بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىزنىڭ مەسجىدتە ئەتىگەن تەرەپتە ئەزان توۋلاپ بولغاندىن كېيىن، «قۇرئان» ئوقۇيدۇ (ئەزاننى نورمالدا ناماز باشلاشتىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا بالدۇر توۋلايدۇ). بىز بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيدە ئوقۇپ چىقىمىز، ھەدىستە مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش باركەن. بۇ ئەھۋالدا «قۇرئان» تىڭشىشىم كېرەكمۇ ياكى ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئولتۇرۇپ تىڭشىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە، ئولتۇﺭﯗشتىن ئىلگىرﻯ ئىككى ﺭﻩكئەﺕ ناماﺯ ئوقۇسۇﻥ» دەپ بۇيرۇغان(1).
تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات ئوقۇشتىن بۇرۇن تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇش – ئوقۇماسلىق مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئالىملار (ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ شۇلار قاتارىدا): «ئوقۇلمايدۇ» دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم ئالىملار (شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ شۇلار قاتارىدا): «تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامداتنىڭ پەرزىنى ئوقۇغانغا قەدەر نەپلە ئوقۇلىدۇ» دەپ قارىغان(2). بۇ مەسىلىدىكى قاراش ئوخشىماسلىقى جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، شۇنداقلا ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن (قۇياش چىقىۋاتقان، تىكلەنگەن ۋە پېتىۋاتقان) ۋاقىتلاردا تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇشتىمۇ بار.
ھەنەفىي مەزھەب تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات ئوقۇشتىن بۇرۇن باشقا ناماز ئوقۇماسلىقنى بىلدۈرىدىغان بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، بۇنى يۇقىرىقى تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇشقا بۇيرۇغان ھەدىس مەزمۇنىدىن مۇستەسنا قىلغان. مەسىلەن، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا ناماز ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ماۋۇ ئىككى رەكئەتتىن باشقا ناماز ئوقۇماڭلار»(3) دېگەن ھەدىسى ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھاممىسى شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىمى بولمىش مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە قونغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان ھالەتلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ يېنىچە يېتىپ بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، نامازغا يەنى بامداتنىڭ پەرزىگە چىققانلىقىنى ئېيتقان(4) ھەدىس. يەنى ئارىلىقتا باشقا نەپلە ناماز ياكى تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇمىغان.
ھەر ئىككى قاراشقا ئاساسەن، ئەگەر بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇپ چىقمىغان كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇماي، ئىككى رەكئەت سۈننەتنىلا ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ تەھىييەتۇلمەسجىدكىمۇ ھېساب بولىدۇ.
بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇپ چىققان كىشىگە كەلسەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىنى تاللىسا، تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇمايلا ئولتۇرىدۇ.
شافىئىي مەزھەب قارىشى بويىچە، تەھىييەتۇلمەسجىدنى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن ئولتۇرىدۇ. مانا بۇ قاراش بويىچە «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشتا گاڭگىرايدۇ.
ئەلۋەتتە، نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان «قۇرئان»نى تىڭشاشمۇ ئاللاھنىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار!﴾(7/«ئەئراف»: 204) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن بولسىمۇ، مەسجىدكە كېلىشتىن مەقسەت ناماز بولغانلىقتىن يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇماي ئولتۇرۇش بىلەن «قۇرئان» تىڭشاشتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بۇ سۈننەت قولدىن كېتىدىغانلىقتىن، مەسجىدكە كىرگەندە «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى بۇ قاراش بويىچە ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇش مۇئەييەنلىشىدۇ.
مەسجىدتىكىلەرمۇ سۈننەت ۋە تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇيدىغان نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزماسلىق ۋە مۇشۇنداق گاڭگىراشقا سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن «قۇرئان»نى ئۈنلۈك ئوقۇماي، ئىچىدە ئوقۇشى مۇناسىپ. كۆپ ئەللەردىكى كۆپىنچە مەسجىد – جامەلەردە بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.
ئەزان چىقىۋاتقاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئۆرە تۇرۇپ ئەزاننى تەكرارلىۋېتىپ، ئاندىن تەھىييەتۇلمەسجىد ئوقۇشقا تۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا يۇقىرىقى «ﻗﺎيسىبىرىڭلار ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ» دېگەن بۇيرۇققىمۇ، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاش توغرىسىدىكى بۇيرۇققىمۇ تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444، 23 – مۇھەررەم / م. 2022، 21 – ئاۋغۇست
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (444)؛ مۇسلىم (714).
2. قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 6 – ج، 139 – بەت؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6 – ج، 3 – بەت.
3. ئەبۇ داۋۇد (1278). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (183)؛ مۇسلىم (723).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…