سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن مۇنداق بىر مەسىلىنى سورىماقچى. كىچىك تىپتىكى كىرا ماشىنىسىدا قەشقەرگە كېتىپ باراتتىم. توساتتىن قاتناش ساقچىسى ماشىنىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن توستى. بۇ ماشىنا ئادەتتە ئائىلە ماشىنىسى ئىكەن. بۇ ماشىنىدا يەنە بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ساقچى ھېلىقى ئايالنى «كىم؟» دەپ سورىغاندا، شوپۇر ھېلىقى ئايالنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ جاۋاب بەردى. ساقچى ئۇ ئايالدىنمۇ «بۇ شوپۇر سىزنىڭ ئېرىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغانتى، ئۇ ئايال: «ھەئە، مېنىڭ ئېرىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئايال شوپۇرنىڭ ئايالى ئەمەسكەن. بۇ يەردە ھەر ئىككىلىسى پەقەت ساقچىدىن ئىتتىكرەك قۇتۇلارمىزمىكىن دەپ شۇنداق دەپتىكەن. كېيىن بۇ شوپۇر ئايالنى «سىز مېنىڭ خوتۇنۇم بولدىڭىز، ئىككىمىزنىڭ نىكاھىغا نۇرغۇن ئادەم گۇۋاھچىمۇ بولدى» دەپ تۇرۇۋالدى. مۇشۇنداق نىكاھمۇ نىكاھ بولامدىغاندۇ؟ شۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ نىكاھ ئەمەس، بەلكى يالغانچىلىقتىن ئىبارەت. يالغاندىن «بۇ مېنىڭ ئايالىم» ياكى «ئېرىم» دېيىش بىلەن نىكاھ باغلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى، بۇ نىكاھ باغلىنىدىغان ئىجاب بىلەن قوبۇل(1) ھېسابلانمايدۇ.

ئىمام كاسانىي ئېيتىدۇ: «نىكاھ – نىكاھ بولىدىغان سۆزنىڭ بايانىغا ئاساسەن بولىدۇ. يەنى ئۆتكەن زاماننى ئىپادىلەيدىغان، «خاتۇنلۇققا بەردىم» «خاتۇن قىلىپ ئالدىم» دېگەنگە ئوخشىغان ئىككى سۆز بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. ئەمما، بىرى، كەلگۈسى زاماننى بىلدۈرىدىغان «سىزنى ئالاي» دېسە، يەنە بىرى، ئۆتكەن زاماننى بىلدۈرىدىغان «سىزگە تەگدىم» دېسە، ئىستىھسان(2) جەھەتتىن نىكاھ باغلىنىدۇ».(3)

بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر ئەر بىلەن ئايال بىر – بىرىگە ئەسلىدىكىدەك يات كىشىلەردىن بولۇپ، كاززابلىق گۇناھىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 1 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 4 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  124 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىجاب – نىكاھتا ۋە ياكى باشقا توختاملاردا توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىن ئەڭ دەسلەپ قىلىپ توختاملىشىشقا رازىلىقىنى ئىپادىلەپ چىققان سۆز ياكى ئىش. قوبۇل – ئىككىنچى قېتىم توختاملىشىشقا رازىلىقىنى ئىپادىلەپ باشقا تەرەپتىن چىققان سۆز ياكى ئىش. بۇ ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، باشقا مەزھەبلەردە: نىكاھتا ئايال كىشىدىن ياكى ۋەلىيسىدىن چىققان سۆز مەيلى ئەڭ دەسلەپ چىقسۇن ياكى ئىككىنچى بولۇپ چىقسۇن ئىجاب بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپ چىقسۇن ياكى ئىككىنچى بولۇپ چىقسۇن ئەرنىڭ سۆزى قوبۇل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
2. «ئىستھسان» دېگىنىمىز ھەنەفىي مەزھەبتە: بىر قىياسنى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن جانلىقراق بىر قىياسنى ئېلىشتىن ئىبارەت. قاراڭ: سەرەخسىي: «ئۇسۇلۇسسەرەخسىي»، 2/200.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/231.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ھەپتە ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (14) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين تۈر: ئاداب. تەربىيە. ۋەز - نەسىھەت.…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان. تۈر: تەفسىر، ھەدىس،…

1 ئاي ago