سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھارام مال تېپىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ مالنى ۋارىسلار مىراس دەپ ئالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ھارام مال ھالال بولۇپ قالمايدۇ. شۇڭا، ھارام مال تاپقان كىشى دەرھال تەۋبە قىلىپ مالنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولسا، ئىگىسىگە قايتۇرۇشى، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇشى، ئەگەر ۋارىسلىرى بولمىسا، مالنى ئۆز ئىگىلىرىگە ئاتاپ پېقىرلەرگە سەدىقە شەكلىدە تارقىتىپ بېرىشى لازىم.

لېكىن، بۇ مالنى ھارام تاپقان كىشى يۇقىرىقىدەك قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇنى ۋارىسلار مىراس قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى ۋارىسلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەرىقىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆلگەن كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش گۇناھىدىن تازىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ھارام مال مىراس قالدۇرغان كىشىنىڭ ۋارىسلىرى سەدىقە ئالسا دۇرۇس بولىدىغان پېقىر كىشىلەر بولسا، ئۇ مالنى باشقا پېقىرلەرگە سەدىقە قىلىپ يۈرگىچە ئۆزلىرى پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن سەدىقە دەپ ئالسا بولىدۇ. مىراس دەپ ئالسا بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «كىمكى بىرەر مالنى مىراس ئېلىپ، ئۇنى مىراس قالدۇرغۇچى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ بىلمىسە، بىرەر ئالامەت بولمىسا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئۇ مىراس ھالالدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدە ھارام مال بار دەپ بىلىپ، مىقدارىنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالسا، ئۆزى مۆلچەرلەپ ھارام مىقدارىنى چىقىرىۋېتىدۇ».(1)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 13 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 16 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 135 – نومۇرلۇق پەتىۋا.


1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/428.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

1 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

2 ئاي ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ئاي ago