Splitting of the moon
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاي يېرىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «گۇۋاھ بولۇڭلار» دېدى(1).
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەرگەن مۇئجىزىلەردىن بىرى ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشى بولۇپ، بەزى ئەسھابلەر ئاينىڭ ئىككى پارچىسى ئارىسىدىن ھىراﺋ تېغىنى كۆرگەن. بۇ ۋەقەلىك نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مەككە كۇففارلىرى ئۇ زاتتىن راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلغاندا يۈز بەرگەن.
بۇ مۇئجىزە يۈز بېرىپ بولغان قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئالامەت ئۆتۈپ بولدى: تۇمان، ئاي، (﴿بىز قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە چوقۇم ئىنتىقام ئالغۇچىلارمىز﴾(44/«دۇخان»: 16) دېگەن ئايەتتىكى) قاتتىق تۇتۇش ۋە ﴿شۇڭا پات يېقىندا سىلەرگە قۇتۇلالمايدىغان ئازاب بولىدۇ﴾ (25/«فۇرقان»: 77) دېگەن ئايەتتىكى قۇتۇلالمايدىغان ئازاب قاتارلىقلاردۇر»(2).
بۇ ۋەقەلىكنى «قۇرئان كەرىم» قىيامەت يېقىنلاشقانلىق بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىپ: ﴿قىيامەت يېقىنلاشتى. ئاي يېرىلدى﴾(54/«قەمەر»: 1) دەپ بايان قىلغان. قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ ئادىتى كاجلىق قىلىپ يۈز ئۆرۈش ۋە سېھىر دەپ تۇرۇۋېلىش بولغاچقا، ئۇلار ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگىنىدە بۇ سېھىر دەپ تۇرۇۋالغان. «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى: ﴿ئۇلار (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۇئجىزىنى كۆرسىلا، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، «بۇ داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ﴾(54/«قەمەر»: 2) دەپ ئەيىبلىگەن. دېمەك، ئايەت قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
ئەلبەتتە، بۇ مۇئجىزەۋى ۋەقەنىڭ ئەقىلگە زىت كېلىدىغان تەرىپى يوق، چۈنكى ئاي ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، ئۇ ئاللاھنىڭ تەسەررۇپىدا. قىيامەت قايىم بولغاندا ئۇنى يوقىتىۋېتىدۇ. بەلكى بۇ مۇئجىزىنى سېھىر دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ياكى ئىنكار قىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكتۇر.
بۇ ۋەقەلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىمام بۇخارىي باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: «مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزلىرىگە بىر مۇئجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئاينى ئىككى پارچە قىلىپ يېرىپ كۆرسەتتى. ھەتتاكى ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ھىراﺋ تېغىنى كۆردى»(3).
ئاينىڭ يېرىلىش (Splitting of the moon) ۋە ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكىلەردىن شۇ چاغدا ئايغا قاراپ تۇرغانلاردىن باشقىلار بۇ ۋەقەلىكنى كۆرمىگەن. باشقا جايلاردا بولسا كىشىلەر باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغاچقا ياكى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغاچقا، ياكى ئۇ چاغدا باشقا جايلاردا كۈندۈز بولغاچقا ۋەياكى ئاي كۆرۈلمەيدىغان بولغاچقا ئاينىڭ يېرىلغانلىقىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر كۆرمىگەن. شۇنداقتىمۇ مەككە خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ۋەقە چوڭ – كىچىك ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغان بىر ۋەقە ھېسابلىنىپ، كافىرلاردىن بىرەرسى «بۇنداق ئىش بولمىدى» دەپ تۇرۇۋالالمىغان. پەقەتلا ئۇنى سېھىر دەپ تۇرۇۋالغان ۋە يەمەن قاتارلىق باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن يولۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ سورىغاندا، ئۇلارمۇ ئاينىڭ يېرىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشقاندا: «بۇ سېھىر ھەممە جايغا يېتىپ بېرىپتۇ» دېيىشكەن.
ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) دەيدۇكى: «ئاينىڭ يېرىلىشى كېچىدە يۈز بەرگەن مۇئجىزە بولۇپ، كېچىسى خالايىق غەپلەتتە ئۇخلاۋاتقاندا يۈز بەرگەن. ئاي پەقەت بىردەمچىلىكلا يېرىلغاچقا، ئۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر ۋە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاراشقا تەنبىھ بەرگەنلەرلا كۆرگەن. ئۇنىڭ پەقەت بىر قىسمى يېرىلىپ شۇ لەھزىدە جايىغا كەلگەن. ئادەتتە يۇلتۇزلارنىڭ ساقىپ چۈشۈشى، يەر تەۋرەش ۋە كېچىدىكى جۇدۇن، بوران ۋە چاقماق سوقۇشلارمۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان چوڭ ئىشلاردۇر. بۇنىڭدەك مەلۇماتنى پەقەت مۇئجىزە كەلتۈرمەكچى بولۇپ: «ئانىڭغا قارا» دېيىلگەندە دەرھال قارىغانلارلا بىلەلەيدۇ. بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئايغا قاراپ قالغانلار «خاتا كۆرۈۋالغان ئوخشايمەن» دەپ قالىدۇ ياكى: «بىرەر يۇلتۇز ئاينىڭ ئاستىغا ئۇدۇل كېلىپ، كېيىن ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ياكى بىرەر پارچە بۇلۇت توسۇۋالغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ۋەقەلىك جىمى زېمىن ئەھلى تەرىپىدىن نەقىل قىلىنماي قالغان»(4).
مۇبادا ئاينىڭ يېرىلىشى نەچچە سائەت داۋاملىشىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسى ئۇنى كۆرگەن ۋە دۇنيا تارىخىغا تولۇق يېزىلغان بولسا ئىدى، كافىرلار ئەلبەتتە ئۇنى ئادەتتىكى ئاسترونومىيەلىك ھادىسە دەپ تۇرۇۋالغان بولاتتى ۋە ئۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان ئالاھىدە مۇئجىزە دەپ قارىمىغان بولاتتى.
شۇنداقتىمۇ بۇ ۋەقەلىك تارىخشۇناسلارنىڭ قەلىمىدىن قاچمىغان. مەسىلەن، ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373) كاتتا ھەجىملىك تارىخ ئەسىرىدە ھىندىستاننىڭ بەزى يۇرتلىرىدا بۇ ۋەقەلىككە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ: «ئاي يېرىلىش كېچىسى» دەپ تارىخ قالدۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ(5).
ئىمام كەشمىيرىي (ھ. 1292 – 1352 / م. 1875 – 1933) مۇھەممەد ئەلقاسىم ھىندۇشاھ ئىستەرئابادىي (ھ. 967 – 1029 / م. 1560 – 1620) نىڭ «تارىخى فەرىشتە»دىن نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ راجا ۋەجبال ناملىق بەزى پادىشاھلىرى ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگەن ۋە بىر يۇرت شۇ پادىشاھنىڭ نامى بىلەن بەھۇپال دەپ ئاتالغان(6).
ئەللامە رەھمەتۇللاھ ئەلھىندىي ئىستەرئابادىي (ھ. 1233 – 1308 / م. 1818 – 1891) مۇ مۇھەممەد ئەلقاسىم ھىندۇشاھ ئىستەرئابادىينىڭ «تارىخى فەرىشتە»سىدىن نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ مىللىيبار ئىقلىمىنىڭ ئاھالىسى ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگەن، كېيىنچە بۇ ۋەقەلىكنىڭ تېگىگە يەتكەندە، شۇ ئىقلىمنىڭ ئاتەشپەرەس پادىشاھى مۇسۇلمان بولغان(7).
بۇنى تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، بەزى ئاكادېمىكلەر لوندوندىكى برىتانىيە مۇزىيخانىسى قارمىقىدىكى ھىندىستان مەركىزى كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «شاكرۇتى فارماد قىسسەسى» ناملىق قەدىمكى قوليازمىلاردىن بىرىدە شۇنى كۆرگەنكى، ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مىللىيبار ئۆلكىسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى شاكرۇتى فارماد بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشىغان دەۋردە ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە باشقىلارغا بۇنى سۆزلەپ بەرگەن(8). مەزكۇر قوليازمىنىڭ كۇتۇبخانىدىكى ئورنى: IO – 2807. ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسى قوليازمىنىڭ 81 – ۋە 140 – بەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.
تېخى يېقىنقى يىللاردا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى قەدىمكى مايا مەدەنىيىتىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئىلمىي ۋە تارىخىي تور بەتلەردىن بىرى مىلادىيە 7 – ئەسىردە يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدە ياشىغان دەۋردە، بولۇپمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مەككەدە تۇرغان ئاخىرقى يىللار بولغان مىلادىيە 623 – يىلىدا ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىر ماقالە («The Split Moon of the Madrid Codex and Persian Manuscripts \يەنى مادرىد ھۆججەتلىرىدە ۋە قەدىمكى فارس قوليازمىلىرىدىكى يېرىلغان ئاي) ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدا بۇ ۋەقەنى پۈتۈن قىتئەدىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆرگەنلىكى، شۇنداقلا يەرلىك كالېندارىنى شۇنىڭغا ماس تەرىقىدە ئۆزگەرتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغانلار بۇ ماقالە ئارقىلىق مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىلىرىدىن بىرىنى ئىسپاتلاشقا ھەسسە قوشقانلىقلىرىنى بىلمىگەن. كېيىن مۇسۇلمانلار بۇ ماقالىدىن سۆيۈنۈپ ئالقىشلىغاندا، ئۇلار ماقالىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىسمىنى ئۇدا 54 قېتىم ئۆزگەرتكەن(9).
خۇلاسە: بۇ ۋەقەلىكنى ئەسھاب كىراملەردىن يەتتە كىشى رىۋايەت قىلغان بولسا، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز بۇ ۋەقەلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر بولۇش بىلەن بىرگە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ 54 – سۈرىسى بولمىش «قەمەر» سۈرىسىنىڭ 1 – ئايىتىمۇ بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، بۇ ۋەقەلىك شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە ھىندىستان ۋە مايا تارىخلىرىمۇ بۇنى تەكىتلىمەكتە. يېقىنقى يىللاردا ناسا ھاۋا بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) نىڭ كۆزىتىپ بايقىشىچە، ئايدىكى جىلغا – يېرىقلار يانار تاغ ياكى شۇ تۈرلۈك سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى دەل سۇنۇش ياكى باشقا سەۋەبلىك پەيدا بولغان پۈرمىلەر سىزىقى ئىكەن(10).
ئالىملار ئاپوللو ئالەم كېمىسى تۈرى جەريانىدا 15 -، 16 – ۋە 17 – نومۇرلۇق ئالەم كېمىلىرىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پۈتۈن مەنزىرىلىك كامېرا ئورنىتىش ئارقىلىق، ئاي يۈزىدىكى Lobate پۈرمىسىنى (Lobate نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى يۇمىلاق، يوپۇرماقسىمان دېگەن مەنىدە كېلىشى مۇمكىن. تەرجىماندىن) بايقىغان(11). ھالبۇكى، بۇ رەسىملەر(12) ئاي شارى ئېكۋاتورى ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان بولۇپ، ئاي شارى يۈزىنىڭ ئاران %20 نى ئىگىلەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن، تەتقىقاتچى خادىملار بۇ پۈرمىنىڭ پەقەت ئاي ئېكۋاتورى ئەتراپىدىكى دائىرىلىك ھەرىكەتتىن بولغان – بولمىغانلىقىنى جەزم قىلالمايدۇ. تەتقىقاتچىلار ئاي رازۋېدكا ئوربىتىسى — LRO رەسىمىلىرىدىن(13) يەنە 14 دانە يېڭى پۈرمىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلاردىن يەتتىسى يۇقىرى كەڭلىك (60 گرادۇستىن يۇقىرى) كە جايلاشقان. تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال پۈرمىلەرنىڭ پۈتۈن ئاي شارىغا تارقالغان بىر تۈرلۈك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھەم ئاينىڭ يېگىلىشىنىڭ (كىچىكلىشىنىڭ) ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش بولالايدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. ئاي شارى يېگىلىگەن ۋاقتىدا يەر پوستى ۋە مانتىل(14) ققەۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە يەر يۈزى ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە گىرەلىشىپ بىر تەرەپ يەنە بىرتەرەپنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پۈرۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋالنى (يەنى Thrust fault تەتۈر ئۈزۈلمە قاتلام) (15)) شەكىللەندۈرىدۇ. نەتىجىدە ھەرخىل يېرىم يۇمىلاق ياكى يوپۇرماقسىمان پۈرمىلەرنى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن «Lobate پۈرمىسى» دېگەن ئاتالغۇ مەيدانغا كەلگەن. ئالىملار بۇ ھادىسىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. ۋاتتېرس (16) نىڭ قارىشىچە، بۇ بەلكىم ئاي شارى تۇپرىقىنىڭ ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە كىرىشىپ گىرەلىشىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. يېقىنقى گىئولوگىيەلىك دەۋردە، ئاي شارىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سوۋۇش ۋە يېگىلەشكە ئەگىشىپ ئاي رادىئوسى تەخمىنەن 100 مېتىر ئەتراپىدا كىچىكلەپ كېتىش نەتىجىسىدە چۈرۈك يەر پوستى يېرىلىپ، ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە كىرىشىپ گىرەلىشىش يۈز بېرىپ ئۆزگىچە ھالەت شەكىللەنگەن. دىققەت تارتقۇچى يېرىق بولسا تەتۈر ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈستىنكى يەر پوستىنىڭ قارشى تەرەپنى يەنى گىئورگى ناملىق تەرەپنى (جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 2.1 گرادۇس ۋە 128.1 گرادۇسلۇق پاراللېلغا جايلاشقان) ئۇرۇپ ئىتتىرىۋەتكەنلىكتىن شەكىللەنگەن. بارلىق «پۈرمە تارقىلىش خەرىتىلىرى»نى سىزىپ چىقىش ئارقىلىق بۇ پۈرمىلەرنىڭ چوڭلۇقىنى ئېنىقلىغىلى ھەمدە ئۆتكەن بىر مىليارد يىل جەريانىدىكى ئىسسىقلىق تارىخىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.(17).
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2021. 8. 15
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3636 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2800 – ھەدىس.
2. «بۇخارىي»، 4767 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»، 3868 – ھەدىس.
4. ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا»، 1 – توم، 269 – بەت.
5. ئىمام ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3 – توم، 149 – بەت.
6. ئىمام كەشمىيرىي: «فەيزۇلبارىي»، 6 – توم، 404 – بەت.
7. ئەللامە رەھمەتۇللاھ ئەلھىندىي: «ئىزھارۇل ھەق»، 4 – توم، 1039 – بەت.
8. دوكتور زەغلۇل نەججار: «‹قۇرئان كەرىم›دىكى ئاسمان»، 543 – بەت.
9. قاراڭ: «المعارضات الفكرية لأحاديث الصحيحين»، 2 – توم، 1256 – بەت.
10. https://www.nasa.gov/mission_pages/LRO/news/shrinking-moon.html?fbclid=IwAR07Q6dhW-IgA1Egw-1irscdj93SktfTdVl0yBo1IsL-KglMkkZknmvilmI.
11. Lobate نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى يۇمىلاق، يوپۇرماقسىمان دېگەن مەنىدە كېلىشى مۇمكىن. تەرجىماندىن.
12. https://www.nasa.gov/images/content/476464main1_crosscut_craters-670.jpg
13. بۇيەردىكى LRO بولسا Lunar Reconnaissance Orbiter ئاي رازۋېدكا ئوربىتىسىنىڭ ئېنىگلىزچە قىسقارتىلىمىسى، تەرجىماندىن.
14. مانتىل قەۋىتى mantle بولسا يەر يۈزى ۋە يەر يادروسى ئارىسىدىكى قەۋەت بولۇپ، يەرشارى مانتل قەۋىتى بىلەن ئوخشاشتۇر، تەرجىماندىن.
15. Thrust fault.
16. تەتقىقاتچى ئالىم Watters نىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى، تەرجىماندىن.
17. ناسا توربېتىدىن ئېلىندى. قاراڭ:
https://www.nasa.gov/mission_pages/LRO/news/shrinking-moon.html?fbclid=IwAR07Q6dhW-IgA1Egw-1irscdj93SktfTdVl0yBo1IsL – KglMkkZknmvilmI.
ناسا توربېتىدىن ئېلىنغان نەقىلنى تەرجىمە قىلغۇچى ماھىرجان.
ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…
دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…
(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760) 18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…