شەيخ، ئەللامە موللا ئىسلام كاشغەرىي

شەيخ، ئەللامە موللا ئىسلام كاشغەرىي

(ھ. 1247– 1343/ م. 1831 – 1924)

ئىسلام ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى يەھيا كاشغەرىي(1) ھىجرىيە 1248 – يىلى (شۇ ۋاقىتتا) قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق ئاتۇشتا ياشايدىغان، ھال – ئەھۋالى نورمال ئائىلىدە تۇغۇلغان. داموللامنىڭ ئائىلىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، تېرىلغۇ يېرىدىن كېلىدىغان كىرىم بىلەن ئائىلە چىقىمىنى قامداپ ئازراق ئېشىناتتى. بۇ ئائىلىنىڭ ئالىم – ئۆلىمالار ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى ياكى ئالاقىسى يوق ئىدى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگىچە كىتاب بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. پەقەت كىتابلارنى مۇتالىئە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ، ئىلگىرى ئۆتكەن پەزىلەتلىك كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇستازلىرىدىن ئىلىم ئۆگىنىپ، توم – توم كىتابلارنى تۈزۈشكەنلىكى، ئاخىرىدا ھەممە كىشى چوڭ كۆرىدىغان «پالانى»غا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىلا تولا ئاڭلىغان. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە مەلۇم تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن داموللام مەكتەپكە كىرىدۇ ۋە شۇ دەۋردىكى ئۆلىمالارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئۇ دەۋرلەردىكى مەكتەپلەر ھازىرقىدەك ئەمەس بولۇپ، مەسجىدلەرنىڭ ئۆزىلا مەكتەپ رولىنى ئالاتتى. شارائىتى يار بەرگەن جايلاردا مەسجىدلەرنىڭ يان تەرەپلىرىگە، ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ دەرس سۆزلىشى ئۈچۈن مەخسۇس سورۇنلار ھازىرلىناتتى. داموللام بۇ سورۇنلاردىكى دەرسلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە كۆپرەك دەرس ئۆگىنىۋىلىش ئۈچۈن ئالىملارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ خىزمىتىنى قىلغاچ دەرس ئالاتتى.

ئۇ 15 ياشقا كىرە – كىرمەيلا قەشقەردىكى مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. بۇ ھىجرىيە 1262 – يىلى ئىدى. بۇ جايدا ئۇ دىن، تىل، كالام ئىلمى (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە سۈپەتلىرى ئۈستىدە توختىلىدىغان ئىلىم)، لوگىكا، فارس ئەدەبىياتى، گىرامماتىكا، مورفولوگىيە، ھېساب ئىلمى، بولۇپمۇ فىقھ (ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى)، ھەدىس، تەفسىر، ئۇسۇلۇددىن (ئەقىدە ئىلىملىرى) قاتارلىق پەنلەردە تېخىمۇ يۇقۇرىلاپ ئوقۇيدۇ. داموللام بۇ مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كېرەكلىك «ئىجازەتنامە»لەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلىم بۇلىقىنىڭ مەنبەسىدىن قېنىپ ئىچىش ئۈچۈن بۇخاراغا سەپەر قىلىدۇ ۋە بۇ جايدا بەش يىل ئەتراپىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، لازىملىق شاھادەتنامىلەرنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ.

ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئىلمىي ئورۇن بولغان، مەشھۇر خانلىق مەدرىسەگە ئوقۇتقۇچىلىققا ۋە ئالاھىدە سالاھىيەتتىكى خىزمەتچىلىك ئورنىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ ئىلىمغا بولغان تەشنالىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئوت يۈرەك ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان بۇ مەدرىسەدە، ئوقۇ – ئوقۇتۇش تەتقىقات ھەيئىتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ۋەزىپىگە قوشۇپ شەھەرنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ بۇ مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شەرئىي مەھكىمەلەرنى ئىسلاھ قىلىش، سوت تۈزۈمى ۋە ئارخىپلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش، پەتۋالارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىلىرىنى بېكىتىشتە مۇفتىيلارنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى ۋە فىقھىي (قانۇنى) تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۆزگىچە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكىلەرگە ياخشى تەجرىبىلەرنى قالدۇرغان. شۇنداقلا مال – مۈلۈك، ھەدىيە، ۋەسىيەت، ھاۋالە قىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزغان. سوتنىڭ ئادىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قازىلار (سوتچىلار) ھەيئىتى تەسىس قىلغان. داموللام يەنە ئىمام ۋە مۇئەززىنلەرنى، سالاھىيەت دەرىجىسى بويىچە تەرتىپكە سالماقچى بولغان.

داموللامنىڭ قولىدا كاتتا شەيخلەر يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇلار كېيىنچە ياراملىق ياردەمچىلىرى بولۇپ قالغان ئىدى. شەيخ ئەللامە ئىسلام داموللام ئۆزىنىڭ بىلىمى، خىزمىتى، تېرىشچانلىقى ۋە ئىجتىھادىنىڭ «مېۋە»لىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆز تەرى بەدىلىگە تىككەن «كۆچەت»لىرى «مېۋە» بەرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققانلار قاتارىدا، كۆتۈرگەن ئىلىم – مەرىپەت مەشئىلىنىڭ نۇرى ۋەتەننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە يورۇتقان، ھەدىسشۇناس، مۇجاھىد، شەھىد سەلەفىي ئالىم، ئاتۇشتا تۇغۇلغان، ئەللامە، شەيخ ئابدۇقادىر داموللام ئىبنى ئابدۇلۋارس كاشغەرىيمۇ بار ئىدى. ئەللامە موللا ئىسلام داموللام يەنە تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلامىي رايۇنلاردىن ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. مەكتەپلەرنى، دارۇلئەيتاملارنى قۇرغان. تاۋاپگاھقا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپلىقىغا تەسر كۆرسىتىۋاتقان «ئۇلۇغ»لارنىڭ قەبرىلىرىنى تۈزلىۋەتكەن. بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنى چۇۋۇپ تاشلىغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئىش – ئىزلىرىنى كېيىن بايان قىلماقچى بولغان شەيخ، شەھىد سابىت داموللام ئىبنى ئابدۇلباقىغا ئوخشاش تەقۋادار، كاتتا ئالىملارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە تەرجىمھالىدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

نۇرغۇن تارىخچىلار شەيخ، ئەللامە موللا ئىسلام داموللامنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە، بۇخاراغا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشنى تۇنجى بولۇپ باشلاپ بەرگەن كىشى دەيدۇ. ئەمما، مۇھەققىق تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزەرىدە بولسا بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى شانۇ – شەۋكەتلىك تارىخى، بىپايان زېمىنى، بۈيۈك جىھادلىرى، ئاھالىسىنىڭ مۇستەھكەم ئەقىدىسى بىلەن بۇخارا، سەمەرقەند، قوقەند، ئەنجان، تاشكەند، يەركەند، خوتەن، قەشقەر، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل، ئالتاي، ئۈرۈمچى، غۇلجا، لوپنۇر قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاكى ھىجرىيە 1200 – يىلىنىڭ ئاخرىغىچە بۇ جايلار ئارىسىدا يۆتكىلىپ يۈرۈش سەپەر قىلىش ھېسابلانمايتتى. بۇ خۇددى بىرىمىزنىڭ چوڭ قورۇيىمىز ئىچىدە ئۇ ھۇجرىدىن بۇ ھۇجرىغا يۆتكەلگەنگە ئوخشاشلا ئىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىز بەزىلەرنىڭ پالانى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇخاراغا ياكى بۇخارادىن باشقا جايغا شەپەر قىلىشنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ياكى تۇنجى بولۇپ سەپەر قىلغان دېگەن سۆزلىرىنىمۇ چەتكە قاقمايمىز.

«ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى». دۇنيادىكى بارچە مەخلۇقاتلار ھامىنى بىر كۈنى ئەجەل ئالدىدا تىز پۈكىدۇ. ھەممىزنىڭ ئەجەل مۇددىتىمىز ئاللىبۇرۇن پۈتۈلگەن.

بىزنىڭ كاتتا پەزىلەتكە ئىگە بۇ ئالىمىمىز، بۈيۈك ئەللامىمىز تۈنۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلىرى، بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقەمسايىلىرى ئارىسىدا، ئۆز قان – تەرىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىسىدىن رازىمەنلىك تۇيغۇلىرىغا چۆمۈپ تۇرغان پەيتلىرىدە، پۈتۈلگەن ئەجەل يېتىپ كېلىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرىتىدىن 1334 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى، رەبىيئۇسسانى (ھىجرىيە 4 – ئاي) نىڭ 12 – كۈنى ئىدى. بىز پەقەت ﴿ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 110) دەيمىز.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

—————————————-
1. بۇ چوڭ موللا ئىسلام داموللام ئەمەس – مۇئەللىف.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ