تۈركىيىدە رامىزان ئېيىدا بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنى باشقا ئايلاردىكى ۋاقىتتىن بالدۇر، يەنى ئىمساك ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيەدە رامازان ئېيىدا بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنى باشقا ئايلاردىكى ۋاقىتتىن بالدۇر، يەنى ئىمساك ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ ۋە بۇ ۋاقىت بامداتنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرىشى ھەمدە سوھۇرلۇقنى توختىتىش ۋاقتى دېيىلىدۇ. ۋەھالەنكى رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بامداتنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا ئىمساك ۋاقتىدا كىرىدۇ. ئەمما، كۆپچىلىك تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىدىغان ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ تەسىرىدىن بامدات نامىزىنى تاڭ ئاقارغاندا ئوقۇشنى ئەۋزەل دەپ قاراپ، ئەزان ئىمساك ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى تەخمىنەن 45 مىنۇت كېچىكتۈرۈپ ئوقۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا روزا ۋە بامداتقا ئالاقىدار ھۆكۈم قانداق بولىدۇ؟ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋاقىتقا چېتىشلىق ئىبادەتلەر بولۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت دائىرىسىدە ئادا قىلىنىشى كېرەك. بۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرى بولسا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە باغلانغان ئاسترونومىيەلىك ھادىسەلەرنى كۆزىتىشكە تايىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن مەسىلىنىڭ فىقھىي تەرىپىدىن باشقا ئاسترونومىيەلىك تەرىپىمۇ بار.
بۇ يەردە بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، تاڭ يورۇپ «ئىمساك ۋاقتى» كىرگەندىن كېيىن يەپ – ئىچىپ روزىنى سۇندۇرۇپ سالماسلىق ۋە ناماز بامداتنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ سالماسلىقتۇر.
«ئىمساك ۋاقتى» دېگىنىمىز — تاڭ سۈزۈلۈپ بامدات ۋاقتى كىرىشى بىلەن روزىخان يەپ – ئىچىشتىن توختىشى كېرەك بولغان ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىت ھەقىقىي تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا كىرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿…تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلىشقا (يەنى تاڭ يورۇشقا) باشلىغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار…﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن.
تۈركىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردە ھەر يىلى كالېندارلاردا بېكىتىلگەن «ئىمساك ۋاقتى» توغرىسىدا ئانچە – مۇنچە ئىختىلاپلار كۆرۈلىدۇ. تۈركىيەدە بەزى رەسمىي كالېندارلاردا بامدات نامىزىدىن باشقا تۆت ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى يېزىلىدۇ. بامداتنىڭ ئورنىغا ئىمساك ۋە كۈن چىقىش ۋاقتى يېزىلىدۇ ۋە رامازان ئېيىغا خاس بۇ كالېندارلار «ئىمساكىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە «ئىمساكىيە»لەرگە ئىمساك ۋاقتى، ناماز بامداتنىڭ ئەزىنىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈن چىقىش ۋاقتى ئايرىم – ئايرىم يېزىلىدۇ. بۇمۇ «ئىمساك بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا يەپ – ئىچسە روزىغا تەسىر يېتەمدۇ» دېگەندەك سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.
ئادەتتە سىرتتىن كەلگەنلەرگە تۈركىيەدە بامداتنىڭ ئەزىنىنىڭ رامازان ئېيىدا باشقا ئايلارغا قارىغاندا، 45 مىنۇت ئەتراپىدا بالدۇر ئوقۇلۇشى غەلىتە تۇيۇلۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ. يەنە بەزى ياز ئايلىرىدا خۇپتەنگە باشقا ئايلاردىن بىر سائەتتىن كۆپرەك ئارقىغا تارتىپ ئەزان ئوقۇلىدۇ. ئەسلىدە بامداتقا ۋە باشقا نامازلارغا يىل بويى ۋاقتى كىرگەن چاغدىلا ئەزان ئوقۇلسا، نامازنى دەسلەپ ۋاقتىدا ياكى «ئەۋزەل» دەپ قارالغان ۋاقتىدا ئوقۇسا، بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيتتى. بۇ سەۋەبتىن، ھەر يىلى رامازاندا كۆپ سوئاللار سورىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ئىخچام قىلىپ تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن:
1) مەلۇمكى، سوھۇرلۇق ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن (تۈركىيە ئۈچۈن ھازىرقى يەرلىك ۋاقىت كېچە سائەت 01:00 دىن) تاڭ يورۇغانغا قەدەردۇر. سوھۇرلۇق بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما بىلەنمۇ بولىدۇ. چوقۇم تولۇق بىر ۋاقىت تاماق بولۇشى شەرئىي جەھەتتىن شەرت ئەمەس. سوھۇرلۇق يېيىش ۋە ئۇنى بامدات ۋاقتىغا يېقىن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى سۈننەت، شەرت ياكى ۋاجىب ئەمەس. شۇڭا، سوھۇرلۇق يېمەي قالسا روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماسلىق ئادەتتە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە «سوھۇرلۇق يېمەي قالسا روزا ھېساب بولمايدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە مەۋجۇدتۇر. قارىماققا، بەزىلەر سوھۇرلۇقنى روزىنىڭ شەرتى دەپ چۈشىنىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئۇنداقتا، ھازىرقى ئەھۋالدا سوھۇرلۇق يېمىسە ياكى سوھۇرلۇقنى ئىمساك ۋاقتى كىرىشتىن (مەسىلەن، يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت) بۇرۇن توختاتسا جائىز. توختىتىپ، ھەتتا دۇئا قىلىپ بولۇپ بىرنەرسە يەپ – ئىچمەكچى بولسا، ئىمساك ۋاقتىغىچە يەنە قايتا يەپ – ئىچىش پۇرسىتى بار. ئىمساك ۋاقتىدا توختاتسا بولىدۇ. چۈنكى، روزا ۋاقتى سوھۇرلۇقنى توختاتقان ياكى دۇئا قىلغان چاغدىن ئەمەس، ئىمساك ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ.
2) رامازاندىن باشقا ئايلاردا بامدات ئەزىنىنى بامدات ۋاقتى كىرگەن ھامان ئىمساك ۋاقتىدا توۋلىماي، كېچىكتۈرۈپ توۋلىسا، ۋاقتى ئىچىدە ئوقۇلىدىغان بولسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيەدە ھەنەفىي مەزھەب بويىچە(1)، «بامداتنى تاڭ تولۇق يورۇغاندا ئوقۇش ئەۋزەل» دېگەن قاراشنى تۇتىدىغانلار ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. مەسىلەن، سائەت 04:00 تە بامداتنىڭ ۋاقتى (ئىمساك) كىرىپ 05:20 دە كۈن چىقىدىغان بولسا، ئەزاننى 04:25 تە توۋلاپ، 05:20 گە قەدەر ئوقۇپ بولسا چاتاق يوق. تۈركىيەدە رامازاندىن باشقا ئايلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بۇ پېشىننى يازدا ھاۋانىڭ تەپتى يانغاندا ئوقۇش مۇستەھەب بولغىنىغا ئوخشاش مۇستەھەب ئىش.
لېكىن، بۇنداق كېچىكىپ توۋلىغان تەقدىردە، بامداتنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇۋالماقچى بولغانلار گەرچە ئەزان توۋلانمىغان بولسىمۇ، تاڭ يورۇپ بامداتنىڭ ھەقىقىي ۋاقتى (ھەقىقىي ئىمساك) كىرگەندە، يەنى يۇقىرىقى مىسالدا سائەت 04:00 تىن 04:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇسا، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. «ئەزان چىقمىغانلىقتىن نامىزى ھېساب ئەمەس» دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازدۇر.
خۇپتەن نامىزىنىمۇ ياز كۈنلىرىدە ياكى رامازان ئېيىدا بىر سائەت ئەتراپىدا ئارقىغا تارتىپ ئوقۇلىدىغان بولسا، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. مەسىلەن، رامازان كىرمەستە خۇپتەن ۋاقتى سائەت 21:30 دا كىرىدىغان بولسا، رامازاندا 22:30 دا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. لېكىن، 21:30 – 22:30 ئارىلىقىدا بىرسى خۇپتەن ئوقۇسا ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ.
3) سوھۇرلۇقتىن توختاش ۋە بامدات نامىزىنى ئوقۇشتا ئەزان ئەمەس، «قۇرئان»دا ۋە ھەدىستە كەلگىنى بويىچە تاڭ يورۇش ئاساستۇر. چۈنكى، ئەزاننى سوھورلۇقتىن توختاش ئۈچۈن ئوقۇشمۇ، تاڭ يورۇپ، بامدات ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇشمۇ بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا سوھۇرلۇق يەۋېلىشقا بىر، بامداتقا بىر ئەزان ئوقۇلاتتى. دىيارىمىزدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىمۇ رامازاندا شۇنداق ئىككى قېتىم ئەزان توۋلىناتتى. ئەگەر بىرلا ئەزان توۋلىنىپ، ئۇ دەل بامدات ۋاقتىنىڭ كىرىشى (ئىمساك) بىلەن توۋلىنىدىغان بولسا، سوھۇرلۇقنى توختىتىش ۋە بامدات ئوقۇشتا ھېساب قىلىنىدۇ.
4) بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىغا يورۇيدىغان ئىككىنچى تاڭ يورۇغاندا كىرىدۇ. تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، يالغان يورۇش؛ بۇ تاڭ دەسلەپ ئۇپۇقتا ئۇزۇنىسىغا (يەنى تىك شەكىلدە) قىسقا ۋاقىت سۈزۈلۈپلا كەينىدىن قاراڭغۇلۇق بېسىپ كېتىدىغان يورۇشتۇر. بۇ ۋاقىتتا تېخى خۇپتەننىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن ھېسابلىنىدۇ ۋە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىگە بۇ ۋاقىتتا سوھۇرلۇق يېيىش چەكلەنمەيدۇ. ئىككىنچىسى، ھەقىقىي يورۇش، بۇ ئۇپۇقتا توغرىسىغا يورۇغان تاڭدۇر. بۇ يورۇش بىلەن سوھۇرلۇق يېيىش چەكلىنىدۇ، بامداتنىڭ ۋاقتىمۇ (ئىمساك) كىرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىلالنىڭ ئەزىنى ۋە ئۇزۇنىسىغا يورۇغان تاڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن، ئەمما توغرىسىغا يورۇغان تاڭ (ھېسابتۇر)»(2) دېگەن.
ئۇنداقتا «ئىمساكىيە» لەردىكى ئىمساك ۋاقتى توغرىسىغا تاڭ ئاتقان ۋاقىت شۇمۇ؟
تۈركىيەدىكى «ئىمساكىيە» لەرمۇ ئانچە – مۇنچە پەرقلىقتۇر. بەزى «ئىمساكىيە» لەردە ئىمساك ۋاقتى بىلەن سوھۇرلۇق توختىتىلىدۇ، ئەمما بامدات ئەزىنى نەچچە مىنۇت «ئېھتىيات پېيى» ئۆتكۈزۈپ ئاندىن توۋلىنىدۇ. بۇ ئەگەر ناماز ۋاقتى تېخى كىرمىگەن بولسا، نامازنى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات قالدۇرغانلىقتۇر. «دىيانەت تەقۋىمى»دە «ئېھتىيات پېيى» 1983 – يىلدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇندىن كېيىنكى «ئىمساكىيە» لەردە بامدات (ئىمساك) ۋاقتى (ئەنقەرە شەھرى ئۈچۈن) 20 مىنۇت ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خۇپتەن ۋاقتى 9 مىنۇت كېيىنگە توغرىلانغان ۋە «سوھۇرلۇق توختىتىلىدىغان ئىمساك ۋاقتى دەل ئەزان ۋاقتى شۇدۇر» دەپ بېكىتىلگەن. ئارىلىقتا ئېھتىيات ۋاقىت قويمىغان. شەھەرلەرگە قاراپ بۇ مىنۇتلار ئاز ياكى كەم بولۇشى مۇمكىن.
مەسىلىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، مۇسۇلمان ئاسترونوم ۋە مۇۋەققىتلەر (قۇياش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىدىغان ئالىملار) قەدىمدىن تارتىپ بامدات (ئىمساك) ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا، 18 دەرىجىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مۇسۇلمانلار دىيارلىرىدىكى كالېندارلارنىڭ كۆپ قىسمى 18 دەرىجىنى ئاساس قىلىدۇ(3). يەنى «تاڭ يورۇش (ئىمساك ۋە بامدات ۋاقتى) قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن 18 دەرىجە ئاستىغا توغرا كەلگەندە كىرىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئاز بىر قىسىم مۇۋەققىتلەر 19 دەرىجەنى، يەنە بىر قىسمى 19.5 ياكى 20، ھەتتا 16.5 ياكى 17 دەرىجەنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ بار(4). ئوسمانىيلار دەۋرىدىن تارتىپ تۈركىيەدە 19 دەرىجە ئاساس قىلىنغان. تۈركىيەدە 1949 – يىلقى دىيانەت ھەيئەتىنىڭ كۆزىتىشى نەتىجىسىدە يەنىلا 19 دەرىجە ئاساس قىلىنىپ، خۇپتەنگە 17 دەرىجە ئاساس قىلىپ بېكىتىلگەن. لېكىن، دىيانەتنىڭ 1982 – يىلىدىكى قارارى بويىچە، بامداتقا 18 دەرىجە ئاساس قىلىنىشقا باشلىغان(5).
بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا ۋە ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىنىڭ يەكۈنىدۇر. كۆپچىلىكنىڭ قارىشى 18 دىن تۆۋەن چۈشمەيدۇ. مىسىردا 19.5 دەرىجە ئاساس قىلىنىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپى 18 دەرىجىنى، ئىراندا بولسا 17 ھەتتا 16 دەرىجىنىمۇ توغرا تاپىدۇ. بۇ دەرىجىلەردىن ھەربىر دەرىجە ئارىلىقى دۆلەتلەرنىڭ ۋە شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك كەڭلىكىگە قاراپ پەرق كۆرۈلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە دەرىجە ئارىلىقى 4 مىنۇتتۇر، شىمالىي يېرىم شاردا شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنسېرى دەرىجە ئارىلىقى مىنۇت ئۇزىراپ ماڭىدۇ. تۈركىيەدە 6 – 7 مىنۇت، شىمالىي ياۋروپادا 10 – 15 مىنۇتقىچە بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۈركىيەدە بۇرۇنقى 19 دەرىجە بىلەن ھازىرقى 18 دەرىجە ئارىلىقى 6 مىنۇتتىن كۆپرەك پەرقلىقتۇر. ئەمما، نىسبەتەن جەنۇبتا بولغان مىسىردا 19.5 دەرىجە بىلەن 18 دەرىجە ئارىلىقىدىكى بىر يېرىم دەرىجىنىڭ پەرقى 6 مىنۇت ئەتراپى. بۇنىڭدىن بىر دۆلەتتىكى ئىمساك ياكى ناماز ۋاقتىنى يەنە بىر دۆلەتتە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى ۋاقىت بەلگىلەش مەسىلىسىدە گەرچە بىرەر قاراش كۈچلۈك بولسىمۇ، دىن ئۆلىمالىرى بولسۇن، ئاسترونوملار بولسۇن، بىردەك قاراشقا كېلەلىگەن ئەمەس. ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى ئىمام تەبەرىي يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەفسىرىدە بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇپۇقنى كۆزىتىشتە تۈرلۈك ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ كۆزىتىشكە ئالاقىدار تەرىپىدۇر.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئەزان ئوقۇلغان ئىمساك ۋاقتىدىن بىر ياكى يېرىم سائەت بۇرۇن سوھۇرلۇقنى توختاتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەممە بىردەك قارايدۇ. سوھۇرلۇقنى بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان ئىمساك ۋاقتىدا توختاتسا ئەڭ ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. ئەمما، تاماق پىشۇرۇشتا، تاماق ئەكىلىشتە ياكى ئويغىنىشتا كېچىككەن ياكى دورىسىنى ئىچىۋېلىشنى ئۇنتۇغان كىشىلەردەك 15 – 20 مىنۇت ۋاقىتقا ئېھتىياجى بولغانلارغا ئازادىچىلىك بار. يەنى قىستالغان كۈنلەردە، ئەزان چىققاندىمۇ يەپ – ئىچسە، ئەزان توختىغاندىن كېيىن 13 مىنۇتقىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. نورمالدا تۈركىيەدە ئوقۇلغان ئەزان 7 مىنۇتتا توختايدۇ. كېيىنكى 13 مىنۇت بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا سوھۇرلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇش مەسىلىسى. نامازنى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەزان چىققان كالېنداردىكى ئىمساك ۋاقتىدىن (بۇ ھەقىقىي ئىمساك ۋاقتى ئەمەس) ئاز دېگەندە 20 – 25 مىنۇت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئوقۇش كېرەك. نورمال يىللاردا رامازاندا مەسجىدلەردە 40 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئوقۇلاتتى. شۇڭا، ئۆيدە ئوقۇپ ئۇخلىماقچى ياكى يولغا چىقماقچى بولغانلار ئەزان چىقىشى بىلەنلا ئوقۇسا بولمايدۇ.
سوھۇرلۇقنى توختىتىش بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇشتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىش مۇۋاپىق دېگەندە، ئىمساك ۋاقتىنى بېكىتىشتە كۆپچىلىك ئالىملار 18 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلەرنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلەرنى توغرا دەپ قارىغانلارمۇ يوق ئەمەس(6). ھەممە بىردەك قاراشتا بولمىغان ئىكەن، كېچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تاڭنىڭ يورۇغانلىقىنى جەزم قىلماق تەس. مۇتلەق جەزم بولمىغاچقا كېچىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى تاڭ ئاتقانلىقى جەزملەشكەندە ئاندىن يوقىلىدۇ. بۇ ھەقتە فىقھىي قائىدىلەرمۇ بار.
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿…تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلىشقا (يەنى تاڭ يورۇشقا) باشلىغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار…﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن ئايەتىمۇ تاڭ ئاتقانلىقنى جەزملەشتۈرگىچە يەپ – ئىچسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە كېلىپ، تاڭ ئېتىش بىرەر مىنۇت – سېكۇنتتا ئۇيان – بۇيان بولىدىغان، يىل بويى ئوخشاش، ۋاللىدە قىلىپ كىرىدىغان ياكى چىراغدەك كونۇپكىنى بېسىش بىلەن دەرھال يورۇيدىغان ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇپۇقتا ئىنچىكە ئاق سىزىق تۇنجى بايقىلىشتىن تارتىپ 25 – 35 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدىغان بىر ھادىسىدۇر. يەنە بۇ كۆزەتكۈچىنىڭ قايسى دەرىجىدە يورۇشنى ھېساب قىلىشىغا، ئورنىغا، ئىشلەتكەن مېتودى ۋە قويغان شەرتلىرىگە باغلىق. شۇڭا، مەيلى ئۆلىمالار بولسۇن، مەيلى رەسەتخانىلاردىكى ئاسترونوم، مۇۋەققىتلەر بولسۇن، 10 ئادەم بىر ئورۇندا بىر ۋاقىتتا تاڭ ئېتىشنى كۆزىتىشكە تۇرسىمۇ ھەممىسىنىڭ بىردەك ئوخشاش ۋاقىتنى مۇقىمدىيالىشى ناتايىن. بۇمۇ بۇ ئىشتا ئازادىچىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەدىمكى ئالىملار 18 دەرىجىنىڭ تۆۋىنىدە بامدات ۋە ئىمساك ۋاقتى بېكىتىپ باقمىغان(7) بولغاچقا، مەجبۇرىي قالمىغان ئەھۋالدا ئىمساك ۋاقتى بىلەن سوھۇرلۇقنى توختىتىش لازىم. بۇ ھەقتە غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى ۋە مەنپەئىتىمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
ھەتتا 18 ياكى 19 دەرىجىنى بېكىتىشمۇ تەقرىبىي (يېقىن مۆلچەرلەپ) بېكىتىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەزاندىن بۇرۇنقى بىر مىنۇت بامدات ۋاقتى ئەمەس، كېيىنكى بىر مىنۇت سوھۇرلۇق ۋاقتى ئەمەس دەپ جەزملەشتۈرەلمەيدۇ(8). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ سوھۇرلۇق يېيىش ۋە توختىتىشتا تاڭ راۋۇرۇس ئاتقانغا قەدەر يەپ – ئىچىشكە بۇيرۇغان. ھەدىستە كېلىشىچە، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىدىلا ئەزان ئېيتىۋېتەتتى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيتقانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار، چۈنكى ئۇ تاڭ ئاتمىغۇچە ئەزان ئېيتمايدۇ»(9) دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم تۇغما (ياكى كىچىك ياشتا كۆزىدىن ئايرىلغان) قارىغۇ كىشى بولۇپ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن، باشقىلار ئۇنىڭغا «تاڭ ئاتتى» دېسە ئاندىن ئەزان توۋلايتتى. بۇ تاڭ ئېتىش بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا بىرنەچچە مىنۇت ئارىلىق ئۆتۈشى ئېنىق.
يەنە بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹بىز نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سوھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن ئۇ زات بامدات نامازغا تۇردى› دېگەنىدى، مەن: ‹سوھۇرلۇق بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقى قانچىلىك ئىدى؟› دېسەم، ئۇ: ‹ئەللىك ئايەت (ئوقۇغان) چىلىك› دېدى»(10).
كېيىنكى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئارىلىق «چوقۇم شۇنچىلىك ئارىلىق تاشلىشى كېرەك» دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەدىستە ئەزان توۋلىغۇچە سوھۇرلۇق يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەللىك ئايەتنى ئوقۇش سۈرئىتى ۋە ئوقۇغان سۈرىگە قاراپ 6 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە ئوقۇش مۇمكىن. بۇ نامازغا تاھارەت ئالغۇچىلىك ۋاقىت بولۇپ، شۇ قېتىمقى ۋەقەلىك شۇنچىلىك ئارىلىق تاشلاپ ئەزان توۋلىنىشقا ئۇدۇل كەلگەن. يەنى بۇ ھەدىستىن سوھۇرلۇق بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا چوقۇم «ئېھتىيات ۋاقتى قالدۇرۇش شەرت» دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئەتەي شۇنچىلىك ۋاقىت تاشلىغان دېسەك، ئەزاندىن شۇنچىلىك ۋاقىت بۇرۇن سوھۇرلۇقنى توختاتسا ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى ئىخچاملىساق:
1) تۈركىيەدە سوھۇرلۇقنى دىيانەت تەقۋىمىدىكى ئىمساك ۋاقتىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن توختاتسا بولىدۇ. تېنەپ قالغانلار ئىمساك ۋاقتىدىن ئەڭ كەچ بولغاندا ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20 مىنۇت كېچىكىپ توختاتسا بولىدۇ.
2) بامداتنى ئىمساك ۋاقتىدىكى ئەزاندىن يېرىم سائەت كېيىن ئوقۇش لازىم. ئادەتتە تۈركىيەدە مەسجىدلەردە شۇنداق قىلىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 13 – رامازان / م. 2020، 6 – ماي
1. بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. ھەنەفىي مەزھەبتە «تاڭ بەكرەك يورۇغاندا ئوقۇش ئەۋزەل» دېيىلسە، باشقا مەزھەبلەردە «دەسلەپ ۋاقتى كىرگەن قاراڭغۇ ۋاقىتتا ئوقۇش ئەۋزەل» دېيىلىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممە بىردەك: «دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىدا ئوقۇسا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 7 – ج، 176 -، 178 – بەتلەر.
2. مۇسلىم (1094).
3. در. مۇھەممەد شەۋكەت ئەۋدە: «إشكاليات فلكية وفقهية حول تحديد مواقيت الصلاة»، بحث مقدم في مؤتمر الإمارات الفلكي الثاني، أبو ظبي، 2010م. 19 – 29 – بەتلەر.
4. يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە پەن – تېخنىكا شەھەرچىسى»دىكى ئاسترونومىيە ئىنستىتۇتى ئۆلىما ۋە ئاسترونوملاردىن تەشكىللىگەن گۇرۇپپىسى بىر يىل داۋاملاشقان نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشلەردىن كېيىن «ئۇممۇلقۇرا كالېندارى»دىكى بامدات ئەزىنى 25 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆز ۋاقتىدىن بۇرۇن دەپ دوكلات سۇنغان ۋە بامداتنىڭ كىرىشىنى 14.6 دەرىجە كۆزەتكەن. «التقرير النهائي – مشروع دراسة الشفق» الصادر عن مدينة الملك عبد العزيز للعلوم والتقنية 33 -، 39 – بەتلەر.
5. Erdoğan, Tunahan – İsmail Karagözoğlu. Bir Eleştirinin Eleştirisi: İmsâk Vakti Tartışmaları, Dinî Araştırmalar, 2022, cilt: XXV, sayı: 63, s. 490-491.
https://doi.org/10.15745/da.1180361
6. مەسىلەن، ئىئوردانىيە ئەۋقاف مىنىستىرلىكىنىڭ 1982 – يىلى كۆزىتىشى بامدات ۋاقتىنى 18.6 دەرىجە كۆزەتكەن. لىۋىيە دەۋەت فاكۇلتېتى 1992 -، 1993 – يىللىرى 17.7 – 19.6 دەرىجە ئارىلىقىدا كۆزەتكەن. ئىئوردانىيە ئاسترونومىيە جەمئىيىتى 2009 – يىلى 16.25 – 17.1 دەرىجە كۆزەتكەن. شەيخ ئالبانىي، در. سەئد ئەلخەسلان قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىئوردانىيەدە «20 – 30 مىنۇت بۇرۇن ئەزان توۋلىنىدۇ» دەپ قارىغان ۋە 15 دەرىجىدە كۆزەتكەن. 2005 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا شەيخ بىن باز تەشكىللىگەن ئۆلىما ۋە ئاسترونوملار ھەيئەتى 15.1 دەرىجە كۆزەتكەن. ئۇندىن باشقا 1988 – 2005 – يىللار ئارىلىقىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مۇسۇلمان ئۆلىمالار 13.8 – 17.2 دەرىجە كۆزەتكەن. بۇ ھەقتە يەنە سەييىد قۇتۇب ۋە ئەزھەر شەيخى جادۇلھەقلەرنىڭمۇ «مىسىردا ئەزان بۇرۇن توۋلىنىدۇ» دېگەن قانائەتلىرى، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستاندا 4 مىنۇت بۇرۇن توۋلىنىدۇ» دېگەن قانائىتىمۇ بار. بۇلار ھەممىسى ئىشەنچلىك ئالىملار. لېكىن، كۆزىتىش ئورنى، ۋاقتى ۋە شارائىتى، شۇنداقلا بېكىتكەن شەرتى پەرقلىقتۇر. بۇرۇنقى ئەسىرلەردىمۇ ئۆز زامانىسىدىكى بامداتقا بالدۇر ئەزان توۋلاشنى تەنقىد قىلغان ئالىملاردىن ئىبنى ھەجەر: «مۇنكەر بىدئەتلەر قاتارىدا بۇ زاماندا پەيدا قىلىنغان رامازاندا ئىككىنچى ئەزاننى تاڭ ئېتىشتىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا بالدۇر ئېيتىش قىلمىشى بار» دېگەن. «فەتھۇلبارىي»، 4 – ج، 199 – بەت.
7. مەسىلەن، ئەرەب فىزىك، ماتېماتىك ۋە پەيلاسوپ ئىبنۇلھەيسەم (ھ. 354 – 430 / م. 965 – 1040) «ئەلمەنازىر» دېگەن كىتابىدا؛ بۈيۈك ئاسترونوم ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي (ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048) مىلادىيە 1030 – يىلى ئەتراپىدا سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋىيگە سۇنۇلغان «ئەلقانۇن ئەلمەسئۇدىي» ناملىق ئاسترونومىي كىتابىدا؛ ئىرانلىق ئاسترونوم ۋە پەيلاسوپ نەسىرۇددىن تۇسىي (1201 – 1274) «زىججى ئىلخانىي» دېگەن ئەسىرىدە؛ ئۇلۇغبېكنىڭ (1394 – 1449) يېنىدىكى ماتېماتىك ئالىملىرىدىن بۇرسالىق قازىزادە رۇمىي (1364 – 1436 ياكى 1440) قاتارلىقلار.
8. در. مۇھەممەد شەۋكەت ئەۋدە: «إشكاليات فلكية وفقهية حول تحديد مواقيت الصلاة»، بحث مقدم في مؤتمر الإمارات الفلكي الثاني، أبو ظبي، 2010م. 19 – 29 – بەتلەر.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1919)؛ مۇسلىم (1092).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1921)؛ مۇسلىم (1097).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…