Categories: ماقالىلەر

ساجىيە مەدرىسەسى

«ساجىيە مەدرىسەسى» مىلادى 926 – يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇلكەرىم) تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەدرىسە بولۇپ، ئۇ يەنە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەدرىسەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەدرىسە: ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىدە بولسا، ساجىيە دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى: ساچىيەر بولۇپ، «ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا چېچىش، يېيىش، دېگەن مەنىدە بولغاچقا، ساجىيە مەدرىسەسى: ئىلىم – پەن نۇرىنى چاچىدىغان ئالىي مەكتەپ دېگەن بولىدۇ.

مىلادى 926 – يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سامانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، ئىسلام دەۋەتچىسى يېتۈك ئالىم ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كەنت، مەھەللىلەردە مەسجىد قىلىنىپ، مەسجىدنىڭ يېنىغىلا مەكتەپ (مەدرىسە) بىنا قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇ مەزگىلدە قەشقەر قايتىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام نۇرىنى چاقنىتىپ ئىلىم تارقىتىش مەقسىتىدە ئۇستازى ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئاتۇشتىكى مەشھەدتە «مەدرىسەئى ساجىيە»نى ئاچقان. بۇ مەدرىسەدە دىنىي بىلىملەر، ئاسترونومىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، تىل – ئەدەبىيات ۋە ھېساب دەرسلىرى ئوقۇتۇلۇپلا قالماي يەنە ئارستوتىل، فارابىي، خارەزمىي قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپەلىرى ۋە (كېيىنچە) شەرق كلاسسىكلىرىدىن ئابدۇراخمان جامىي، ناۋائىي، شەيخ سەئدىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قوشۇپ ئوقۇتۇلغان، ھەر يىلى ھەممە ئىقلىملاردىن مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ساجىيە مەدرىسەسىدە ئوبۇل ھەسەن سەيىر ھاتەم، سەيىر جالالىدىن باغدادىي، جامالىدىن كاشىغەرىي قاتارلىقلار دەرس ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مەدرىسەدە ئوقۇغانلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار، ئالىم، تېۋىپ، ھۈنەرۋەن، دانىشمەنلەر يېتىشىپ چىقىپ دۇنياغا تونۇلغان. مەسىلەن، بۇ مەدرىسەدىن دەسلەپتە يېتىشىپ چىققانلاردىن ئەللامە راشىدىن كاشىغەرىي، ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسى ۋە تارىخچىسى ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەين كاشىغەرىي، جەرراھ ئىمامىدىن كاشىغەرىي، مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىب، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين خەلەف كاشىغەرىي قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن بەزىلىرى بۇ مەدرىسەدە ئۇزۇن يىل مۇدەررسلىك قىلغان.

كېيىنكى دەۋردە ئوقۇغان ۋە يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن شائىر، تارىخچى، جامائەت ئەربابى، مەھمۇد ھېكىم بەگ، سالىھ داموللا ھاجىم (بۈگۈنكى دەۋردىكى ئالىم ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئاتىسى)، شائىر ۋە ئۆتكۈر مەسخىرىچى ئەمەت داموللام، جاھالەتكە قارشى پىداكار جەڭچى ئابدۇقادىر داموللام، مەۋلىۋى داموللا ھاجىم، خەلق شائىرى، مەنبەشۇناس ئەبۇبەكرى زەلىلىي، شائىر مۇھەممەد يۈسۈف تۈركىي، جامائەت ئەربابى ئابدۇراخمان يۈسۈف قاتارلىقلار بار.

ساجىيە مەدرىسەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بىلىم يۇرتى بولغاچقا، بۇ مەدرىسە ئەينى دەۋردىن باشلاپلا دىنىمىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ھەم كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە قەشقەردىمۇ تارماق مەدرىسەلىرى قۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇل سالغان. تارىختىن باشلاپلا ساجىيە جاھالەتنى قوغلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىلىم نۇرلىرى بىلەن يورىتىپ كەلگەچكە، گەرچە قەدىمكى ساجىيەنىڭ ئىزلىرى يوقالغان بولسىمۇ، ئىسمى دىللاردا يادلىنىپ تىللاردا تارقىلىپ كەلمەكتە ھەم ساجىيە نامىدا ھەرخىل تىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇستاز، دوكتور ئابدۇلئەزىز ئەينى دەۋردىكى بىلىم بۇلىقى بولغان ساجىيە مەدرىسەسىنىڭ سىماسىنى تور دۇنياسىدا قايتا نامايان قىلىپ ئىلىم سۆيەر خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋە دىنىي ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ساجىيە مەدرىسەسىنىڭ ئىلىم مەشئىلىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ.

دوكتورنىڭ خەلقىمىزگە بولغان بۇ جانكۆيەرلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىسقىچە بولسىمۇ ساجىيە مەدرىسەسىنى تونۇشتۇرۇش، مۇشۇ ئارقىلىق دوكتورنى روھىي جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ قوللاش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق.

كۆكلەم.

م. 2011، 24 – ماي.

ئەزىزانە قەشقەر.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago