(ھ. 1315– 1383/ م. 1897 – 1963)
شەيخ ئۇلۇغ ئاخۇن پەيزۇللاھ ھىجرىيە 1315 (م.1897) – يىلى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن پەيزىۋات دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئانىسى خىلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا دادا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. بوۋىسى مەزكۇر نەۋرىسىنىڭ زېرەك، ئاقكۆڭۈل بالا بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەملىگەن ئىدى. ئۇ ئاقپىشماق بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىدە مۇلايىم، جىمىغۇر ئىدى. بوۋىسى يەركەندتە تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا يەركەندتىكى ئېلىشقۇ ئاق مەدرىسەسىدە ئوقۇشنى باشلىغان. بوۋىسى پات – پات ئۇنى يوقلاپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. ھىجرىيە 1343 (م. 1924) – يىلى ئۇ، بوۋىسى بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇشىنى قەشقەردە داۋاملاشتۇرغان ۋە شۇ يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى پەيزىۋاتقا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇ، 50 – يىللاردا 1363 – يىلى ۋاپات بولغان شەيخ مۇھىيددىن مەخدۇمنىڭ يېنىغا بېرىپ – كېلىپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەدىس ئىلىمىنى ئۆگەنگەن. كېيىنچە ھەدىس ۋە ئۇنىڭ نەقىل يوللىرى توغرىسىدا كۆرۈنەرلىك بىلىم ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا ھىندىستاندا ئۆتكەن ئالىملاردىن ئالغان مەخسۇس ئىجازەتنامىسى بار ئىدى.
شەيخ ئۇلۇغ ئاخۇن خەلپىتىم كۆزگە كۆرۈنگەن فەقىھ بولۇپ، تۇرقى كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان، مىجەزى سالماق، روھى ئۈستۈن كىشى ئىدى. پۈتكۈل ئۆمرىنى ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلغان ئىدى.
ئۇ ھىجرىيە 1383 (م. 1963) – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.
مەرھۇمدىن ئاللاھ رازى بولغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.