كىرئالغۇدا يۇيۇش يەتتە قېتىم يۇيغانغا ھېسابمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، فىقھىي كىتابلاردا «ئىت چېپىلىپ قويغان» نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش توغرۇلۇق گەپلەر ئۇچرايدىكەن. بۇ ئىتنىڭ يالاپ قويغىنىنى بىلدۈرەمدۇ، پۇرىغىنىنىمۇ، تەگكىنىنىمۇ؟ ئىتنى تۇتۇپ قالساق ياكى ئىت كىيىمىمىزگە ياكى بەدىنىمىزگە سۈركىلىپ قالسىچۇ؟ قانداق ئەھۋالدا كىيىم ۋە ئاياغنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك بولىدۇ؟ كىرئالغۇغا سېلىپ بىر يۇساق بۇ يەتتە قېتىمنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ؟ قولدا يۇسا قانداق قىلغاندا يەتتە قېتىم يۇيۇلغان بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىت يالىغان، شۆلگىيى يۇققانغا «چېپىلغان» دەيمىز.

ئىتقا مۇناسىۋەتلىك سۇيۇقلۇقلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شۆلگىيى، تەرى، ماڭقىسى، كۆز يېشى، پوق – سۈيدۈكى ۋە ئاشۇرۇپ قويغان سۇيۇقلۇقلار.

ئەمما، ئىتنىڭ تۈكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا پاكىزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈك قۇرۇق بولسا ياكى پاكىز سۇدا ھۆل بولغان بولسا، تۇتۇپ قالساق ياكى كىيىم – كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە تېگىپ كەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. شافىئىي مەزھەبتە تۈكى مەينەت. بۇنىڭغا ئاساسەن ھۆل بەدىنى بىر نەرسىگە تەگسە مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.(1)

ئىتنىڭ شۆلگىيى يۇققان ياكى ئىت يالاپ قويغان كىيىم مەينەت بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە كىيىمنىڭ مەينەت بولغان يېرىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك. شۇنداقلا ئىتنىڭ بۇرنىدىكى سۇيۇقلۇق، ياكى سۈيدۈكى، ياكى پوقى يۇقۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەتتە قېتىم يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: «ﺋﯩﺖ ﻗﺎﭼﺎﯕﻼﺭدىن ئىچىپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(2)

يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «دەسلىپىدىكى بىر قېتىم توپا بىلەن»، يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «يەتتىنچى قېتىم توپا بىلەن»، يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن يۇيۇڭلار!» دەپ ھەر خىل كەلگەن.(3)

يەتتە قېتىم يۇغاندا بىرىنچى قېتىمدا ياكى يەنە بىر قاراشتا سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن ياكى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سوپۇنغا ئوخشاش نەرسە بىلەن يۇيۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ يەنە بىر قارىشىدا ئىت شۆلگىيىنى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش ئۈچ قېتىم يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام مالىك، داۋۇد زاھىرىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىت شۆلگىيى يۇقۇپ قالسا كىيىم مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنى مەينەتلىكىدىن ئەمەس، پەقەت ئىبادەت نۇقتىسىدىن يۇيۇۋېتىش مۇستەھەب.(4)

ئەلبەتتە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دەلىل جەھەتتىن خېلى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىت شۆلگىيى ئادەتتە ئۇستىخانلارنى يۇمشىتىۋېتىدىغان مىكروبلۇق ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى مىكروبلارنى يالغۇز سۇ بىلەنلا يوقاتقىلى بولمىسا كېرەك.

ئىت چېپىلىپ قويغان كىيىمنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت دەپ قارىغان كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە دېسەك، كىرئالغۇنىڭ كۆپ ئايلىنىشىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، ئاخىرقى بىرىنى ياكى سەككىزىنچىسىنى توپا بىلەن يۇيۇش شەرتى توشماي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما، توپىنىڭ ئورنىغا كىرئالغۇغا سالىدىغان سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى قويساق، بۇنىڭ بىلەن پاك بولدى دېيىش مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە ئالىملاردا ئىككى خىل قاراش بولسىمۇ، سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچىلارنى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دەپ قاراش مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە مەقسەت قىلغان مۇكەممەل پاكىزلاش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.(5)

ئەمما، يەتتە قېتىمنى شەرت قىلمىغان ياكى بىر قېتىمىنى توپا بىلەن دەپ شەرت قىلمىغان، نىجاسەتنىڭ تازىلىنىشى شەرت دەپ قارىغان ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بۇنداق كىيىملەر كىرئالغۇدا يۇيۇش بىلەن پاك بولۇپ كېتىدۇ، ئەلبەتتە.

بىر قېتىم يۇيۇش: سۇغا چىلاپ ياكى ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سىقىۋېتىش بىلەن بولىدۇ. سىقىشنى شەرت قىلماي، ئۈستىگە سۇ قۇيۇش ياكى سۇغا چىلاش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان ئالىملارمۇ بار.(6)

ئاياغ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىققىلى بولمايدىغان، ئەمما نىجاسەتنى سىڭدۈرىۋالىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، ھەر قېتىمدا بىر قۇرۇتۇش كېرەك. بۇ تۈرلۈك نەرسىلەرنى سىقىش قىيىن بولغاچقا، قۇرۇتۇش سىقىشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئىمام مۇھەممەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئالىملار: «سىققىلى بولمىغاچقا قەتئىي پاكىزلىغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ.(7)

ئەلبەتتە، مەيلى ئۈچ قېتىم دەيلى، مەيلى يەتتە ياكى سەككىز قېتىم دەيلى، شۇنچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن نىجاسەت تازىلانسا، شۇنداق. ئەمما، يۇغاندىن كېيىن يەنىلا نىجاسەت قالسا قايتا يۇيۇش لازىم. كىرئالغۇدا يۇغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەلبەتتە.

يەنە بىر نۇقتا، ئىت شۆلگىيى قاتارلىقلار كىيىم، قاچا، بەدەن، بىسات ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە يۇقسا، تازىلىماقچى بولساق، شۇ نىجاسەت يۇققان جاينىلا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. ھەممە يېرىنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس.

خۇلاسە: ئىت چېپىلغان كىيىملەرنى كىرئالغۇدا سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچى سۇيۇقلۇق بىلەن يۇسا پاك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 27 – رەجەب / م. 2016، 4 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 22 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/617.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (172)؛ «مۇسلىم»، (279).
3. «مۇسلىم»، (279، 280).
4. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/523.
5. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/46؛ ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 1/32.
6. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/66؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/48؛ قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 1/190.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/88؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1/86؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/36؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 1/23.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago