جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىش
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى كىشى شېرىك تىجارەت قىلماقچى. بىرىنىڭ دەسمايە قىلغۇدەك پۇلى يوق. بانكىدىن فائىز (ئۆسۈم / جازانە) لىق قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلماقچى. يەنە بىرىنىڭ دەسمايە قىلغۇدەك پۇلى بار. بۇ ئەھۋالدا بۇ تىجارەت دۇرۇس بولامدۇ ياكى بۇ يەردە جازانە ياكى ھارام شەكىللىنىدىغان بىرەر ئەھۋال بارمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم – سېتىم جازانەگە ئوخشاش» دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275)، ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى تولۇق بېرىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 278 – 281)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! جازانەنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان(1).
يەنە جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنى يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولغان ئىككى شاھىدقا لەنەت قىلغان ۋە: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر» دېگەن(2).
جازانە بەرىكەتنى يوقىتىۋېتىدىغان ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولغاچقا، مۇسۇلمان كىشى شېرىك تاللىغاندا تىجارىتى بەرىكەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دىندار، ئەمىن، راستچىل كىشىلەرنى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئالىملىرىمىزمۇ جازانە ۋە باشقا تۈرلۈك ھارامدىن ساقلانمايدىغانلار بىلەن شېرىكلىشىشنى يامان كۆرگەن(3).
بۇ سەۋەبتىن، سىز شېرىك بولماقچى بولغان كىشىگە نەسىھەت قىلىشىڭىز ۋە جازانەنىڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىز كېرەك. نەتىجىدە ئۇ كىشى تەۋبە قىلىپ بۇ نىيىتىدىن يېنىشى لازىم.
ئەگەر بىلمەي جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن شېرىكلىشىپ بولغان ئەھۋالدا تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا مەيلى:
1) شېرىك سەرمايىدە ياكى شىركەت مال – مۈلكىدە ۋە مۇئامىلىلىرىدە جازانە مۇئامىلىسى بولماسلىقى كېرەك؛
2) قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى شېرىك سەرمايىگە تەۋە پۇلدىن تۆلىمەي، قەرز ئالغۇچى ئۆز پۇلىدىن تۆلىشى كېرەك؛
3) شېرىك سەرمايىگە تەۋە مال – مۈلۈك ئۆسۈم ئۈچۈن رەنىگە قويۇلماسلىقى كېرەك.
يۇقىرىقى شەرتلەر تېپىلمىسا، شېرىك سەرمايە ئۆسۈملۈك قەرزدىن كەلگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇ شىركەتتىن دەرھال چېكىنىش ۋە شېرىككە ئۆسۈملۈك قەرزدىن دەرھال قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 16 – شەۋۋال / م. 2019، 29 – ئىيۇن
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5347)؛ مۇسلىم (1597).
2. مۇسلىم (1598).
3. نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 3 – ج، 5104 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…