ئىت يالاپ قويغان كىيىمدە ناماز ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنسانلار پىستە ئىتلارنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭىدۇ، بۇ پىستىلەرنى ھەيدىۋەتسەكمۇ بەزىدە يول بويىدا، بېكەتلەردە ماشىنا ساقلاش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغاندا كېلىپ ئىشتاننىڭ پۇچقاقلىرىنى يالاپ قويىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىشتاننى يەتتە قېتىم يۇيۇپ، سەككىزىنچى قېتىمدا سوپۇنلاپ يۇيامدۇق ياكى ئادەتتىكى يۇيۇش بىلەنلا پاكلىنامدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىدە ئىتنى ۋە ئىگىسىنى تىللاپ قويىمەن، بۇ قىلمىشىم گۇناھقا ياتامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىتنىڭ شۆلگىيى يۇققان ياكى ئىت يالاپ قويغان كىيىم مەينەت بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە كىيىمنىڭ مەينەت بولغان يېرىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك. شۇنداقلا ئىتنىڭ بۇرنىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى سۈيدۈكى ياكى پوقى يۇقۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەتتە قېتىم يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ﺋﯩﺖ ﻗﺎﭼﺎﯕﻼﺭدىن ئىچىپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(1)

يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «دەسلىپىدىكى بىر قېتىم توپا بىلەن» يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «يەتتىنچى قېتىم توپا بىلەن» يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن» دەپ ھەر خىل كەلگەن.(2)

يەتتە قېتىمنىڭ بىر قېتىمى ياكى يەنە بىر قاراشتا سەككىزىنچى قېتىمى توپا بىلەن ياكى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سوپۇنغا ئوخشاش نەرسە بىلەن يۇيۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ يەنە بىر قارىشىدا، ئىت شۆلگىيىنى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش ئۈچ قېتىم يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام مالىك، داۋۇد زاھىرىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىت شۆلگىيى يۇقۇپ قالسا كىيىم مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنى مەينەتلىكىدىن ئەمەس يۇيۇۋېتىش ئىبادەت دەپ قاراپ يۇيۇۋېتىش مۇستەھەب.(3)

ئەلبەتتە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دەلىل جەھەتتىن خېلى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىت شۆلگىيى ئادەتتە ئۇستىخانلارنى يۇمشىتىۋېتىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، مەينەتلىكى ياكى مىكروبلۇق تەرىپى ئېغىر بولسا كېرەك.

ئەگەر يۇيۇش ئىمكانىيىتى بولماي ياكى باشقا پاكىز كىيىمگە ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا، مەينەت كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋەرسە بولىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كېيىن پاكىز كىيىم تاپقاندا نامازنى قايتا ئوقۇۋېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا، قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر تازىلىيالايدىغان ياكى باشقا پاك كىيىمگە ئالماشتۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق ئاشۇ مەينەت كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزى باتىل بولۇپ، پاك كىيىم بىلەن چوقۇم قايتا ئوقۇشى لازىم.

ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ پۇتىنى ئىت يالاپ قويسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە نامىزى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، نامازنى توختىتىپ پاكىزلىۋېتىپ ئاندىن قايتا باشلاش لازىم.

ئەگەر بۇرنىنى ياكى بەدىنىنى تەگكۈزمەي يىراقتىن پۇراپ قويسا ياكى بەدىنى تەگكەن تەقدىردىمۇ قۇرۇق بولغاچقا، نەملىك يۇقمىغان بولسا، كىيىم ياكى بەدەنگە شۆلگىيى ياكى ماڭقىسى يۇقمىغاندىن كېيىن كىيىمنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ.

تىللىغىنىڭىز گۇناھقا ياتمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقتا باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشى جەھەتتىن ياخشى بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – رەجەب / م. 2011، 16 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 34 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (172)؛ «مۇسلىم»، (279).
2. «مۇسلىم»، (279، 280).
3. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/523.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago