قىز – ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ ئۇخلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىز – ئاياللار كەچتە ئۇخلىغاندا چوقۇم ياغلىق چىگىپ ئۇخلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نامەھرەم ئەر كىشى بولمىغان يەردە قىز – ئاياللار ئولتۇرغاندا ياكى ئۇخلىغاندا ياغلىق چىگىشى كېرەك ئەمەس.

نامەھرەم قىز – ئاياللار بار ئۆيگە كىرىشتە ئىشىكنى قېقىپ ئىجازەت سوراش ئىسلامدىكى بىر ئەدەب – قائىدىدۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆي ئىگىسىگە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرۇپ سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر﴾(24/«نۇر»: 27).

ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿روماللىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن يا ئوغۇللىرىدىن يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز ئاياللىرىدىن يا قول ئاستىدىكى قۇللاردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن ياكى ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31).

بۇ ئايەتتە ئايال كىشى زىننەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلار قاتارىدا ئايالنىڭ ئېرى بار. بەلكى زىننەتلىنىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئەرگە كۆرۈنۈشتۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئەر ئايالىنىڭ ھەممە يېرىگە قارىسا بولىدۇ. ئۇخلىغاندا ياغلىق بىلەن ئۇخلىسا ئەر ئايالىنىڭ زىننىتىنى، جامالىنى قانداق كۆرىدۇ؟ يەنە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغانكى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! قۇللىرىڭلار، ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە ئارام ئېلىشقا كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن مۇشۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرىشتە ئىجازەت سورىسۇن﴾(24/«نۇر»: 58).

يەنى مۇشۇ ئۈچ ۋاقىت كىيىملەرنى سېلىپ، ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولغاچقا، كىچىك بالىلارنى كىرىشكە ئىجازەت سوراشقا بۇيرۇغان.

بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتماي بەلكى، تېخى ئادەتتىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يېتىشنىڭ جائىزلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا كىچىك بالىلار ئىجازەتسىز كىرسىمۇ چوڭلار يەنىلا ئىجازەت بىلەن كىرىشى كېرەك.

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىجازەت سوراش دېگەن كۆز ئۈچۈن يولغا قويۇلغان» دېگەن.(1)

ئەگەر بەزى ئائىلىلەردە ياكى بەزى شەھەرلەردە ئاياللار ياتقان ئۆيگە ئىجازەتسىز ئۈسۈپلا كىرىۋېرىدىغان ئادەت بولسا، نامەھرەمگە تۇيۇقسىز باشتاق كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ياغلىق چىگىپ يېتىشى كېرەك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 13 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2011، 15 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 200 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6241)؛ «مۇسلىم»، (2156).

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago