بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئون ئالتە مو يەرنى ئانىسى، ئىككى ئوغلى، تۆت قىزى بۆلۈشمەكچى، قانچە مودىن تېگىدۇ؟ بۆلۈپ بەرگەن بولساڭلار، قېيىن ئاتام ھايات ۋاقتىدا شۇ يەردىن باشقا ئۆي، زېمىنلارنى بۆلۈۋەتكەن، ھازىر قالغىنى 16.3 مو يەر ئىدى. ئائىلىنىڭ كىرىم ئەھۋالىغا كەلسەك، بۇرۇن ئاشۇ 16.3 مو يەرنىڭ ئىجارىسى ۋە باشقا 4 مو يەرنىڭ كىرىمى بىلەن كۈن ئالاتتى، ئۇ 4 مو يەر ئانىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغۇلنىڭ كەنتتىن بەرگەن يېمەك يېرى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سوئالدا كەلگىنىدەك مېيىت ھايات ۋاقتىدا زېمىندىن باشقا مال – مۈلكىنى پەرزەنتلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتكەن بولسا، بۇ تەقسىمات بېرىۋەتكەن ھەدىيە ھېسابىدا كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا مال – مۈلۈك بولمىسا، ئاشۇ 16.3 مو يەر مىراس ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

1. مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، مېيىتنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى ئاللاھ بەلگىلىۋەتكەن پەرز بويىچە تېگىدۇ. يەنى 2 مو 7 پۇڭ 1 لى.

2. مىراستىن ئانا نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان 13.59 مو يەرنىڭ ھەممىنى پەرزەنتلەر ئۆزئارا بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ نېسىۋىسى بويىچە ئۈلۈشۈپ ئالىدۇ. يەنى ھەربىر قىزغا: 1.69 مودىن، ھەربىر ئوغۇلغا 3.39 مودىن تېگىدۇ.

ئەگەر ئەھۋال سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا شۇنداق. سوئالدا ئايالى بار يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەگەر ئايالى بولسا ئايالىغا سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ.

ئەمدى ئانىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغلىغا كەنتتىن بەرگەن تۆت مو يېمەك يېرىگە كەلسەك، مېنىڭچە، بۇمۇ شۇ ئائىلىنىڭ ئاتا تەسەررۇپ قىلىدىغان مۈلكى ھېسابىدا مىراس يەر قاتارىدا تەقسىم قىلىنىشى مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇنداق يەرنى ئادەتتە شۇ ئائىلىنىڭ بېشى بولغان ئاتا ياكى ئەر ئۆز ئىقتىسادى قاتارىدا ئىشلىتىدۇ.

ئەگەر شۇ يۇرتتا بۇنداق زېمىننى كەنت كىمنىڭ نامىدا بەرگەن بولسا شۇ كىشى ئۆزىنىڭ مۈلكى ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەت بولسا، ئاندىن بۇ تۆت مو زېمىن مىراس قاتارىدا تەقسىم قىلىنمىسا بولىدۇ.

ھەرھالدا بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆزقاراش ئوخشاش چىقماي قالسا، مىراسخورلار ئۆزئارا سۈلھ قىلىشىپ رازى بولۇشۇپ كەتسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – رەجەب / م. 2011، 5 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 133 – نومۇرلۇق پەتۋا.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago