سەجدە ئايەتلىرى كۆزگە چېلىقىپ قالسىمۇ سەجدە قىلامدۇق؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئارىلاۋېتىپ سەجدە ئايەتلىرى كۆزگە چېلىقىپ قالسىمۇ تىلاۋەت سەجدىسى قىلامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تىلاۋەت سەجدىسى(1)  «قۇرئان كەرىم»دىكى «سەجدە ئايەتى»(2) دەپ ئاتالغان مەلۇم ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلىش سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان سەجدە. شۇڭا، بۇ سەجدە «تىلاۋەت سەجدىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تىلاۋەت بولمىسا، سەجدىمۇ بولمايدۇ. تىلاۋەتنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئاڭلاش بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاڭلىشىمۇ ئەسلىدە تىلاۋەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

بۇ يەردىكى تىلاۋەتنىڭ مەنىسى، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش بىلەن ئايەت كەلىمەلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ ئوقۇش بولۇپ، بۇ ئوقۇش ھەرپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئالىملار بۇ خىل تىلاۋەت ياكى ئوقۇشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ھەرپلەرنى ئۆزى ئاڭلايدىغان دەرىجىدە توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئىچىدە ئوقۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى دەپ بېكىتكەن. يەنە بەزى ئالىملار ئاۋازىنى ئۆزى ئاڭلىمىسىمۇ، تىلىنى مىدىرلىتىپ ھەرپلەرنى چىقىرىشنى ئەڭ تۆۋەن چېكى، ئۆزى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئوقۇشنى ئەڭ يۇقىرى چېكى قىلىپ بېكىتكەن ۋە نامازدىكى قىرائەت، مال بوغۇزلاشتا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش، تىلاۋەت سەجدىسى، قۇل ئازات قىلىش، تالاق قىلىش ۋە تىل بىلەن قىلىش كېرەك بولغان نامازدىكى تەسبىھ، تەكبىر ۋە تەشەھھۇد قاتارلىق زىكىرلەردە مەزكۇر ئۆلچەم تېپىلمىسا ھېساب بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(3)

ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «ئوقۇش دېگەن تىلنى ھەرپلەر بىلەن مىدىرلىتىش ئارقىلىقلا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇيالايدىغان كىشى تىلىنى ھەرپلەر بىلەن مىدىرلاتمىسا نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ».(4)

بۇنىڭغا ئاساسەن، مەيلى سەجدە ئايەتلىرىنىڭ ئەرەبچىسىگە ياكى ئۇيغۇرچىسىغا كۆزى چۈشسۇن، ئەقەللىي تەقدىردە، تىلى بىلەن كالپۇكىنى مىدىرلاتمىسا، بۇ كۆز يۈگۈرتۈش ياكى كۆڭلىدە ئوقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قىلغىنى تىلاۋەت ياكى ئوقۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يەنى بۇ دىل بىلەن كۆزنىڭ ئىشى بولۇپ، تىلنىڭ ئىشى بولمايدۇ. نەتىجىدە، تىلاۋەت ئۈچۈن سەجدە قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.

سەجدە ئايەتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا سەجدە قىلامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ھەنەپىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا سەجدە ۋاجىب بولىدۇ. باشقا ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، سەجدە قىلمايدۇ.(5)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 6 – رەجەب / م. 2017، 3 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 7 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. تىلاۋەت سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ التِّلاَوَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى «سەجدە ئايەتلىرى»دىن بىرەرىنى تىلاۋەت قىلىش ياكى تىلاۋەتنى ئاڭلاش سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان سەجدەدۇر. نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىش تولۇق خۇشۇئنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش، شەيتاننىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر. تىلاۋەت سەجدىسى بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئالدى – كەينىدە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. سەجدىنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئىش ياكى سۆز باسالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/212 – 233.
2. سەجدە ئايەتى (آيَاتُ السَّجْدَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت قىلغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بەندىلىرىنى سەجدىگە بۇيرۇغان ياكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ سەجدىگە بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ياكى سەجدە قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. «قۇرئان كەرىم»دە 15 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار، بۇلار: 7/«ئەئراف»: 206، 13/«رەئد»: 15، 16/«نەھل»: 49، 17/«ئىسراﺋ»: 109، 19/«مەريەم»: 58، 22/«ھەج»: 18، 77، 25/«فۇرقان»: 60، 27/«نەمل»: 25، 32/««سەجدە»: 15، 38/«ساد»: 24، 41/«فۇسسىلەت»: 37، 53/««نەجم»: 62، 84/««ئىنشىقاق»؛ 21، 96/«ئەلەق»: 19 قاتارلىق ئايەتلەر. بەزى ئىماملار 14، بەزى ئىماملار 11 دەپمۇ قارايدۇ. ئادەتتە، «قۇرئان كەرىم»دە «سەجدە ئايەتلىرى»دىكى «سەجدە» كەلىمەسىنىڭ ئۈستىگە سىزىق تارتىلىپ ئايەت ئاخىرىغا سەجدە بەلگىسى قويۇلىدۇ. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، 137 – بەت؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/80؛ شەيخ مۇھەممەد ئەلى سايىس: «تەفسىرۇ ئاياتىل ئەھكام»، 423 – بەت.
3. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/356؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3/246؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/276؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 1/199.
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 3/55.
5. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 1/133؛ نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/74؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/80؛ بەھۇتىي: «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/340.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago