ياخشى ئىشلار كىشىنىڭ ئادىتىگە ئايلانسا، ئۇلار ئۇنىڭ قېنى ۋە ئەقلى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئەسلا ئايرىلالمايدىغان تەبىئىتى بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر بىر كىشىگە، ھەتتا ھايۋانلار ۋە جانسىز نەرسىلەرگىمۇ داۋاملىق يۇمشاق، سېلىق، مۇلايىم، سەۋرچان، مېھرىبان مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سەپەردە ئىدى. ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەتكەنىدى. ساھابەلەردىن بىرى ئىككى بالىسى بار بىر قىزىل قۇشنى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئېلىۋالغانىدى. بۇ قۇش ساھابەلەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ قاناتلىرىنى قېقىشقا باشلىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ ئۇ قۇشنى كۆرگەندىن كېيىن ساھابەلىرىگە قاراپ:
— بۇ (قۇش) نى كىم بالىلىرى سەۋەبلىك بىئارام قىلدى؟ ئۇنىڭغا بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار…، دېدى.
باشقا بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆيدۈرۋېتىلگەن بىر چۈمۈلە ئۇۋىسىنى كۆرۈپ:
— بۇنى كىم كۆيدۈردى؟ — دەپ سورىدى.
— مەن، — دەپ جاۋاب بەردى ساھابەلەردىن بىرى.
— ئوت بىلەن ئازابلاشقا پەقەت ئوتنىڭ رەببى بولغان ئاللاھلا لايىقتۇر،—دېدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايۋانلارغا رەھىمدىل ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:
بىر قېتىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاھارەت ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا بىر مۈشۈك يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈشۈككە قاچىنى قىڭغايتىپ بەردى. مۈشۈك سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ سۇ بىلەن تاھارىتىنى تاماملىغانىدى.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى يەرگە ياتقۇزۇپ قويغان بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئادەم قوينى بوغۇزلاش ئۈچۈن پۇتىنى قوينىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا پىچىقىنى بىلەۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كۆرۈپ:
— ئۇنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ پىچىقىڭنى ئۇنى ياتقۇزۇشتىن بۇرۇن بىلىسەڭ بولماسمىدى؟ — دېگەنىدى ئاچچىقلىنىپ.
بىر كۈنى ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇلار تۆگىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاستىدىكى تۆگىلەرگە ئىچى ئاغرىپ، ئۇلاغلارنى ئورۇندۇق قىلىۋېلىشتىن توسقانىدى. يەنى ئۇلاغلارنى پەقەت ئېھتىياجلىق بولغاندىلا مىنىشنى كۆزدە تۇتقانىدى. ۋەيەنە ئۇلاغلارنىڭ يۈزىگە ئەن سېلىشتىنمۇ توسقانىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئەدباﺋ» دېيىلىدىغان تۆگىسى بار ئىدى. مۇشرىكلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنەنىڭ ئەتراپلىرىدا بېقىلىۋاتقان تۆگىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بولاپ كەتتى، ئەدبائمۇ شۇ تۆگىلەرنىڭ ئارىسىدا بار ئىدى. مۇشرىكلار يەنە بىر مۇسۇلمان ئايالنىمۇ ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. مۇشرىكلار مۇسۇلمان ئايال بىلەن تۆگىلەرنى ئېلىپ قىچىپ مېڭىش جەريانىدا بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلسىلا، تۆگىلەرنى قورسىقىنى توقلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەتراپىغا قويۇپ بېرەتتى.
مۇشرىكلار بىر جايغا چۈشكۈن قىلىپ ئۇيقۇغا غەرق بولدى. كېچىدە مۇسۇلمان ئايال قىچىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرنىڭ بىرىنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىغىلا ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا بوزلىدى، مۇشرىكلارنى ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، يەنە بىرىنىڭ يېنىغا باردى. تۆگىلەرنىڭ يېنىدىن بىردىن – بىردىن ئۆتۈپ ئاخىرى ئەدبائنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ باقتى. ئۇ كۆندۈرۈلگەن يۇۋاش تۆگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدبائنى مېنىپ، مەدىنە تەرەپكە قاراپ چاپتۇردى. ئەدباﺋ تېز چېپىشقا باشلىدى. ئايال قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن قاتتىق خۇشال بولۇپ: «ئى ئاللاھ، ئەگەر سىلى مېنى بۇ تۆگە بىلەن قۇتۇلدۇرسىلا، بۇ تۆگىنى سىلىنىڭ رازىلىقلىرى ئۈچۈن چوقۇم بوغۇزلايمەن» دېدى.
ئۇ ئايال مەدىنەگە يېتىپ كەلگەندە كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىسىنى تۇنۇۋالدى. ئۇ ئايال ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر تۆگىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاپىرىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ تۆگىنى بۇغۇزلاش ئۈچۈن ئىزدەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ:
«ۋاپاغا جاپا» دېگەندەك، ئاللاھ سىزنى شۇ تۆگە بىلەن قۇتۇلدۇرغان تۇرسا، ئۇنى راستىنلا بوغۇزلامسىز؟! گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىلەردە قىلىنغان نەزرگە (ۋەدىگە) ۋاپا قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.
نېمە ئۈچۈن كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىڭدە قوللىنىدىغان مۇلايىملىق، ئېللىقلىق، سىخىلىققا ئوخشاش ئىشلارنى بارلىق ئەھۋاللىرىڭدا، قىلىدىغان ھەر ئىشىڭدا، ھەتتا ھايۋانلار، جانسىز نەرسىلەر ۋە دەل -دەرەخلەر… بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىڭدىمۇ ئايرىلالمايدىغان تەبىئەتلىرىڭگە ئايلاندۇرمايسەن؟
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر جۈمە كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسجىدكە تېكىلگەن بىر خورما كۆتىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيتتى.
ئەنسارىيلاردىن بىر ئايال:
— ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىگە ئولتۇرىدىغان بىر نەرسە قىلدۇرۇپ بېرەيمۇ؟ مېنىڭ بىر ياغاچچى خىزمەتكارىم بار، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— خاھلىسىڭىز، — دېدى.
ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنبەر ياساپ بەردى. جۈمە كۈنى بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە ياساپ بېرىلگەن مۇنبەر ئۈستىگە چىقتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردە ئولتۇرغان چاغدا ھېلىقى كۆتەك ئۆكۈز مۆرىگەندەك ئاۋاز چىقىرىپ يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالدى ۋە مەسجىد تىترەپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردىن چۈشۈپ، كۆتەكنى قوچاقلىدى، كۆتەك يىغىسى توختىتىلغان كىچىك بالىدەك ئىڭراشقا باشلاپ ئاخىرى توختىدى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن ئۇنى قۇچاقلىمىغان بولسام، ئۇ قىيامەتكىچە مۇشۇنداق ھالەتتە بولغان بولاتتى» دېدى.
بىر ئىشارەت
ئاللاھ ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلدى، لېكىن بۇ ئۇنىڭ باشقا مەخلۇقاتلارغا زۇلۇم قىلىشىغا باھانە بولالمايدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان