سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قوشنا – قولۇملارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارنىڭ ئىتى بەكلا قاۋاپ كەتتى، توخۇسى يوللارغا چىچىپ مەينەت قىلىۋەتتى، مۈشۈكى كەپتىرىمنى يەپ كەتتى، دەپ باشقىلارنىڭ ئىت، توخۇ، مۈشۈكلىرىنى ئۇرۇپ، زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، ھايۋانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى تۇرسا، ئۇنداق قەستەن ئۆلتۈرۈۋەتسە ئىسلامدا قانداق جازا بار؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
زىيان ئۇرمايدىغان ھايۋانلارنى ئۆزرىسىز ھالدا بىكاردىن – بىكارغا ئۆلتۈرۈۋېتىش ھارام. ئەمما، مۈشۈك باشقىلارنىڭ چۈجىلىرىنى، كەپتەرلىرىنى بوغۇپ، گۆشلىرىنى ئوغرىلاپ يەپ كېتىدىغان بولسا، ئىت يولدىن ئۆتكەنلەرنى قورقۇتىدىغان، چىشلەيدىغان، قوغلايدىغان، كېچىلىرى قاۋاپ بىئارام قىلىدىغان، توخۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەينەت قىلىۋېتىدىغان، ئومۇمەن، قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق ھايۋانلار ئەتراپتىكىلەرگە زىيان ئۇرىدىغان بولسا، بۇ بىئارامچىلىقتىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئاشۇ ئىت – مۈشۈكلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن باشقا چارە بولمىسا، ئۆلتۈرۈۋەتسە بولىدۇ. ئىگىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ گەپ – سۆز بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان تۇرۇقلۇق ئۆلتۈرۈۋەتسە گۇناھكار بولۇش بىلەن بىللە ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، ئىسلامدا باشقىلارغا زىيان ئۇرۇش يوق. شۇڭا، ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنى باققانلار باشقىلارغا زىيان ئۇرماي، كىشىلەرنى بىئارام قىلماي، قورقۇتماي بېقىشى لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011 – 4 – 26