سۇرىيەنىڭ بىرىنچى شەيخى ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە

سۇرىيەنىڭ بىرىنچى شەيخى ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە

(ھىجرىيە 1336 – 1417 / مىلادىيە 1918 – 1997)

مۇھەممەد ئادىل فارىس

 

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى بەشىر ئەبۇ غۇددە (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي!) ھىجرىيە 1336 – يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 17 – كۈنى ھەلەب شەھىرىدە تۇغۇلغان. گەرچە شەيخ ھەققىدە يېزىلىۋاتقان تەرجىمىھاللاردا ئۇنىڭ مىلادىيە 1917 – يىلى تۇغۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ مەزگىل مىلادىيە 1918 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلىسى ئەدەپ – ئەخلاقلىق ۋە دىيانەتلىك ئائىلە ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد تونۇش – بىلىشلىرى ئارىسىدا سالىھلىقى، تەقۋادارلىقى، شۇنداقلا زىكىر – تەسبىھ ۋە «قۇرئان»نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان كىشى بولۇپ، دادىسىدىن مىراس قالغان رەخت سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. شەيخنىڭ نەسەبى ئۇلۇغ ساھابە خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ. شەيخنىڭ ئائىلىسىدە ئۇشبۇ نەسەبنى ئىسپاتلايدىغان بىر نەسەبنامە بار ئىدى.

ئوقۇش باسقۇچلىرى

شەيخ ھەلەبتىكى ئەرەب – ئىسلام مەكتىپىدە، ئاندىن ئوسمانىيلار ۋالىيسى خىسرەۋ پاشا قۇرغان، ھازىر «شەرئى تولۇق ئوتتۇرا» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئوسمانىيە خىسرەۋ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1942 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئەزھەر شەرىپكە ئوقۇشقا بارغان ۋە شەرىئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. فاكۇلتېتىنى 1944 – يىلى بىلەن 1948 – يىللىرى ئارىلىقىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، ئاندىن يەنە ئەزھەردە ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بويىچە ئوقۇغان ۋە ئۇنى 1950 – يىلى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھەممە ئوقۇش باسقۇچلىرىدا كۆزگە چاقنىغان ئەلاچىلاردىن ئىدى.

ئۇستازلىرى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ رەھىمەھۇللاھ يۈزلەرچە ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەلەبتىكى ئۇستازلىرىدىن: شەيخ ئىيسا بەيانۇنى، شەيخ ئىبراھىم سەلقىينى، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم سەلقىينى، شەيخ مۇھەممەد راغىب تەبباخ، شەيخ ئەھمەد زەرقا، شەيخ مۇستافا ئىبنى ئەھمەد زەرقا، شەيخ مۇھەممەد رەشىد، شەيخ مۇھەممەد سەئىد ئىدلىبى، شەيخ نەجىب سىراجىددىن، شەيخ ئەھمەد كۇردى، شەيخ مۇھەممەد ناشىد قاتارلىقلار بار.

ئۇنىڭ مىسىردىكى ئۇستازلىرىدىن: شەيخ ئابدۇلمەجىد دەراز، شەيخ ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، شەيخ مۇھەددىس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد شاكىر، شەيخ ھەسەنەين مۇھەممەد مەخلۇف، شەيخ مۇھەددىس ۋە ئۇسۇلىي([1]) ئالىم ئابدۇللاھ ئىمارىي، شەيخ ئىيسا مەننۇن، شەيخ ئەھمەد خۇزەرى ھۇسەين، شەيخ يۈسۈف دەجەۋى قاتارلىق بار ئىدى.

ئۇ شۇنداقلا يەنە، مىسىردا ئوسمانىيلار خىلاپىتىنىڭ سابىق باش شەيخى مۇستافا سەبرى، شەيخ مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرى ۋە ئىمام شېھىت ھەسەن بەننا قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. ئاللاھ ھەممىسىگە رەھمەت قىلغاي!

ئۇنىڭ يەنە ھىجاز، ھىندىستان، پاكىستان ۋە باشقا جايلاردىمۇ نۇرغۇن ئۇستازلىرى بار.

شاگىرتلىرى

ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى سانايدىغان بولساق، يۈزلەرچە، بەلكى مىڭلارچە شاگىرتلىرىنى ساناپ كېتىمىز. بىز پەقەت ئۇنىڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن شەيخ ئەللامە مۇھەددىس مۇھەممەد ئەۋۋامە، يېتىشكەن ئەدىب شەيخ مەجد مەككى، دەۋەتچى ئالىم شەيخ ھەسەن قاتىرجى لۇبنانى، شەيخ مۇھەممەد رەشىد نەجدى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

بۇ ئاخىرقى شەيخ ناھايىتى ئىشەنچىلىك كىشى بولۇپ، «إمداد الفتاح بأسانيد ومرويات الشيخ عبد الفتاح» ناملىق بىر كىتابنى يازغان. كىتابىدا شەيخ ئابدۇلفەتتاھنىڭ ئىلمىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەلىم ئالغان يۈزلەرچە ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا شاگىرت بولغان يەنە يۈزلەرچە تالىبلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ ئوقۇشنى تاپىلىغان بەزى كىتابلار

شەيخ ئىلىمخۇمار ۋە كىتابخۇمار ئىدى. كەڭ تارالغان كىتابلار، نادىر كىتابلار ۋە قوليازمىلار بىلەن لىق تولغان يوغان بىر كىتابخانىسى بار ئىدى. شاگىرتلىرىنى كىتاب ئوقۇش ۋە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. بىزگە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان كىتابلار قاتارىدا ئىمام شاتىبىينىڭ «الاعتصام» دېگەن كىتابى، ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىنىڭ «إعلام الموقعين» دېگەن كىتابى، ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «اقتضاء الصراط المستقيم مخالفة أصحاب الجحيم» دېگەن كىتابى بار.

ئىلمىي سەپەرلىرى

شەيخ ئابدۇلفەتتاھ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ۋە دەۋەت سەپەرلىرىنى قىلغانىدى. ئۇ دەرس ئۆتەتتى، لېكسىيە سۆزلەيتتى، ھەرخىل ئىجازەتلەرنى بېرەتتى ياكى ئالاتتى. مۇشۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن، ھىندىستان، پاكىستان، سۇدان، ماراكەش ۋە ئىراقلارغا سەپەر قىلغان. ئۆزىنىڭ سەپەرلىرى ئارقىلىق ھىندى قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆزىدە توپلىغان. شۇنداقلا ھىندى قۇرۇقلۇقى ئۆلىمالىرىنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي رىسالىلىرى ۋە يازغان كىتابلىرىنى تەھقىقلەپ، ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ داڭقىنى چىقارغان.

ئابدۇلھەي لەكنەۋى، مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى، زەفەر ئەھمەد تىھانەۋى قاتارلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرى ئۇنىڭ ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە يېتىپ كەلگەن.

ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرى

شەيخ مىسىردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سۇرىيەگە قايتىپ كېلىپ، سۇرىيەدىكى خىسرەۋ ئاممىۋى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ۋە شەرئى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە، شۇنداقلا شەئبانىيە شەرئى مەكتىپىدە، ئاندىن دىمەشق ئۇنىۋېرستېتى شەرىئەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاندىن «معجم فقه المحلى لابن حزم» ئېنسىكلوپېدىيىسى تۈزۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئاندىن رىياددىكى مۇھەممەد ئىبنى سۇئۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە قانۇن ئالىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلەنگەن. سۇداندىكى ئۇمدۇرمان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى، ھىندىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ئىنستىتۇتلىرىنىڭ زىيارەتچى ئۇستازلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە مەسجىدتە ئۆتىدىغان دەرسلىرىدىن سىرت، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئېچىلغان نۇرغۇن ئىسلامىي يىغىن ۋە كېڭەشلەرگە قاتناشقان.

شەيخ شەرئى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ فىقھى، ئۇسۇل فىقھى، ھەدىس ۋە ئۇسۇل ھەدىس ئىلىملىرىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، بىباھا ۋە پايدىلىق كىتابلارنى تەھقىقلەش ۋە تۈزۈش ئىشلىرىغا بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ئەرەب تىلى بىلىملىرى ساھەسىدە كەڭ مەلۇماتقا ئىگە.

ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتى مۇھەممەد ئال رەشىد ئۇنىڭ تەھقىقلىگەن ۋە تۈزگەن كىتابلىرى بولۇپ، جەمئىي 73 پارچە كىتابنى ھېسابلاپ چىققان. تەھقىقلىگۈچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى كۆپىنچە ھاللاردا قوليازما نۇسخىلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىش ۋە بەزى يەككە سۆزلەرنى شەرھلەشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، شەيخىمىزنىڭ تەھقىقلىرى ھەقىقەتەن تەھقىقلىگەن كىتابنى ئىككىنچى بىر كىتابقا ئايلاندۇرۇۋېتەتتى. ئۇ ئەسلى كىتابتىكى غۇۋالىقلارنى روشەنلەشتۈرۈش، كەلىمىلەرگە، بولۇپمۇ، كىشى ۋە جاي ئىسىملىرىغا تاۋۇش بەلگىلىرىنى قويۇش، نادىر ۋە پايدىلىق مەزمۇنلارنى قىستۇرۇشتىن سىرت، كۆپىنچە ئۇنىڭ تەھقىقلىرى پايدا جەھەتتە ئەسلى كىتابتىن قېلىشمىغۇدەك بولۇپ چىقاتتى. شۇ جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىلار شەيخ تەھقىقلىگەن كىتابلارغا ئېرىشىشكە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى.

لوندوندىكى ئوكسفورد ئىسلام تەتقىقات مەركىزى شەيخنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ ئىسلامنى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەدىس شەرىپ خىزمىتىگە قوشقان تۆھپە – تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن، بېرونى سۇلتانى بېرىدىغان ئىلىم – پەن مۇكاپاتىغا تاللىغان.

ئۇ ئىلىم پەرۋانىسى ۋە ئىلىم سۆيەرلىكىدىن، ئىلىم ۋە ئالىملار ھەققىدە مەخسۇس بىر قانچە كىتاب يازغان. مەسىلەن، «صفحات من صبر العلماء (ئالىملارنىڭ سەۋرچانلىقلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر)»، «قيمة الزمن عند العلماء (ئالىملارنىڭ نەزىرىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتى)»، «الرسول المعلم (مۇئەللىم پەيغەمبەر)» قاتارلىقلار.

سالاھىيىتى

شەيخ (ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي!) مۇجاھىد مۇسۇلمان ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك كۈچلۈك سالاھىيەتلەرنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئىلمى مول، مەلۇماتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ ۋە دەۋرىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا باش قاتۇراتتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىلىپ تۇراتتى، مۇسۇلمانلارنىڭ غەملىرى ئۈچۈن غەمناك بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىدە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك تەمكىنلىك، ھەيۋەتلىك، سالماقلىق، شېرىن سۆزلۈك، تىلى گۈزەل بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇش بىلەن بىرگە، سۆھبەتداشلىرىنىڭ قەلبىگە يېقىن ئىدى ھەمدە تېز ئىنكاسى، ئورۇنلۇق جاۋابلىرى، قىممەتلىك لېكسىيەلىرى، يېقىملىق ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالاتتى. ھەتتا، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان ئادەم ئۇنىڭ ئىلمىدىن تەسىرلەنگەندەك ئەدەب – ئەخلاقىدىنمۇ تامامەن تەسىرلىنەتتى. ئۇ سۆھبەت ۋە مۇئامىلە ئەدەپلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، كىتابلىرى ۋە ئىزاھ – شەرھىلىرىدە ئەدەپ – ئەخلاقنى تەكىتلەش، ئەدەپلىك كىشىلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ھېكايە قىلىش كۆپ ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، شەيخ تۈزگەن «من آداب الاسلام» ناملىق كىچىك كىتابچىغا قاراڭ، شۇنداقلا «رسالة المسترشدين» ۋە ئەبۇلفەتھ بۇستىنىڭ «الحكم» ناملىق قەسىدىسىگە يازغان ئىزاھلىرىغا قاراڭ).

ئۇنىڭ ئۆز ئۇستازلىرىغا كۆرسەتكەن ئەدەپلىرىگە كەلسەك، ئۇ ئەخلاق ۋە كەمتەرلىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. شەيخ مۇستافا زەرقانىڭ قولىغا نەچچە قېتىم سۆيگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ دادىسىغا ۋە ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇپ ئوقۇغانىدى. ئۇ شەرھىلەپ، ئىزاھلىغان «رسالة المسترشدين» دېگەن كىتابنىڭ تۇنجى باسمىسى نەشىردىن چىققان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن بىر نۇسخىنى شەيخ مۇھەممەد نەجىب خەيياتەگە ھەدىيە قىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا سۆيگەنىدى. چۈنكى، شەيخ نەجىب ئۇنىڭدىن ياشتا چوڭ ھەم ئۇنىڭغا ئازراق شاگىرت بولغان ئىدى. ئۇ يەنە باغداتتىكى مۇدەررىس شەيخ ئابدۇلكەرىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ قولىغا سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلاتتى.

قەلبلەر تەبىئىيلا ئۇنىڭغا رام بولۇپ، كۆڭۈللەر ئۇنىڭغا مەپتۇن بولاتتى، شۇنداقلا ئارىلىشىپ ئۆتكەن قېرىنداشلىرى ۋە يارەنلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى، قەدىرلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە سازاۋەر بولاتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاشقۇنلۇق ۋە تېز ھاياجانلىنىشتىن يىراق بولۇپ، ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە مىزانى بىلەن دەڭسەپ كۆرەتتى. ئەنە شۇ مىزاننى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋە شاگىرتلىرىمۇ چىڭ تۇتاتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز كىتابىدا، شەيخ ئەبۇ غۇددەنىڭ ئۇلۇغ ئالىم ئىمام ئىبنى تەيمىيە ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى دەلىل قىلىپ ئەكەلگەنلىكى بۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. شەيخ ئىمام ئىبنى تەيمىيەگە قاتتىق يان باسىدىغان بىر مۇھىتتا مۇدەررىسلىك قىلىپ، تەلىم بېرەتتى. بىز بۇنىڭغا شەيخنىڭ ئۇستاز مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرىگە شاگىرت بولغانلىقىنى قوشىمىز. شەيخ كەۋسەرى بولسا يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ئىمام ئىبنى تەيمىيەدىن قاتتىق ئۆزىنى قاچۇرىدىغان كىشى ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى شەيخ ئابدۇلفەتتاھنى شەيخۇلئىسلام (ئىبنى تەيمىيە) گە ئادىل مۇئامىلە قىلىشتىن؛ 50 – ، 60 – يىللاردا ھەلەب شەھىرىدىكى ئىلىم سورۇنلىرىدا ئىبنى تەيمىيەنى، لايىق رەۋىشتە تىلغا ئېلىشتىن؛ ياش ئەۋلاد دەۋەتچىلەر ۋە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ قەلبلىرىگە مۇجاھىد ئالىم سۈپىتىدە ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنى تىكىشتىن توسۇپ قالالمىغانىدى. ئىبنى تەيمىيەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئىبنى قەييىمگىمۇ ئەينەن شۇنداق مۇئامىلىدە بولغانىدى. شەيخ بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئىلمىي مۇھىتنىڭ قارشى چىقىشى ياكى سۆيۈپ، ئەزىزلەيدىغان بىرەر ئۇستازىنىڭ قارشى چىقىشىغا پەرۋا قىلمىغانىدى، ئۇستازى كۆرەلمىگەن «ئىمام ئىبنى تەيمىيە»نىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇ كۆرگەنىدى.

ئاممىۋى دەۋەت پائالىيەتلىرى

شەيخنىڭ 40 – يىللاردا مىسىردا ئىمام شېھىت ھەسەن بەننا (ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي!) بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇ مۇشۇ ئۇچرىشىشى بىلەن، بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش، ئىسلام دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. شەيخ ئۆز يۇرتى سۇرىيەگە قايتقاندىن كېيىن، ئىسلام دەۋىتى يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى ئارقىلىق مەسجىد، مەكتەپلەردە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېلىپ بارىدىغان ئومۇمىي دەۋەت پائالىيەتلىرى ۋە خۇسۇسىي دەۋەت پائالىيەتلىرى بار ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى (سۇرىيەدىكى) رولىنى شەيخكە باغلاپ، ئۇنىڭ پەرھىزكارلىقى، تەقۋادارلىقى، ئىلمى، ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە دانالىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىدى. ئۇ، ئۇلار ئۈچۈن يېتەكچى، يۆلەنچۈك ۋە پاسىبان بولغانىدى.

شەيخنىڭ سۇرىيەدە ھەرىكەتچان، تىرىك بىر دەۋەت مەكتىپى قۇرۇش جەريانىدا، ئۈچ ئەۋلاد ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەمەلىيەتچان دەۋەتچىلەر ئۇنىڭغا شاگىرت بولغانىدى، ھەممىسى ئۇنىڭ ئىلىم دېڭىزىدىن ئابى – شەربەتلەرنى ئىچىش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

60 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سۇرىيەگە قارىتا زوراۋانلىق باستۇرۇشلىرى كۈچىيىپ كەتكەندە، شەيخ «ئىسلام فرونتى»غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى تەشكىللەشكە تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەلەب شەھىرى ئالىملىرىدا ئىجابىي بىر ھەرىكەت باشلاندى. نەتىجىدە، كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلاردا ھەلەب ئالىملىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغانىدى. بۇ يىغىلىشلارنىڭ ئارقىسىغا شەھەردىكى كۆپچىلىك مۇسۇلمان خەلق قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلغانىدى.

خىسرەۋ مەسجىدىدە شەيخ نەچچە مىڭ نامازخان بىلەن ھەپتىلىك يىغىلىپ، مۇنبەر ئۈستىدە ھازىرقى دەۋردىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىكتاتورىلىققا، مۇستەبىتلىككە، ئىلمانىزمغا ۋە غەربلەشتۈرۈش خاھىشلىرىغا قارشى تۇراتتى. شەيختىن مۇستەبىتلەرنىڭ ئىچى سىقىلاتتى، شەيخكە ھېلى ئۇ يەردىن، ھېلى بۇيەردىن ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرى كېلىپ تۇراتتى. ئۇ بىر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇجاھىد مۇسۇلمان ئالىمغا خاس جۈرئەت بىلەن مۇنداق دېگەنىدى:

پەرۋا قىلماسمەن مۇسۇلمان ھالدا ئۆلسەم،

قايسى تەرەپتە بولسا ئاللاھ ئۈچۈن يىقىلىشىم.

شەيخ (ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىگە ئالغاي!) تەدمۇر چۆللۈك تۈرمىسىگە 11 ئاي قامالغان. 1967 – يىلىدىكى ھەزىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن قاماقتىن بوشىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەئۇدى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇستاز بولۇش ئۈچۈن سەئۇدىغا كەتكەن.

ۋاپاتى

ھىجرىيە 1417 – يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىياد شەھىرىدە تۇرۇۋاتقىنىدا شەيخ بىر ياللۇغلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ تاكى ئەجەل كەلگۈچە كېسەلدىن ساقىيالماي، مىلادىيە 1997 – يىلى 16 – فېۋرال، ھىجرىيە 1417 – يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 9 – كۈنى يەكشەنبە سەھەردە، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ تائىتى، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام مائارىپى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 80 يېشىدا جانابى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي! ئاللاھ ئۇنىڭ سۇنغان ياخشى ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىپ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرگەي، مۇسۇلمانلارنى مەنپەئەتلەندۈرگەن ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن كاتتا مۇكاپاتلىغاي! جىمى مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) ئۇسۇل فىقھى ئىلمىغا چوڭقۇرلاپ چۆككەن كىشىگە دېيىلىدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ