مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە قانداق سالام قىلىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىسلامدا مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قانداق سالام قىلىدۇ؟ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەيمىزمۇ ياكى ئۇلارنىڭ سالام قىلىش ئۇسۇلى بويىچە سالام قىلىمىزمۇ؟ يەنە بىر مەسىلە، ئېغىزىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان، بىراق ھېچقانداق ئىسلامىي ئەمەللەرنى قىلمايدىغان، ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغان كىشىلەرگە قانداق سالام قىلىمىز؟ بۇنىڭغا تەپسىلىي بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۈگۈنكى كۈنلەردە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئىلگىرىكى ئەسىرلەرگە قارىغاندا ئوخشىمىغان دىن ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ ياشايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىر قىسىم ھەدىسلەردىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە سالام قىلماسلىق ھەققىدە بەزى مەزمۇنلار ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، ئارىلىشىپ ياشايدىغانلار كوچا – كويلاردا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا ۋە تۈرلۈك سورۇنلاردا ئۇلار بىلەن سالاملىشىش جەھەتلەردە ھەرەج تارتىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال.

مەسىلىنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىنى بايان قىلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ:

1) بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلارمۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ بار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇسۇلمانچە بىرلا سالام قىلىش جائىز. بۇنىڭدا ئىمام نەۋەۋىي ئېيتقاندەك، ئالىملار ئىتتىپاقتۇر(1).

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارمۇ، بۇتقا ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلەر ۋە يەھۇدىيلەرمۇ ئارىلاش توپلانغان بىر سورۇندىن ئۆتكىنىدە، ئۇلارغا سالام قىلىپ توختىغان، ئاندىن ئۇلىغىدىن چۈشۈپ، ئۇلارنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغان ۋە قۇرئان ئوقۇپ بەرگەنىدى(2).

2) مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كافىرلارغا سالام قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ھارام بولۇپ، ئەگەر مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە سالام قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا، بۇ ئۇلارغا ئامانلىق بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىدىمۇ ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق.

3) كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرنىڭ سالىمى ئىلىك ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ياخشىراق ياكى ئەينەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ئەسھاب ۋە تابىئىنلەر ۋاجىب، دەپ قارايدۇ. جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿سىلەرگە سالام قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق ياكى ئەينەن قايتۇرۇڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 96) دېگەن كۆرسەتمىسىدىكى ئومۇمىيلىق كۆزدە تۇتۇلغان ئىپادىلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ئومۇمىيلىقتىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كافىرلارلا مۇستەسنا تۇتۇلىدۇ.

بىراق، كافىرلار مۇسۇلمانلارغا سالام قىلغىنىدا، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىش ياكى ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئۈچۈن «سالام» سۆزىنى باشقا مەنىگە بۇرمىلاپ ئىشلەتكەن ياكى دارىتمىلاپ قارغىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا، ئۇلارغا قىسقارتىپلا «ۋەئەلەيكۇم» (يەنى سىلەرگىمۇ شۇنى تىلەيمەن) دېيىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا كۆرۈلگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىمى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلەردىن بىر توپ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كىرىپ:

— ئەسسامۇئەلەيكۇم (سىلەرگە ئۆلۈم بولسۇن)، — دېدى(3). مەن ئۇنى چۈشىنىپ:

— سىلەرگىمۇ ئۆلۈم بىلەن لەنەت بولسۇن، — دېۋىدىم. رەسۇلۇللاھ:

— ئى ئائىشە! ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئىشتا سىپايى بولۇشنى ياقتۇرىدۇ، — دېدى. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ۋەئەلەيكۇم / سىلەرگىمۇ، دېدىمغۇ، — دېدى»(4).

بۇنىڭغا بىنائەن، ئىمام ئىبنۇلقەييىم ئېيتقاندەك، ئۇلار ئېنىق تەلەپپۇزدا سالام قىلسا، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىش ئارقىلىق سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ئاللاھ تائالا بىزنى رىئايە قىلىشقا بۇيرۇغان ئادالەت ۋە ئېھسان جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئايەت – ھەدىسلەرمۇ، شەرىئەت قائىدىلىرىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا يامان نىيەتتە باشقىچە ئېھتىماللىقى بار سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالام قىلغان تەقدىردە، ئۇلارغا «ۋەئەلەيكۇم» (يەنى سىلەرگىمۇ شۇ بولسۇن) دېيىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلىدۇ(5).

4) مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»دىن باشقا «تىنچلىقمۇ»، «ياخشىمۇسىز»، «مەرھابا»، «خەيرلىك ئەتىگەن / سەھەر» ياكى «خەيرلىك كەچ» دېگەندەك ئادەتتە ئومۇم كىشىلەر سالاملىشىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالام قىلىشمۇ كۈچلۈك قاراش بويىچە جائىزدۇر(6).

5) كافىرلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىسرا، ھىرەقىل / ھېراكلىيۇس ۋە نەجاشىيلارنى ئىسلامغا چاقىرىپ يازغان مەكتۇبلىرىدا كەلگەندەك: «توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!» دەيدۇ. مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارمۇ فىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن.

ئەمدى، ئالىملارنىڭ ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرلارغا سالام قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە سالام قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. تۆت مەزھەب ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇلارغا سالام قىلىشنى مەكرۇھ ياكى ھارام، لېكىن سالىمىنى ئىلىك ئېلىش ۋاجىب» دەپ قارىغان. بىر بۆلۈك ئەسھاب ۋە تابىئىن، شۇنداقلا بەزى مۇجتەھىد ئالىملار: «ئۇلارغا سالام قىلىشمۇ، سالىمىنى ئېلىك ئېلىشمۇ جائىز» دەپ قارىغان(7).

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق دەلىل قىلىدىغىنى تۆۋەندىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بېكىتىشتە بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، شۇنداقلا ئۇنى قايسى تەرىقىدە چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، بۇ ھەقتە بىرقەدەر تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇدىي ـ ناسارالارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار! ئۇلاردىن بىرەرسىنى يولدا ئۇچرىتىپ قالساڭلار، ئۇنى يولنىڭ چېتىگە قىستاپ مېڭىڭلار!»(8) دېگەن.

بۇ ھەدىسنى گەرچە ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىس ئىككى جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا دەلىل بولالمايدۇ:

بىرى، بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن مۇھەددىسلەر كۆپ. نەتىجىدە، «زەئىف» دېگەن قاراش ئېغىر باسىدۇ.

يەنە بىرى، «سەھىھ» دەپ قارىغان تەقدىردە، بۇ بۇيرۇق مەدىنەدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلەرگە قارىتىلغان.

بىرىنچى نۇقتىنى ئىزاھلايدىغان بولساق، مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مۇسلىملار رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بولغان سۇھەيل ئىبنى ئەبۇ سالىھنى ئىشەنچلىك راۋىي دەپ قارىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەدىسىنى «سەھىھ» دەپ باھالىغانلىقى يەھيا ئىبنى مەئىن، ئەبۇ ھاتىم ۋە ئىمام بۇخارىي قاتارلىق سۇھەيلنى «زەئىف» دەپ قارىغان ھەدىس پېشىۋالىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. ئىمام بۇخارىي: «ئۇ بىر قېرىندىشى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغان» دېگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەدىسىنى «سەھىھۇلبۇخارىي»غا كىرگۈزمىگەن. ئۇنىڭ باشقا بىرقانچە ھەدىسلىرىنى باشقا راۋىيلەر سەھىھ ھەدىسلىرىگە قوشۇمچە قىلغان ئاساستا رىۋايەت قىلغان. باشقا مۇھەققىق مۇھەددىسلەرمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە ئاپىرىپ تاقىغان. يەھيا ئىبنى مەئىن ۋە ئەبۇ ھاتىم قاتارلىقلار: «ئۇنىڭ ھەدىسى دەلىل قىلىنمايدۇ» دېگەن بولسا، ئىبنۇلمەدىنىي ئۇنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان(9).

ئەگەر مەزكۇر راۋىينىڭ بۇ ھەدىسىنى باشقا راۋىيلەر كۈچلەندۈرىدىغان بولسا، بەلكىم ئۇنىڭ رىۋايەتى كۈچلەنگەن بولاتتى. لېكىن، باشقا راۋىيلەردىن «يەھۇدىي – ناسارالارغا» دېگەن تېكىست بىلەن ئۇنىڭ رىۋايەتىنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەرمۇ كەلمىگەن. بۇ سەۋەبتىن، ئىبنى ئەدىي ئۇنىڭ بۇ ھەدىسىنى «مۇنكەر» رىۋايەتلەر قاتارىدىن سانىغان(10).

شۇنداق، مەزكۇر ھەدىسنىڭ باشقا يوللاردىن كەلگەن بەزى ۋارىيانتلىرى بار. ئەمما، بۇ رىۋايەتلەر مەلۇم جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقەلىكتە، مەلۇم ئوراندا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، سۇھەيل دېگەن راۋىينىڭ رىۋايەتىدىكى مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ ۋە ئۇ رىۋايەت قىلغان مەزكۇر ھەدىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە دەلىل بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئالايلۇق، ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەلمۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئەتە يەھۇدىيلەرگە لەشكەر تارتماقچى. شۇڭا، ئۇلارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار! ئۇلار سىلەرگە سالام قىلسا ۋەئەلەيكۇم (سىلەرگىمۇ) دەڭلار!» دېگەن(11). بۇ ھەدىسنى يەنە ئەبۇ بەسرە ئەلغىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ رىۋايەت قىلغان(12).

بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولۇپ، سۇھەيل رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ ئەسلى مانا مۇشۇنداق. يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ بۇيرۇقى مەدىنەدىكى خەندەك غازىتىدا خىيانەت قىلغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىگە قارىتا جازا يۈرۈشى قىلماقچى بولغاندا كەلگەن. ئۇ چاغ ئۇرۇش مەزگىلى بولغاچقا، مۇسۇلمانلاردىن قايسىبىرى بىرەر يەھۇدىيگە سالام قىلسا ياكى سالام سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا، يەھۇدىيگە ئامانلىق بەرگەن ھېسابلىناتتى – دە، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقىلى بولمايتتى ياكى كېيىنچە بىرەر مۇسۇلمان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قالسا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان بولاتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا سالام قىلىشنى ۋە سالىمىنى قايتۇرۇشنى چەكلىۋەتكەن. دېمەك، سۇھەيلنىڭ رىۋايەتىدىكى «مۇشرىكلەر» ياكى «ناسارالار» ۋەياكى «ئەھلى كىتاب» دېگەن ئىبارىلەر سەھىھ ئەمەس. سەھىھ بولغىنى پەقەتلا «يەھۇدىيلەر» دېگەن سۆز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بۇ ھەدىس ئەسلىدە مەلۇم ۋەقەلىكتىكى جازالانماقچى بولغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ھەققىدە كەلگەن. ھەرگىزمۇ ئومۇم كافىرلار ھەققىدە كەلمىگەن. سۇھەيل ھەدىسنىڭ ئەسىل تېكىستى ۋە جەريانىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتا ئويلاپ قالغان، ياكى ئۆز كۆڭلىدە مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلماقچى بولغان ۋە باشقا يەھۇدىي – ناسارالارنى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىگە ئوخشاتقان. نەتىجىدە باشقىچە ھۆكۈم چىقىرىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان(13).

مۇھەققىق ئىماملارنىڭ سۇھەيلنىڭ ھەدىسى ھەققىدىكى يەكۈنى ئەنە شۇنداق. ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ (ھ. 161 – 238 / م. 778 – 853) دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹ئۇلارغا ئالدىن سالام قىلماڭلار!› دېگەن سۆزى يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بارغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى ئامانلىق بەرگەنلىك دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى». ئىمام ئىبنى تەيمىييە، ئىمام ئىبنۇلقەييىم ۋە رەشىد رىزالارمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن. مانا بۇ ھەدىسنى ئەسل ئۇرانى بويىچە توغرا چۈشىنىش([14]).^

مەسىلىنى يۇقىرىقىدەك چۈشىنىشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان يەنە مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك دەلىل بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.    كۆپلىگەن ئايەتلەر ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرغا سالام بەرسە ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ﴿سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 8)، ﴿سىلەرگە سالام قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقراق ياكى ئەينەن سالام قايتۇرۇڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 86)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز – نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر﴾(24/«نۇر»: 27)، ﴿ئىبراھىم (ئازەرگە) ئېيتتى: «ساڭا سالام! پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر﴾(19/«مەريەم»: 47)، ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە سالام! بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ﴾(28/«قەسەس»: 55)، ﴿سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن، ئۇلار كەلگۈسىدە بىلىدۇ﴾(43/«زۇخرۇف»: 89)، ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە سالام!» دەيدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 36)، ﴿كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 183).

سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە (ھ. 107 – 198 / م. 725 – 814)، ئەۋزائىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ  ۋە مۇھەممەد رەشىد رىزا قاتارلىق تونۇلغان مۇجتەھىد ئىماملار يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىيلىقىغا ئاساسەن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئالدىن سالام قىلىشنىڭ جائىزلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن(15).

مۇسۇلمان ياكى كافىر دەپ ئايرىمىغان ۋە تونىغان – تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام بېرىشكە بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، «بىر ئاﺩﻩﻡ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمدىن:

— ئىسلامدىكى قايسى خىسلەتلەﺭ ئەﯓ ياخشىدۇرلار؟ — ﺩﻩﭖ سوﺭىۋىدﻯ، ئۇ زات:

— تائاﻡ بېرىشىڭ، تونۇغان – تونۇمىغان (ھەممە) كىشىلەﺭگە ساﻻﻡ بېرىشىڭ، — ﺩېدى»(16).

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالامنى كەڭ يېيىشقا بۇيرۇغان(17).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېھرىبان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاماق بېرىڭلار، سالامنى كەڭ يېيىڭلار! شۇنداق قىلساڭلار، جەننەتكە خاتىرجەم كىرىسىلەر» دېگەن(18).

يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاشۇ سۈرىتىدە(19)، بويىنى ئاتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتا ياراتتى. ئۇنى يارىتىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا: ‹بېرىپ ئاۋۇ پەرىشتىلەرگە سالام بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ سالامىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىگە قۇلاق سالغىن. بۇ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ قوللىنىدىغان سالامدۇر› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: ‹ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم› دېدى. پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋاب سالامىدا: ‹ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھى› دەپ ‹ۋەرەھمەتۇللاھى› دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى…»(20).

مانا بۇلار ھەدىستە كەلگەن تەرىقىدە سالاملىشىشنىڭ مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن، بارلىق ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۆزئارا قىلىشىدىغان سالىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا يەھۇدىي – خرىستىيانلار مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ تەرىقىدە سالام قىلاتتى. مۇسۇلمانلارمۇ چىرايلىق جاۋاب بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز ياكى بىرەر ساھابە كافىرلارنى بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز بويىچە سالام قىلما، دەپ توسمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار ئىسلام قائىدىسى بويىچە سالام قىلسا، ئۇلارغا تېخىمۇ چىرايلىق جاۋاب بېرىشنى تاپىلىغان.

2.    ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي، ئەبۇددەرداﺋ ۋە فەزالە قاتارلىق ئەسھاب كىرامنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگىمۇ سالام قىلغانلىقى سەھىھ كەلگەن. ئەممار ئىبنى ياسىر، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ، كۆپلىگەن تابىئىنلەردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. نەتىجىدە سەلەفلەر، شۇنداقلا سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق تونۇلغان مۇجتەھىد ئىماملار يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئومۇمىيلىقنى سالام قىلىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل قىلغان. ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزامۇ جائىز دەپ قارىغان. مەسىلەن، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولامدۇ، ياكى يەھۇدىي بولامدۇ، ياكى خرىستىيان بولامدۇ، كىمگە ئۇچرىسا سالام قىلماي ئۆتمەيتتى(21).

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇھەممەد ئىبنى زىياد دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ئۇمامەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىۋاتاتتىم. ئۇ مۇسۇلمان ياكى خرىستىيان بولسۇن، كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ئۇچرىغانلا كىشىگە ‹سالامۇن ئەلەيكۇم! سالامۇن ئەلەيكۇم! سالامۇن ئەلەيكۇم!› دەپ سالام قىلىۋەردى. ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بارغىنىمىزدا، ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ: ‹ئى جىيەنىم! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان› دېدى»(22).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمسەپەر بولغان كافىرلاردىن ئايرىلغىنىدا، ئۇلارغا سالام قىلغان. ئۇنىڭدىن:

— ئاۋۇ كافىرلارغا سالام قىلامدىلا؟ —دەپ سورالغاندا، ئۇ:

— ھەئە، ماڭا ھەمراھ بولغان ئىدى. ھەمراھلىقنىڭ ھەققى بار، — دېگەن([23]).^

يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇددەرداﺋ، فەزالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مۇشرىكلەرگىمۇ ئالدىن سالام قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(24).

ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۈﭺ خىسلەﺕ باﺭ بولۇپ، كىمكى ئۇﻻﺭنى ئۆﺯلەشتۈﺭسە، ئىماننى تولۇﻕ ئۆﺯلەشتۈﺭگەﻥ بولۇر (ئۇلار): ئۆﺯىگە قارىتا ئىنساپلىق بولۇش، جىمى ئاﺩﻩمگە ساﻻﻡ بېرىش ۋە يوقسۇﻝ تۇﺭﯗقلۇﻕ سېخىي بولۇﺵ» ﺩېگەﻥ(25).

مانا بۇ ئىسلامنىڭ كەڭ قانات يايدۇرماقچى بولغان گۈزەل ئەدەب – ئەخلاقى. سالام قىلىش ئۇرۇش، دۈشمەنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان تەقدىردە، ئامانلىقنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ ۋە نىيەتنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، سالاملىشىشنى مۇسۇلمانلارئارا قانات يايدۇرۇش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا باشقىلارغىمۇ ئىسلام ئەدەب – ئەخلاقىنى كەڭ يېيىش چەكلەنمەيدۇ.

بۇ نۇقتىنى ئىخچاملىساق، كافىرلارغا سالام قىلىش جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر. بۇنىڭدىن ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىشىش ھالىتىدىكى كافىرلا مۇستەسنا. شۇڭا، ھەركىم مۇئامىلە قىلىشتا كافىرنىڭ ئەھۋالىغا، تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئادىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ. مۇسۇلمانچە سالامغا ئادەتلەنمىگەن جايلاردا، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئورنىغا «تىنچلىقمۇ؟» دېگەندەك ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىمام ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئۇنىڭدىن كافىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا سالام قىلغان مۇسۇلمان كىشى ھەققىدە سورالغىنىدا، ئۇ: «سالام قىلساڭ سەندىن ئىلگىرىكى سالىھلەرمۇ سالام قىلغان. سالام قىلمىساڭ، سەندىن ئىلگىرىكى سالىھلەرمۇ سالام قىلمىغان» دەپ جاۋاب بەرگەن(26).

سوئالنىڭ كېيىنكى قىسمىغا كەلسەك، ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانايدىغان، لېكىن مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئازغۇن ئېتىقاد تارقىتىدىغان ياكى چوڭ گۇناھلارنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىپ تەۋبە قىلمايدىغان، نامازمۇ ئوقۇمايدىغان، پاسىق، شۇنداقلا كاززاب، زالىم، مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان خىيانەتكار، نائەھلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەر بىلەن سالام – سەھەت قىلىشماسلىق ئۇلارغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قىلمىشىنىڭ يامانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئەدەبلەش جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە مەدىنەدىكى بارلىق ئەسھابلەر تەبۇك غازىتىغا سەۋەبسىز چىقمىغان ئۈچ ساھابەگە 50 كۈنگىچە سالام – سەھەت، گەپ – سۆز قىلمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ھاراقكەشلەرگە سالام قىلماڭلار!» دېگەن. ئەلۋەتتە، ھەر شەخسنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يەڭگىللىكىگە، تەۋبە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراپ سالام – سەھەت قىلىش ياكى قىلماسلىق، شۇنداقلا قانچىلىك مۇددەت سالام قىلماسلىق ئوخشاش دەرىجىدە بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر سالام قىلىپ تۇرۇۋالسىمۇ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرۇشمۇ ۋاجىب بولمايدۇ(27).

ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە بولمىغان كافىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ھەققىدە ئايرىم كۆرسەتمە كەلمىگەن. لېكىن، بۇمۇ سالاملىشىشقا تەۋە مەسىلىلەردىن بولغاچقا، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ سالاملىشىشقا ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار: «ئۇنىڭغا قول ئۇزۇتۇش مەكرۇھ، لېكىن ئۇ مۇسۇلمانغا قولىنى ئۇزاتسا كۆرۈشسە جائىز» دەپ قارايدۇ. شۇنداقتىمۇ، «قولۇم – قوشنا قاتارلىق قولىنى ئۇزاتمىسا رەنجىپ قالىدىغان بەزى ئەھۋاللاردا ئۇزاتسا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ(28).

خۇلاسىلىسەك، كافىرلار بىلەن قول ئېلىشىشتا ھەر كىشى دۇچ كەلگەن شارائىت ۋە ئالدىدىكى شەخسنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئىش تۇتۇش مۇناسىپ. مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى يوق، ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولغان كافىر تۇغقىنى، قوشنىسى، ساۋاقدىشى، خىزمەتدىشى ياكى باشلىقى ۋەياكى ئىسلامغا دەۋەت قىلماقچى بولغان كافىرغا قول ئۇزاتسا جائىز. بۇنى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل يوق. جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 8) دېگەن ئايەتىمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشمۇ دۇنيادىكى جىمى مىللەت ۋە جەمئىيەتلەردە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل مۇئامىلە قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرگە چىرايلىق ئەدەب – ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن!» دېگەن(29).

ئەمما، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى بارلارغا، قول ئۇزاتسا مۇسۇلمانغا خورلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان ئەھۋاللاردا، قول ئۇزاتماسلىق كېرەك. كافىر قول ئۇزاتسا قول ئېلىشىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 27 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2019، 3 – يانۋار


1. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 12 – ج، 158 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5663)؛ مۇسلىم (1798). ھەدىس ئىخچاملاپ ئېلىندى.
3. «سام» دېگەن «ئۆلۈم» مەنىسىدە، «سالام» دېگەن «ئامانلىق» مەنىسىدە كېلىدۇ. ئەمما، تەلەپپۇز جەھەتتىن «سام» بىلەن «سالام» دېگەن سۆز بىر – بىرىگە يېقىندۇر.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6024)؛ مۇسلىم (2165).
5. ئىبنۇلقەييىم: «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، 1 – ج، 425 – بەت.
6. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلئادابۇششەرئىييە»، 1 – ج، 390 – بەت.
7. نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1 – ج، 390 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 507 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 2 – ج، 425 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9 – ج، 290 – بەت؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2 – ج، 425 – بەت؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 4 – ج، 68 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5 – ج، 128 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 412 – بەت؛ شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 8 – ج، 226 – بەت.
8. مۇسلىم (2167).
9. مۇسلىم (2167)؛ ئىبنى ئەبىي ھاتىم: «ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىل»، 4 – ج، 246 – بەت؛ زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 8 – ج، 449 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «تەقرىبۇتتەهزىب»، (2675)؛ ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 3 – ج، 448 – بەت.
10. ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 3 – ج، 449 – بەت.
11. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4 – ج، 341 – بەت. تاھاۋىي: «ھەسەن» دېگەن.
12. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1102). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنمەكچى بولغانلار بۇ ماقالىگە قارىسۇن: «الإعلام بدراسة حديث: لا تبدؤوا المشركين بالسلام» للدكتور حاكم المطيري.
14. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1103). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. مەرۋەزىي: «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسهاق»، 1 – ج، 87 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، 3 – ج، 1326 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 2 – ج، 338 – بەت؛ مۇھەممەد ئەبدۇھ / مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 5 – ج، 257 – بەت.
15. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 11 – ج، 112 – بەت؛ مۇھەممەد ئەبدۇھ / مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 5 – ج، 257 – بەت.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (12)؛ مۇسلىم (39).
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5175)؛ مۇسلىم (2066). ھەدىسنىڭ بىر قىسمى ئېلىندى.
18. تىرمىزىي (1855). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
19. ھەدىستىكى «سۈرىتىدە» دېگەن ئىبارىدىكى ئالماش ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قايتىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىلا يارىتىلىشتىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئارىلىقتىكى سۈرىتىدە بويىنى ئاتمىش گەز قىلىپ ياراتقان. ئۇنىڭ يارىتىلىشى، بويى ۋە تەقى – تۇرقى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدەك پەرقلىق ۋە باسقۇچلۇق بولمىغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى بولسا، ئابى مەنى، ئويۇل قان، بىر چىشلەم گۆش ۋە بوۋاقلىق، سەبىيلىك… بىرنەچچە باسقۇچتا چوڭ ئىنسان قىلىپ ياراتقان. ھەدىستىكى «ئۇنىڭ بويى» دېگەندىكى ئالماشنىڭ ئوخشاشلا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قايتىشىمۇ بۇ ئىزاھنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 22 – ج، 229 – بەت.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6227)؛ مۇسلىم (2841).
21. ئىبنى ئەبى شەيبە (26265). سەنەدى سەھىھ.
22. بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8378). سەنەدى سەھىھ.
23. ئىبنى ئەبى شەيبە )26385)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8518، 8519). سەنەدى سەھىھ.
24. ئىبنى ئەبى شەيبە (26266). سەنەدى ھەسەن.
25. بۇخارىي «ئىمان بۆلۈمى»، «سالامنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى مەئمەر («ئەلجاﻣﯩﺌ»، 23)؛ ئىبنى ئەبى شەيبە (31080) لەر «سەھىھ» سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
26. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 11 – ج، 112 – بەت.
27. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 32 – ج، 484 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 507 – بەت؛ قەرافىي: «ئەززەخىيرە»، 13 – ج، 291 – بەت؛ سەففارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 1 – ج، 276 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 415 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 25 – ج، 167 – بەت.
28. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5 – ج، 348 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 19 – ج، 415 – بەت؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 3 – ج، 129 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 412 – بەت.
29. تىرمىزىي (1987). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago