Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

قول ئىشارىتى بىلەن سالام قىلىش توغرىمۇ؟

قول ئىشارىتى بىلەن سالام قىلىش توغرىمۇ؟

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېمەستىن، ئىشارە بىلەنلا سالام قىلىش يامان كۆرۈلىدىغان «تەنزىھىي مەكروھ» ئىش

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا ياكى باشقىلارنى يىراقتىن كۆرگەندە، قولىمىزنى كۆتۈرۈپ سالام قىلىدىكەنمىز. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېمەستىن، قول ئىشارىتى بىلەن سالام قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

سالاملىشىشنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دىنىمىزدا ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا بىرىنىڭ يەنە بىرىگە سالام بېرىشى گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىن بولغان مۇستەھەپ ئىش بولسا، سالام قىلىنغان كىشىنىڭ سالام قىلغۇچىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىشى ۋاجىپتۇر. سالامنى ئادەتتىكى ئەھۋالدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ياكى «سالامۇن ئەلەيكۇم» دەپ ئاغزاكى بېرىمىز، ئۇنىڭغا «ۋەرەھمەتۇللاھى» ۋە يەنە «ۋەبەرەكاتۇھۇ» قېتىلسا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.

يۇقىرىقىدەك سالام قىلغىنىمىزدا، قوشۇمچە ھەربىر قەۋم ئادەتلەنگىنى بويىچە قول ئىشارىتى قىلىنسا، مەسىلەن بىز تۈركىستانلىقلاردا ئوڭ قولنى مەيدىگە قويۇپ ئالدىغا سەل ئېڭىشىشتەك، ياكى باشقىلاردا قولىنى كۆتۈرۈش ياكى بېشىنى سەل ئېگىشتەك… ئىما – ئىشارەلەر قوشۇلسا بولىۋېرىدۇ.

بىر ھەدىستە كېلىشىچە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەسجىدتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئولتۇرغان بىر گۇرۇپ ئايال جامائەتكە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام قىلغان(1). بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر خىل رىۋايىتىدە «بىزگە سالام قىلدى» دەپ كەلگەن بولغاچقا، ئالىملار مەزكۇر ۋەقەلىكنى ھەم ئاغزى بىلەن ھەم ئىشارىتى بىلەن سالام قىلغان دەپ چۈشەنگەن(2).

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللار جامائەسى سەل يىراق بولغاچقا ياكى ۋاراڭ – چۇرۇڭدا سالامنى ئاڭلىمايدىغان بولغاچقا ئاغزى بىلەن سالام قىلىپ، قولى بىلەن ئىشارەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، گاس – گاچىلارغا، سالامنى ئاڭلىيالمايدىغان بىمارلارغا، يىراقتىكىلەرگە، توي – تۆكۈنلەردىكىدەك ۋاراڭ – چۇرۇڭ ئىچىدىكىلەرگە… ئاغزىمىزدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېيىش بىلەن بىرگە قول ياكى باش ئىشارىتى قىلساق بولىدۇ.

ئەمما، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېمەستىن، ئىشارە بىلەنلا سالام قىلىش يامان كۆرۈلىدىغان «تەنزىھىي مەكروھ» ئىش بولۇپ(3)، بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى مۇنداق چەكلىگەن:

«يەھۇدىي، ناسارالارنىڭ سالام قىلىشىدەك سالام قىلماڭلار! ئۇلارنىڭ سالام قىلىشى ئالقاندا ئىشارەت قىلىش بىلەن بولىدۇ»(4).

ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سالام ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش جەھەتتىن بىر زىكىر، سالامەتلىك تىلەش جەھەتتىن بىر دۇئا – تىلەك بولۇپ، ھەدىستە كەلگەندەك، «كىشىلەرگە سالام قىلىشنىڭ ئۆزى بىر سەدىقىدۇر»(5).

ئاغزى باشقا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل ياكى شۇنىڭدەك ئۆزرىلىك ئەھۋاللاردا ئاغزاكى سالام قىلالمىسا ياكى سالامغا ئاغزاكى جاۋاب قايتۇرالمىسا، قول ياكى باش ئىشارىتى بىلەن كۇپايىلەنسىمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 10. 28


1. «تىرمىزىي»، 2697 – ھەدىس. تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. ئىمام نەۋەۋىي: «رىيازۇسسالىھىن / ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، 1 – توم، 447 – بەت.
3. بۇنىڭ «تەنزىھىي مەكرۇھ» بولىدىغانلىقىنى ئىمام نەسائىي (10100 – ھەدىس كەلتۈرۈلگەن تېمىدا)، ئىمام نەۋەۋىي («ئەلئەزكار»، 258 – بەت) ۋە شەيخۇل ئىسلام زەكەرىيا ئەلئەنسارىي («ئەسنەلمەتالىب»، 4 – توم، 183 – بەت) لەر مۇئەييەنلەشتۈرگەندۇر.
4. «نەسائىي»، 10100 – ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇل بارىي»، 11 – توم، 14 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21588 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version