ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرى ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزدا ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىز مۇسۇلمانلار ھازىر بىر ياندىن دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىمىزدىن، ئەخلاقىمىزدىن ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن تەدرىجىي يىراقلاشتۇرۇش پىلانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. يەنە بىر ياندىن، ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئەنئەنىسىنى بىلمەي چوڭ بولۇۋاتقان ياشلىرىمىز غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ئومۇم مودىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ ماڭىدىغان خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئىچىمىزنى ئېچىشتۈرىدىغىنىمۇ شۇ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى يەتمىگەندەك مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە سادىر بولۇۋاتقان نادانلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىمىز، ئەخلاقىمىز خەۋپكە ئۇچرىماقتا.

مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا ئېغىر زىيان ئۇرۇۋاتقان يامان ئادەتلەردىن بىرى، ھەر يىلى 14 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتالمىش «ئاشىق – مەشۇقلار» بايرىمىدۇر. بۇ بايرامنىڭ غەيرى دىن ئەھلىنىڭ ئادەتلىرىدىن ئىكەنلىكى تالاش – تارتىش قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ يەردە بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىشىم ھاجەتسىز.

ئاللاھ تائالا ئىمان – ئىسلام ۋە ھىدايەت نېئمىتى ئاتا قىلغان ھەربىر مۇسۇلمان بۇ بايرامنىڭ رىملىق بۇتپەرەستلەر بىلەن خرىستىئانلاردىن كەلگەن ئادەت ئىكەنلىكىنى، دىنىمىز ئىسلامدا بۇنداق بايرامنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ فىتنە – پاساتقا، ياشلارنىڭ ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىشىگە يېشىل چىراغ بولۇپ بېرىدىغان، ناشايان ۋە ھارام قىلىنغان ئىشلارنى شۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ھالال ساناشقا، ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە يول ئېچىپ بېرىدىغان، مەيلى شەخسنىڭ ۋە ياكى كوللېكتىپنىڭ بولسۇن، ساغلام تۇرمۇشىغا بىھۇدىلىك ۋە ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل تۈستىكى بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ھاراملىقىنى، ھەرقانداق شەكىلدە بۇ بايرامغا قاتنىشىشقا، تەبرىكلەيدىغانلارغا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سۇنۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى لازىمدۇر.

چۈنكى، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن بايرام، پەقەت ئىككى ھېيت بولۇپ، جاھىلىيەت بايراملىرىنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىپ تەبرىكلەيدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ بۇ ئىككىسى نېمە كۈن؟ ــ دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:

ــ بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇ ئىككى كۈندە ئويۇن – تاماشا قىلاتتۇق، ــ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا بۇلاردىن ياخشى ئىككى ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ــ دېدى».(1)

شۇنداقلا بۇ ئاتالمىش ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئۇ كۈندە ئالاھىدە كىيىنىپ تاماشاغا ھازىرلىنىش ۋە شۈ كۈن ئۈچۈن بىراۋغا ئاتاپ ئالاھىدە سوۋغا – سالام ئېلىش ۋە تەقدىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كافىرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى چوڭ بىلىش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشتىن ئىبارەت. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ ﴾(3/«ئال ئىمران»: 105).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ».(2)

بۇ بايرامنى تەبرىكلەشنىڭ ئۆزى، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، مۇئمىنلەرنىڭ يولىنى تۇتماي، كافىرلارغا ئۆزىنى يېقىن تۇتۇشتىن ئىبارەت ساغلام ئەقىدە تەقەززاسىغا زىت كېلىدىغان قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كافىرلارغا ئامراقلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئۆزئارا دوستلاردۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىندۇر. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ ﴾(5/«مائىدە»: 51).

بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئەقىدىنى زىدىلىگەندىن سىرت، ئەخلاقنى بۇزىدۇ، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئوچۇق – ئاشكارا جاكارلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەھەتتىن، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش گۇناھى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

بۇ بايرام كافىرلارغا خاس بايرام بولغاچقا، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش يات قىز – ئوغۇل مۇناسىۋىتىگىلا چېتىشلىق ئەمەس، بەلكى شەرئى نىكاھ بىلەن ئەر – خوتۇن بولغانلارنىڭمۇ، بۇ مۇناسىۋەتتە بىر – بىرىگە سوۋغات تەقدىم قىلىشى ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.

بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ياشلارنىڭ ئالاھىدە ياسىنىشى، بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پۇل خەجلىشى، يات قىزلارغا گۈل ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشى، نامەھرەمگە ئارىلىشىشى، بايراملىق سورۇنلارغا قاتنىشىشى ھارام بولغىنىدەكلا، نامەھرەملەر ئارا ناشايان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشى ئۈچۈن دۇكانلار، ئاشخانىلار ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈشى ۋە خىزمەت سۇنۇشىمۇ ئېغىر قىلمىش ۋە چوڭ گۇناھلاردىندۇر. تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ كۈنگە خاس تاۋارلارنى سېتىش ئارقىلىق تاپقان كىرىمىمۇ ھارام كىرىمدۇر.

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ بۇنداق تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەسئۇلىيەتتۇر.

ياشلارمۇ بۇ بايرامنىڭ ھۆكمىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاغىنە – بۇرادەرلەرنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋاجىبتۇر.

جانابى ئاللاھ قىز – يىگىتلىرىمىزگە ساغلام ئەقىدە، مۇسۇلمانچە كىملىك، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرگۈچى ئىززەت ۋە شەرەپ، غورۇر ۋە ئىپپەت ھەمدە شەرمى – ھايا ئاتا قىلغاي! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1435، 12 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2014، 12 – فېۋرال

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 21 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «ئەھمەد»، 12025؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1134)؛ «نەسائىي»، (1556). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىيلەر: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، (2021) «سەھىھ» دېگەن.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، (4029). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago