تەراۋىھنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تەراۋىھتا ئىمام بولغۇچى قىيامدا «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا بولامدۇ؟ بىر ماراكەشلىكنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا شۇنداق قىلسا بولامدىغاندۇ؟ دەپ قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تەراۋىھ نامىزى (صَلَاةُ التَّرَاوِيحِ) رامازان كېچىلىرىدە ئوقۇلىدىغان تەھەججۇد ۋە «قىيامۇل لەيل / كېچىلىك ناماز»نى كۆرسىتىدۇ. مۇبارەك رامازان كېچىلىرىدە تەراۋىھ ئوقۇش مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدىكى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قاتارىدىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە: «‏كىمكى ﺭﺍماﺯﺍﻥ كېچىلىرىدە ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېگەن(1).

تەراۋىھ نامىزى «ئارىلىقتا ئارام ئېلىپ ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازلار» دېگەن مەنىدىدۇر. ساھابەلەر تەراۋىھ ئوقۇغاندا ئۇزۇنراق ئوقۇپ، ھەر تۆت رەكئەت ئوقۇپ بىر ئارام ئالاتتى.

تەراۋىھ نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. تەراۋىھنى رامازاندا مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇشمۇ، ئۆيدە ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەھەججۇدنى ئۆيىدىمۇ، مەسجىدتىمۇ ئوقۇغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ مەلۇﻡ بىر كېچىسى چىقىپ مەسجىدتە ناماﺯ ئوقۇﯞىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھقا ئىقتىدﺍ قىلىپ بىرمۇنچە جامائەﺕ بىللە ناماﺯ ئوقۇﺩﻯ، تاﯓ ئاتقاندﺍ كىشىلەﺭ (كېچە ئوقۇغاﻥ ناماﺯ توغرىسىدﺍ) سۆﺯ قىلىشىۋىدﻯ، جامائەﺕ ئۇنىڭدىنمۇ كۆﭖ يىغىلىپ ﺭﻩسۇلۇللاھ بىلەﻥ بىرگە ناماﺯ ئوقۇﺩﻯ. ئۇنىڭ ئەتىسى جامائەﺕ (يەنە ئۆتكەن كېچە ئوقۇغاﻥ ناماﺯ توغرىسىدﺍ) سۆﺯلەشتى، ئۈچىنچى كېچىسى مەسجىد جامائىتى تېخىمۇ كۆپىيىپ ﺭﻩسۇلۇللاھ چىققاندﺍ ئۇﻻﺭ ﺭﻩسۇلۇللاھ بىلەﻥ ناماﺯ ئوقۇﺩﻯ، تۆتىنچى كېچىسى بولغاندﺍ مەسجىدكە جامائەﺕ پاتماﻱ قالغاﻥ ئىدﻯ، ﺭﻩسۇلۇللاھ كېچىسى چىقماﻱ بامدﺍتقا چىقىپ، بامدﺍتنى ئوقۇﭖ بولۇﭖ جامائەتكە يۈﺯلىنىپ ئولتۇﺭﺩﻯ، ئاندىن شاھاﺩﻩﺕ كەلتۈﺭﯛﭖ: ‹ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، سىلەرنىڭ (نامازغا بولغان) قىزغىنلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، لېكىن مەن بۇ نامازنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىپ كېتىپ، سىلەرنىڭ ئۇنى ئادا قىلالماي قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىدىم› دېدى»(2).

يەنە بىر ھەدىستە: «سىلەﺭنىڭ بۇ قىلغىنىڭلاﺭﺩىن تەﺭﺍﯞىھ ئوقۇشقا قىزغىن ئىكەنلىكىڭلاﺭنى بىلدىم، ئى جامائەﺕ! (نەپلە) نامازنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار، چۈنكى پەﺭﺯنى ھېسابقا ئالمىغاندﺍ، ناماﺯنىڭ ئەﯓ ئەﯞﺯىلى كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغاﻥ نامىزىدۇر»(3) دېگەن. يەنە: «پەرزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆيىدە ئوقۇغىنىدۇر»(4) دېگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆيدە ئوقۇش رىيا (كۆز – كۆز قىلىش) دىن يىراقتۇر.

ھازىرقى مەسىلە، خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ يىل رامازاندا تەراۋىھنى جامە – مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇيالمىغانلار ئۆيدە قارىيلار بولمىغان تەقدىردە، قىيامدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ نامازنى ئۇزۇنراق ئوقۇيالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ياد ئوقۇيالمايدىغان نامازخان «قۇرئان»نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامىزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ كۆتۈرۈش، قاراش، كۆزىنى ئۇياقتىن بۇياققا يۈگۈرتۈش، بەت ئۆرۈش ۋە ئېلىپ – قويۇش قاتارلىق كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نامازدا جىم تۇرۇڭلار!»(5) دېگەن. يەنە: «مېنىڭ قاندﺍﻕ ناماﺯ ئوقۇغانلىقىمنى كۆﺭگەﻥ بولساڭلاﺭ، شۇندﺍﻕ ناماﺯ ئوقۇڭلاﺭ!»(6) دېگەن ۋە بىرەر قېتىممۇ، جائىزلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، «قۇرئان»غا قاراپ ناماز ئوقۇپ باقمىغان.

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى توغرا ئوقۇيالمىغان بىر ساھابەگە نامازنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ: «ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ، ئاللاھ بۇيرۇغاندەك تاھارەت ئالغىن. ئاندىن ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇپ نامازغا تۇرغىن. ئەگەر قۇرئاننى ياد بىلسەڭ، قۇرئان ئوقۇغىن. ئەگەر ياد بىلمىسەڭ، ئاللاھقا ھەمد، تەكبىر، تەھلىل ئېيتىپ رۇكۇغا بارغىن»(7) دېگەن.

بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مەن «قۇرئان»نى يادقا ئالالمايۋاتىمەن، ماڭا بىرنەرسە ئۆگەتسىلە! — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:

— ئى ئاللاھ! سەن پاكسەن، بارلىق ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. بىزدە ھېچقانداق كۈچ ـ قۇۋۋەت يوقتۇر. ئاللاھ ئالىي ۋە بۈيۈك زاتتۇر، دېگىن! — دەپ ئۆگەتكەن(8).

بۇ ھەدىسلەر نامازخاننىڭ ياد بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقىنى، ياد بىلمىسە «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشى كېرەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى ھەمد، تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ناۋادا «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇش مۇباھ بولىدىغان بولسا ئىدى، بۇ ھەدىستە قىرائەتسىز ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان بولاتتى(9).

يەنە نامازخان «قۇرئان»نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا، ئوڭ قولنى سول قول ئۈستىگە قويۇش، سەجدىگاھىغا قاراپ تۇرۇشتەك بەزى سۈننەتلەرنى ئادا قىلالمىغاندىن سىرت، نامازنىڭ روھى ۋە جېنى بولغان خۇشۇئغا تەسىر يېتىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامىزى بۇزۇلمىغان بىلەن مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى، نامازدا كىتابتىن ئوقۇش ئەھلى كىتابلارنىڭ قىلىقىغا ئوخشايدىغان ئىشتۇر(10).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بىزنى ‹قۇرئان›غا قاراپ ئىمام بولۇشتىن توسقان» دېگەن(11). ئىبراھىم نەخەئىي، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، شەئبىي ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسۇلەمىي قاتارلىق سەلەفلەرمۇ: «بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «خرىستىيانلار مۇشۇنداق قىلىدۇ» دېگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «ساھابەلەر كىشىلەرنىڭ قۇرئانغا قاراپ ئىمام بولۇشىنى ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىقتىن قاتتىق يامان كۆرۈشەتتى» دېگەن. مۇجاھىد، ھەمماد، قەتادە ۋە سۇۋەيد ئىبنى ھەنزالە قاتارلىق سەلەفلەرمۇ مەكرۇھ دېگەن(12).

يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەكرۇھ بولمايدۇ. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇلى زەكۋان ‹قۇرئان›غا قاراپ تۇرۇپ ئىمام بولاتتى» دەپ كەلگەن(13). تابىئىنلەردىن ئىبنى سىرىن، ھەسەن بەسرىي (بىر رىۋايەتتە)، ئەتاﺋ قاتارلىقلار: «‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن. زۇھرىي: «بىزنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىمىز ‹قۇرئان›غا قاراپ ئوقۇيتتى» دېگەن. مالىكىي مەزھەب ئالىملىرى ۋە يەنە بىر قىسىم ھەنبەلىي ئالىملار پەرز بىلەن نەپلەنى ئايرىپ: «نەپلەدە بولىدۇ، پەرزدە بولمايدۇ» دېگەن(14).

گەرچە بۇ ھەقتە سەلەفلەردىن «جائىز بولىدۇ» دېگەندەك قاراش كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ئورانىدىن ياد بىلىدىغان كىشى ناماز ئارىلىقلىرىدا ناماز باشلاشتىن بۇرۇن «قۇرئان»غا قاراپ تەكرارلاپ ئىمام بولۇشىمۇ، نامازدا قولىدا كۆتۈرمەي قاراپ ئوقۇغان بولۇشىمۇ ئېھتىماللىق.

ئىمام سەرەخسىي ۋە كامال ئىبنى ھۇمام قاتارلىقلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ «ناماز بۇزۇلىدۇ» دېگەن قارىشىنى ياد بىلمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن شۇنداق، ياد بىلىدىغان بولسا، تۇتماي «قۇرئان»غا قارىسا كۆپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا نامىزى بۇزۇلمايدۇ، دەپ تەھلىل قىلغان(15). بۇنىڭدىن «قارىيلارنىڭ ‹قۇرئان›نى تۇتماي، ئالدىدا چوڭ ‹قۇرئان›نى ئېچىپ قويۇپ، بىرەر يەردە ئېزىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئاندىن ‹قۇرئان›غا قاراپ قىرائەتىنى داۋاملاشتۇرۇۋالسا، ناماز بۇزۇلمايدۇ؛ ياد بىلمەيدىغان كىشى ئالدىدىكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسا بۇزۇلىدۇ» دېگەندەك يەكۈن چىقىدۇ.

توغرىسى، ياد بىلمەيدىغان كىشى «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش. چۈنكى، ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا نامازدىكى قىرائەت توغرىسىدا: «قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار»(73/«مۇزەممىل»: 20) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھرالىق بىر كىشىگە ناماز ئۆگىتىۋېتىپ: «ناماﺯغا تۇﺭغىنىڭدﺍ تەكبىر ئېيتقىن، ئاندىن قۇﺭئاندىن ساڭا ئاساﻥ بولغىنىنى ئوقۇغىن؛ ئاندىن ﺭﯗكۇغا بېرىپ، ﺭﯗكۇﺩﺍ راۋۇرۇس تەمكىن تۇﺭغىن» دېگەن(16).

مەلۇمكى، ناماز دېگەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېكىتىپ بەرگەن ئىبادەتتۇر. ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بەزىلىرى «نەپلەدە جائىز، پەرزدە جائىز ئەمەس» دەپ، يەنە بەزىلىرى «نەپلەدە جائىز، پەرزدە مەكرۇھ» دەپ، يەنە بەزىلىرى «تېگىدىن جائىز ئەمەس» دەپ ئىختىلاپلاشقان ئىكەن، ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقىدا قاراش بىردەك بولغاچقا، بىرلىككە كېلىنگەن قاراش بويىچە ئىش تۇتۇش توغرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە شافىئىي مەزھەبتىمۇ «ئارقىمۇئارقا ئۈچ ۋاراقتىن كۆپ ۋاراقلىسا نامىزى بۇزۇلىدۇ» دەيدۇ(17). «قۇرئان» تۇتۇپ ناماز ئوقۇغان كىشى «ۋاراقلىمايمەن» دېيەلەمدۇ؟!

دېمەك، ئايەت ۋە ھەدىسلەر نامازدا قولاي بولغىنىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ھەرگىزمۇ «قۇرئان»نى قولىدا تۇتۇۋېلىپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. نامازلاردا «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ كەلمىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بەزىدە نەۋرىسى ئۇمامەنى ئۇچىسىغا ئېلىپ ناماز ئوقۇغانلىقىغا «قۇرئان» تۇتۇپ ئوقۇشنى قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇمامەنى زۆرۈرىيەت ئۈچۈن كۆتۈرۈۋالغان. «قۇرئان» تۇتۇپ ئوقۇشقا بولسا زۆرۈرىيەت يوق. «تەراۋىھتا قۇرئان تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ پەرز نامازلاردا «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇشنى راۋا كۆرمىگەن. بەزى دۆلەتلەردە ھەر ئىككى رەكئەتكە ئوقۇيدىغان 5 بەتنى ئىككى بەتكە سىغدۇرغان چوڭ ھەجىملىك «تەھەججۇد قۇرئان»لارنى پەيدا قىلىپ، ئېگىزرەك رېھىللەرگە قويۇپ، «قۇرئان»نى تۇتماي قاراپلا ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن. بۇمۇ ئارتۇقچە ئىشلاردۇر.

«ئۇزۇنراق قىرائەت قىلاي» دېگەنلەر نەچچە سۈرە ياد بىلسە، ئۆزى بىلىدىغان سۈرىلەرنى بىر رەكئەتكە جەملەپ ئوقۇسا، ھەتتا بىر سۈرىنى بىر رەكئەتتە تەكرارلىسا ياكى بىرىنچى رەكئەتتە ئوقۇغىنىنى ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ قايتىلاپ ئوقۇسا تامامەن بولىدۇ. شۇندا مەقسەت سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا بولىدۇ. شۇڭا، نامازنى «قۇرئان»غا قارىماي ئوقۇغان تۈزۈك. ھەتتا تەراۋىھنى ئۇزۇن ئوقۇي دېگەنلەر بۇرۇن يادلىمىغان بولسا، ھازىرقى پۇرسەتتە ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. نامازلىرىمىزدا خرىستىيانلارغا ئوخشاش كىتابىغا قارىمىسا ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالماسلىق ۋە دىندا مۇستەھكەم بولۇش ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان ئەقەللىي بىرەر پارە مىقداردا ياد ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا يەنى ياد ئېلىش، ئۆزئارا تىڭشىتىشقا شەيتانلار باغلانغان رامازاندا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بار.

لوقما سالىدىغان كىشىسى يوق قارىيلار خەتمىدە تۇرغان ئەھۋالدا، ئېزىپ كېتىپ تاپالمىغان چاغدا دەرھاللا «قۇرئان»غا قارىماي، رۇكۇ – سەجدىگە بېرىپ نامازنى تاماملاپ، ناماز سىرتىدا «قۇرئان»غا قارىۋېلىپ يېڭىدىن نامازغا تۇرسا بولىدۇ. يەنە قارىي ئەمەس كىشى ئىمامغا لوقما سېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىمامنىڭ ئارقىدا، نامازدا «قۇرئان» تۇتۇپ تۇرماي، نامازنىڭ سىرتىدا لوقما سالسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىزدۇر(18). ئەلۋەتتە، ئاياللار نامەھرەم ئەر ئىمامغا نامازنىڭ ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ لوقما سالسا بولمايدۇ. ئاياللار پەقەتلا مەھرەملىرىگە ۋە ئاياللارغا نامازدا ياكى سىرتىدا لوقما سالالايدۇ. ئايال ئىمامغىمۇ مەھرەم تۇغقىنى نامازنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ لوقما سالسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 2 – رامازان / م. 2020، 25 – ئاپرېل


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (37)؛ مۇسلىم (759).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (924)؛ مۇسلىم (761).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (731)؛ مۇسلىم (781).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6113)؛ مۇسلىم (781).
5. مۇسلىم (430).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (631)؛ مۇسلىم (674).
7. تىرمىزىي (302). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. ئەبۇ داۋۇد (832). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 5 – ج، 60 – بەت.
10. قۇدۇرىي: «ئەتتەجرىد»، 2 – ج، 674 – بەت؛ مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 68 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 27 – بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 3 – ج، 365 – بەت.
11. ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساھىف»، (772).
12. ئىبنى ئەبى داۋۇد: «ئەلمەساھىف»، (781)؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4 – ج، 314 – بەت.
13. بۇخارىي «ﺋﻪﺯﺍﻥ بۆلۈمى»، «قۇﻝ، ئازادگەردە قاتاﺭلىقلاﺭنىڭ ئىماﻡ بولۇشى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبى داۋۇد («ئەلمەساھىف»، 678) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
14. ئىبنى ئەبى شەيبە (7215 – 7232)؛ ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – ج، 223 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5 – ج، 223 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1 – ج، 335 – بەت.
15. تەھانەۋىي: «ئىئلائۇسسۈنەن»، 5 – ج، 61 – بەت.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (793)؛ مۇسلىم (397).
17. بەيھەقىي: «ئەلخىلافىييات»، 3 – ج، 793 – بەت.
18. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – ج، 205 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago