Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى «رابىتە»نىڭ ھۆكمى نېمە؟

نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى رابىتە»نىڭ ھۆكمى نېمە؟»

نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى رابىتە»نىڭ ھۆكمى نېمە؟»

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، نەقشىبەندىييە تەرىقىتى، «مەنزىل جامائىتى»دىكى بىر مۇرىد(1) بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. بىر كۈنى شام نامىزىدىن كېيىن ئۇ بىر ھازا ئولتۇردى، نېمە قىلغىنىنى سورىسام «رابىتە» دەپ ئۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى: ئۇ شەيخىنى نۇر ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن ۋە شەيخىدىن ئاللاھنىڭ شەيخىگە بەرگەن نۇرىنى ئۆزىگە بېرىشىنى سورايدىكەن ۋە بىر نۇرنىڭ شەيخىدىن چىقىپ پېشانىسىدىن كىرىپ بەدىنىگە يېيىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن. ھەممىسى تەسەۋۋۇرىدا بولىدىغان بۇ ئىش بەك غەيرى تۇيۇلدى. يەنى، شەيخىگە ئاللاھ نۇر بەردى دېسەكمۇ، ئۇ بۇنى خەلققە بېرەلەمدۇ دېگەندەك… سوئاللار تۇغۇلدى، يەنە كېلىپ، ئۇ ئۆزى بۇ ئىشنىڭ دەلىلىنى بىلمەگلىك. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

رىشتە ياكى ئالاقە، ياكى مۇناسىۋەت مەنىسىدىكى «رابىتە» ياكى يۈزلىنىش مەنىسىدىكى «تەۋەججۇھ» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىبادەت ئۇسۇلى شەرىئەت كۆرسەتمىگەن، بىدئەت ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

ئىمام رەشىد رىزا «مەنار»دا «تەۋەججۇھ» بىلەن «رابىتە» ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يوللۇق ئىبادەتلىكىگە دەلىل يوقلۇقىنى، ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار شېرىككە بېرىپ قالىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ‹تەۋەججۇھ› ياكى ‹رابىتە› ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن ئەمەس. ئۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگىمۇ دەلىل يوق. ئۇنى ئۆز ئالدىغا يوللۇق بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ: ﴿ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟﴾(42/«شۇرا»: 21)

شۇنىڭدەك، بۇ يەنە ئاللاھنىڭ ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئاساس – ئۇللىرى بايان قىلىنغان مۇنۇ سۆزى قاتارىغىمۇ كىرىپ قالىدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم پەقەتلا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.»﴾(7/«ئەئراف»: 33)

ئىمام رەشىد رىزا يەنە: تەسەۋۋۇف ئىماملىرى ۋە كاتتىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى دىندىن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى پەقەت بەزىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىر ۋەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ناۋادا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى ۋە باشقا تەرىقەتلەردىكى مۇقەللىد(2) ئاۋاملار بۇ ئىشلارنى ئېنىق بىلىدىغانلارنىڭ مەقسىتىنى بىلمەستىن بۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئېسىلىۋېلىپ قالسا ئازغۇنلۇققا ۋە ئېنىق يا يوشۇرۇن شىرككە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىن پىرلەر، ۋەلىيلەر، ھەتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدىمۇ پايدا – زىيان يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «رابىتە» گېپىنى قىلغان بەزى سالىھلارغا قارىتا يامان ئويدا بولماي، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىندا ھۆججەت ئەمەسلىكىنى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا ياتىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شەرىئەتتە ئۇنىڭ دىندا تەلەپ قىلىنغان بىر ئىبادەتلىكىگە دەلىل بولغان بولسا ئىدى، ئۇ دىننىڭ جەۋھىرى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنى تونۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، ساھابە ۋە تابىئىنلار ئۇقماي قالماس ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنىڭغا بۇيرۇغان، ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇتەۋاتىر(3) شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان بولاتتى».

مەلۇمكى، شەيخ رەشىد رىزامۇ بۇرۇن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدە بولغان. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ئالىمنىڭ سۆزىنى تەرىقەتنى چۈشەنمەي گەپ قىلىدۇ دەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىمام رەشىد رىزا كۇئالالۇمپۇردىن بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن: بۇ مەسىلىدە ھەقنى بايان قىلىشقا مەن ئەڭ لايىق ۋە ھەقلىق كىشىلەردىن بىرى دېسەم، ئۆزۈمنى راستچىل دېيەلەيمەن. بۇ بارىسىدا سەۋەبنى بايان قىلىپ قالسام، ئىنساپلىق ھەربىر ئاقىل بۇنىڭغا ماقۇل كېلىدۇ دېيەلەيمەن. بۇنداق دېيەلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدە سۇلۇك تۇتۇپ ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ۋە ئەڭ مەخپىي ئىنچىكە سىرلىرىنى بىلگەنمەن. تەسەۋۋۇف دېڭىزىنى كېچىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلەرنى، دولقۇنلىرى قىرغاقلارغا ئەچىقىپ تاشلايدىغان تاپلارنىمۇ كۆرگەنمەن. ئاخىرى بېرىپ مەن دىندا يول تۇتۇشتا سەلەف – سالىھلەرنىڭ يولىغا بېرىپ توختىدىم ۋە ئۇنىڭغا زىت كەلگەن ئىشلارنىڭ ئېنىق ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدىم».(4)

بۇنىڭغا شەرىئەتتىن دەلىل يوقلۇقىنى نەقشىبەندىييە تەرىقەتكە مەنسۇپ ئالىملاردىن ئىمام ئەلۇسىي «رۇھۇلمەئانىي» تەفسىرىدە بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر رابىتەنىڭ بەرىكىتى بىلەن قەلب ئۆزىگە قۇيۇلىدىغان ئىلاھىي ئىلتىپاتلارغا تەييار بولۇشى ئۈچۈن ‹رابىتە› گېپىنىمۇ قىلغان بولۇپ، شەرىئەتنى بەلگىلەپ بەرگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياكى ئۇنىڭ خەلىفەلىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تايانغۇدەك بىرەر دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمەن».(5)

بۇ مەزمۇننى ئىمام رەشىد رىزامۇ يۇقىرىقى پەتۋاسىدا ئىمام ئەلۇسىيدىن نەقىل ئېلىپ كەلتۈرگەن. مەلۇمكى، ئىمام ئەلۇسىي خالىد نەقشىبەندىينىڭ شاگىرتىدۇر.

خالىد نەقشىبەندىيگە مەزكۇر رابىتەنى ئىسپاتلاپ يازغان بىر رىسالە مەنسۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ رىسالە ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە يېزىلغان بولغاچقا، يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن بۇ رىسالە خالىد نەقشىبەندىينىڭ ئىسمىدا مەلۇم مەقسەتتە باشقىلار تارقاتقان رىسالە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ رىسالىدە رابىتەنىڭ شەكلى، شەرتى ۋە ياكى باشقا تۈزۈك مەلۇماتلار كەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ رىسالە ئىلگىرى تەسەۋۋۇف ساھەسىدە تۈزۈك تىلغا ئېلىنمايدىغان «رابىتە» مەسىلىسىنى قوزغاتقان. نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر كېيىنچە، بۇ ئىشنى يوغىنىتىپ ئالاھىدە شەكىل پەيدا قىلىپ، مۇرىدنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرىدىن قىلىۋالغان ۋە زەمەخشەرىي، غەززالىي، ئەكمەلىددىن، سەھرۇۋەردىي، ئىبنى ھەجەر ۋە سۇيۇتىيلارنىڭ سۆزلىرىدىن رابىتەگە مۇناسىۋەتسىز نەقىللەرنى كەلتۈرۈپ رابىتەنى ئىسپاتلاشقا كۈچەپ باققان. تېخى يەنە بەزىلەر ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل ئىزدەپ، بۇنى خۇددى ئايەت ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن زىكىر ۋە ئىبادەت ئۇسۇلى قاتارىغا تىزىشقا ئۇرۇنۇپ بىھۇدە ئاۋارە بولغان. ھالبۇكى، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇف كاتتىلىرىدىن بۇ خىل رابىتە توغرىسىدا توختالغانلار يوق. پەقەتلا ھىجرىيە 11 – ئەسىردە ئۆتكەن نەقشىبەندىييە شەيخلىرىدىن تاجۇددىن ئىبنى زەكەرىيا ئەلھىندىينىڭ نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى ھەققىدە يازغان رىسالىسىدىلا ئازغىنە مەلۇمات كەلگەن.(6) بۇمۇ، ئۇنىڭ كېيىنچە پەيدا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام رەشىد رىزانىڭ يۇقىرىقى «تەسەۋۋۇف ئىماملىرى ۋە كاتتىلىرى ئۇنى دىندىن دەپ قارىمايدىغانلىقى» دېگەن سۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، يېقىنقى زامان مۇتەسەۋۋىفلەردىن شەيخ مۇھەممەد سەئىد رامازان ئەلبۇتىيمۇ بۇ ھەقتە سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«ئىمام رەببانىي ‹مەكتۇبلار› ناملىق كىتابىدا، زىكىر قىلغۇچى زىكىرگە ئولتۇرغىنىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىغا باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنى قېتىپ زىكىر قىلىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ بايان قىلغان».(7)

دەرھەقىقەت، تەسەۋۋۇف پىشىۋالىرىدىن ئەلجۇنەيد، جىيلانىي ياكى دۇسۇقىيلارغا ئوخشىغان ئىلگىرىكىلەردىن «رابىتە» توغرىسىدا بىرەر تەۋسىيە تېپىلمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ساھابەلىرىگە ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ مېنى ئويلاپ، ئاندىن ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا كىرىڭلار دېمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿«ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي»﴾(3/«ئال ئىمران»: 31) دېگەن ئايەتى ئارقىلىق پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشنى، ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ ئالامىتى ۋە بەلگىسى قىلىپ كۆرسەتكەن.

ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن دۇنياغا تونۇلغان ۋە ھىجرىيە 1307 – يىلى ۋاپات بولغان پەزىلەتلىك ئەمىر شەيخ مۇھەممەد سىددىق ھەسەن خان ئەلقىننەۋجىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ، ئىراقنىڭ مۇفتىسى ئىمام ئەلۇسىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى نۇئمان ھەزرەتلىرىنىڭ: «نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان ‹رابىتە› ھۆكمىدە جانابلىرى قانداق قارايدىلا؟ ئۇنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن كۈچلۈك ئاساسى بارمۇ ياكى ئۇ پەيدا قىلىنغان ئىش بولۇپ، بەزى دانىشمەنلەرنىڭ ئىجتىھادىمۇ؟» دېگەن مەزمۇندىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «‹رابىتە› مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ مۇنكەر بىدئەتلەردىن ئىكەنلىكى ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇمدۇر. ئۆز زامانىسىنىڭ مۇھەددىس ئەللامىسى شەيخ ئەھمەد ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي ھەزرەتلىرىمۇ ‹ئەلقەۋلۇلجەمىيل› دېگەن كىتابىدا ئېنىق قىلىپ ئۇنىڭدىن توسقان».

شەيخ سىددىق ھەسەن خان يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شېھىد ئەللامە مۇھەممەد ئىسمائىل دېھلەۋىي ھەزرەتلىرىمۇ پارسچە يازغان ‹سىراتۇلمۇستەقىم› دېگەن كىتابىدا: قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئازراق ئىلىم ئىگىلىگەن كىشىگە نىسبەتەن، بۇ ‹رابىتە› شېرككە ياتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر، – دېگەن. مەن (شەيخ سىددىق ھەسەن خان) دەيمەنكى، پىر مەيلى كىم بولسا بولسۇن بىزنىڭ قەلبلىرىمىزنى پىر بىلەن باغلاش بىلەن نېمە ئىشىمىز! قەلبلەر دېگەن ياراتقۇچىسىغا باغلىنىدۇ. ﴿دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپمامدۇ؟﴾(13/«رەئد»، 28). يىغىپ ئېيتساق، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەشايىخلاردىن بىر توپى گەپ – سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئۇ شەكسىز بىدئەت ئىشلاردىندۇر. ئۇنىڭ ھۆكمى مۇتەسەۋۋىفلەر قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىلى يوق ھالدا پەيدا قىلىۋالغان باشقا بارلىق بىدئەتلەرنىڭ ھۆكمىدىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە يوق ھەرقانداق ئىش رەت قىلىنىدۇ›، ‹ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇق، ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاختا› دېگەن مەشھۇر سۆزلىرى بۇنىڭدەك بىر بىدئەتنى رەت قىلىشتا كۇپايىدۇر. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر».(8)

ئىمام ھەسەن ئەلبەننا رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرىدىكى بۇ «رابىتە» مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە قېرىنداش ۋە يېقىنلىرىنى ئويلاپ، ئۇلارغا دۇئا قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنى «ۋىردى رابىتە» دەپ ئاتىغان. بەلكىم، بۇ تەرىقەتلەردىكى بىدئەت رابىتە ئۇسۇلىنى توغرا تەرەپكە قايرىپ تۈزىتىش بولسا كېرەك.

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا ئىمام رەشىد رىزا قاتارلىق نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنى ئەڭ ياخشى بىلگەن ئىشەنچلىك ئالىملارنىڭ بايانلىرىدىن شۇنى خۇلاسىلىيەلەيمىزكى، نەقشىبەندىييە تەرىقىتىدىكى «رابىتە» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئىبادەت ئۇسۇلى شەرىئەت كۆرسەتمىگەن، بىدئەت ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت قىلىۋالغانلار ئىمام رەشىد رىزا دېگەندەك شىرككە بېرىپ قالىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 6 – سەپەر / م. 2016، 6 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 117 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. مۇرىد (الْمُرِيدُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر.
2. «مۇقەللىد»: دەلىلگە تايانماستىن، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى.
3. مۇتەۋاتىر ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُتَوَاتِرُ): لۇغەت مەنىسى «ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەنەدنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق كۆپ ساندىكى راۋىيلەرنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى كۆپ سانلىق راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «لەفزى مۇتەۋاتىر»، «مەنىسى مۇتەۋاتىر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.
4. شەيخ رەشىد رىزا: «مەنار ژۇرنىلى توپلىمى»، 2/516.
5. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 28/107.
6. فەرىدۇددىن ئايدىن: «الطريقة النقشبندية بين ماضيها وحاضرِها»، 66 – بەت.
7. موقع نسيم الشام: «استفتاءات الناس للإمام البوطي»، السؤال 230. ص 115.
8. «التاج المكلل من جواهر مآثر الطراز الآخر والأول»، طبع وزارة الأوقاف والشئون الإسلامية – قطر، ص 511 – 512.

Please follow and like us:
Exit mobile version