قۇشلارنىڭ سۆڭىكىنى گۆشى بىلەن قوشۇپ يەۋەتسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇشلارنىڭ سۆڭىكىنى گۆشى بىلەن قوشۇپ يەۋەتسە بولامدۇ؟ ئانام دائىم كەپتەرنىڭ باچكىسىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ قىيما قىلىپ تاماق ئېتەتتى، لېكىن بەزىلەر بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى دەيدۇ. مەن «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى كۆرسەم، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر گەپ يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇستاز ئېغىر كۆرمەي ئېنىق بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇچار قۇشلارنىڭ بولسۇن ياكى چارۋا – ماللارنىڭ بولسۇن شەرئى بوغۇزلاش ئارقىلىق ھالال بولغانلا بولسا سۆڭەكلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى چەكلەيدىغان بىر كۆرسەتمە يوق، بۇ جەھەتتىن ئۇستىخانلارنىڭ ھۆكمى ئەسلىدىكى ھالاللىقىدا قېلىۋېرىدۇ.

ئەمما، تېببىي جەھەتتىن جىسمانىي ياكى روھىي تەرەپتىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇستىخانلارنى ئىستېمال قىلىش چەكلىنىشى مۇمكىن.

ھەدىستە ئۇستىخانلارنىڭ جىنلارنىڭ تامىقى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆڭەك ياكى تېزەك بىلەن ئىستىنجاﺋ قىلىشىمىزنى توسقان».(1)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىشى ۋە ئىستىنجاﺋ قىلىشى ئۈچۈن بىر خۇرۇم ئىۋرىق سۇنى ئېلىپ يۈرگەن ئىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن سۇ كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمدا رەسۇلۇللاھ:

—كىم بۇ؟— دېۋىدى.

— ئەبۇ ھۇرەيرە — دېدىم. رەسۇلۇللاھ:

— ماڭا ئىستىنجاﺋ قىلغۇدەك بىرنەچچە تاش ئەكىلىپ بەرگىن، سۆڭەك بىلەن تېزەك ئەكەلمە — دېدى. مەن ئېتىكىمدە بىرنەچچە تاش ئەكىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. رەسۇلۇللاھ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە كېلىۋېتىپ:

— ئۇستىخان بىلەن تېزەكتە ئىستىنجاﺋ قىلىشقا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟ — دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ:

— بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ تائامىدۇر، نەسىيبىين جىنلىرىنىڭ ئۆمىكى يېنىمغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار ياخشى جىنلار ئىكەن. ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق سورىغان ئىدى. مەن ئۇلار ئۈچۈن: تېزەك ياكى ئۇستىخان ئۇچراتسىلا ئۇنىڭدا تاماق تاپقاي دەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم، — دېدى.(2)

تىرمىزىي رىۋايەتىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلغان ھەربىر سۆڭەك قولۇڭلارغا ئەڭ گۆشلۈك ھالەتتە چۈشىدۇ، ھەربىر ماياق ياكى تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارغا ھەلەپ بولىدۇ» دېگەن.(3)

يەنە بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— بۇلار قانداقمۇ ئۇلارغا غىزا بولىدۇ؟ —دەپ سورىغاندا ئۇنىڭغا:

— ئۇلار سۆڭەك ئۇچراتسىلا ئۇنىڭ گۆشى يېيىلگەن كۈندىكىدەك ئەسلىگە قايتىدۇ، تېزەك ئۇچراتقان بولسا ئۇ يېيىلگەن ۋاقتىدىكى دان ھالىتىگە قايتىدۇ. شۇڭا، ھېچكىم بۇلار بىلەن ئىستىنجاﺋ قىلمىسۇن، — دەپ جاۋاب بەرگەن.(4)

لېكىن، ئۇستىخانلارنىڭ جىنلارنىڭ تامىقى بولۇشى ئۇنى ئىنسان يېسە بولمايدۇ، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، ئۇستىخانلارنىڭ بىرەر جىننىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغاندىكىن، بەلكى ئۇنىڭ شۇ ئىنساننىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئۇنى خاھلىسا ئىستېمال قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بەزىدە باچكا ياكى قۇشقاچتەك قۇشلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆشىدىن ئايرىپ ئولتۇرۇشمۇ بىر ئاۋارىچىلىك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 15 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 187 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (263).
2. «بۇخارىي»، (3860).
3. «تىرمىزىي»، 3258). تىرمىزىي «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
4. تەبەرانىي: «مۇنەدۇششامىييىن»، 4/115؛ تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 26/32؛ موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 2/61.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago