇمكىن.

— بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىچۇ؟!

— بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى قوي باقىدىغان خىزمەتچى ئىشلىتىشكە قايىل قىلىمىز. ئۇلار بىر قانچە يۈز رىيالغا خىزمەتچى ئىشلىتەلەيدۇ. ئۇ پۇلنى بىز ئۇلارغا بېرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىق بالىلىرى تالانت ۋە قابىلىيەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەكتەپ پۈتكەنگە قەدەر بالىلىرىنىڭ چىقىملىرىنىمۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز.

ئاندىن بۇ ئوقۇتقۇچى بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

— تالانت ۋە قابىلىيەتلەرنىڭ، ئىگىلىرى ئۇلارنى ئىشلىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن ھالەتتە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى ھارامدۇر.

مەن كېيىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىنىپ، بىزنىڭ پەقەت قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش ياكى ئۇلارنى يېتىلدۈرۈش بىلەنلا چوققىلارغا چىقالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندىم.

شۇنداق، مېنىڭ شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، مەيلى ئىلىمدە، مەيلى دەۋەتتە، مەيلى نۇتۇقتا، مەيلى تىجارەتتە، مەيلى تىبابەتتە، مەيلى ئىنژېنېرلىقتا، مەيلى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بولسۇن، مەيلى بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دادىلارغا ياكى ئەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللارغا ئوخشاش ئائىلە جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بولسۇن، مەيلى قوشنىلىرى ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئىجتىمائىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بولسۇن، مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ مۈرىلىرى ئۈستىگە چىققانلارنى ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن، بۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ، ئۆزى ھېس قىلسۇن ياكى ھېس قىلمىسۇن، ئۆزلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن مەلۇم قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتتە بىرەر دەرىجىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنى ئۇچرىتالمايسىز.

بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز تەبىئىتى بىلەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا سەۋەب بولىدىغان بەزى قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى قوللىنىشى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆگىنىش جەريانىدا بەزى قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىپ، … مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن…

بىز بۇ كىتابتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، ئۇلار ماڭغان يولغا ئوخشاش يولدىن ماڭساق، ئۇلارغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىمىز مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئۇلار توغرىسىدا ئىزدىنىمىز، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىمىز، ئۇلارنىڭ يولىنى تەتقىق قىلىمىز.

مەن بىر مەزگىل ئىلگىرى، دۇنيادىكى بايلارنىڭ بىرى دەپ سانىلىدىغان شەيخ سۇلەيمان ئەرراجىھىي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە كۆز – قارىشىدا بۈيۈك بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.

بۇ ئادەم مىلياردلىغان پۇللارغا، مىڭلىغان كۆچمەس مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان، يۈزلىگەن مەسجىدلەرنى سالدۇرغان، مىڭلىغان يېتىملارغا كېپىل بولغان، مۇۋەپپەقىيەت چوققىسىغا چىققان بىر ئادەم ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئەللىك يىل بۇرۇنقى ئىشىنىڭ باشلىنىش ئەھۋالى توغرۇلۇق توختالدى. ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئاران تاپالايدىغان، بەزىدە ئۇنىمۇ تاپالمايدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇ بەزىدە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلىغان، بەزىدە بىرەر دۇكان ياكى بانكىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن.

شەيخ يەنە ئۆزىنىڭ تاغنىڭ باغرىدا قانداق ھالەتتە تۇرغانلىقىنى، ئاندىن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاخىرى چوققىغا چىققانلىقىنى … سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلاپ، بىزدىن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ناۋادا قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇپ، مۇستەھكەم تۇرسا ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.

شۇنداق، يەنە بىر ئىش بىزنى قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىمىز توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئىش بولسا بەزىلىرىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن غەپلەتتە قىلىشى ياكى ئۇلارغا ئۇلارنى روياپقا چىقىرىشتا بىرەرسىنىڭ ياردىمى بولماي قىلىشىدۇر. بۇ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار بولسا سۆزلەش قابىلىيىتى، تىجارەت كۆز-قارىشى، مەرىپەت جەھەتتىكى زېرەكلىكىگە ئوخشاش قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلاردۇر.

بەزىدە بۇ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى كىشىنىڭ ئۆزى بايقىيالايدۇ، بەزىدە بىرەر ئوقۇتقۇچى ياكى بىرەر ۋەزىپىگە مەسئۇل كىشى ۋەياكى بىرەر سەمىمىي قېرىنداش ئۇلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ… بۇنداق كىشىلەر بەك ئاز.

بەزىدە بۇلار كىشىنىڭ ئىچىدىلا قالىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئادەتلەر ئۇلاردىن غالىب كېلىپ، بۆشۈكىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىز بۇ چاغدا بىر قومانداننى، بىر خەتىپنى، بىر ئالىمنى، بەلكىم بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنى ياكى سەمىمىي دادىنى يوقاتقان بولىمىز.

بىز بۇ كىتابتا شۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى تىلغا ئالىمىزكى، ئەگەر ئۇلار سىزدە بولسا سىزگە ئەسلىتىپ ئۆتىمىز، سىزدە بولمىسا سىزنى ئۇلارغا ئادەتلەندۈرىمىز… قېنى، بىز بىلەن مەرھەمەت!

 بىر پىكىر

تاغقا چىقىۋاتقىنىڭدا چوققىغا قارا، ئەتراپىڭدىكى چېچىلىپ تۇرغان تاشلارغا قارىما، بېخەتەر قەدەملەر بىلەن يۇقىرى ئۆرلە، سەكرىمە، بولمىسا پۇتۇڭ تېيىلىپ كېتىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ