ئاشۇرا كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

ئاشۇرا كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاشۇرا كۈنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئاشۇرا كۈنى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى، يەنى مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بەزى ۋەقەلىكلەر ۋە نېئمەتلەر بولغان ئالاھىدە بىر كۈن بولغاچقا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان. بەزى ئالىملار ئاشۇرا كۈنىنى مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنى، دەپ قارىغان. بۇ قاراش ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.(1)

بەزى مەنبەلەردە نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەرنىڭ مۇشۇ كۈندە يۈز بەرگەنلىكى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەھىھ ھەدىستىن تارىخىي چىنلىقى يوق.

ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى توپان بالاسىدىن كېيىن جۇدى تېغىغا كېلىپ توختىغان كۈن» دەپ كەلگەن.(2)

يەنە بەزى كىتابلاردا بۇ ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار تۇغۇلغان كۈن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا ئوت سوۋۇپ بەرگەن كۈن، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا شىپالىق ئاتا قىلىنغان، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئېچىلغان، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتىن چىقىرىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام سېھىرگەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان، ئۇنداق بولغان، بۇنداق بولغان كۈن دەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىلمىي دەلىلى ۋە سەھىھ ئاساسى يوق.

بۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەردىن: ئاللاھ تائالا بۇ كۈندە مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زالىم فىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ زالىم قەۋمىنى غەرق قىلىۋەتكەن، بۇ سەۋەبتىن، بۇ كۈن يەھۇدىيلار تارىخىدا ئىككى دەۋرنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل كۈن ھېسابلانغان.

ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان فىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى، ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە فىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق ﴾(2/«بەقەرە»: 49، 50).

لېكىن، يەھۇدىيلار بۇ كۈندە فىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلغان ۋە ئازاتلىققا ئېرىشىپ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلماي، ئۆزئارا ئىتتىپاقسىزلىق، فىتنە – پاسات ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىپ، ئاخىرى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ۋەيرانچىلىق ۋە سەرسانچىلىققا دۇچار قىلىۋەتكەن.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى بىلەن فىرئەۋن قولىدىن قۇتقۇزغانلىق ۋەقەسى راست بولسىمۇ، لېكىن بۇ قۇتقۇزۇشنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە يۈز بەرگەنلىكى، يەھۇدىيلارنىڭ كىتابلىرىدىن كەلگەن مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقى نامەلۇم. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، رەسۇلۇللاھ بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كېلىپ يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلار: «بۇ خاسىيەتلىك ئۇلۇغ كۈن، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋندىن قۇتۇلغان كۈندۇر» دېيىشكەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە: «سىلەر مۇساغا ئۇلاردىن ھەقلىقراق. شۇڭا، روزا تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرىدى.(3)

شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان، تاكى رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغانغا قەدەر بۇ كۈندە روزا تۇتۇلغان، رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش مۇستەھەب بولۇپ كەلگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. رامازان پەرز قىلىنىۋىدى، ئاشۇرا كۈنى خاھلىغان كىشى روزا تۇتۇپ، خاھلىغان كىشى تۇتمايدىغان بولدى.(4)

بەلكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلاردىن مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەزى ساھابەلەردىن بۇ كۈندە شۇ ۋەقەلىكنىڭ بولغانلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلگەن ياكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا كېرەك.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتقاندەك «ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش بۇرۇن ۋاجىب» ئىدى دېسەكمۇ ياكى باشقىلار ئېيتقاندەك «بۇرۇن تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىدى» دېسەكمۇ، ئىشقىلىپ ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى شەئبان ئېيىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ رامازاندا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، بۇ تارىختىن كېيىن ئاشۇرادا روزا تۇتۇش مۇستەھەب ھالەتتە قالغان.

ئەمەلىيەتتە، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش مۇسا ئەلەيھىسسالامدىنمۇ قەدىمكى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن قالغان بولۇپ، قۇرەيش قەبىلىسى بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قۇرەيشكە ئەگىشىپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانغا قەدەر بۇ كۈندە روزا تۇتۇپ كەلگەن ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: قۇرەيشلەر جاھىلىيەتتە ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇ كۈندە روزا تۇتاتتى. رەسۇلۇللاھ مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇپ باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، رامازان پەرز قىلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، خاھلىغانلار ئۇ كۈندە روزا تۇتتى، خاھلىغانلار تۇتمىدى.(5)

دېمەك، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يەھۇدىيلارغا ئەگىشىپ يولغا قويۇلغان ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدىكى ۋاقتىدا قۇرەيشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان ھەجگە ئوخشاش توغرا ئىبادەتلىرىنى قىلغان ھالدا بۇ كۈندە روزا تۇتقان، كېيىن مەدىنەگە كەلگەندە بۇرۇنقىدەك روزا تۇتۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ فىرئەۋندىن قۇتۇلغان بۇ كۈندە روزا تۇتۇپ شۈكۈر قىلغان.

بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھيى ئارقىلىق بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان، يەھۇدىيلارنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەنلىك ئۈچۈن روزا تۇتمىغان» دەپمۇ قارىغان.

يەنە بەزى ئالىملار: «دەسلەپكى چاغلاردا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەھلى كىتابلارنىڭ ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بەزى پائالىيەتلىرىنى ئۇلارنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن قىلغان، كېيىن ئىسلام كۈچىيىپ بولغاندا، ئۇلاردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن ئاشۇرانىڭ ئالدى – كەينىدىكى كۈنلەرنى قېتىپ تۇتۇشقا بۇيرۇغان، لېكىن روزا تۇتۇشنى بىكار قىلمىغان. بۇ مەككە فەتھ قىلىنىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىللار ئىدى. قىبلىمۇ بۇرۇن بەيتۇلمۇقەددەس بولۇپ، كېيىنچە، كەئبەگە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى» دېگەن.

يەنە بۇ كۈندە يۈز بەرگەن ئىسلام تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلىكلەرنىڭ بىرى بولسا، ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ مۇشۇ كۈندە، يەنى ھىجرىيە 61 – يىلى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى «كەربالا» چۆلىدە قانخور ئىراقلىقلار تەرىپىدىن ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. ئەسلىدە ئىراقلىق شىئەلەر ئىمام ھۇسەيننى ئىراققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى خەلىفە قىلماقچى بولغاندا، ئىمام ھۇسەين ئائىلىسى ۋە جەمەتىدىن يۈز نەچچە كىشىنى ئېلىپ ئىراققا ماڭغان، كەربالا چۆلىگە كەلگەندە ئەھدىدە تۇرمايدىغان ئىراقلىق شىئەلەر خەلىفە يەزىدكە سېتىلىپ، ئىمام ھۇسەين ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە زور قوشۇن بىلەن خائىنلارچە ھۇجۈم قىلغان. ئىمام ھۇسەين بۇ قوشۇنغا ھەمراھلىرى بىلەن بىرقانچە كۈن تاقابىل تۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، بۇ زور قوشۇن ئالدىدا سان جەھەتتىن ئاز كېلىپ قېلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە شېھىد بولغان.

كېيىنچە، ئازغۇن شىئەلەر بۇ كۈننى ئۆزىنى كاچاتلاش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان تەزىيە ۋە ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان. ھازىرمۇ ئىران، ئىراقتەك بەزى ئىسلام ئەللىرىدە شىئەلەر بۇ كۈندە ئۆزلىرىنى كاچاتلايدۇ ۋە قامچىلايدۇ. بۇ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بىدئەت ئىشتۇر.

كېيىنچە، شىئەلەر بىلەن سىياسىي كۆرەشلەردە بولغان ئۇمەۋىيلەر جەمەتىمۇ بۇ كۈننى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە قوللىنىپ، ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى پەيدا قىلغان. شىئەلەر قاتتىق قايغۇرۇش ۋە ھەسرەت – نادامەت ئىزھار قىلىشسا، باشقىلار يۇيۇنۇش، سۈرمە سۈركەش، كەڭتاشا يەپ – ئىچىش ئارقىلىق خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدىغان بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشقان. ھەتتا، بۇ ھەقتە يالغان ھەدىسلەرنى توقۇشقان.

لېكىن، بۇ كۈندە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش بولسا، پەقەتلا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دېگەن.(6)

بۇ كۈندە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇشى مۇستەھەب بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇپ ساھابەلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغاندا، ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ يەھۇدىي – ناسارالار ئۇلۇغلايدىغان كۈن، — دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئىنشائاللاھ كېلەر يىلى كەلسە توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمىز، — دېگەن. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر يىل كەلگۈچە ئالەمدىن ئۆتكەن.(7)

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلارغا زىت ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر كۈن، ئارقىدا بىر كۈن روزا تۇتۇڭلار».(8)

بۇلارغا ئاساسەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۈچ دەرىجە بولىدۇ:

1. توققۇزىنچى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى – ئۈچ كۈندە روزا تۇتۇش.

2. توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى – ئىككى كۈندە روزا تۇتۇش.

3. يالغۇز ئونىنچى كۈنىدە روزا تۇتۇش.(9)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «توغرىسى، بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ توققۇزىنچى كۈنىنى قېتىپ تۇتۇشى مۇستەھەب بولىدۇ، چۈنكى بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرقى ئۆمرىدە كۆرسەتكەن كۆرسەتمىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇكى: «كېلەر يىلىغا قەدەر ھايات بولسام چوقۇم توققۇزىنچى كۈنىنى تۇتىمەن».(10) مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يولغا قويغان سۈننەتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىن تاشقىرى يېمەك – ئىچمەك تەييارلاش، يېڭى كىيىم كېيىش، كۆپ پۇل خەجلەش، ياكى سۈرمە سۈركەش ۋە ئەتىر چېچىش، ياكى مەخسۇس ناماز ئوقۇش، قۇربانلىق قىلىش ۋە ئۆزئارا پەتە ئوقۇشۇش قاتارلىقلار بولسا يامان بىدئەتلەردىندۇر. بۇنداق ئىشلارنى يا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، يا ئۇنىڭ خەلىفەلىرى، ياكى ئۇندىن كېيىنكى ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىئى… قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرىمۇ مۇستەھەب دەپ قارىمىغان».(11)

توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇشقا ئالىملار ئۈچ خىل سەۋەب كۆرسەتكەن:

1.  يەھۇدىيلارغا زىت ئىش قىلىش ئۈچۈن.

2.  جۈمە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتماسلىقتەك، ئاشۇرا كۈنىدىمۇ يالغۇز تۇتماي، بىر كۈننى ئۇنىڭغا جۈپلەش يۈزىسىدىن توققۇزىنچى كۈنىدە تۇتۇش يولغا قويۇلغان.

3.  ئاي كۆرۈشتە خاتالىق يۈز بېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئالدىنقى كۈندە روزا تۇتۇپ خاتىرجەم بولۇش ۋە ئاشۇرا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك يۈزىسىدىن.(12)

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان: «ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ئارقىلىق يۇيۇۋېتىلىدىغان گۇناھلار كىچىك گۇناھلاردۇر. بۇ ئۆتكەن ياكى كېلىدىغان يىلنىڭ گۇناھلىرىدۇر. ناۋادا كىچىك گۇناھلىرى بولمىسا، چوڭ گۇناھلىرى يەڭگىللىتىلىدۇ، چوڭ گۇناھلىرىمۇ بولمىسا، دەرىجىسى ئۆرلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ئىلتىپاتىغا باغلىق. ئەمما، چوڭ گۇناھلار، پەقەتلا راستچىل تەۋبە قىلىپ گۇناھقا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن يۇيۇلىدۇ. تولۇق شەرتلىرى بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج بىلەنمۇ يۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، بۇ گۇناھلار پەقەتلا شۇ ھەق ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەنلا يۇيۇلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 4 – مۇھەررەم / م. 2011، 29 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 43 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/406؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/245.
2. «ئەھمەد»، (8702). سەنەدى «زەئىف»تۇر. قاراڭ: ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 2/184.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4680)؛ «مۇسلىم»، (1130).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2001)؛ «مۇسلىم»، (1125).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2002)؛ «مۇسلىم»، (1125).
6. «مۇسلىم»، (1162).
7. «مۇسلىم»، (1134).
8. «ئەھمەد»، (2154)، ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد»، 3/188): «بۇنى ئەھمەد بىلەن بەززار رىۋايەت قىلغان. راۋىيلىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبى لەيلا ھەققىدە ئازراق گەپ بار» دېگەن؛ ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
9. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/331.
10. «مۇسلىم»، (1134).
11. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25/312.
12. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/407.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ