شەيخ ئىمىن ئاخۇن ھاجىم خەلپىتىم

(ھ. 1301– 1371/ م. 1883 – 1951)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئىمىن ئابدۇللاھ بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىگە 21 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق يۇرت «مۇش»تا تۇغۇلغان. بۇ يۇرتنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرلىشى ئاللاھ خاھلىسا ئۆز ئورنىدا كېلىدۇ. شەيخ ئىمىن داموللام قەشقەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام، شەمسىددىن داموللام ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان ھاشىم ئاخۇن داموللام قاتارلىقلاردۇر. ئۇ قەشقەردىكى ئىنستىتۇتلارنى (شۇ دەرىجىگە تەڭ كېلىدىغان مەكتەپلەرنى – ت) پۈتتۈرگەندىن كېيىن «مۇش»قا قايتىپ، بىرقانچە يىل ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇستازى ھاشىم ئاخۇن داموللام ئايالى ۋە ئوغلى ھارۇنخان مەخدۇم ھاجىمنى ئېلىپ ھەجگە بارماقچى بولغاندا، ھەجدىن قايتىپ كېلىپ بولغىچە ئۇنى «مۇش»تىن كېلىپ خانلىق مەدرىسەگە ئۆز ئورنىغا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئەللامە ھاشىم ئاخۇن داموللامنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات تېپىشىنى خاھلىغان ئىكەن. داموللامنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى ھارۇنخان مەخدۇم ھاجىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، شەيخ ئىمىن داموللام مەرھۇم ئۇستازى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئىدى. كېيىن شەيخ ئىمىن داموللام ھەجگە بارماقچى بولدى. بىز بىللە يولغا چىقىپ، ھىجرىيە 1369 (م. 1950) – يىلى 6 – ئايدا ساق – سالامەت ھەرەمگە يېتىپ كەلگەن ۋە بىللە ھەج قىلغان ئىدۇق. كېيىنكى يىلى يەنى 1370 – يىلىمۇ بىللە ھەج قىلغان ئىدۇق. ئۇ ھىجرىيە 1371 – يىلى مەككە مۇكەررەمەدە «ئەجياد مەھەللىسى»دە ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا كۇچالىق ئابدۇزاھىر ھاجىم سوپى ئىگىدارچىلىق قىلغان بولۇپ، «مۇئەللا» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago