سەھىپە:: الاختيار لتعليل المختار
«الاختيار لتعليل المختار )پەتىۋاغا تاللانغان قاراشلارنىڭ دەلىللىك شەرھى(» ناملىق كىتاب ئەسلىدە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەزھىپىنىلا ئاساس قىلىپ، قىسقا ھەجىملىك، فىقھىغا ئائىت بىر كىتاب قىلىپ «المختار للفتوى (پەتىۋاغا تاللانغان قاراشلار)» دەپ ئىسىم بىلەن يېزىلغان بولۇپ، كىتابقا ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىدىن باشقا فىقھىشۇناسلارنىڭ قاراشلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. كېيىن ئاپتور ئابدۇللاھ ئەلمۇسىلىي ئۇنى كېڭەيتىپ شەرھلەپ، كىتابقا كىتابتىكى قاراشلارنىڭ يىلتىزىنى، دەلىللىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ، لازىملىق تارماق مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ، ئالىملىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى سەۋەبلىرى بىلەن بىللە قوشۇپ كىرگۈزۈپ، نەقىل قىلىشتا مۇشۇ كىتابقا تايانغىلى بولىدىغان قىلىپ، تەرەببازلىقتىن خالىي ھالدا، ئىخچام شەرھ يېزىپ، بۇ شەرھ كىتابقا «الاختيار لتعليل المختار (پەتىۋاغا تاللانغان قاراشلارنىڭ دەلىللىك شەرھى)» دەپ ئىسىم قويغان ۋە ھەممىگە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى، پەتىۋادا لازىم بولىدىغان رىۋايەتلەرنى قوشقان. بۇلارغا مەيلى يېڭىدىن فىقھى ئۆگەنمەكچى بولغانلار بولسۇن ياكى فىقھى ئۆگىنىپ بولغانلار بولسۇن، ھەممەيلەن ئېھتىياجلىق.