بولمىغۇر ئوي – خىياللار كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، مەن بۇرۇن ئىسلام تەربىيەسى ئىلىپ باقمىغان. ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ياخشى ئادەملەرگە يولۇقۇپ ھەق يولغا ماڭغانىدىم. بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق، ۋاقتىدا ئادا قىلىمەن. يەنە نەفلە ناماز ۋە نەفلە روزىلارنى قولدىن بەرمەيمەن. ئويۇن – تاماشادىن، ھەتتا تېلېۋىزوردىن ھەم ئۆزۈمنى قاتتىق يىراق تۇتىمەن. ئەمما، مەندىكى مەسىلە، دېيىشكە تىل كۆيىدىغان، ئادەمنى نادامەتتە قويىدىغان بەزىبىر خىياللار كاللامغا كېلىۋالىدۇ. ئاشۇ قالايمىقان ئوي – تەسەۋۋۇرلار مېنى بەك ئازابلاۋاتىدۇ. بۇلار شەيتاندىنمۇ؟ مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا سىزنى ھەق يولغا، تائەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقى كاتتا بىر نېئمەت بولسا، كاللىڭىزغا كېلىۋالغان بەزىبىر ئوي – خىياللاردىن بىئارام بولۇش ياكى ئەنسىرەشمۇ ئىمانىي سەگەكلىكنى بىلدۈرىدىغان ياخشى بىر ئالامەتتۇر.

شەيتان ئىنساننىڭ دۈشمىنى بولغاچقا، ياخشى يولغا ماڭغانلارنىڭ كاللىسىغا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە سېلىشى بىلەن بۇنداق كەلسە – كەلمەس خىياللار كېلىپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال.

بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر كېلىپ رەسۇلۇللاھقا:

— كۆڭلىمىزگە ئاغزىمىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايدىغان ئوي – خىياللار كېلىپ قالىدۇ، — دېگەندە رەسۇلۇللاھ:

— شۇنداق ئوي – خىياللار كېلىپ قالدىمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:

— ھەئە، — دېگەندە رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ (ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالماسلىق) ئىماننىڭ ساپ ھالىتى، — دېگەن.(1)

يەنى ئىماننىڭ ساپ ھالىتى سىلەرنى ئاشۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قوبۇل قىلىشتىن توسىدۇ، دېمەكچى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن نامازدا تۇرۇپ قوشۇنلىرىمنى تەييارلايمەن» دېگەن.

بۇنداق خىياللارنىڭ كېلىپ قېلىشى ئىنسان ئىختىيارلىقىدا ئەمەس. لېكىن، بۇنداق خىياللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەي، خىيال بويىچە ئىش قىلمىغاندىلا، شەيتاننى ھەسرەتتە قالدۇرغىلى، گۇناھتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان بىرەرسىڭلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەپ، ئاخىرىدا: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ، خىيالدىن توختىسۇن» دېگەن.(2)

قايسى ۋاقىتتا يا ئەقىدىدە ياكى ئىسلام ئاساسلىرىدا ياكى ئەخلاقىي ئىشلاردا بولمىغۇر خىياللار كېلىپ قالسا، بۇ خىياللارغا ئەگىشىپ قەدەم باسمىغاندىن كېيىن، بۇنداق بولمىغۇر ئوي – خىياللار ئىمانغا ياكى مۇسۇلماندارچىلىققا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. گۇناھمۇ بولمايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا ئۈممىتىمنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەن ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە، قىلىپ سالمىغان ياكى سۆزلەپ يۈرمىگەن بولسىلا مەن ئۈچۈن كەچۈرۈۋەتتى» دېگەن.(3)

بۇنداق بولمىغۇر خىياللار كېلىپ قالغاندا خىيالنى دەرھال ئۈزۈپ، ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ، تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھنى مەدھىيەلەش، «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش، دۇئا قىلىش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىم.

ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى قىلىۋاتقان ئەمەل – ئىبادەتلەرنى چوڭ بىلىپ مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك، ئۆزىدىن تەقۋا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراش زۆرۈر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاي. ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 27 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 24 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «مۇسلىم»، (132).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3276)؛ «مۇسلىم»، (134).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2528)؛ «مۇسلىم»، (127).

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ھەپتە ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (14) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين تۈر: ئاداب. تەربىيە. ۋەز - نەسىھەت.…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان. تۈر: تەفسىر، ھەدىس،…

1 ئاي ago