«فۇرقان» سۈرىسىدىكى «سەمۇد» كەلىمەسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەلىف

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «قۇرئان كەرىم» فۇرقان سۈرىسىنىڭ 38 – ئايەتىدە «سەمۇد» كەلىمەسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈستىگە شاپتۇل بەلگىسى قويۇلغان ئەلىف نېمە ئۈچۈن كەلگەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

25/«فۇرقان»: 38 – ئايەتتىكى «سەمۇد» سۆزى ئاخىرىدا بىر ئەلىف قويۇلغان بولۇپ، بۇ سۆزنى تەنۋىنلىك ئوقۇش ياكى تەنۋىنسىز ئوقۇش مەسىلىسىدە قارىيلار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، ئەلىفنى قويۇپ ئۈستىگە شاپتۇلسىمان بەلگە قويۇش بەلكى ئاشۇ ئىككى خىل قىرائەتكە ئىشارەت بولسا كېرەك.

«سەمۇد» دېگەن سۆزنى تەنۋىنسىز ئوقۇشنىڭ سەۋەبى بۇنىڭدىن قەبىلە مەقسەت قىلىنىدۇ، قەبىلە مۇئەننەس (ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدىكى ئايال سىغىسىدىكى سۆز) بولغاچقا، ھەم «سەمۇد» بىر قەبىلە نامى بولغاچقا، ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە ئىككى ئىللەت جەم بولۇپ، بۇ سۆز تەنۋىنسىز بولىدۇ.

«سەمۇد» دېگەن سۆزنى تەنۋىنلىك ئوقۇشنىڭ سەۋەبى بۇنىڭدىن قەبىلە مەقسەت قىلىنماي «ھەي / الْحَيُّ»، يەنى بىر ئايماق ياكى ئۇلارنىڭ چوڭ بوۋىسى مەقسەت قىلىنىدۇ. «ھەي / الْحَيُّ» مۇزەككەر (ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدىكى ئەر سىغىسىدىكى سۆز) بولغاچقا، «سەمۇد» دېگەن بۇ سۆز ئادەتتىكىدەك تەنۋىنلىك بولىدۇ.(1)

11/«ھۇد»: 68، 29/«ئەنكەبۇت»: 38؛ 53/«نەجم»: 51 – ئايەتلەردىكى «سەمۇد» كەلىمەسىدىمۇ شۇنداق ئىختىلاپ بار. قارىيلاردىن ھەفس، ھەمزە ۋە يەئقۇب قاتارلىقلار يۇقىرىقى تۆت ئورۇندا قەبىلە نامى بىلەن مۇئەننەس جەم بولغاچقا، تەنۋىنسىز قىرائەت قىلغان. بۇلار «سەمۇد» دېگەن سۆزدە توختىماقچى بولسا ئەلىف يېزىلغان بولسىمۇ ئەلىفسىز «سەمۇد» دەپ توختايدۇ. قارىيلاردىن ئەبۇبەكرى 53/«نەجم» سۈرىسىدىلا شۇنداق قىرائەت قىلغان. باشقا قارىيلار بولسا ھەي، يەنى بىر ئايماق مەقسەت قىلىنىدۇ دەپ تەنۋىن بىلەن قىرائەت قىلغان. 11/«ھۇد»: 68 – ئايەتتىكى ﴿أَلَا بُعْدًا لِثَمُودَ﴾ دېگەن «سەمۇد» كەلىمەسىدىمۇ ئىختىلاپ بولغان. كەسائىي دال ھەرپىنى تەنۋىن قىلىپ زىر ئوقۇغان. ئەئمەشمۇ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن. قالغانلار دال ھەرپىنى تەنۋىن قىلماي زەۋەر ئوقۇغان.(2)

بۇنىڭغا ئاساسەن تەنۋىن بىلەن قىرائەت قىلغانلار «سەمۇد» كەلىمەسىدە توختىماقچى بولسا، «سەمۇدا» دەپ ئەلىف بىلەن توختايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 6 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 6 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 19/19.
2. ئەلبەننا دىمياتىي: «ئىتھافۇ فۇزالائىل بەشەر»، 1/323.

admin@sajiye

Recent Posts

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

1 كۈن ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

1 ھەپتە ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago