سەدىقە پىتىر بىلەن روزا فىديىسىنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش

سەدىقە پىتىر بىلەن روزا فىديىسىنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش ۋە بۇلارنىڭ قايسى يۇرت باھاسىدا ھېسابلىنىدىغانلىقى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەدىقە پىتىر بىلەن رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغانلار بېرىدىغان فىديىنى گېرمانىيىدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىپ ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بەرمەكچى بولساق، تۈركىيە باھاسىدا ھېسابلاپ بېرەمدۇق ياكى گېرمانىيە باھاسىدىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

سەدىقە – پىتىر: ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىشى پەرز بولغان سەدىقىدۇر.

بۇ سەدىقىنى ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، رامزان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

سەدىقە – پىتىرنى، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ياكى تېخىمۇ ئېھتىياجلىقلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا يۇرتقا ئەۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئومۇمەن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا زاكاتنى باشقا يۇرتلارغا يۆتكەشنىڭ جائىزلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەدىسلەردە ئېھتىياج كۆرۈلگەن ئەھۋالدا زاكاتنى باشقا يۇرتقا يۆتكىسە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. سەدىقە -پىتىرمۇ زاكاتنىڭ بىر تۈرىدۇر.

ھەزرىتى تاۋۇس مۇنداق دەيدۇ: مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «ماڭا زاكاتقا بېرىدىغان ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنىدىكى ساھابىلىرىگە ياخشىراق» دېگەن.(1)

سەدىقە پىتىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن مەقسەت پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ روزا ھېيت كۈنلىرىنى موھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشىدۇر، شۇڭا، ياۋروپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى جايلاردىكى پېقىر ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تۈركىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، تۇل ئاياللار، يېتىم – يېسىرلار ۋە سەرسان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى زور بولغاچقا، سەدىقە – پىتىرنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەرسە ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن سەدىقىنى ئادا قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سىلە – رەھىم قىلغانلىق بولىدۇ.

روزا فىديىسىگە كەلسەك، داۋاملىق كېسەل ھالىتىدە يېتىپ كېتىدىغان، داۋاملىق دورا ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ بولالمايدىغان بولسا ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتمىسىمۇ ھەم قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، تۇتالمىغان ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر پېقىرنىڭ قورسىقىنى ئوتتۇرھال 2 ۋاخ تاماق بىلەن تويغۇزۇش ئارقىلىق فىديە بېرىدۇ. قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، كۆپرەك بەرسە تېخىمۇ ياخشى.

يەنە رامزان روزىسىنى قەستەن جىما قىلىش بىلەن بۇزۇۋەتكەن كىشى بېرىدىغان كەفارەتمۇ بار. بۇنداق كىشى ئارقا – ئارقىدىن 2 ئاي روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇ 2 ئاينى ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى شەرتتۇر. ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىننىڭ قورسىقىنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ. بۇ خىل كەفارەتنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئومۇمەن، تۈرلۈك كەفارەت، فىديە ۋە نەزىر(2) قاتارلىقلارنىڭ پۇللىرىنىمۇ سەدىقە – پىتىرگە ئوخشاش ئېھتىياج تېپىلغان يۇرتلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. بولۇپمۇ، يۇرتىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىقلارغا ئەۋەتسە، تېخىمۇ ئەۋزەل.

ئىمام نەۋەۋى، ئىمام ئىبنى مۇفلىھ قاتارلىق ئالىملارمۇ كەفارەت، نەزىر ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە قىلىنغان ۋەسىيەت قاتارلىقلارنى تۇرۇۋاتقان يۇرتتىن باشقا يۇرتقا يۆتكەشنىڭ جائىزلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(3)

سەدىقە پىتىر، تۈرلۈك كەفارەتلەر، فىديە، نەزىر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوق. بەزى ئالىملارنىڭ سەدىقە -پىتىردە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ، كەفارەتتە ئەۋەتىلىدىغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرىسا، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرايدۇ.(4)

مېنىڭچە، قايسى جايدا باھا يۇقۇرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم -كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز.

مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە – پىتىر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە پىتىر 10 ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە 5 ياۋروغا سەدىقە -پىتىر كېلىدىغان بولسا، 10 ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. 5 ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا 5 ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.

خۇلاسە: سەدىقە پىتىر، كەفارەت، نەزىر ۋە زاكات پۇللارنى قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار جايلارغا ئەۋەتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سىلە – رەھىم قىلغانلىقمۇ بولىدۇ. بۇلارنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەي يەتكۈزۈش لازىم. سەدىقە – پىتىر، كەفارەت، فىديە ۋە نەزىر قاتارلىقلارنى ئۆزى تۇرغان جايدىكى باھا يۇقۇرى بولسا شۇ بويىچە ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەل، ئەۋەتىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە ھېسابلىسا جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2018. 5 . 8

————————————————–
1. «بۇخارىي» «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
2. «نەزىر»: شەرىئەت ۋاجىپ قىلمىغان بولسىمۇ كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلىۋالغان ئىش. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مۇنچە پۇل سەدىقە قىلىمەن، دېگەندەك.
3. «المجموع» 6/212. «الفروع» 2/427.
4. «نهاية المحتاج» 8/183. «المنح السامية في النوازل الفقهية» للإمام الوزاني 1/1-4.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز