زاكاتنى ئەۋەتىش چىقىمىغا كەلسەك، ئەگەر زاكات بەرگۈچى ئۆزى ئەۋەتىدىغان بولسا، جايىغا ساق تاپشۇرۇشى ئۈچۈن چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى زاكاتتىن تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا زاكات پۇل ئىگىلىرىگە كەم تېگىدۇ. ئالىملار زاكاتنى يۆتكەش چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر بىز باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بىرسىگە زاكات ياكى باشقا ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەت ھېسابىدا پۇل ئەۋەتكەن بولساق، ئەۋەتىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىملار زاكات ئىچىدە بولامدۇ ياكى سىرتىدىمۇ؟ ئەگەر سىرتىدا بولسا بۇ چىقىملاردىن ساۋاب ئۈمىد قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەنەفىي مەزھەب ۋە بىر قىسىم مۇھەققىق ئالىملارنىڭ تاللىغان قارىشى بويىچە، زاكاتنى موھتاج ئۇرۇق – تۇغقان ياكى قاتتىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا يۆتكەشكە بولىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئەۋەتىشنىڭ ئەجرى سىلە – رەھىم جەھەتتىن كۆپ بولىدۇ.
زاكاتنى ئەۋەتىش چىقىمىغا كەلسەك، ئەگەر زاكات بەرگۈچى ئۆزى ئەۋەتىدىغان بولسا، جايىغا ساق تاپشۇرۇشى ئۈچۈن چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى زاكاتتىن تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا زاكات پۇل ئىگىلىرىگە كەم تېگىدۇ. ئالىملار «زاكاتنى يۆتكەش چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي: «زاكاتنى يۆتكەشنىڭ چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ» دېگەن(1).
زاكات بەرگۈچى ئەۋەتكىنىدە زاكات ئەۋەتىش چىقىمىنى سەدىقە نىيىتىدە چىقارسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.
ئەگەر زاكاتنى ئۆزى ئەۋەتمەي، زاكات يىغىپ جايىغا يەتكۈزىدىغان بىر كىشىگە ياكى ئورۇنغا بەرسە، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى يۆتكەش چىقىمى زاكاتنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلىدۇ.
فىديە، كەففارەت، قەرز، قۇربانلىق پۇلى ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتا ئەۋەتىش، يۆتكەش، تارازىلاش… چىقىمى ۋە رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئەۋەتكۈچى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئۇنى تۆلەش ئەۋەتكۈچىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ئىگىسىگە تولۇق يەتكۈزۈشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 20 – رەجەب / م. 2020، 15 – مارت
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – ج، 214 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…